5-ئاينىڭ 21-كۈنى،كەچ سائەت 20:11ئەتراپىدا.
لالە قوللىرىنى سۈرتكەچ ئۈستەل ئۈستىدىكى تېلفۇنىغا قارىدى.ئايرىلىپ كەتكەندىن بېرى ئۇ كۈندە نەچچە قېتىم تېلفۇنىغا قارايدىغان بوپقالغانىدى،ھازىرمۇ كۈندىكى ئادىتى بويىچە تىلفۇنىغا مۇنداقلا بىر قارىۋىدى مۇنۇ تۇنۇش نۇمۇرنى كۆرۈپ يۈرىكى ئەنسىز سوقۇپ كەتتى،«ئاھ خۇدا ،ئەكبەركەنغۇ بۇ~».لالە مىڭ خىيالنى كالسسىدىن ئۆتكۈزگەچ ئۇنىڭدىن كەلگەن ئۇچۇرنى ئۇقۇشقا باشلىدى.«ياخشىمۇ سىز؟ سىزگە تىلفۇن قىلسام بولامدۇ؟»ئۇنى ئوقۇپ تۇرىشىغا يەنە بىرى كەلدى:«گەپ قىلىڭە ،مەن بەك قىينىپ كەتتىم~...»لالە بۇلارنى كۆرىۋىتىپ كۆزىگە ياش كەلدىيۇ لىكىن بىردىنلا شەيتىنى تۇتۇپ كۈلگۈسى كىلىپ كەتتى ،قارىغاندا بۇ يىگىت تازا قىينالغان ئوخشايدۇ؟ھا...،ھا.....
لالە خەت قايتۇردى«مەن ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتىمەن،سىزچۇ؟»
ئەكبەر خەتنى كۆرۈپ بەك خوش بولدى بولغاي تېزلا تىلفۇن قايتۇردى.
-لالە ~بارمۇ سىز؟مىنى كەچۈرۈڭ،راستىنلا خاتا قىپتىمەن،بىردەملىك ئاچچىقتا سىزگە ئازار بەرگەنلىكىمدىن تولىمۇ خىجىلمەن،مىنى كەچۈرۈڭ بولامدۇ،لالە؟
لالە كۈلىۋىتەي دىسە تېخى ،كۈلمەي دىسە تېخى،دىمىسىمۇ ئۇ بەش كۈندىن بېرى سىرتىدا چاندۇرمىسىمۇ،كىچىلەردە ،يالغۇز قالغانلاردا يېغلىغۇسى كىلىپلا تۇراتتى،ئۇ ئاللادىن ئەكبەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ،ئاغزىغا ئىمان تىلەيتى.ئەكبەرنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ ئۆزىدىن كەچۈرۈم سورىشىنى ئۈمىد قىلاتتى،ئاللاھ~راستىنلا ئۇنىڭ تىلىگىنىنى بەردى،مانا ھازىر ئەكبەر ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراۋاتاتتى.
-لالە بەش كۈندىن بېرى قانداق يۈردۈم بىلەمسىز؟ئاسماندىن چۈشۈپ كەتكەندەك بوپ كەتتىم.تىلفۇنغا ئاز دىگەندىمۇ كۈندە يۈز قېتىمدىن ئارتۇق قارايدىغاندىمەن،ھېلىمۇ سىز چىداشلىقكەنسىز،بىرەر قېتىممۇ ئۇچۇر ياكى تىلفۇن قىلىپ قويمىدىڭىز.
-مەن نىمە دەپ قىلاتتىم ،مىنى كەچۈرۈڭ،بۇندىن كىيىن ئۇنداق قىلماي دەپما؟
-بولدى بولدى،خېنىم ،ئەمدى ئاچچىقلىماڭ ،سىز ئاچچىقلىسىڭىز مەن چىدىماي قالىدىكەنمەن.بىر تەلىپىم بار بىلمىدىم قۇشۇلامسىزكىن؟
لالە ئەكبەرنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي:
-ئاۋال سىز دەپ بىقىڭ ،ئاڭلاپ باقاي.
