« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 2097 - كۆرۈرمىنى
ئۈمۈد007
ئالاھىدە ئىلگىرلەش رەسىم يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 20241
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1737
شۆھرەت: 1754 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 100007070 سوم
تۆھپە: 196 نۇمۇر
ياخشى باھا: 92 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 690(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 12-سان:    ALi-music  بىلەن سۆھبەت

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما saadat تەرپىدىن ئىلگىرلىتىلدى(2009-05-28)
                                                             ALi-music  بىلەن سۆھبەت







ھۆرمەتلىك تورداشلار سىلەر بىلەن شەبنەم زىيارەت خاتىرسى 12سان بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.  مەن بۇ پىروگىراممىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ئۈمۈد007 بولىمەن. بىز بۈگۈن شەبنەم مۇنبىرىگە ئىزچىل ئۆزىنىڭ  ئجادى ئەسەرلىرىنى يىزىپ شەبنەم تورداشلىرىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئىلىپ كىلىۋاتقان مۇزىكانت ALi-music بىلەن سۆھبەت ئىلىپ بىرىشنى لايىق تاپتىم  قىنى دىققىتىڭلار پىروگىراممىمىزنىڭ تەپسىلى مەزمۇنىدا بولسۇن.


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلى ياخشىمۇسىز؟
ياخشى  مۇخبىر ئەپەندى



دەرىجىسى : تېما چولپىنى

  
UID نۇمۇرى : 13318
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1036
شۆھرەت: 1047 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10360 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 841(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-28



شەبنەم مۇنبىرىگە




زىيارىتىمىزنى سىزنىڭ تەرجىمالىڭىز بىلەن باشلىساق قانداق ؟


سولدىن : تۇرسۇن دىھقان ، ئەلى ئاقنىياز ،ئەكبەر قەھرىمان ،  ئوزبىكىستان داپچىلار جەمىيىتىنىڭ ياش ئەزاسى، ئىليار ئارۇپ ، ياش ئاۋاز تەھرىرى ئەكبەر قاتارلىقلار
تەرجىمالىم : ئىسمىم: ئەلى ئاقنىياز
يۇرتۇم شايا ناھىيىسى  يېڭى مەھەللە يېزا بوستان كەنت 4-گۇرۇپپا
ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنۇم كۇچار ناھىيىسى
تەرجىمالىم  : يۇرتۇم shayar ناھىيىسى  يېڭى مەھەللە يېزا بوستان كەنتىدە سەنئەت سۇيەر دىھقان ئاىلىسىدىن بولىمەن   ئىسمىم ئەلى ئاقنىياز  ،يەنە بىر ئىسمىم :ئەلى ماخمۇت . سەۋەبى مەن ئوز ئاتامدىن كىچىك ئايرىلىپ قالغاچقا  مەن تەربى دادامنىڭ ئالدىدا چوڭ بولۇپ تەربى دادامنىڭ پامىلىسىنى قوللانغانكەن چۈنكى ئۇمۇ ئوخشاشلا دادام  شۇڭا پامىلەام ئىككى  توغرا چۈشۈنۈشۈڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن

1974-10-9 تۇغۇلغان . تويقىلىپ ئاجراشقان  ھازىرچە  ئولچەملىك بويتاق  بىر ئوغلۇم بار 8 ياش قا كىردى ھازىر كۇچا ناھىيىسىدە  مۇزىكا مۇلازىمەت خىزمەت خانىسى ئاچىمەن   يەنى مۇزىكا ئىشلەيدىغان لۇيىن قىلىدىغان  دىگەندەك


