« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 2294 - كۆرۈرمىنى
Ark-zat
ئەمەتجان مۇھەممەت
ئۆمۈرلۈك شەرەپ
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 18
يازما سانى : 5767
شۆھرەت: 6188 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 43770 سوم
تۆھپە: 1041 نۇمۇر
ياخشى باھا: 690 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1035(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-14

 تارىخمىزدىكى «ئاجايىپ» شەخسلەر

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما layli0317 تەرپىدىن (2009-05-28)دە نادىرلاندى
تارىخمىزدىكى «ئاجايىپ» شەخسلەر
ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات

1.تاڭ سۇلالىسىنىڭ ساداقەتمەن سانغۇنى ــــ ئاشىنا شىر
             ئاشىنا شىر كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ باتۇر شاھزادىسى ئىدى.كۆكتۈرك خانلىقى مىلادى 583-يىلى غەربىي تۈرك خانلىقى ۋە شەرقىي تۈرك خانلىقى دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەندىن كېيىن، مىلادى 626-يىلى شەرقىي تۈرك خانلىقى تەۋەسىدىكى 15 كە يېقىن ئۇيغۇر قاتارلىق  تۈركىي قەبىلىلەر بىرلىشىپ شەرقىي تۈرك خانلىقىغا قارشى ئېسىيان كۆتەردى.دەل مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە شەرقىي تۈركلەر خاقانى  قارا خاقان بۇ ئېسياننى باستۇرۇش ئۈچۈن ئاشىنا شىر بىلەن ئۆز ئوغلى يوغۇق شاد باشچىلىقىدا 100 مىڭ كىشلىك قوشۇننى ماڭدۇردى.ئاشىناشىر  ئۇيغۇرلارنىڭ باتۇر سەركەردىسى __ بوسات تېكىن تەرپىدىن قاتتىق مەغلۇپ بولدى.مىلادى 629-يىللىرى ئاشىنا شىر يەنە بىر قېتىم بوسات تېكىن تەرپىدىن مەغلۇپ بولۇپ ھازىرقى جىمسار ئەتىراپىغا كېلىۋالدى.شۇ يىلى شەرقىي تۈركلەر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن غەربىي تۈركلەر ھۆكۈمرانلىرى ئارىسىدىمۇ ئىچكى ماجرا يۈز بېرىدۇ.پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان ئەقىللىق ئاشىنا شىر غەربىي تۈركلەر تەرەپكە ھۇجۇم قىلىپ غەربىي تۈركلەر زېمىنىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەپ ئۆزىنى دۇب خاقان(都布可汗) دەپ جاكارلىغان.دەل شۇ پەيتتە شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ ئورنىنى سىرتاردۇشلار خانلىقى(مىلادى 628~646-يىللار) ئىگەللىگەن. غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ قىسمەن جايلىرىنى ئىگەللەپ ئۆزىنى ئازىراق كۈچلەندۈرگەن ئاشىنا شىر شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان سىرتاردۇشلار خانلىقىنى ئىگللەپ شەرقىي تۈرك خانلىقىنى قايتا تىكلىمەكچى بولىدۇ.ئەمما بۇ قېتىممۇ قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ تۇرپانغا چېكىنىدۇ.
            تۈركلەرگىمۇ، سىرتاردۇشلارغىمۇ  ۋە باشقا ئۇيغۇر قەبىلىلىرىگىمۇ قاتتىق نارازى بولغان ئاشىنا شىر مىلادى 635-يىلى تاڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلىدۇ.  ئۇ تاڭ تەيزوڭنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ سولقانات باقاۋۇللار ئۇلۇغ سانغۇنى (左卫大将军) دېگەن مەنسەپكە تەيىنلىنىپ خاننىڭ سىڭلىسى نەنياڭ مەلىكە (南阳公主) گە ئۆيلىنىدۇ، ئاشىنا شىرمۇ تاڭ تەيزوڭغا ناھايىتى ساداقەتمەن بولۇپ خاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى جان تىكىپ قوغدايدۇ.
            مىلادى 637-يىلى تاڭ سۇلالىسى شەرقتە باش كۆتەرگەن ئۇيغۇرلار ئىتىپاقىدىكى سىرتاردۇشلار خانلىقىنىڭ،شەرقىي-جەنۇبتا تىبەت خانلىقىنىڭ،غەربتە غەربىي تۈركلەر ۋە غەربتىكى ئۇيغۇر خانلىقلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا تاڭ تەيزۇڭ «ياتلارنىڭ قولى بىلەن ياتلارنى يوقىتىش ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە» دىگەن ئەنئەنىگە ئاساسەن،غەربىي تۈركلەرنى ئاشىناشىر ئارقىلىق يوقىتىش قارارىغا كېلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاشنا شىرنى غەربكە يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنلارنىڭ باش سانغۇنى قىلىپ تەيىنلەپ 40 مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن غەربكە يۈرۈشكە يولغا سالىدۇ.