« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 7955 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئىلى رايونى(رەھمەتلىك ئىلى  ۋىلايىتى) بىلەن تونۇشۇڭ پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

saldat999
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 31142
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 590
شۆھرەت: 1331 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 120 سوم
تۆھپە: 313 نۇمۇر
ياخشى باھا: 80 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 787(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

 ئىلى رايونى(رەھمەتلىك ئىلى  ۋىلايىتى) بىلەن تونۇشۇڭ

ئىلى رايونى(رەھمەتلىك ئىلى  ۋىلايىتى) بىلەن تونۇشۇڭ




ئىلى رايونى(سابىق ئىلى ۋىلايىتى) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان كۆپ مىللەتلىك قەدىمىي يۇرت. ئىلى رايونىنىڭ ھازىرقى يەر مەيدانى 350مىڭ 56 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون يەر مەيدانىنىڭ %21.07نى تەشكىل قىلىدۇ.
قەدىمكى پايتەخت شىئەندىن باشلانغان يىپەك يولى لىنىيىسى قۇمۇلدىن شاخلىنىپ، يىپەك يولىنىڭ شىمالىي لىنىيىسىنى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى بىلەن ئىلى ۋادىسىدىن ئۆتۈپ ئالماتا، تالاس، تاشكەنت، سەمەقەرنتلەرنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن مەشھەدتە ئۇچرىشىدۇ.
ھازىر ئىلى رايون تەۋەسىدە بىر شەھەر (غۇلجا شەھىرى)، سەككىز ناھىيە (قورغاس، كۈنەس، نىلقا، توققۇزتارا، تېكەس، موڭغۇلكۈرە، غۇلجا ناھىيىسى<جېلىليۈزى>  ۋە چاپچال)، 68يېزا، 11بازار ۋە رايونغا قاراشلىق 55دېھقانچىلىق مەيدانى، چارۋىچىلىق فېرمىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4–دىۋىزىيىسىنىڭ 12پولك–مەيدانى بار. غۇلجا شەھىرى ئىلى ئوبلاستىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى.
ئىلى رايونىنىڭ ئۈچ تەرىپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. غەرب تەرىپى پايانسىز كەتكەن تۈزلەڭلىك بولۇپ، قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 432كىلومېتىر كېلىدۇ. جەنۇب تەرىپى ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن، شەرقىي جەنۇب تەرىپى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، شەرق تەرىپى تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن، شىمالىي تەرىپى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. تاغ چوققىلىرىدىكى قار–مۇزلارنىڭ ئېرىشى ۋە ئېدىر–سايلاردىكى بۇلاق سۇلىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئېقىن–دەريالار ھەممىلا جايدا ئۇچراپ تۇرىدۇ. قاش دەرياسى، تېكەس دەرياسى ۋە كۈنەس دەرياسى قوشۇلۇپ ئىلى دەرياسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئىلى دەرياسى شەرق–غەرب يۆنىلىشىدە ئېقىپ، ئىلى ۋادىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، قازاقىستان تەۋەسىدىكى بالقاش كۆلىگە قۇيۇلىدۇ. ئىلى دەرياسىنىڭ ئىككى تەرىپى تېرىلغۇ يەرلەر، پايانسىز كەتكەن يايلاقلار، ھەيۋەتلىك ئېگىز تاغلار، بۈك–باراقسان ئورمانلار ۋە گۈل–چىچەككە تولغان باغلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئىنتايىن گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە ھاسىل قىلغان. شۇڭا، بۇ يۇرت «گۈزەل ئىلى ۋادىسى»، «گۈلشەن ۋادا»، «گۈلىستان شەھەر»، «باغۇ–بوستانلىق ماكان» دېگەن ناملار بىلەن تەرىپلىنىپ كەلمەكتە. جۇڭگو تارىخنامىلىرىدا ئۇ «سەددىچىننىڭ سىرتىدىكى گۈزەل ۋادا» دەپ مەدھىيلەنگەن.