سىز شەبنەم مۇنبىرىگە قاچان نىمە سەۋەپتىن تىزىملاتقان؟

مەن شەبنەم مۇنبىرىگە 2004 يىلى تىزىملاتقان  . مەن مۇزىكانت ھەم ناخشا ئوقۇپمۇ قويىمەن . شۇ ھەۋەس بىلەن شەبنەم چايخانىسىدا Ali دىگەن نام بىلەن  گىتتار چېلىپ ناخشا ئېيتتىم ۋە  مۇنازىرلەرگە قاتناشتىم . شۇ جەريانىدا ئىنتېرنېت تورىنىڭمۇ  بىز سەنئەت سۈيەرلەر ئۇچۇن بىر ياخشى سەھنە ئىكەنلىكىنى ھىسقىلدىم .  ۋە ئەركىزات ئەپەندىمنىڭ يىتەكلىشى بىلەن  مۇنبەرگىمۇ ئەزا بولدۇم  .(چۈنكى ئۇ چاغدا تورنى يېڭى ئۈەەنگەن )ئوزەمنىڭ يېڭى ناخشىلىرى ،ۋە ئىجادىيەتلىرىمنى يوللاپ ياخشى باھالارغا ئىرىشتىم .  ھەم سويۇندۇم . ھەم شەبنەمدىن ئىبارەت بۇ ئاممىۋى سورۇننى بەكلا ياقتۇرۇپ قالدىم .


ئاڭلىسام سىز مۇزىكا ئىجادىيتى، ناخشا ئىجادىيتى، شىئىر ئىجادىيتى بىلەن شۇغىللىنىدىكەنسىز؟ مۇشۇ كەسپىڭىز توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچە بىرىپ ئۆتەمسىز؟  

شۇنداق مەن ناخشا مۇزىكا ئىجاد قىلىشقا 92 - يىلدىن باشلاپ ھەۋەس قىلغان . ھازىرمۇ شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن . بۇ يېقىندا يەنە بىرقانچە يازغان ئىجادىيەتلىرىمنى ، باشقىلارنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق ياكى ئوز ئاۋازىم ئارقىلىق  جامائەتچىلىككە سۇنماقچى
مەن ئەمدى شۇ ئوز ھىسيات كۈچۈمگە تايىنىپ يازغان ئازشۇ ناخشىلىرمنىڭ خەلقىمىز ياقتۇۇرپ قالغانلىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا  مىنىڭ ئوزەمنى ئىجادىيەتچى  ياكى كومپوزىتور دەپ ئاتاشقا لايىق ئەمەس .چۈنكى مەن نۇرغۇن مۇزىكا بىلىملىرىنى  ۋە ئۇقۇملارنى ئاشۇ ئەكبەر قەھرىماننىڭ يىتەكلىشىدە  ئۈگەنگىنىم بىلەن ،لىكىن مەن سېستىمىلىق  تەربىيلىمنىش ياكى ئوقۇش شارائىتىغا ئىرىشەل مىگەن . لىكىن بۇ قالدۇرغان ئىجادىيەتلىرىم، تىپىرلاۋاتقان ياشلىق ھىسلىرىمنىڭ ئازغىنە تاشقىنى خالاس . بۇنىڭلىق بىلەن مەن ئزەمنى نەبىر ئىجادىيەتچى  ھىساپلىمايمەن. لىكىن  ھازىرقى ھىسياتىم بىلەن ، نەبىر پالانى ئىجادىيەتچىكەن  دىگەن ئاتاق ئۈچۈن ئەمەس ، ئوز ھىس تۇيغۇلىرىمنى غەزەپ نەپرىتىمنى  بۇ دۇنياغا قالدۇرۇشقا  تىرىشىمەن


سىز مۇزىكا ئۇقۇمىغا قانداق قارايسىز؟ تورداشلىرىمىزنى مۇشۇ ھەقتە ئىنىق بىر چۈشەندۈرۈپ بىرەمسىز؟

