ئاۋال سىزنى ياراتقان ياراتقۇچى ئېگىمىزگە تەشەككۈر!ئاندىن قالسا سىزنى توغۇپ، بېقىپ چوڭ قىلغان ۋە تەربىيلىگەن ئاتا-ئانا،ئۇستازلىرىڭىزغا ،قېرىنداشلىرىڭىزغا تەشەككۈر!
مەسىلىنى ئىككى تەرەپتىن كۈزەتمەك لازىمىدۇر!بۇنىڭدا سەل بىتەرەپنى ئاساس قىلىپ كۈزىتىپ يازغاندەك قىلىسىز. ( سۇ سايغا ئەمەسمۇ؟
چاقچاق ھە) ئادەم ئۆزىدىكى نۇقساننى ئېنىق تونۇپ كۆرەلمىگىندەك،بىر توپ ۋە شەيئى ئىچىدىمۇ بەزىدە شۇنداق ئەھۋاللار مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
لىكىن ھازىر يۈز بېرىۋاتقان نۇرغۇن ئىش-ھادىسىلەرنى ئومۇمىي جەھەتتىن بىر تەرەپلىمە ھالدا يىغىنچاقلاپ بېرىپسىز! شۇنچىلىك جۈرئىتىڭىزگە ئاپىرېن!
ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىخىغا قاراپ باقىدىغان بولساق،ئەر دىگەننىڭ ۋەزىنىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز!
شەكلى ئەر بولسىلا ، ئۇ ئەر ھېساپلانمايدۇ. ئۇ ئۆز مەسئۇلىيتىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ،بۇرچىنى ئادا قىلالىسا،ۋە شۇ يولدا تىرىشالىسا ئاندىن ئەر ھېساپلىنىدۇ.
بۇرۇنقى زامانلاردا ،ئاياللار كۆپىنچە ئۆي ئىشلىرىنىلا قىلاتتى.قالغان سىرتنىڭ ئىشلىرىنى ۋە تۇرمۇشنىڭ ئاساسلىق ئىشلىرىنى ئەرلەر قىلاتتى. ئاياللار ئۆيىدە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ،ئېرىنى ياخشى كۈتۈپ،بالىلىرىنى ئوبدان تەربىيلەيتتى.ئىلىم-مەرىپەتكە ھېرىسمەن ئىدى.ئىمان-ئېتىقادى چىڭ ئىدى.شۇڭلاشقا مەشھۇر ئالىمىمىز مەھمۇد بىن ھۈسەيىن قەشقىرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ ......دىگەندەك دۇنياغا مەشھۇر ئالىملىرىمىز مەيدانغا كەلگەن.بۇ يالغۇز بىر تەرەپنىڭلا ئىشى ئەمەس.ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق نىشان،ئورتاغ غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلالىغاندىلا يۈز بېرىدىغان ئىش.