ئىلى رايونى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەبىئىي شارائىتى ئەڭ گۈزەل، تەبىئىي بايلىقى مول، سۇ–تۇپراق شارائىتى ئەڭ ياخشى بولغان مۇنبەت زېمىن. ئۇنىڭ ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتى تارىختا بىر قىسىم كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇش پائالىيەتلىرىنى ئەۋزەل تارىخىي سەھنە بىلەن تەمىن ئەتكەن. قەدىمدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋە ئىلى رايونىغا كۆچۈپ–سۈرۈلۈپ كەلگەن بىر قىسىم مىللەتلەر بۇ زېمىندا ئولتۇراقلىشىپ، باياشات ياشاپ ئىگىلىك تىكلەپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇ جاينىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈپ، بۇ گۈزەل ۋە مۇنبەت زېمىننىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە ۋەتەننىڭ پارلاق تارىخنى يارىتىشتا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.
ئىلى رايونىنىڭ كىلىماتى دەريا ۋادىسىنىڭ يۇقىرىسىغا قاراپ تېمپېراتۇرا تەدرىجىي تۆۋەنلەش، ھۆل–يېغىن مىقدارى تەدرىجىي ئېشىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ھاۋاسى ئىللىق، نەم بولۇپ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ. تۆت پەسلى ئېنىق. ياز ئىسسىق، قىشى سوغۇق. باھار پەسلىدە تېمېراتۇرا تېز ئۆرلەيدۇ. كۈز پەسلىدە تېمپېراتۇرا تېز تۆۋەنلەيدۇ ھەمدە يامغۇر–يېشىن كۆپ بولىدۇ. ئىلى رايونىنىڭ كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى يېرىم قۇرغاق كېلىمات تىپىغا كىرىدۇ. لېكىن، يەر شەكلىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، كىلىماتنىڭ ئىچكى پەرقى بىر قەدەر چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاغلىق رايونلاردا كېلىماتنىڭ ۋېرتىكال بەلباغلىقى بىر قەدەر روشەن. رايون دائىرىسىدىن ئالغاندا، بۇ پەرق ئاساسەن دەريا ۋادىسى تۈزلەڭلىكلىرى بىلەن تاغلىق رايونلارنىڭ كىلىماتىدا ئالاھىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە رايوننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دەريا ۋادىسى يەر شەكلى قۇرۇلمىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن شەرقىي قىسمى ئېگىز، دەريا ۋادىسى تار، غەربىي قىسمى پەس، تەكشى، دەريا ۋادىسى تۈزلەڭلىكلىرى كەڭ ھەم ئوچۇق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئوتتۇرا قىسمىدىكى دەريا ۋادىسى تۈزلەڭلىكلىرىنىڭ شەرقى بىلەن غەربىنىڭ كىلىماتتىكى ئىچكى پەرقىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرگەن. ئىلى ۋادىسىدىكى تۈزلەڭلىك جايلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 7–9سىلسىيە گرادۇس، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40سىلسىيە گرادۇس؛ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 43سىلسىيە گرادۇس؛ تەرنىڭ توڭلاش قېلىنلىقى 0.62مېتىر ئەتراپىدا؛ قىروۋسىز مەزگىلى 150كۈن ئەتراپىدا؛ يىللىق ھۆل–يېغىن مىقدارى 150–300مىللىمېتىر (تاغلىق رايونلارنىڭ 800مىللىمېتىر ئەتراپىدا). مانا شۇنداق تۇپرىقى مۇنبەت، سۈيى ئەلۋەك، يايلاقلىرى گۈزەل، ئورمان بايلىقى مول ۋە ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىگە ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلى رايونى شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق ۋە ساياھەت بازىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
ئىلى رايونى ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان كۆپ مىللەتلىك جاي. ئىلى تەۋەسىدە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن باشقا قازاق، خەنزۇ، خۇيزۇ، قىرغىز، موڭغۇل، شىبە، ئۆزبېك، رۇس، مانجۇ، تاتار، داغۇر، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەر بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان دۇڭشىياڭ، سالا قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ بار. ئىلى رايونىنىڭ 1995–يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومومىي نوپۇسى تۆت مىليون 965مىڭ 800بولۇپ، ئۇيغۇرلار %26.8نى ئىگىلەيدۇ.