مەن مۇزىكا ئۇقۇمىغا شەخسەن كوز قارىشىم ، مۇزىكا ئىنسان ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان ، ئوز ئارزۇ ئارمانلىرىنى دۇنياغا ۋە كەلگۈسىگە قالدۇرغىلى بولىدىغان دۇنياۋى  ئورتاق ئورتاق تىل دەپ قارايمەن
مۇزىكا دۇنيادىكى بىردىن بىر دوۋلەت -مىللەت تىل چەكلىمىسىدىن ھالقىپ ئوتكەن بىر ئورتاق تىل . مۇزىكىنى ھەرقانداق بىر ئادەم ئۈەۈنۈپ قۇيۇشقا تىىگىشلىك دەپ قارايمەن . دەۋاتقىنىڭ ھەرگىزمۇ نام چىقىرىپ چولپان بۇلۇش خامخىيالىنى ئوزىگەيۈك قىلىۋېلىپ ئۈگۈنۈش ئەمەس .بۇنىمۇ بىرخىل كوڭۈل ئېچىش ھاردۇق چىقىرىش ۋاستىسى  ھەتتا بىر ئاددى تەنەركەت قاتارىدا كۈرۈپ بولسىمۇ ئۈگۈنۈپو قۇيۇشنى ئۈمۈت قىلىمەن . چۈنكى ئىلمى نۇقتى نەزەردىمۇ ئىسپاتلىنىپ چىقتى .  مۇزىكىنىڭ تەن ساغلاملىق   روھى ساغلاملىققا نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرى كوپ لىكىن مۇزىكىنى ئۈگۈنۈپ ھاراق سورۇنلىرىدا تاڭئاتقىچە ۋاقىراپ تەن سالامەتلىكىنى بۇزىۋالغانلار بۇ باشقا گەپ  
   ئادەتتىكى ئادەم بىلەن بىر مۇزىكا چېلىشنى بىلىدىغان ئادەمنىڭ پەرقىمۇ زور بولىدۇ .  تەققى تۇرقى  روھى كەيپىياتى ، ئىنكاسى ، تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقى، تەپەككۈر ، ۋە باشقا جەھەتلەردە ئادەتتىكى نورمال ئادەمدىن ئۈستۇن تۇرىدۇ  .
مۇزىكا چالغان ئادەمنىڭ  بىر ۋېنتىسى ئادەتتىكى مۇزىكىغا قىزىقمايدىغان ئادەمدىن ئارتۇق بۈولىدۇ
  شوڭا بۇ مۇزىكىنى ھەرقانداق بىر  ئادەم ئۈگۈنۈپ قۇيۇشقا تىگىشلىك بىر مۇھىم پەن سۇپىتىدە كورىمەن    


سىزنىڭ مۇزىكا ئىجادىيتى بىلەن شۇغىللىنىشىڭىزدا ئاز تولا سەۋەپلەرمۇ بارمۇ قانداق ؟

مىنىڭ مۇزىكا ئىجاد قىلىشىمغا  سەۋەپ بولغان . 1-ئامىل مىنىڭ ئەقلى ھۇشۇمنى سىزىمىمنى تۇلۇق قىلىپ ياراتقان ئاللاھنىڭ ھىممىتى 2-مىنى ساق سالامەت بېقىپ تەربىيلەپ چوڭ قىلغان، ۋە مىنى ئاممىۋى مەشرەپ سورۇنلىرىغا قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان دادا ئاپام. 3-مەن ئەقلىمنى بىلسەم  بىزنىڭ مەھەللىدە مەشرەپلەردە نەغنە قىلىدىغان  ئەلنەغمىچىلەر ۋە ئابلىز شاكىر ئاكىمىزنىڭ توۋلىغان مۇقاملىرى . ئاندىن  ھازىرقى جاھانغا ۋە تۇرمۇشقا بولغان سۇيۈنۈشلۈرۈم  غەزەپ نەپرەتلىرىم سەۋەپ بولدى دىسەم بولىدۇ

مۇزىكا ئىجادىيتى تولىمۇ جاپالىق مەسئۇلىيتى تولىمۇ ئىغىر كەسىپنىڭ بىرسى، سىزمۇ شۇنداق ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟

مۇزىكا ئىجادسىيەت كەسپى  جاپالىق مىكىن دىسەم . مەن مۇزىكا ئىجاد قىلىش جەريانىدا ئوزەمنى  چارچاش ۋە قىينىلىش ھىس قىلىپ باقمىدىم . ئەكسىچە راھەتلەندىم .  چۈنكى مەن بىر ناخشا ئىجاد قىلغان ۋاختىمدا  بۇ ناخشامنى باشقىلار ياقتۇرامۇ مودا بولارمۇ دىگەننى ئويلاپ ئولتۇرمۇدۇم . پەقەت كوۇلۈمدە نىمە بولسا شۇنى دىدىم . ياكى توۋلۇدۇم .
ئاسانمىكىن دىسەم  بەزى ناخشىلارنىڭ بېشىنى باشلاپ قۇيۇپ ئاخىرىنى چۈشۈرەلمەي نەچچە كۇن ھەتتا  بىر ئاي غىچىلىك ئىزدەنگەن يەرلىرىممۇ با . قىسقىسى ئوز سويگەن نەرسە ئادەمگە ئېغىر تۇيۇلمايدۇ .