-مۇشۇ ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ماڭىمۇ سۆزلەپ بىرىڭ.مىنىمۇ يىتەكلەپ ماڭسىڭىز دىگەن ئۈمىدتىمەن.
لالە ئىككىلەنمەيلا:
-بولىدۇ،لىكىن مىنىڭ دىگەنلىرىمنى چوقۇم قىلىشىڭىز كېرەك .بەش ۋاق نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇيسىز،بىكار ۋاقىتلىرىڭىزدا كىتاپ كۆرىسىز،بۇندىن كىيىن ماڭا گەپ قىلغاندا دىققىت قىلىپراق گەپ قىلىڭ،چۈنكى گەپ سۆزلەرگىمۇ دىققەت قىلمىساق بولمىغۇدەك.
-ئۇنداقتا سىزنى نىمىدەپ چاقىرىمەن؟
-ئىسمىمنى چاقىرىڭ .
-نىمە؟..ۋاي ..مەن..بۇ..كۈنۈپ قاپتىكەنمەن.
ئەكبەر بۇرۇن لالەنى «جېنىم»دەپ چاقىراتتى.(قىززىق ~..ئەمدى بۇنىڭغا تەس بولىدىغان بولدى)
-ئامال يوق ئەكبەر،ھەر ئىككىلىمىز تىرىشايلى.
-بولىدۇ لالە خېنىم،نىمە دىسىڭىز شۇنى قىلاي مەن.
-ماقۇل ئەمسە ،بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن،ئاللاھقا ئامانەت.
-مەن...ماقۇل ..ئاللاھقا ئامانەت،- دىدى ئەكبەر قىيمىغان ھالدا .
لالە تىلفۇننى قويۇپ تۇرىشىغا يەنە ئەكبەردىن ئۇچۇر كەلدى.«نىمە كىتاپنى كۆرىمەن،دىمەكچى بولغىنىم قايسى كىتاپنى،<لالە>؟»
ئەكبەر قەستەن لالەنى جىلە قىلماقچى بولىۋاتاتتى.
-ھازىرچە ئۆيۈڭلاردا «ياخشىلار باغچىسى » دىگەن كىتاپ بولسا شۇنى ئوقۇپ تۇرۇڭ.
شۇندىن كىيىن لالە ئەكبەرگە ئۆگىتىشىكە باشلىدى.ئايەتلەرنى سۆزمۇ -سۆزدىن ئۆگىتەتتى،كىتاپلارنى ئەچىقىپ ئوقۇپ بىرەتتى.ئىككىسىدە بار ئىللەتلەرگە دائىر ھۆكۈملەرنى ۋە ئالاقىدار ھەدىسلەرنى ئوقۇپ چۈشەندۈرەتتى.ئەكبەر ئەمدى بارغانچە قىزىقىپ قېلىۋاتاتتى،توختىماي لالەدىن سوئال سورايتتى،بەزىدە لالە نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشكە ئامالسىز قالاتتى ۋە شۇ ھامان كىتاپ ئاختۇرۇپ شۇنىڭغا جاۋاپ تاپاتتى. لىكىن بۇ ئەكبەرنىڭ بۇرۇنقى شوخلۇقلىرى يەنە بار ئىدى.
-لالە ،ماڭا ھېلىقى سۈرىنى ئۆگىتىپ قويسىڭىز بوپتىكەن.
-ماقۇل،قۇلاق سېلىڭ ئەمسە،بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم.......»
ئەكبەر نەچچە قېتىم ئەگىشىپ ئوقىدى.ئاخىردا:
-ئەمدى سىز يەنە بىر قېتىم ئوقۇڭ ،مەن لىنتىغا ئېلىۋىپ يادلىغاچ ياتاي.
-بولىدۇ،-لالە ئوقۇشقا باشلىدى،ئوقۇۋىتىپ تۇرۇپلا كاللىسىغا بىر سوئال كەلدى.
-ھەي!باياتىنلا مۇشۇنداق قىلساق بولمامتى؟ئادەمنى شۇنچە ئۇزۇن ئوقۇتقىچە،يەنە كىلىپ كىتاپتا ھەممىسى بار ئىدىغۇ؟!