ئاشىناشىر ئالدى بىلەن قۇچۇ خانلىقىغا ھۇجۇم قىلغاندا قۇچۇ خانلىقىنىڭ خانى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدۇ،بۇ قېتىم ئاشنا شىر توسالغۇسىزلا ئىدىقۇتنى ئالىدۇ ھەمدە قېينىئاكىسى تاڭتەيزۇڭغا بۇ خوشخەۋەرنى يەتكۈزىدۇ. ئاشىنا شىر چىڭخەيدىكى تۇيغۇنلارنى ،ئاندىن قومۇلنى،قۇچۇنى بىرلا ۋاقىتتا ئالغاندىن كېيىن،غەربىي تۈركلەر جىددى تەدبىر قوللىنىپ كۆسەنگە بولغان كونتۇرۇللۇقنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن،ھەتتا كىنگىت(ھازىرقى قارا شەھەر) خانىنىڭ قىزلىرىغا غەربىي تۈرك يابغۇسى چۇلى ئاكا-ئۇكىلار ئۆيلىنىپ قۇدىلاشقان. مىلادى 644-يىلى ئاشىنا شىر 40 مىڭ كىشلىك قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىپ،كىنگىتكە ھۇجۇم قىلىپ ئۆزئارا ئۇرىشىۋاتقاندا غەربىي تۈركلەر بىلەن كۆسەن خانلىقى ئاشىنا شىرغا قارشى زور قوشۇن چىىقىرىپ،كىنگىتنى ماددى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن،يەنە كېلىپ ئاشىناشىر قوشۇنلىرىنىڭ يولىنى توسۇپ ئۇنى چېكىندۈرگەن. مىلادى 648-يىلغا كەلگەندە تاڭ تەيزۇڭ كۆسەنگە ئىككىنچى قېتىم ئاشىناشىر قوماندانلىقىدىكى 100مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن يۈرۈش قىلىدۇ.ئاشىنا شىر بۇ قېتىم كۆسەن خانلىقى بىلەن غەربىي تۈركلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزىۋېتىش ئۈچۈن،بىر يۆلىنىش قوشۇننى كۆسەننىڭ شەرقىي شىمالىغا ھۇجۇم قىلدۇرغان. دەل ھالقىلىق پەيتتە غەربىي تۈركلەرنىڭ يابغۇسى قۇلۇبۇ بىلەن شىخۇي تۈركلەرگە ئۆزلىكىدىن تەۋەلىك بىلدۈرۈپ تاڭ قوشۇنلىرىغا يول باشلىغۇچى بولغان.شۇنداق ئەۋزەل شارائىتتا ئاشىنا شىر بىرقانچە قېتىم ئېلىشىش ئارقىلىق كۆسەن قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. كۆسەن خانى خېلىبوسبى ۋە باش سانغۇنى جالالىدىن قاتارلىقلارنى تىرىك ئەسىر ئالغان. كۆسەن ۋەزىرى نالى كېچىدە قېچىپ كېتىپ غەربىي تۈركلەر تەرەپكە بېرىپ ياردەم سوراپ ھەمدە قالدۇق كۆسەن قوشۇنلىرىنى يىغىپ، كۆسەن شەھىرىنى ساقلاشقا قالغان گوشىيۋلۇ ئاتا-بالا ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈپ كۆسەن شەھىرىنى ئىگەللىۋالغان.بۇنى ئاڭلىغان ئاشىنا شىر كۆسەنگە قايتا يۈرۈش قىلغان ،بۇ ۋاقىتتا نالىنى كۆسەنلىكلەر ئۆزلىرى تىرىك تۇتۇپ ئاشىناشىرغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.ئاشىناشىر ئىلگىرى –ئاخىر بولۇپ بەش چوڭ شەھەرنى ۋە 70 نەچچە كىچىك شەھەرنى تاڭ سۇلالىسىگە قارام قىلىپ بەرگەن.
             ئاشىنا شىرنىڭ ھاياتى كېچە-كۈندۈز تاڭ سۇلالىسى ئۈچۈن قان كېچىپ جەڭ قىلىش،تاڭ ھۆكۈمىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش،تاڭ سۇلالىسىنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتىش،چېگرا رايۇنلىرىنى تېنىچلاندۇرۇش  قاتارلىق ئۇلۇغ تارىخى ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىش بىلەن ئۆتكەن ھايات. مىلادى 655-يىلى ئاشناشىر پايتەخت چاڭئەندە كېسەل بىلەن ۋاپات بولغاندا تاڭ گاۋزۇڭ  ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئۇنىڭ جەسىدىنى ۋاڭلىڭ قەبرىستانلىقىغا قويۇپ، قەبرىسى ئۈستىگە ئابىدە تىكلىگەن. ①
2.قىرغىزلارغا تۆھپە كۆرسەتكەن ئۇيغۇر سانغۇن ــــ كۇلۇگ باغا
            مىلادى 839-يىلى ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقىدا ئىچكى جەھەتتىن نىزا پەيدا بولۇپ، پۈتۈن خانلىق تەۋەسىدە يۈز بەرگەن جۇدۇن ئاپىتىدە ئات-ئۇلاغلار، مال-چارۋىلار كۆپلەپ ئۆلۈپ ۋابا كېسىلى تارقىلىپ، خانلىق قىيىن ئەھۋالدا قالغان پەيتتە ئۇيغۇر سانغۇنى كۇلۇگ باغا خاككاسلار(قىرغىزلار) تەرەپكە بېرىپ ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ ئەھۋالىنى ئەينەن مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان خاككاسلارنىڭ 100 مىڭ كىشلىك قوشۇنى كېلىپ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بارگاھى قارا بالغاسۇننى ئىشخال قىلىدۇ.ئۇيغۇر خانلىقى ۋەيران بولۇپ بىرقانچە بۆلەككە بۆلىنىپ ھەر تەرەپكە كۆچۈشكە باشلايدۇ.