ئاڭلىسام سىز ئەكپەر قەھرىمان قاتارلىق بىرقانچە ياش ناخشىچىلارنىڭ ناخشا مۇزىكىسىنى ئۆزىڭىز ئىجاد قىلىپ كىلىۋىتىپسىز؟ مۇشۇ ھەقتە تورداشلىرىمىزغا چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز؟

-شۇنداق  مىنىڭ ئىجدىياتلىرىمنى  ئەكبەر قەھرىمان   مەمەت ئابلا قاتارلىق بىرقانچە چولپانلىرىمىزغا بەرگەن .
2 ناخشامنى ئەكبەر قەھرىمان ئاڭلاپ قېلىپ ، داۋاملىق ئىجادىيەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى . ۋە مۇزىكا جەھەتتىكى بىلىملىرىمنى  يىتىلدۇرۈشكە كوپ ياردەملەرنى قىلدى . شۇ جەرياندا ئەكبەر قەھرىماننىڭ  بۇرۇن چىققان لىنتىلىرىدىكى  <تۈكۈلگەن ياپراق>  <سەرگەردان ><بەربات بولغان چۈش > <نادان قىزچاق>  <كېپىنەك قىز >  دىسەم بەك كوپ ئىشقىلىپ يۈزدىن ئارتۇق ئىجادىيەتلىرىنى يازدىم ۋە ئاھاڭ ئىشلىدىم



سىزنىڭچە غەرپ ئەللىرى مۇزىكىسى بىلەن بىز ئۇيغۇر مىللىتى مۇزىكىسنىڭ قانداق پەرقى ۋە ئارتۇقچىلىقى بار؟

ئارتۇقچىلىقى :  دىسەم بەك كوپ. ئوزىمىز چۈشۈنىدىغان قېنىمىزغا سىڭگەن ئانا تىلىمىز  ۋە ئەنئەنۋى ساز مۇىكىلىرمىزدا . چۈنكى ئېيتىۋاتقان ناخشىمىزنى ئوزىمىز 100% چۈشىنەلەيمىز
مەن چەتئەل مۇزىكىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ ئالاھىدلىكلىرى توغۇرلۇق  توىتۇلۇشقا بۇ سەۋۋىيەم بىلەن ئاجىزلىق قىلىمەن . مەلۇم بىر شەيئىگە توغرا باھا بىرىش ئۈچۈن چۇقۇم شۇ شەيئىنى تۇلۇق چۇشۇۈنۈشكە توغرا كىلىدۇ . مەن ئوزەم سويگەن ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىقىنىڭ ئالاھىدلىكلىرى  ۋە چەتئەللەرنىڭ ھەقانداق بىر ئۇدار ۋە ئاھاڭلىرىنىڭ بىزنىڭ مۇزىكىمىزدا مەۋجۇت ئىكەنلىكى . ۋە چەتئەللەرنىڭ ئەزەلدىن كۈرۈپ باقمىغان  بەزى ئاھاڭ ۋە ئۇدارلارنىڭ  يەنە بىزنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىدا  مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم .
بىزنىڭ 12 مۇقامنىڭ دۇنيادىكى  نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ مۇزىكىسى ئارىسىدا ئالاھىدە كوزەگە كۈرۈنۈپ دۇنيا غەيرى مىللى  مىراسلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنىڭ ئوزى ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنىڭ  دۇنيادىكى ھىچقانداق بىر مىللەتنىڭ مۇزىكىسىدىن قالغۇچىلىكى يوق ،ئەكسىچە ئىسىل مۇزىكىلار قاتارىدا ئىكەنلىكىنى  كورسۇتۈپ تۇرۇپتۇ .  ئەمدى قالغان ئىشلار  ھازىرقى دەۋردىكى مۇزىكانتلىرىمىزنىڭ قانداق پەدەزلەپ بىزەپ كورسىتەلىشىگە باغلىق . بىزلا ياخشى قىلالىساق ئۇيغۇر مۇزىكىسى دۇنيا سەھنىسىدە ئوزگىچە  تۇس بىلەن نۇر چاقنايدىغان  ئىسىل مۇزىكا


