چېڭلوڭ ئوبراز ۋەكىلى بولغان شىن رى ۋەلىسپىتىلىرى تۇنجى داڭلىق ماركا دىگەن نامغا ئېرىشتى
يېقىندىن بۇيان،شىن رى ماتورلۇق ۋەلىسپىتى دۆلەتلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ،«جۇڭگونىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى»دەپ ئېتراپ قىلىنپ،دۆلىتىمىزنىڭ ماتورلۇق قاتناش قوراللىرى ساھەسىدىكى باشلامچى ماركا دەپ ئاتالدى.
چېڭلوڭ ئوبراز ۋەكىلى بولغان شىن رى ماتورلۇق ۋەلىسپىتى
داڭلىق ماركا بولسا جۇڭگو بازىرى تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنغان قۇرۇق ئاتاق.كارخانىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا مۇھىم مەناغا ئىگە،تۈزىتىش كىرگۈزگەن قانۇننىڭ كارخانىنى
قوغداش دەرىجىسى ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.داڭلىق ماركا غايەت زور بولغان ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى،بۇ مەھسۇلات شان-شەرەپ ۋە شەكىلسىز مۈلۈك قىممىتىنىڭ ئېشىشى قاتارلىق تەرەپلىرىدە تەسىرى غايەت زور.
خەلقئارالىق ئالاقىدار ئەھدىنامىلەرگە ئاساسەن،«جۇڭگونىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى» - خەلقئارالىق ئۇنۋېرسال مەھسۇلاتنىڭ شۆھرىتى،دڭلىق ماركىنى قوغداشنى تەستىق سالغان دۆلەت ۋە رايونلاردا،داڭلىق ماركىلارغا ئالاھىدە قوغداش ئېلىپ بارالايدۇ،قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىش ياكى تەقلىد قىلىپ ياساشنى توسۇيالايدۇ.
«داڭلىق ماركا»ئۇقۇمى «پارىژ ئەھدىنامىسى»دىن كېلىپ چىققان،جۇڭگودا 30يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە،تەرەققىيات مۇساپىسىدە بىر تۈركۈم خاس بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بولغان داڭلىق كارخانىلار قوغدالغان،جۇڭگو ئىسلاھاتىنى ئېچىۋېتىش تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك ھەسسە قوشتى.
شىن رى كارخانىسى ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ بارا-بارا يېتىلىۋاتقان كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن،دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى ئېنىرگىيە مەنبەسىنىڭ سىياسى يېتەكچى ئىدىيىسىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ،مۇھىت سەپىرى ۋە ئىدىيە سەپىرىنى تەشەببۇس قىلىپ،نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق،تېز سۈرئەتتە كەسىپلەرنىڭ باشلامچى كارخانىسىغا ئايلاندى.
بىراق، بىنورمال رىقابەتلىشىش ھادىسىسى پۈتۈن ساھەدە قالايمىقان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى.-2009يىلى،3.15ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداش كۈنى،مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھەيران قالارلىق «سۈيئىستىمال قىلىنغان شىن رى ماركىسى » ھادىسىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى،شىن رى ئىچكى قىسىمىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە:يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا 60نەچچە«سۈيئىستىمال قىلغان شىن رى»مەھسۇلاتلىرى بايقىلىپ قولغا چۈشكەن.
ماركا تاۋارنىڭ جېنىدۇر،ھەرقانداق شەيئىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىسمى بولغىنىدەك،تاۋارمۇ ھەم شۇنداق.
ئەگەر سىزنىڭ ماركا بىلىمىڭىز يېتەرلىك بولمىسا ياكى ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشتا قىينالغان بولسىڭىز،ماركام تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ،بۇ يەردىن سىز ماركا توغرىسىدا ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا ۋە مول بولغان ماركا بىلىمگە ئىگە بولىسىز.
ماركام تورى سىزنىڭ ياخشى يېتەكچىڭىز بولالايدۇ!
htpp://markam.com.cn