« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 3218 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 2009.05.22 كۇنىدىكى جۈمەخۇتبىسىنىڭ  قىسقىچە پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

watandaxbiz
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 55513
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 88
شۆھرەت: 89 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 860 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 391(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-27

 مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 2009.05.22 كۇنىدىكى جۈمەخۇتبىسىنىڭ  قىسقىچە

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ھەر-تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىنايدۇ

قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 27/5/1430ھـ2009-يىلى05-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇمەيد سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ھەر-تۈرلۈك مۇسىبەت ۋە تەبىئى ئاپەتلەرنى بېرىش ئارقىلىق سىنايدىغانلىقى، تەبىئى ئاپەتكە ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارغا، ئىنسانلارنىڭ قانداق پوزىتسىيىدە بولىدىغانلىقىنى كۈزۈتۈدىغانلىقى، ئاللاھ ئۆز قۇدرىتىنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارغا تەۋبە قىلىۋېلىش پۇرسىتى بېرىش ئارقىلىق پەرۋەردىگارىنىڭ ھەققىنى ساغلام رەۋىشتە ئادا قىلىشىنى تەقەززا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.

مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 2009.05.22 كۇنىدىكى جۈمەخۇتبىسىنىڭ  قىسقىچەمەزمۇنى


ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"ئاللاھ ئىنسانلارنى ياخشىلىق-يامانلىق، ئامانلىق- قورقۇنچ ۋ ە تەبىئى ئاپەتلەر ئارقىلىق سىنايدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قانۇنىيىتى ئىنسانلارنى دۇنيادا ياخشىلىق - يامانلىق، ئامانلىق-قورقۇنچ، بايلىق-كەمبەغەللىك ۋە شۇنىڭدەك ئوخشاش بولمىغان سىناقلار ئارقىلىق سىناشنى تەقەززا قىلىدۇ . بۇ سىناقلار ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ دىللىرى ئويغىنىدۇ، ئىمانى كۈچلىنىدۇ.