سىز مەخسۇس مۇشۇ مۇزىكا ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن بىر تور تەسىس قىپسىز؟ مۇشۇ تور بىكىتىڭىزنىڭ قىلىدىغان خىزمىتى ئاساسلىقى قايسى؟

شۇنداق .مەن بۇرۇن ئىللىق دۇنيا دىگەن نام بىلەن ، مۇزىكا ھەۋەسكارلىرىنى ھەقسىز بىلىم بىلەن ۋە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر سورۇن ھازىرلاش ئۈچۈن بىر تور بەت ئاچقان .سەۋەبى. مۇزىكىدىكى يۇقۇرى تېخنىكىلىق دىتاللار بىلەن تۇنۇشۇپ .  خوشنا مىللەت  ۋە باشقا ئۇيغۇر ناشا مۇزىكىلىرىنى بۇلاڭ تالاڭ قىلىپ بۇزۇپ توۋلاۋاتقانرنىڭ قۇلىدىن قايتۇرۇپ كىلىدىغانلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن . ھازىرalimuzika.comدىگەن نام بىلەن توربەت ئېچىۋاتىمە

سىزنىڭچە بىر ياخشى مۇزىكا ئىجادىيەتچىسى بولۇش ئۈچۈن قانداق شەرت شارائىتلارنى ھازىرلاش كىرەك؟ ئۆزىڭىزنىڭ بىشىدىن ئۆتكەن ئىشلارغا بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەپ باققان بولسىڭىز؟

ياخشى مۇزىكا ئىجادىيەتچىسى بۇلۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال : شۇكىشىدە ئەر بولسا ئەرگە خاس ،ئايال بولسا ئايالغا خاس ئوز خەلقىنى، دۇنيانى، ۋەتەننى سويىدىغان غۇرۇر بۇلۇشى كېرەك دەپ قارايمەن چۈنكى قازاندا نىمە بولسا چۈمۈچكىمۇ شۇ چىقىدۇ . ئاندىن شارائەى بولسا مۇزىكا كەسپىدە سېستىمىلىق تەربىيلىنىپ ، مۇزىكىنىڭ زادى نىمە ئىكەنلىگىنى  چۈشۈنۈش كېرەك

سىز ھازىر ئىلىپ بىرلىۋاتقان ئەزالار زىيارەت پىروگىراممىسىغا قانداق قارايسىز؟ ئۇنىڭغا يەنە قانداق تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بار؟ ئۇنى قانداق قىلغاندا تىخىمۇ ياخشى ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ دەپ قارايسىز؟

سىز ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ زىيارەت پىروگگىراممىسىغا شەخسەن مەن كوپتىن كوپ تەشەككۈر ئېيتىمەن .  چۈنكى بىزدەك  سوز قىلىش شارائىتىغا ئىرىشەلمىگەن ياكى  ،بەزى سورۇنلارغا ئۇنۋان سالاھىيىتى توشمايدىغانلار ئۈچۈن يۈرەك سوزىنى قىلىۋالغۇدەك .بىر سورۇن يارالدى. بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك .مەڭڭگۈ ئەسلىگىدەك بىر ئەسلىمە

سىز شەبنەم مۇنبىرىدىكى قايسى سەھىپىلەرنى بەكرەك ياخشى كۆرىسىز؟ نىمە ئۈچۈن؟

مەن سەھىپە تاللاپ كەتمەيمەن . ھەممىسىنى كورۇپ چىقىمەن .چۈشەنگىنىمگە ئوزۇمنىڭ سەۋىيەم يىتىشىچە ئىنكاس يازىمەن ۋە مەدەت بىرىمەن . قىسقىسى يۇرەكتىكى گەپلىرىم ۋە پىكىرلىرىمنى يازىمەن

سىزنىڭچە شەبنەم مۇنبىرىنىڭ باشقا مۇنبەرلەر بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان يىرى قايسى؟

مەن شەبنەم مۇنبىرنىڭ باشقا مۇنبەرلەردىن پەرقلىنىدىغان <شەبنەم>دىگەن يېقىملىق ئىسمى.ئۇيغۇر تور ساھەسىگە تۇنجى بۇلۇپ يولئاچقان ۋە تۇنۇلغانلىقىدا .شۇنداقلا سىزدەك ئەركىزات ئەپەندىم دەك ياخشى جاپاكەش باشقۇرغۇچىلارنىڭ ياخشى باشقۇرغانلىقى دا دەپ قارايمەن