3.موڭغۇللارغا يېلىنغان قورچاق پادىشاھ ـــ ئافاق غوجا
             ئەسلى ئىسمى ھىدايىتۇللا ئىشان بولۇپ ، مىلادىيە 1626-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان . دادىسى مۇھەممەد يۈسۇپ خۇجا مىلادىيە 1620 -يىلى نەمەنگاندىن قۇمۇلغا كەلگەن . ئانىسى زۇلەيخا بىكىم ئۆز ۋاقتىدا قەشقەردىن قۇمۇلغا چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان بەشكىرەملىك مىرسەئىد جىلىل دىگەن كىشىنىڭ قىزى بولىدۇ . ئاپپاق غۇجا مىلادىيە 1638-يىلى ئون ئىككى ياش ۋاقتىدا ، دادىسى بىلەن قەشقەرگە كەلگەن ۋە شۇنىڭدىن ئىتىبارەن دادىسىدىن رەسمى سوپى ئىشانلىقنى ئۈگىنىشكە باشلىغان . 1667-يىلى دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ يەكەندە «ئىسھاقىيە» مەزھىپىدىكى ئۆزىنىڭ نەۋرە ئەۋلادى بولغان جۇجا ئەبەيدۇللا تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۇلتۈرۈلگەندىن كىيىن ،  ئاپپاق غۇجا ئۈزلىكسىز مۇرت كۆپەيتىش ، كۈچ توپلاش ۋە تەسىرى دائىرىسىنى كىڭەيتىش ئارقىلىق ، ئەڭ ئاخىرى تىغ ئۇچىنى دىننىي پائالىيەتتىن ھالقىتىپ ، ھاكىميەتكە قاراتتى ۋە مىلادىيە 1678-يىلى جۇڭغار ئىشخالىيەتچىلەرنى باشلاپ كىلىپ ، سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ ئون ئىككىنجى سۇلتانى ئىسمايىل خاننى ئاغدۇرۇپ ، تارىختا 165 يىل ھۆكۈم سۈرگەن شۆھرەتلىك سەئىدىيە خانلىقىنى بەربات قىلدى . ئۇنىڭ ئورنىغا جۇڭغارىيە ھامىيلىقىدىكى ئاپپاق خۇجا خانلىقىنى تىكلەپ ، بۇ خانلىققا ئون بەش يىل ھۆكۈمران بولدى .
           ئاپپاق غوجا ھاكىميەت يۈرگۈزگەن بۇ دەۋردە ، ئىلگىر كىيىن بولۇپ ، ئون بىر قىتىم چوڭ قىرغىنچىلىق بولدى ، بىر يۈز سەكسەن مىڭ ئادەم قىرغىنچىلىقتا ئۆلدى .ئاپپاق غوجىغا ۋە ئۇنىڭ ھامىيىسى بولغان جۇڭغار ئىشخالىيەتچىلىرىنىڭ قاتمۇقات زۇلۇملىرىغا قارشى ئىككى يۈز قىتىمدىن كۆپرەك خەلق ئىسىيانى كۆتۈرۈلدى .
          ئاپپاق غوجا مانا شۇنداق ئىسىيانچىلاردىن ۋە ئۇ يۈرگۈزگەن زوراۋانلىقىغا قارشى چىققان تالىپلاردىن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتۇپ ، مىلادىيە 1679-يىلى جۇڭغارلارنىڭ كۈچى بىلەن ئىلىغا پالاپ ، غالچا يىگىت ۋە غالچا چوكان نامىدا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە قۇل قىلىپ بەردى .ئۇ يەنە ، خانلىق يارلىقى چۈشۈرۈپ ، مەسچت - مەدرىسلەرنى خانىقا بىلەن تۈتەكخانىلارغا ئۆزگەرتتى ، قۇر ئان بىلەن ھەپتىيەكتىن باشقا بارلىق كىتاپ ، مەدەنىي مىراس ۋە تارىخى قول يازمىلارنى كۆيدۈرۋەتتى . بۇنىڭغا نارازى بولغان ، قارشى چىققان شەرىئەت پىشىۋالىرىنى ، دىنني ئۆلىمالارنى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئۆلتۈردى .②
          ئاپپاق غوجا مىلادىيە 1693-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ بېشىدىكى بىر پەيشەنبە كۇنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى . بىر كېچە-كۈندۇزدە يەكەندىن قەشقەرگە ئېلىپ كېلىنىپ ، ھازىرقى ھەزرەتتكى ئۆزى بىنا قىلدۇرغان «مازارى شاھان»غا  ئاپىرىپ دادىسىنىڭ ئايىغىغا دەپنە قىلىندى .
4.تۈن بالىسى ـــ نىياز ھېكىم بەگ
            پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ياتلارنى تازىلاپ ،مۇناپىق خوجىلارنىڭ خەلقىمىزگە سالغان زۇلۇم -سىتەملىرىدىن جاق تويۇپ ،نەپەسمۇ ئالالماس ھالەتكە كېلىپ قالغان ئاۋامنى قايتىدىن قەددىنى رۇسلاش ۋە سەئىدىيە سۇلتانلىقىنىڭ  سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە  بەل باغلىغان  ياقۇپ بەگ (بە دەۋلەت) نى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن ساتقىن تۈن بالىسى نىياز ھېكىمبەگمۇ تارىخىمىزدىكى تالاي پاجىئەلەرنىڭ سەۋەپچىسىدۇر.نىياز ھېكىمبەگ  ئۆزىنى شۇنچە ئەتىۋارلىغان ياقۇپ بەگنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن «زوڭتۇڭ دارېن» نىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزىنى ئېلىپ قېلىپ ئىشلىتىشنى،ھېچ بولمىسا «چەنتو»لارنىڭ يېرىدە پايدا يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندا «زوڭتۇڭ دارېن» مىيىقىدا كۈلۈپ،«ئۆز پادىشاھىغا ئاسىلىق قىلغان كىشى ھامان بىزگىمۇ ئاسىلىق قىلىدۇ ،ئۇنى ئاپىرىپ تۇرمىگە تاشلاڭلار!» دەپ تۇرمىگە قامىغان.