كۆزىتىشلەرگە قارىغاندا يەرشارىدا ئۆزگىرىشلەر، تەبىئىي ئاپەتلەر بۇ ئەسىردە ئىلگىركى ئەسىرلەرگە قارىغاندا 4 ھەسسە ئېشىپكەتكەن. بولۇپمۇ يەر تەۋرەش ئاپىتى ئۆتكەن ئەسىرگە قارىغاندا، بۇ ئەسىر كىرگەندىن بىرى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن. بۇ ئاپەتلەر ئۈستىدە ئويلىنىدىغان بولساق، يەرتەۋرەش ئاپىتى، سۇ ئاپىتى، بوران-چاپقۇن ئاپىتى، ۋابا، يۇقۇملۇق كېسەللىرى ئىنساننى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە كۆپەيگەن. تارقىلىۋاتقان كېسەللەر داۋاسىز، سىرى ئاشكارىلانمىغان كېسەللەر بولۇپ چاقماق تېزلىكىدە يامراپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى قاپلىماقتا. قۇش زۇكۇمى، سارس، چوشقا زۇكۇمى، پاشا ۋىرۇسى دېگەنلەرگە ئوخشاش ۋىرۇسلار ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىغا تەھدىت بولماقتا. دۇنيانىڭ سەھىيە مەيدانلىرىدىكى مۇدھىش تەرەققىياتى ھازىرغىچە ئىنسانلارنى بۇ ۋىرۇسلارنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان چارە-تەدبىرلەرنى ئىجاد قىلىشتىن ئاجىز قالدۇرماقتا. قىسقىسى بۇ ۋىرۇسلار ئاللاھنىڭ قۇرۇغلۇق ۋ ە دېڭىزدىكى ئەسكەرلىرىدۇر. بۇ ئەسكەرلەرنىڭ سانىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ ئەسكەرلىرى تۈگىمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىمۇ تۈگىمەيدىغان چەكسىز ۋە تەڭداشسىز قۇدرەتتۇر. يەرشارىدىكى ئىنسانلار، جىنلار، زېمىنلار، ئاسمانلار، ھاۋا، دېڭىز، يۇلتۇزلار، ئاسمان جىسىملىرى، بىز بىلىدىغان-بىلمەيدىغان مەخلۇقلار ھەممىسى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنىڭ سىرتىغا چىقالمايدۇ، ئىرادىسىدىن تاشقىرى ھەركەت قىلالمايدۇ. ئاللاھ خالىغاننى تۇتىدۇ، خالىغاننى قويىۋېتىدۇ. دۇنيانىڭ زالىملىرى قانچە كۈچلۈك ۋ ە قۇدرەتلىك، زامانىۋى تېخنىكىلارغا ئىگە بولسۇن ئاللاھنىڭ قۇدرىتى، قەھرى غەزىپى ئالدىدا ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. ئاللاھ خالىسا دۇنيانى بىر سىكىنۇتتا ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن. بۇ ھالاكەتكە ئۇچرىتىش، سۇ ئارقىلىق، ھاۋا ئارقىلىق، ۋابا- مىكروب ئارقىلىق بولىشى مۇمكىن. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئالدىدا دۆلەتلەرنىڭ ھەربى ئۈستۈنلۈكى، زامانىۋى تېخنىكىسى، ئىقتىسادى كۈچى ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. شۇنچە قۇدرەتلىك كۈچلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسىدىكى ئاپەتلەرنى توسۇش ياكى ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن مىليارلارچە مەبلەغ چىقىم قىلىپ ئاپەت يۈز بېرىشتىن بورۇن قاچان ۋە قەيەردە يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىشكە تىرىشقان بولسىمۇ ھازىرغىچە نەتىجە يارىتالىغىنى يوق. ئاللاھنىڭ ئازابى، سىناق ئىمتىھانلىرى ئويلىمىغان ۋە كۈتۈلمىگەن ۋاقىتلاردا يۈز بېرىدۇ. يۈز بېرىۋاتقان تەبىئى ئاپەتلەر ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەردۇر. ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئالدىدا ھېچقانداق تەدبىر ئىشلىمەيدۇ. ئىنسانلار بۇ ئاپەتلەردىن ئىبرەت ئېلىشى كېرەك. ئاللاھ بۇنداق ئاپەتلەرنى، قورقۇتۇش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىمىز دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كۈن تۇتۇلۇش، ئاي تۇتۇلۇشلار ئاللاھنىڭ دەلىللىرىدىن بولۇپ، بەندىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر، دېگەن.

ئىنسان ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئېلىپ قېچىلىۋاتقان، ئۆلتۈرلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىشىمۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بولۇپ، ئىبرەت ئېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ .  يۈزبېرىۋاتقان تەبىئىي ئاپەتلەر، ئەلۋەتتە ئاللاھ تەرىپىدىن بىز ئىنسانلارغا ئىبرەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئىشلاردۇر. تەبىئىي ئاپەتلەر ئىنساننى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىدۇ، بۇنىڭدىن مۆمىنلەر ئىبرەت ئالسا، كافىرلار تىخىمۇ گۇمراھلىققا چۆمىدۇ.

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقىتتا ئىنسانلارنى تەبىئىي ئاپەتلەر بىلەن جازالىماسلىققا ۋەدە بەرگەن تۇرۇقلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  ھاۋا بۇزۇلغان، بوران چىققان ۋاقىتلاردا ئەندىشىدىن چىرايى ئۆزگىرىپ كېتەتتى. ئۆيگە كىرەتتى، سىرتقا چىقاتتى. « ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا : ئى رەسۇلۇللاھ سىزگە نېمە بولدى دەپ سورىسا، بۇ ئاللاھنىڭ ئازابى ئەمەس دەپ كىم ئېيتالايدۇ، ئىلگىرىكىلەر يامغۇر ياغقاندا بۇ ئۆتكۈنچى يامغۇر دەپ پەرۋا قىلماستىن غەرق بولۇپ تۈگىگەنىدى » دەيتتى.  ئاللاھ سۇ، بوران، يەرتەۋرەش، يۇقۇملۇق كېسەلگە ئوخشاش ئاپەتلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق پۇلدار بايلارنى سىنايدۇ، پۇللىرىنى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتەلەمدۇ يوق دەپ سىنايدۇ .