سىزنىڭ كەلگۈسىدىكى پىلانىڭىزنى بىلىپ باقساق بولامدۇ؟

كەلگۇسى پىلانىم : ئوزەم سويىدىغان مۇشۇ مۇزىكا كەسپىدە بىر چەتتىن ئۈگۈنۈپ ۋە بىر چەتتىن ،بىز ئۇيغۇرلارنىڭ  بۇلاڭ تالاڭغا قالغان ۋە بۇزۇلغان  ناخشا مۇزىكىلىرىنى. ۋە قارغۇلارچە چەتئەللەرنىڭ مۇزىكىلىرىغا چۇقۇنۇپ كىتىۋاتقان . ياش سەبىلىرىمىزنى ،  يۇقۇرى مۇزىكا تېخنىكىسى ۋە بىلىملىرى بىلەن قايتۇرۇپ كىلىدىغان  ياشلىرىمىزغا كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە مەدەت بىرىش . بىر ئاددى مۇزىكا ھەۋەسكارى سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇر مۇزىكىسىغا زەررىچە بولسىمۇ كۈچ قۇشۇش پىلانىم بار

ئاخىردا شەبنەم مۇنبىرىدىكىلەرگە دەيدىغان يەنە قانداق يۈرەك سۆزلىرىڭىز بار؟

مۇنبىرىمىزدىكىلەرگە دىيدىغىنىم .ئاددى سەۋۋىيەم بىلەن  بەرگەن جاۋاپلىرىم، ئۇچۇر ساندۇقىنىڭ خەت چەكلىمىسى تۇپەيلى  بەزى سوزلىرىمنىڭ خا تالىقلار  بولسا تۈزۈتۈش بىرىشىنى ،   توۋەنچىلىك بىىلەن سورايمەن .
  يەنە سەنئەت سويەر دوسلارغا دەيدىغىنىم .  بىز ئاتا مىراس سەنئىتىمىزنى شىلىپ يەيدىغان پارازىتقا ئايلىنىپ قالمىساق ، كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە شۇ سويگەن كەسپىمىز ئۈچۈن ئىزدەنسەك
مۇشۇ يۈرەك سوزلىرىم ۋە  كوز قاراشلىرىمنى  ئوتتۇرغا قويىدىغان . سورۇن يارىتىپ بەرگەن شەبنەم ئەھلى ، باشقۇرغۇچىلارغا كوپ
رەخمەت



ھۆرمەتلىك تورداشلار بۈگۈنكى زىيارەت خاتىرسى پىروگىراممىمىزنىڭ12. سانى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.  كۆڭۈل قويۇپ كۆرگىنىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت. خەير- كىلەركى ساندا كۆرشەيلى . كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭلار. خەير - خوش
ئاخىردا ھەممىڭلارنىڭ تىنىڭلارنىڭ سالامەت،ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.



ئەلىنىڭ يوللىغان تىمىسىنى بۇ ئادىرستىن كۆرۈڭ

./search.php?authorid-13318.html  


ئالدىنقى سان مەلىكە بىلەن سۆھبەت بۇ يەردىن كۆرۈڭ
./read.php?tid-113462-keyword-.html

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+10(Ark-zat) ئالقىشلانغا ..
  • ياخشى باھا:+5(قاپىيەجان)
  • شەبنەم ناخشىسى


    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-28 14:16 |
    ئىزنا سودا بازىسى
    ئىسمەت
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 75031
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 555
    شۆھرەت: 558 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3503 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 243(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

    تېخىمۇ تىرشىڭ، كەسىپتە ئۇتۇق قازنىشىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
    [ بۇ يازما ئىسمەت تەرپىدىن2009-05-28 23:44دە قايتا ت ]

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 14:36 |
    مۆمىنجان ئابلىكىم
    akbarmusic
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 63999
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3
    شۆھرەت: 4 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 30 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 70(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

     