ئىلى رايونىنىڭ يەر شەكلىدىن قارىغاندا شەرقى ئېگىز ھەم تار، غەربى پەس ھەم كەڭ بولۇپ، تاغلىق جايلار %68.54نى، ئېدىرلىق %10.61نى، تۈزلەڭلىك %21.15نى ئىگىلەيدۇ. ئاساسلىق دەريا–ئېقىنلاردىن ئىلى دەرياسى بىلەن ئۇنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان تېكەس دەرياسى، قاش دەرياسى ۋە كۈنەس دەرياسى قاتارلىقلار بار. يەر ئۇستى سۇ بايلىق 14مىليارد 550مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 4مىليارد 945مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرىدىن يىلپىز، شىمال ئۆچكىسى، تۆت پۇتلۇق قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى، ئارقار، قارا تايغان، بۇغا، قىزىل تۈلكە، ئۇلار، ئاققۇ قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن سوغىگۈل، چۈچۈك بۇيا، ھىڭ، قار لەيلىسى، چوغلۇق، ياۋا ئالما، سېرىق شاپتۇل قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، ئالتۇن، مىس، ئۇران، ھاك تېشى، خرۇستال قاتارلىقلار بار.
ئىلى رايونىنىڭ دېھقانچىلىق ھەم چارۋىچىلىقى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھازىر 4مىليون 303مىڭ 200مو تېرىلغۇ يەر، 6مىليون 110مىڭ مو ئورمانلىق، 51مىليون 290مىڭ مو يايلاق، 73مىليون 500مىڭ مو بوز يەر بار. ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، مايلىق دان، قىزىلچا، زىغىر، مېۋە–چىۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. زىغىر، تاماكا، ئالما قاتارلىقلار ئالاھىدە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. چارۋىچىلىق ئوتلاق چارۋىچىلىقىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، قوي، كالا، ئات قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. بۇلاردىن ئىلى ئېتى، شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى بىر قەدەر داڭلىق. يۇڭ توقۇمچىلىق، خۇرۇمچىلىق، كەندىر توقۇمچىلىق، ھاراق ئېچىتىش، كۆمۈركان، ئېلېكتر ئېنېرگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، شېكەر ئىشلەش، ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تۇرلىرى بار.

مەنبە:ئۇيغۇر ئولتۇراق ئۆيلىرى
[ بۇ يازما saldat999 تەرپىدىن2009-05-27 13:11دە قايت ]

تېما تەستىقلىغۇچى : ئۇيغۇرئاي
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-05-27, 04:45

 

شەبنەم ناخشىسى
مىللەت ئۇرۇشتا ئۆلمەيدۇ، سۈكۈتتە ئۆلىدۇ .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-27 11:59 |
ئىزنا سودا بازىسى
UTKAL
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 13264
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 319
شۆھرەت: 320 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2614 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1092(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

 

نىمىشقا  رەھمەتلىك بۇلۇپ قالدى ، ھازىر ۋىلايەت ئەمەسما ؟؟؟

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 13:01 |
مۆمىنجان ئابلىكىم
koktax
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 26644
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 372
شۆھرەت: 373 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3710 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1631(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-27

 

ئىلى رايونىنىڭ ھازىرقى يەر مەيدانى 56مىڭ 350كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون يەر مەيدانىنىڭ %21.07نى تەشكىل قىلىدۇ.
يۇقۇردىكى ئىلى رايونىنىڭ يەر مەيدانى خاتا بولۇپ قاپتۇ،مىنڭچە پېرسەنت بويىچە ھېساپلىغاندا350مىڭ56كۋادرات كىلومېتىر بولسا توغرا بولار ئىدى.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 13:01 |
مۆمىنجان ئابلىكىم
Berdem
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 40720
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 65
شۆھرەت: 66 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 650 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 248(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-27

 

Quote:
بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىUTKALنىڭ2009-05-27 13:01 دە يوللىغان يازمىسى   :
نىمىشقا  رەھمەتلىك بۇلۇپ قالدى ، ھازىر ۋىلايەت ئەمەسما ؟؟؟

مۇنبەردىشىم، سىزنىڭ تېخىىچە خەۋىرىڭىز يوقما؟  قارىغاندا شىنجاڭدا ئەمەس ئوخشايسىز. ئانا يۇرتىڭىزدا بۇلىۋاتقان ئىشلارغىمۇ  ئازراق كۆڭۈل بۈلۈپ قويۇڭ.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
بۇ دۇنيا بىرگە بىر چىدىساڭ ياشا !
http://abral.blogbus.com
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 13:50 |
شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
Be42late
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 53870
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 108
شۆھرەت: 111 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1072 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 730(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

 

نىمە ئىشلار بولىۋاتىدۇ ؟؟ مەنمۇ خەۋەرسىز !!!!