ئاپەتكە ئۇچرىغانلار يېمەك-ئىچمەك، كېيىم-كېچەك، يوتقان-كۆرپە، ئۆي-جايغا مۇھتاج، ئۇلارغا ياردەم بېرىش بايلارنىڭ مەجبۇرىيىتى ئەگەر ئۇلار شۇنداق ھالقىلىق پەيتتە مەسئۇلىيتىنى تونۇماستىن يەنە بېخىللىق قىلىپ تۇرۇۋالسا ئۇنداقلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئازابىنى كۈتۈپ تۇرماقتىن باشقا چارە يوق.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى دېڭىز ئوكيانلار تىترەيدۇ، تاغلار يېرىلىدۇ، جانلار ھالاك بولىدۇ دىللار تىترىمەيدۇ، دۆلەتلەر يىمىرىلىدۇ، قەلبلەر تىترىمەيدۇ. يەرلەر تەۋرەپ كېتىدۇ ئادەم پىسەنت قىلمايدۇ.

بىز ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئويلايدىغان، ماڭغان يوللىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىدىغان بولساق، ئىنساندىكى دەھشەتلىك جۈرئەتنى كۆرمىكىمىز ئانچە قىيىن ئەمەس.ئىنسان قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئاللاھنىڭ ھۆرمىتىگە تاجاۋۇز قىلىدۇ . چەكلىگەن، ھارام قىلىنغان ئىشلارنى سادىر قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا پىسەنت قىلمايدۇ، چەكلىمىلىرىگە تاجاۋۇز قىلىدۇ. ئىبادەت، مۇئامىلە، ھەق-ھۇقۇقلارنى ئادا قىلىشتا مەسئۇلىيىتىنى تونۇمايدۇ.

ئىنسان شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئاللاھنىڭ ھىلىسىدىن ھېچكىم قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ.

مۇسۇلمانلارغا بالا-مۇسىبەت قانچە كۆپ ۋە چوڭ بولسا ئەجىر-ساۋاپمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ ( ئەگەر سەۋر قىلسا). ئاللاھ ئۆزى ياخشى كۆرگەن قە ۋ منى بالا-مۇسىبەت بىلەن سىنايدۇ. رازى بولۇپ سەبىر قىلغانلارغا ئاللاھنىڭ رىزالىقى بار، غەزەپلەنگەنلەر ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ. ئاللاھ ياخشى كۆرگەن بەندىسىگە بۇ دۇنيادا ئازاپ ئەۋەتىپ پاكلايدۇ، ئاللاھ يامانلىق ئىرادە قىلغان كىشىگە مۆھلەت بېرىپ قىيامەتكىچە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. شۇ ھەقىقەتنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ئاللاھنىڭ ئىمتىھانلىرىغا رازى بولۇش قازا ۋە قەدەرگە رازى بولۇش، سەۋەپ قىلماي كۈتۈپ تۇرۇش دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى سەۋەپ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن تەقدىرىگە قېچىش دېمەكتۇر. كۈتۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا تەبىئى ئاپەتلەرنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشتىن ئاگاھ بولۇپ، داۋاملىق پەخەس بولۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. تەبىئى ئاپەتلەرگە يولۇقماسلىق ئۈچۈن تەۋبە-ئىستىغفارنى كۆپ قىلىش كېرەك . ئىنسان داۋاملىق ئۆز-ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇش لازىم. سەدىقىنى كۆپ قىلىش ۋە يوقسۇللارنى يوقلاش لازىم .

ئاللاھ بارچىمىزنى ئاپەت ۋ ە بالا-مۇسىبەتلەردىن ساقلىسۇن ئامىن!.

مەنبە:http://www.islamhouse.com/p/208679

تېما تەستىقلىغۇچى : ئۇيغۇرئاي
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-05-26, 13:46

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+10(firkat)
  • شەبنەم ناخشىسى
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-26 20:27 |
    ئىزنا سودا بازىسى
    quxtikiakku
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 54821
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 423
    شۆھرەت: 424 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3090 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 540(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

     

    ئاللاھ بىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي.