شۇندىن ئېتىۋارەن نىياز ھېكىمبەگ زىنداندا  سۇنىڭ ئورىنىدا ھاراق ئىچىشكە ،ئوزۇقنىڭ ئورنىدا ئۆزىنىڭ تېنىدىن شىلىۋېلىنغان گۆشتىن قورۇلغان  قورۇمىنى يىيىشكە مەجبۇر بولغان .شۇنداق قىلىپ 25كۈن بولدى دىگەندە ئۇنىڭ جېنى كۆپ يەرلىرىنىڭ گۆشى شىلىۋېلىنغان ،زەي زىنداندا سېسىپ ،يىرىڭلاپ ،قۇرتلاپ ،بەدبۇي ھىد تارقىتىۋاتقان تېنىدىن جۇدا بولغان . ئۇنىڭ ئۈلۈكىنى مەھبۇسلارغا بورىغا يۆگەتكۈزۈپ ،كۈتەرتىپ يېڭىشەرنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى بارىن قەبرىستانلىقىغا ئېلىپ بېرىپ ،شۇ پېتى كۆمدۈرىۋەتكەن ③.
5.ئابدۇقادىر داموللامنى قەتلى قىلغان ـــ ئەھمەد مەزىن
             ئابدۇقادىر داموللام كېچىدە تەرەت ئالغىلى چىققاندا ئەھمەد مەزىن تەرپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرلىدۇ.ئەھمەت مەزىننىڭ ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆلتۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئابدۇقادىر داموللامنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھىندىستاندىكى ئوقۇشىنى تاشلاپ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ بۇ دېلۇنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلىپ ئەرز سۇنغاندىن كېيىن،قەشقەردىكى ئەمەلدارلار(ئۆمەربەگ بىلەن زۇنۇن پاششاپلار)  شەھەر كاتتىسى تەرپىدىن سۈڭگۈتۈلگەن ئالتۇن يامبۇنىڭ كۈچى بىلەن بۇ سىرنى ئاشكارلىماسلىققا ۋەدە بېرىدۇ ئەھمەت مەزىننىڭ ئۆزىگىمۇ بارىلىق جىنايەتلىرىدىن تېنىش كىرەكلىگى ، شۇندىلا ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن خالاس بولىدىغانلىقى ئالاھىدە جىكىلىنىدۇ. لېكىن توختىماي قىلىنغان بۇ دەۋادىن زىرىككەن شەھەر كاتتىلىرى ئەھمەت مەزىننى تۆمۈر قەپەزگە سولاپ ئۈرۈمچىگە ماڭدۇرىۋېتىدۇ. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئىز قوغلىشىپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئەرز سۇنىدۇ.ھۆكۈمەت تەرەپ ئەھمەت مەزىننى ئېتىپ بېرىشنى ئېيتقان بولسىمۇ ئابدۇلئەزىز مەخسۇم بۇنىڭغا قوشۇلماي پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىلارنىمۇ جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ قاتىل ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ،لېكىن پەردە ئارقىسىدىكىلەر يەنىلا ئاشكارلانمايدۇ.  قەشقەر كاتتىلىرىنىڭ تەلىپى ۋە ۋەدىسى بويىچە ئەھمەت مەزىن سولاقتىن بوشتىلىپ قويۇپ بىرىلىدۇ .بۇ قاتىل ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا بىر مەزگىل لاغايلاپ يۈرگەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇ ئىشتىن خەۋىرى بارلىكى كىشىلەرنىڭ تىل -ئاھانەت ، دەشناملىرىدىن بىر مىنۇتمۇ ئارام تاپالماي ، ياقا يۇرتلارغا قېچىپ بېرىپ جان باقىدۇ . روھىي جەھەتتىن قاتتىق زەربە يېگەن مەزىن ئاقىۋەتتە ئېلىشىپ قېلىپ شۇ دەرىجىگە يېتىدۇكى ، ھەتتا ئۆز گۆشىنى ئۆزى يىيىشكە باشلايدۇ . نەتىجىدە ئەنە شۇنداق ساراڭلىقتا بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆلىدۇ.
1924-يىلى ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺳﯘﻳﯩﻘﻪﺳﯩﺘﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﯘﻳﯩﻘﻪﺳﯩﺘﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ئۇنىڭ شاگىرتى ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻐﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯلىشىدۇ.
6.شېڭ شىسەيگە ساداقىتىنى بىلدۈرگەن ـــ شاپتۇل داموللام
             ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﭘﻪﻳﺰﺍﯞﺍﺕ ﺷﺎﭘﺘﯘﻟﻠﯘﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻛﯩﺸﻰ ﺳﯧﭙﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻐﺎ ﻗﻪﺳﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯘﻳﯩﻘﻪﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﭘﺎﺷﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺷﯩﺠﺎﯕﻨﻰ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﻣﺎ ﺟﻪﻧﺴﺎﯓ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻪﺗﻤﻪﻥ ﭼﺎﭘﻘﺎﻥ. ﺋﯘ 1934 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 1935 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯚﻟﻜﻪﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ« ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﻛﻮﻧﻔﯩﺮﯨﻨﯩﻴﯩﺴﻰ » ﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ . ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯩﺨﻼﺳﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﮬﻪﻡ شىڭ شىسەينىڭ « ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ » ﻧﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .
            1936 -  ﻳﯩﻠﻰ 5 - ﺋﺎﻳﺪﺍ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﻟﯩﺴﻰ ﯞﺍﯓ ﺑﺎﯞﭼﻪﻧﮕﻪ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ،«ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﺍ ئېكىسكۇرسىيە ﯞﻩ ﺯﯨﻴﻪﺭﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻮﺩﺍ - ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎنلىقىنى ، ﺷﯘﯕﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺑﯧﺮىشى ﻻﺯىملىقى»نى ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﻏﺎﻥ . ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ ﺷﯩﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘ، 5 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12 - ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻠﯩﻨﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﻪﯓ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﮔﯜﺯﯛﯞﻩﺗﻜﻪﻥ.
7.ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى چاققان شېڭ سىسەينىڭ سادىق غالچىسى ــــ روزى موللام
           1933 -يىلى  قۇمۇل  دېھقانلار  قوزغىلاڭچىلىرىدىن  ئەجەللىك  زەربە  يەپ، ئۈرۈمچىگە  قېچىپ  كېلىۋاتقان  شېڭ شىسەي  تۇرپانغا  كەلگەندە ، روزى موللام  شىڭ شىسەيگە غالچىلىق قىلىپ، ئېشەك مىنىپ ئالدىغا بېرىپ ئابدۇخالىق  ئۇيغۇر  ۋە  ئۇنىڭ  سەبداشلىرىنى  «دېھقانلار    قوزغىلىڭىزنىڭ  مەنىۋى  تەرغىباتچىسى»  دەپ  چاقىدۇ. شىڭ شىسەي بۇنى ئاڭلاپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى تۇتقۇن  قىلىپ تۈرمىگە  تاشلايدۇ.  ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1933-يىلى  3-ئاينىڭ  13 -كۈنى  سەبداشلىرى  بىلەن  باتۇرلاچە  قۇربان  بولىدۇ.
8.لۇتپۇللا مۇتەللىپنى چاققان گومىنداڭچى ــــ  ھېكىم نۇر
         ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇق بۆلۈمىدىن مۇتەللىپنى كۈزىتىدىغان ئادەملەر ئاللىبۇرۇن تەشكىللەنگەن. شۇ چاغدا ئاقسۇ گېزىتخانىسىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپنى تەكشۈرىدىغان «ئەپەندى»، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا «ياخشى»، «كاڭجيەن»، جەمئىيەتتە «گاڭبى» دىگەندەك مەخسۇس ئادەملەر بار ئىدى. ل.مۇتەللىپ قاتارلىقلارنى ئاشكارلاپ قويغان ھېكىم نۇرنىڭ مەخپىي ئىسمى «گاڭبى» ئىدى. ھېكىم نۇر شۇ يىللاردىكى ساقچى ئەمەلدارى، ل.مۇتەللىپلەرنىڭ تەشكىلاتىغا سوقۇنۇپ كىرگەن ئىشپىيون ھەم مۇتەللىپنىڭ قاتىلى ئىدى.
ئىزاھلار:
①: ئابلىز مۇھەممەت سايرامى،«سۈي،تاڭ سۇلالىلىرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخى شەخسلەر» 65~71-بەتلەر،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1999-يىل 7-ئاي
②:  ئەخەت تۇردىنىڭ «بەخىتسىز سەئىدىيە» ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىندى .
③: ئابدۇۋەلى ئەلى ئەپەندى يازغان«بەدەۋلەت-ئۆركەشلەپ ئاققان قايدۇ دەرياسى» ناملىق روماننىڭ 11-بابىدىن ئېلىندى.
______________
ئەسكەرتىش:    7 -،8- شەخس توغرىسىدا بىلىدىغانلار ئىنكاس شەكلىدە تەپسىلى قالدۇرغان بولسا،  رەھمەت.