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 14:25 |
شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
قارلذق
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 67840
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 110(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-28

 

ئەسلى ئېلى ۋېلايىتى بولىشى كىرەك ئىدى ،بۇ مۇنبەت زىمىننى قازاقلارغا بۆلۈپ بىرىش بولسا  كومپارتىينىڭ شىنجاڭنى ئىككىگە بۆلۈپ باشقۇرۇشتا قوللانغان   سىياسى تاكتىكىسى .

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 14:28 |
شەبنەم ناخشىسى
قاينام
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 16351
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 20 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 190 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 109(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-27

 

مەنمۇ بەزىبىر ئىشلاردىن خەۋەرسىزكەنمەن ، مەن كۆپىنچە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ھۆججەتلىرىدە (قىزىل باشلىق ) ئالدى بىلەن ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاسىتى ۋە ھەر قايسى ۋېلايەت شەھەرلەرنىڭ ،....... گە دەپ يېزىلغانلىقىنى كۈرىمەن . نىمە ئۈچۈن ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستى دەپ باشقا ئالىدۇ ؟ ھازىرغىچە ئۇقمايمەن .

كىتاب _ لوقمان ھەكىم , كىتاب _ رۇستەم پالۋان !
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 14:32 |
شەبنەم ناخشىسى
abral
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 7355
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 199
شۆھرەت: 223 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1465 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1283(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

 

ئەسلى ئېلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستىغا ئېلى، ئالتاي، تارباغاتاي قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت ۋە كۈيتۇن قاتارلىقلار قارايتتى. ئېلى ۋىلايىتى ئېلى ئوبلاستىدىكى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ئولتۇرۇقلاشقان ۋىلايەت ئىدى. 2000-يىلىدىن كېيىن ئېلى ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئېلى ۋىلايىتىگە قاراشلىق 8 ناھىيە بىر شەھەر بىۋاستە ئوبلاستنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتۈپ كەتتى. ھازىر ئېلى ئوبلاستىغا 2 ۋىلايەت، 2 شەھەر ۋە 8 ناھىيە بىۋاستە قارايدىغان بولدى.
ۋىلايەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋىلايەتنىڭ ۋالىسى (ئۇيغۇر) ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ مەنسىپى بىر دەرىجە ئۆرلۈتۈپ، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى بولغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن غۇلجىدا ئۇيغۇرنىڭ ھوقۇقى يەنە بىر دەرىجە تۆۋەنلىگەن بولدى.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 15:03 |
yolwas111
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 89413
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 8 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 80 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

 

مەن غۇلجۇلۇق........................................جىق سۆزلىمەي ۋاختىڭىز بولساكىلىپ بىر كۆرۈپ كىتىڭ   ئانا يۇرتىمىزنىڭ قانداق لىغىنى         

چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 16:29 |
komandir
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 16977
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 881
شۆھرەت: 882 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 8428 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1225(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

 

نىمە ئۈچۇن ئىلى قازاق ،بۆرتالا مۇڭغۇل ،قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستى دەپ ئايرىلىدىكەن ؟ئازاتلىقتىن بۇرۇنمۇ ئوبلاسىت قۇرۇلمىغان شارائىت ئاستىدا ئۇيغۇر ،قازاق، مۇڭغۇل،قىرغىزلار ئۆزئارا ئىناق ،ئىتتىپاق ئۆتۇپتىكەن ،مەن تېخى يىقىنقى زامان تارىخىدا ئۇنچىۋالا ئېغىر مىللى زىدىىيەت كىلىپ چىققانلغىنى ئاڭلىماپتىمەن ،مۇشۇ ئوبلاستىلار قۇرۇلغاندىن بىرى قېرىنداش مىللەتلەر ئارسىغا ئىتىتىپاقسىزلىق ئۇرۇقى چېچىلپ كەتتى ،ئۇلۇغ جۇڭخۇا جۆمىھۇرىيتىنىڭ ئىتىتىپاقلىق سىياسىتى خاتامۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ ؟