-ئاۋازىڭىزنى جىقراق ئاڭلىۋالاي دىدىم ،«ساۋاقداش لالە خېنىم»،ئەمسە خوش،ئاللاھقا ئامانەت.
ئەكبەر لالەنىڭ يەنە كوتۇلدىشىدىن قورقۇپ تىلفۇننى تېزلا قۇيۇۋالدى.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار يەنە ئەپلىشىپ قالدى.لىكىن ئىكىلىسى بۇرنقىدىن بەكرەك دىققەت قىلىدىغان بولۇپ كەتكەنىدى.بەزىدە ئەكبەر تېخى لالەدىن بەكراق تەقۋالىشىپ كىتەتتى.
بۈگۈن ئەتىگەن سەھەردە ئەكبەر لالەگە تىلفۇن قىلدى.
-قوپۇڭ ،تېخى ئويغانمىدىڭىزما؟شۇنچە ئۇخلىغان نەدە بار؟
-ئاخشام بەك كەچ ئۇخلىغان،ئەتىگەن نامازدىن كىيىن ئازراق ئۇخلىۋالاي دەپ ....
-قوپۇڭ «يولداش لالە»،مەن سىزگە دەرس ئۆتىمەن ئەمدى،قولتۇقىمدا كىتابىم ئايرىلمايدۇ ھازىر.ئاخشام خېلى جىق نەرسە ئۆگەندىم.قوپۇڭ،قوپۇڭ،كۆزىڭىزنى ئېچىڭ!
-ماقۇل...،-لالە شۇنداق دەپ يەنە ئۇيقىغا كەتتى.بىر دەمدىن كىيىن يەنە تىلفۇن سايرىۋىدى ئۇيقۇسى ئېچىلىپلا كەتتى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،نىمە بولدى ئەتتىگەندە؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،سىزگە ئۆگەنگەنلىرىمنى سۆزلەپ بىرەي دىدىم شۇ.
-ماقۇل،ماقۇل ھاجىم ،قېنى سۆزلىسىلە.
-.......ھېلىقى..ھېلىقى..ئوبدان بولدىمۇ،ئۇنتۇپ قالدىم ئەمدى.ئاران بىر ئۈگەندە كىشى.
-ئەمسە يەنە بىر كۆرىۋىلىپ سۆزلەپ بەرسىلە،خوش،ئاللاھقا ئامانەت.
-مۇشۇنداقلا خوشما؟
-ئەمسە قانداق بولاتتى؟ئېشىپ كەتمەيلى «يولداش ئەكبەرجان»!
-ۋاي ماقۇل خېنىم،ماقۇل.خوش ،ئاللاھقا ئامانەت.
كۈنلەر مانا مۇشۇنداق ئۆتمەكتە.
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا لالە ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە ھىجاپلانغانىدى،ئەكبەر بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى.گەرچە ئۇنىڭ ھىجابلىنىشى ئۆيدىكىلىرىنىڭ سەل قارشىلىقىغا ئۇچىرسىمۇ،لالە يەنىلا چىكىنمەستىن ئالغا ئىلگرلەۋاتاتتى.
-...ماقۇل دادا،گىپىڭىزنى ئاڭلايمەن،خاتىرجەم بولۇڭ.سىز دىگەندەك قىلىمەن.
لالە مۇشۇنداق دەپ ئاتا-ئانىسىنى خاتىرجەم قىلىپ قوياتتى.ھەمدە كۈندە نامىزىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشىنى تىلەيتتى.ئاللاھ خالىسا بۇمۇ بىر كۈنى ئەمەلگە ئېشىپ قالار،لالە شۇنىڭغا ئىشنەتتى ۋە پات-پات ئۆز-ئۆزىگە شۇنداق دەپ پىچىرلايتتى:«چىكىنمە لالە~ئاللاھ ساڭا ياردەم قىلىدۇ،شۇنداق تۇرۇقلۇق سەن يەنە نىمىدىن ئەنسىرەيسەن؟غەيرەت قىل....»
(ياقتۇرشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن)
[ بۇ يازما LANA تەرپىدىن2009-05-28 19:12دە قايتا تەھ ]