    بۇ سۆھبەت ناھايتى ياخشى ۋە مەنىلىك سۆھبەت بوپتۇ . مەنمۇ ئەلى ئەپەندىم ئاچقان توربەتكە ئەزا بولغاندىن كىيىن  خىلى كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. بەزى قىيىنچىلىقلارغا يولۇقسام تېلىفۇن ئارقىلىق ياردەم سورىساممۇ ئۇ ناھايتى ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈپ قويغانتى. باشقا دوستلارمۇ نۇرغۇنلىغان بىلىملەر ۋە يىڭى دىتاللار بىلەن ئەلى ئەپەندىمنىڭ يىتەكچىلىكىدە تونۇشتى. ھازىر ئۇ خىلى كۆپ مۇزىكا ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۇستازى بولۇپ قالدى. مەن ئەلى ئۇستازنىڭ تىنىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى. ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىپ تىخىمۇ ياخشى ئىجادىيەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 14:54 |
    مۆمىنجان ئابلىكىم
    tograh0997
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 38094
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 7734
    شۆھرەت: 7978 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 858997319 سوم
    تۆھپە: 142 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 321 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1766(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

    مۇشۇنداق زىيارەت خاتىرىسى ئارقىلىق نۇرغۇن دوستلار بىلەن تۇنۇشۇشنى خالايمەن

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    ./read.php?tid-62328.html
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 14:55 |
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    yalpuz0997
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 81949
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 258
    شۆھرەت: 258 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2580 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 111(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-28

     

        ئەلى    ئەپەندىنىڭ  مۇزىكا ساھەسىدا    ئۇتۇق  قازنىشىغا      تىلەكداشمىز  .

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 15:04 |
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    molla pok-pok
    كۇچا ئوغلى - سەمەتجان .
    ئىجاتچان ئەزا مۇنبەر قىززىقچىسى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 15405
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1842
    شۆھرەت: 1942 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 6290 سوم
    تۆھپە: 13 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3668(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

    ئەلى ئەپەندىم قوساقتىكى گەپنىڭ ھەممىنى تۈكىۋېتىپسىزغۇ .

    ئەلى ئەپەندىمنىڭ تىنىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى. ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىپ تىخىمۇ ياخشى ئىجادىيەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    قاچانغۇچە ئۆلچەملىك بويتاق بۇلۇپ يۇرۇيسىز..............     

    توي پولوسى يىمەيمىزما ........     

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    دۇنيادىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادەم ـــــــ ئاتا - ئاناڭ !!!
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 15:05 |
    شەبنەم ناخشىسى
    UYGHURAAA
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 62532
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1863
    شۆھرەت: 2393 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 17673 سوم
    تۆھپە: 22 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 798(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

    مەن سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزغا بەكلا قىزىقىمەن.     

    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 15:05 |
    شەبنەم ناخشىسى
    Gulzohra
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 82501
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 986
    شۆھرەت: 989 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 9860 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 278(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

    شەبنەمدە مۇشۇنداق بىر ئەزا بىلەن تونۇشقىنىمدىن خوشالمەن...

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    خوشاللىق سىز ھەم بىزگەياربولسۇن!

    كوت كوت ...  140983  ^-^
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 15:20 |
    DEWRAN
    دەۋران دەردلىرى داۋاسىزدۇر.
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 55117
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1233
    شۆھرەت: 71726 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 868487 سوم
    تۆھپە: 247 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 204 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3382(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

       خەلقىمىز قەلبىدىن ئەبەدىيلىك ئورۇن ئالالايدىغان ئۆلمەس سەنئەت بايلىقلىرىنى كۆپلەپ يارىتىشىڭىزغا تىلەكداشمەن!

    بۇرۇتۇڭ خەت تارتمىغۇچە، يۈرىكىڭ دەرد تارتماس.

                      ***      ***       ***
                      
    مەيلى دەۋران باقمىسا باقالمايمەن دەۋرانغا،
    ياشالمايمەن تىزلىنىپ رامكىلانغان پەرمانغا.
    چىن غۇرۇرۇم باشلىغان يولدا ماڭسام تەۋرەنمەي،  
    بېقىنمايمۇ دەۋرانغا يېتەلەيمەن ئارمانغا!
    - ياسىنجان ئوسمان دەۋران
    ./read.php?tid-89120.html
    ./?u=55117
     دەۋران ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلار يۇقىرىقى تېمىلاردا بار. خالىسىڭىز مەرھەمەت قىلىڭ!
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 15:41 |
    يەزرشاھ
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 91574
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1
    شۆھرەت: 1 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 10 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-28

     

    ئەلى ئەپەندىم   مەن سىزگە قايىل ،سىزدەك قىلىش ئاسان ئەمەس.  
      تېخىمۇ تىرىشىڭ،  اللەھ   سىزگە يار بولسۇن.