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+10(qogluk3.8)
  • تۆھپە:+20(layli0317) ئەجرىڭىزگە ر ..
  • شەبنەم ناخشىسى
    قوليازمىلىرىمنى رۇخسىتىمسىز ئىشلەتمەڭ!!!
    شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ، يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
    تېمىلىرىمگە قىزىقسىڭىز بۇ يەرنى چېكىڭ:
    Ark-zat.Xabnam.com
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-28 11:00 |
    ئىزنا سودا بازىسى
    yalpuz0997
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 81949
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 258
    شۆھرەت: 258 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2580 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 111(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-28

     

        پىشقەدەملەر << مىڭ   دوستىن  بىر دۈشمەن  يامان>> دەپ توغرا ئېيتىپتىكەن. مۇناپىقلىق   دەرجىسىدە     چەككە  يىتىپ  ،ئەرىك  سۈيەر   ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ    بېشىغا     چىقىپ،خەلقىمىزنى    بالايى ئاپەت،خارلىق ،ۋە   يۇقۇلۇش  ئازگىلىغا  ئىتىرىپ  ،لەنەتگەردى بۇلۇپ كەتكەن  ئىتلار   تارىختا     ھەقىقەتەن   ئۆتكەن  ،ھېلىھەممۇ   يوق  ئەمەس.  .....................  