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 16:45 |
Berdem
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 40720
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 65
شۆھرەت: 66 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 650 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 248(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-27

 

ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ مەمۇرى دەرىجىسى ئالاھىدە بولۇپ، ئۇ ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى قالغان 4 ئوبلاستقا ئوخشىمايدۇ، يەنى بورتالا موڭغول، سانجى خۇيزۇ، بايانغول مۇڭغول، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستلىرى ۋىلايەت دەرىجىلىك بولۇپ ، باشقا ۋىلايەتلەر بىلەن تەڭ دەرىجىدە. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە شەرقىي شىمالدىكى يەنبىيەن كورەي (چاۋشىيەن) ئاپتونۇم ئوبلاستى بولسا مەملىكىتىمىزدىكى ئالاھىدە ئىككى ئوبلاست بولۇپ مەمۇرىي دەرىجىسى مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك، يەنى ئاپتونۇم رايونىمىزدىن پەقەت يېرىم دەرىجىلا تۈۋەن تۇرىدۇ. شۇڭا ئاپتونوم رايوننىڭ قىزىل باشلىق ھۈججىتىدە باشتا ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستى دەپ ئىسمى تىلغا ئىلىنىدۇ.

بۇ دۇنيا بىرگە بىر چىدىساڭ ياشا !
http://abral.blogbus.com
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 18:08 |
il-erdem
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 31859
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 531
شۆھرەت: 532 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5200 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1448(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

Quote:
بۇ مەزمون10قەۋەتتىكىBerdemنىڭ2009-05-27 18:08 دە يوللىغان يازمىسى :
ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ مەمۇرى دەرىجىسى ئالاھىدە بولۇپ، ئۇ ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى قالغان 4 ئوبلاستقا ئوخشىمايدۇ، يەنى بورتالا موڭغول، سانجى خۇيزۇ، بايانغول مۇڭغول، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستلىرى ۋىلايەت دەرىجىلىك بولۇپ ، باشقا ۋىلايەتلەر بىلەن تەڭ دەرىجىدە. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە شەرقىي شىمالدىكى يەنبىيەن كورەي (چاۋشىيەن) ئاپتونۇم ئوبلاستى بولسا مەملىكىتىمىزدىكى ئالاھىدە ئىككى ئوبلاست بولۇپ مەمۇرىي دەرىجىسى مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك، يەنى ئاپتونۇم رايونىمىزدىن پەقەت يېرىم دەرىجىلا تۈۋەن تۇرىدۇ. شۇڭا ئاپتونوم رايوننىڭ قىزىل باشلىق ھۈججىتىدە باشتا ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستى دەپ ئىسمى تىلغا ئىلىنىدۇ.

دانا تەدبىر، يىراقنى كۆزلىگەن ئىستىراتىگىيە.

چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 18:36 |
قورغان
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 90261
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-27

 

ۋىلايەت تۇرىۋەرسە بولاتتى ، ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى بىلەن ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىقنىڭ ئىككى ئۇقۇم ، گەرچە دەرىجىسى كۆتۈرۈلگگن بولسىمۇ ، لىكىن پايدىدىن زېيىنى كۆپ دەپ قارايمەن .

چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 18:41 |
زةپةر406
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 91256
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 157
شۆھرەت: 157 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1570 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

ئۇھ.ئىلى، ئالتاي،تارباغاتاي دەپ-ھە بىر چاغلار

چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 19:25 |
جاغىستاي
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 8464
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 238
شۆھرەت: 261 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3606 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

 

نىمىشقا  رەھمەتلىك بۇلۇپ قالدى ، ھازىر ۋىلايەت ئەمەسما ؟؟؟


ماۋزىدۇڭ قاچان ئۆلگەن دىگەندەكلا گەپ بوپتۇ بۇ ھە !!!
            

يۇرتۋازلىق ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئەڭ يامان ئىللەت...
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 19:29 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
XabnamBBS » ئۆزىمىزگە نەزەر
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:05-30 03:52, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