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-26 22:29 |
    مۆمىنجان ئابلىكىم
    bbs-kor
    دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


    UID نۇمۇرى : 90905
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 24
    شۆھرەت: 24 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 240 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-26

     

    ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-26 22:39 |
    مۆمىنجان ئابلىكىم
    xawkiya
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 70692
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2
    شۆھرەت: 2 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 20 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-26

     

    بۇ خۇتبە تەرجىمىسىنى يوللىغان ئەجرىڭىزگى كوپ رەھمىت!   ئاللاھ ئەجرڭىزنى بەرگەي.ئاللاھنىڭ بىزلەرگە بەرگەنلىرگە مىڭلارچە شۈكرى.قۇدرەتلىك ئاللاھ ھەممەمىزنى شەيتاننىڭ ئازدۇرشىدىن ئوز پاناھىدا ساقلىغاي ئامىن.  

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-26 22:45 |
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    kirim
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 28432
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 111
    شۆھرەت: 112 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1109 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 144(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

     

    ئاللا ھەممىدىن ئولوغ! ئاللا ھەممىگە قادىر!

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-26 22:50 |
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    tograh0997
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 38094
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 7734
    شۆھرەت: 7978 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 858997319 سوم
    تۆھپە: 142 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 321 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1764(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

    ئاللا ئىگەم ھەممىگە قادىر

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    ./read.php?tid-62328.html
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-26 23:09 |
    شەبنەم ناخشىسى
    ★33.Music★
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 67675
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 83
    شۆھرەت: 83 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 564 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 273(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

     

    ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلۇغ..........................

    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-26 23:36 |
    شەبنەم ناخشىسى
    زةپةر406
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 91256
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 157
    شۆھرەت: 157 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1570 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

    ئاللا ئۇلۇغدۇر،ئەجىرىڭىزگە رەھمەت.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-26 23:39 |
    XAKILAT@KIZ
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23029
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 482
    شۆھرەت: 483 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4770 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 816(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-26

     

    ئاللاھ سـزگە كۆپ ئەجـر ئاتا قـلسۇن >>>>>>>>ئامـن>>>>>>>>>>>>>>>>

    مەن ياشايمەن
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 00:10 |
    azmatjan2000
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 56494
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 289
    شۆھرەت: 290 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2890 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 83(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

    ئاللا ئۇلۇغدۇر،ئەجىرىڭىزگە رەھمەت      

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 00:30 |
    subi2009
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 69854
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 858
    شۆھرەت: 5608 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3800 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 374(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

    ئىسىل ناھايتى ياخشى تىمىنى يوللاپسىز،،،
    اللە ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشم،،

    ئادەملەرنىڭ بىلىمى ئاشتى،ياشاش قىيىنلاشتى.
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 00:40 |
    bihubar123
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 62778
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 76
    شۆھرەت: 77 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 760 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 395(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

     

    مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ مەركىزىدىكى جۈمە خۇتبىسى ھەر ھەپتىسى مۇشۇنداق يوللىنىپ تۇرسا نەقەدەر ئەھمىيەتلىك  ئىش بولار ئىدى-ھە.
    ئەجرىڭىزگە رەھمەت،يەنە يوللاپ تۇرارسىز.    

    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 01:25 |
    xayih
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 12829
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 382
    شۆھرەت: 393 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3820 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 296(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

     

    رەھمەت مەن ساقلىۋالدىم.

    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 01:33 |
    0998ezqi
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 39333
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 63
    شۆھرەت: 64 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 520 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1151(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-28

     

    ئاللا ھەممىدىن ئولوغ! ئاللا ھەممىگە قادىر ئاللاھ بىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي رەھمەت مەن ساقلىۋالدىم

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 10:46 |
    layli99
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 63602
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 54
    شۆھرەت: 55 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 430 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 195(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

     

    مەنمۇ ساقلىۋالاي ،ياخشى تېمىكەن ،ھەر جۈمە يوللىغان بولسا ھە

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-27 10:53 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    XabnamBBS » تەرمىلەر
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:05-30 14:51, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