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 15:44 |
    padixa51
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 54566
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 663
    شۆھرەت: 674 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 6558 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 595(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

    يامان ئادەم بۇ   ئالىمكامنىڭ كەينىدىن ئۇنى بۇنى دىمەڭلار

    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 16:14 |
    چەكمەن
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش مۇنبەر قىززىقچىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 28022
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1926
    شۆھرەت: 1932 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 600232 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 57 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 4210(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

    Quote:
    بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىئىسمەتنىڭ2009-05-28 14:36 دە يوللىغان يازمىسى :
    توۋا، ئەتىدىن كەچكىچە ئىنكاس يېزىپلا يۈرسىڭىز بىكار تەلەت ئوخشايدۇ دەپتىمەن تېخى.
    تېخىمۇ تىرشىڭ، كەسىپتە ئۇتۇق قازنىشىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.


    قارىغاندا سىز تور دۇنياسىدا غايەت زور ئىشلارنى تەۋرىتىۋەتكەن ئوخشىمامسىز .ئىنكاس يازغاننى باكا تەلەتكە ئايلاندۇرىۋەتكەنلىكىڭىزگە قارىغاندا .؟؟؟؟؟
    دىگىنىڭىز بويىچە ،بۇنداق باكا تەلەتلەرنى دەرىجىگە تۇرغۇزىدىغان بولساق ،سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئۆتىدىغىنى يوق جۇما !!!!!!!!!!!!!
    ئەلى مۇزىك مۇنبەردە جەڭگىۋار ،پائالىيەتچان ئەزا . ئىجادى ناخشا مۇزىكىللىرىڭىزنى شەبنەمگە يوللىمىدىڭىزمۇ ،ياكى يوللىغان بولسىڭىز مەن كۆرمەي قالدىممۇ . مۇشۇ تېمىغا قىستۇرۇپ قويۇڭلا  .

    چەكمەننىڭ يېڭى دۇنياسى

    http://qakman.blogbus.com

    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 16:15 |
    Ark-zat
    ئەمەتجان مۇھەممەت
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 2
    نادىر تېما : 18
    يازما سانى : 5768
    شۆھرەت: 6189 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 43780 سوم
    تۆھپە: 1041 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 690 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1035(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-14

     

    ئەلىنىڭ ئاۋازىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن ئىجادىيەتلىرىمۇ ئاۋازىغا ماس ھالدا ئۆزىنىڭ ئورۇنلىشى بىلەن كىشىگە باشقىچە مەنىۋى زوق ئاتا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ باققانلار بۇنىڭغا قايىل.

    ئەلىنىڭ بۇندىن كېيىن ھاردىم-تالدىم دېمەي تېخىمۇ ياخشى ئىجادىيەتلىرىنى سۇنىشىنى ئۆمىد قىلىمەن.

    قوليازمىلىرىمنى رۇخسىتىمسىز ئىشلەتمەڭ!!!
    شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ، يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
    تېمىلىرىمگە قىزىقسىڭىز بۇ يەرنى چېكىڭ:
    Ark-zat.Xabnam.com
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 17:21 |
    UYGHURAAA
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 62532
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1863
    شۆھرەت: 2393 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 17673 سوم
    تۆھپە: 22 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 798(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

       باشقۇرغۇچىلار تىمىنى ئىلگىرلىتىپ قويساڭلار بولمامدۇ؟   

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 18:22 |
    UYGHURAAA
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 62532
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1863
    شۆھرەت: 2393 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 17673 سوم
    تۆھپە: 22 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 798(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

      باشقۇرغۇچىلار تىمىنى ئىلگىرلىتىپ قويساڭلار بولمامدۇ؟ سىلەر ئۈچۈن شۇنچە
    تەسمۇ؟   

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 20:26 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    XabnamBBS » ئەزالار زىيارىتى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:05-30 14:55, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