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 11:42 |
    مۆمىنجان ئابلىكىم
    narat520
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 91525
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 6
    شۆھرەت: 6 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 60 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

     Re:تارىخمىزدىكى ئاجايىپ شەخسلەر

    ھەقىقەتەنمۇ بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك گەپلەركەن، رەھمەت سىزگە!              يەنە مۇشۇنداق نادىر تارىخى تېمىلار بولسا كۆپرەك ئەۋەتىپ تۇرارسىز ھە؟        

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 11:45 |
    مۆمىنجان ئابلىكىم
    UYGHURAAA
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 62532
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1860
    شۆھرەت: 2390 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 17643 سوم
    تۆھپە: 22 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 798(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

     

    ئەركزات ئەپەندى بۇلارنىڭ(ئاشىنا شىر) ھەممىسىلا ئۇيغۇرمۇ؟ ھەيران قالماڭ! مەن بۇكىشىنى ساپ تۈرۈك دىگەننى ئاڭلىغان لىكىن تولۇق ئىسپاتىم يوق.

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 11:56 |
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    taxle
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 75626
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 56
    شۆھرەت: 56 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 410 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 152(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

    بۇندىن بۇرۇنقىسى كەتتى .    بۇندىن كىيىن قانچىسى چىقار     

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    1+1=3
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 12:22 |
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    DEWRAN
    دەۋران دەردلىرى داۋاسىزدۇر.
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 55117
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1232
    شۆھرەت: 71725 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 868477 سوم
    تۆھپە: 247 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 204 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3370(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

      تارىخ-بىزنىڭ ھاياتلىق مەنبىئىمىز. تارىخىمىزنى بىلىش-ئۆزىمىزنى بىلىشمىزنىڭ مۇقەددىمىسى. تارىخنى ئۇنتۇش-ھالاكەتلىك تەقدىرنىڭ باشلىنىشى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا،  مۇنبەرداشلار ئۈچۈن، جۈملىدىن ھەممىمىز چوقۇم بىلىپ قويۇشىمىز زۆرۈر بولغان ئەھمىيەتلىك بىلىملەر خەزىنىسىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىنى يوللاپسىز. بۇ ھەقتىكى بىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش زۆرۈر، ئەلۋەتتە!
         لۇتپۇللا مۇتەللىپنى چاققان گومىنداڭچى ــــ  ھېكىم نۇر  ھەققىدە بىر قانچە يىللار ئىلگىرىكى  بىر قېتىملىق پىكىرداشلار سۆھبىتىدە ئاڭلىغان قىسقىغىنە ئۇچۇر ھېلىھەم يادىمدا تۇرۇپتۇ. ئەمما بۇنىڭ چىنلىقلىق دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ماڭا ھازىر ئانچە ئېنىق بولمىغاچقا، كىملەردىندۇر ئاڭلىغىنىم-ھېكىم نۇر شۇ تراگىدىيىلىك پاجىئەلەرنى كەلتۈرگگندىن كېيىنكى يىللاردا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەلۇم بىر گېزىتخانىدا  نابۇرچىك بولۇپ ئىشلىگەنىكەن. ئۇنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىدىن مەنمۇ خەۋەرسىز!

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    بۇرۇتۇڭ خەت تارتمىغۇچە، يۈرىكىڭ دەرد تارتماس.

                      ***      ***       ***
                      
    مەيلى دەۋران باقمىسا باقالمايمەن دەۋرانغا،
    ياشالمايمەن تىزلىنىپ رامكىلانغان پەرمانغا.
    چىن غۇرۇرۇم باشلىغان يولدا ماڭسام تەۋرەنمەي،  
    بېقىنمايمۇ دەۋرانغا يېتەلەيمەن ئارمانغا!
    - ياسىنجان ئوسمان دەۋران
    ./read.php?tid-89120.html
    ./?u=55117
     دەۋران ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلار يۇقىرىقى تېمىلاردا بار. خالىسىڭىز مەرھەمەت قىلىڭ!
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 12:39 |
    شەبنەم ناخشىسى
    ALTIKEN
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 4549
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 557
    شۆھرەت: 564 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4844 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 271(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

    ھەر دەۋىردە چىقىپ تۇرىدۇ بۇنداق ماڭقۇرتلار !!!!
      

    خائىن ، ۋەتەن ساتقۇچلار ياخشى كۈن كۆرمەيدۇ .

    ھاراق ئىچمەي ئولتۇرغىلى بولىدۇ ...
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 13:16 |
    شەبنەم ناخشىسى
    barbadar
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 59446
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 37
    شۆھرەت: 38 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 370 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 277(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

     

      
         كىتاپلار كىتاپخانىدا خېرىدارسىز تۇرۇپتۇ ،قۇرۇق يارايسىز،ئەشھقللا دەپ
    يۇرمەي كوپىرەك كىتاپ ئۇقۇيلى تورداشلار.كىتاپ ئۇقۇمىغان ئەل خار-
    زەبۇنلىقتىن مەڭگۇ باش كوتىرەلمەيدۇ. بىلىمسىزلىك،نادانلىق كىم دوس
    كىم دۇشمەنلىكىنى ئايرالماس قىلىپ قۇيۇدۇ.
        
