كوكا-كولا نىڭ ئىنگىلىسچە ماركىسى مۇسۇلمانلارغا قارشى مەنادىمۇ؟ بۇراستمۇ يالغانمۇ؟
يۇقىرىدىكى تېما ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ قىززىقىشىنى قوزغايدۇ.بۇھەقتە كۆپچىلىككە بىر ئېنىق جاۋاپ بېرىش مەقسىتىدە مەن كوكا-كولا شېركىتىنىڭ توربىتىدە تۆۋەندىكى جاۋابقا ئېرىشتم.
تۆۋەندىكى ئادىرىستىن تەرجىمە قىلىنىپ ئېلىندى:
http://www.thecoca-colacompany.com/contactus/myths_rumors/middle_east_subliminal.html بەزى كىشىلەر كوكا-كولا نىڭ ئىنگىلىسچە ماركىسىنىڭ تەتۈر ئوقۇلىشى مۇسۇلمانلارغا قارشى مەنانى بىلدۈرىدۇ دەيدۇ.
بىزنىڭ جاۋابىمىز:
بۇ گەپ يالغان. كوكا-كولا ماركىسى 1886يىلى ئامېرىكىدىكى ئاتلانتا شىتاتىنىڭ جورجىيادا بارلىققا كەلگەن. ئۇ ۋاقىتىتا ئۇيەردە ئەرەب توغىرلىق بىلىدىغانلار يوق دىگىدەك.
يۇقۇرقى گەپ تارقالغاندىن كېيىن ئوتتۇراشەرىقتىكى مۇسۇلمان دىنىي زاتلار بۇگەپنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تەتقىق قىلغان ھەم بۇگەپكە رەددىيە بەرگەن.
1990-يىللىرى، بىر ئالاھىدە كومىتىت سەئۇدى ئەرەبىستاندا قۇرۇلغان.بۇ كومىتىت ئىسلام ھۆكۈمىتى ئىشلىرى ۋەكىلى ، دۆلەت ئىچىدىكى مىنىستىرلار ۋە سانائەت مىنىستىرلىرى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن. كومىتىت بىردەك كوكا-كولا ماركىسى توغىرلىق بۇگەپنىڭ يالغانلىقىنى تەكىتلىگەن. كوكا-كولا ئسلام دىنىغا قارشى ھىچقانداق ئش قىلمىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
2000-يىلى مايدا ئەل-ئەزھەر (ئاھاڭىدىن تەرجىمە قىلىندى. ئىسلام دۆلەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئىنىستىتوتلارنىڭ بىرسى)نىڭ دىنى رەھبىرى بولغان مۈفتى شەيىخ ناسىر فارىد ۋاسسىل ”كوكا-كولا ماركىسى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا ئسلام دىنىنى ھاقارەتلىگىنى يوق “ دىگەن. ھەم بۇتوغىرلىق گەپنىڭ ھىچقانداق ئاساسى بولمىغان يالغان پىتنە-پاسات ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن.
يۇقۇرقى ئادىرىستا مۈفتى شەيىخ ناسىر فارىد ۋاسسىل نىڭ ماقالىسى (ئەرەب تىلىدا يېزىلغان) نىڭ ئۇلنمىسى بار.
ھازىر كوكا-كولا ئىچىملىكى سەئۇدى ئەرەبىستان،تۈركىيە،مىسىر قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ خەلقى ياقتۇرۇپ ئىچىدىغان ئىچىملىكىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.