          
          

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 13:24 |
    X_Uyghur
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 61403
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 119
    شۆھرەت: 120 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1114 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 555(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

     

    ھەممىسى ۋەتەن ساتقۇچلار ،مۇشۇنداقلارنى 7 ئەۋلات قىرىۋەتسە بۇلىدۇ    

    ئۇيغۇرمەن!
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 15:01 |
    ........
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 90980
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 8
    شۆھرەت: 8 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 80 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

     

    ھەي....ھازىرمۇ ئاشۇلاغا ئوخشاش ئىتلار خېلى جىق.....
    2-دۇنيا ئۇرشىدا ياپۇنلۇقلىدىن قەتتى خايىن چىقىپ باقمىغان دەپ ئاڭلىغان ئىدىم..لىكىن بىزدىنچۇ

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 15:36 |
    Ark-zat
    ئەمەتجان مۇھەممەت
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 2
    نادىر تېما : 18
    يازما سانى : 5767
    شۆھرەت: 6188 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 43770 سوم
    تۆھپە: 1041 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 690 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1035(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-14

     

    Quote:
    بۇ مەزمون3قەۋەتتىكىUYGHURAAAنىڭ2009-05-28 11:56 دە يوللىغان يازمىسى   :
    ئەركزات ئەپەندى بۇلارنىڭ(ئاشىنا شىر) ھەممىسىلا ئۇيغۇرمۇ؟ ھەيران قالماڭ! مەن بۇكىشىنى ساپ تۈرۈك دىگەننى ئاڭلىغان لىكىن تولۇق ئىسپاتىم يوق.

    بۇ يەردە مەن ھەيران قالغان ئىش يوق.
    كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ شاھزادىسى ئاشىنا شىر ئۇيغۇرمۇ ئەمەسمۇ دېگەن مەسىلىگە قارىتا دەيدىغىنىم: ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت كىتاپلار كىتاپخانىلاردا توپا بېسىپ تۇرۇپتۇ، كۆكتۈرك خانلىقى ئۇيغۇر تارىخىدىكى سەلتەنەتلىك خانلىقلارنىڭ بىرى . . .
    دېققەت: «تۈرۈك» ئەمەس «تۈرك» دەپ يېزىلىدۇ.

    قوليازمىلىرىمنى رۇخسىتىمسىز ئىشلەتمەڭ!!!
    شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ، يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
    تېمىلىرىمگە قىزىقسىڭىز بۇ يەرنى چېكىڭ:
    Ark-zat.Xabnam.com
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 15:57 |
    abdulla-204
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 8007
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 78
    شۆھرەت: 80 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 735 سوم
    تۆھپە: 16 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 102(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-28

     

           ئەركىزات سىزگە رەھمەت. تىمىللىرىڭزغا تەشنامىز ، ياخشى تىمىلارنى يوللاپ ھارمىغايسىز؟

    دۇنيا مىھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر.
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 16:08 |
    Gulzohra
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 82501
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 983
    شۆھرەت: 986 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 9830 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 269(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

    بۇلار ھەققىدە ئازراقمۇ بىلمەيدىكەنمەن........رەھمەت سىزگە...

    خوشاللىق سىز ھەم بىزگەياربولسۇن!
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 16:17 |
    abdulla-204
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 8007
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 78
    شۆھرەت: 80 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 735 سوم
    تۆھپە: 16 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 102(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-28

     

                                    بۇ تىمىنى ئوقوپ كۆڭلۇم شۇنداق يېرىم بولىدى.
           تارىخمىزدا ياشاپ ئۆتكەن شىر يۈرەك ئەزمەتلىرمىزنى ئپتىخارلىق ۋە سېغنىش ئچدە ئەسكە ئالدىم.
    ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ قەدىرلەنمەي ئۆتكىنگە ئىچىندىم.
            خەلقىمىز ئىچدىن چىققان ئىپلاس،شەرمەندە،سۇخەنچى،دەللال،مىللەت خائىنى.......كىشلەرنىڭ ھاياتىغا ئېچىندىم. ئۇلارغا مىڭلارچە لەنەت !!!!!

    دۇنيا مىھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر.
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 16:18 |
    ........
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 90980
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 8
    شۆھرەت: 8 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 80 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

     

    <<سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ ئون ئىككىنجى سۇلتانى ئىسمايىل خاننى ئاغدۇرۇپ ، تارىختا 165 يىل ھۆكۈم سۈرگەن شۆھرەتلىك سەئىدىيە خانلىقىنى بەربات قىلدى .>>
    ئىسمايىل خان سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ 12-سۇلتانىما؟

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-28 16:20 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    XabnamBBS » تارىخ بەتلىرى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:05-30 03:53, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