« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 1371 - كۆرۈرمىنى
ئاچچىق
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 28809
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 87
شۆھرەت: 98 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 880 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

 مــــايــــلامچــــى بـــــــالا

مايلامچى بالا



جۇۋېي



(ھېكايە)




      بۇ 15 يىل بۇرۇنقى ئىش ئىدى. شۇ چاغدا مەن بۇ شەھەرگە كاماندىروپكىغا كەلگەن بولۇپ، سودامنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، خىزمەتداشلىرىمغا ئاز – تولىدىن سوۋغات ئېلىۋېلىش ئۈچۈن بازارغا چىققانىدىم. ئادەتتە بازار ئايلانسام يېنىمغا پارچە پۇل سېلىۋالاتتىم، چۈنكى سودا سارايلىرىنىڭ ئەتراپىدا تىلەمچىلەر كۆپ ئىدى، ئۇلارغا بىر – ئىككى يۈەندىن سەدىقە بەرسەم كۆڭلۈم ئارام تېپىپ قالاتتى.

      شۇ كۈنىمۇ شۇنداق بولدى، يانچۇقۇمغا ئادىتىم بويىچە پارچە پۇل سېلىۋېلىپ، ئون نەچچە يۈەننى بىرنەچچە بالا تىلەمچىگە تارقىتىپ بەردىم. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، بىر ئوغۇل بالىنىڭ بىر پارچە تاختاينى ئېگىز كۆتۈرۈپ ماڭا كۆرسىتىۋاتقانلىقىنىغا نەزىرىم چۈشتى. مەن ئىختىيارسىز ئۇنىڭ يېنىغا باردىم. ئۇ تەخمىنەن 13 – 14 ياشلار چامىسىدىكى بالا ئىدى. كىيىملىرى كونا بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى پاكىز ئىدى، چاچلىرىمۇ رەتلىك تارالغانىدى. ئۇ باشقىلارنىڭ قولىغا قاراپ جان باقىدىغان كىشىگە ئوخشىمايتتى. ئۇ كۆتۈرۈۋالغان تاختاينىڭ بىر تەرىپىگە بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئاياغ مايلاۋاتقان رەسىمى سىزىلغان، يەنە بىر تەرىپىگە ‹‹مەن مايلامچىلىق ساندۇقىغا موھتاج›› دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى.

     شۇ چاغلاردا مەن مەبلەغ سېلىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتاتتىم، مېنىڭ يەنە خېلى ۋاقتىم بار ئىدى، شۇڭا بالىدىن

    ساڭا قانچە پۇل لازىم؟ دەپ سورىدىم.
    –  12 يۈەن،  دېدى بالا.

    مەن بېشىمنى چايقاپ، ساندۇق بەك قىممەتكەن، دېدىم. ئۇ قىممەت ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە توپ تارقىتىش بازىرىغا تۆت قېتىم بارغانلىقىنى، ئالماقچى بولغان مايلامچىلىق ساندۇقى، ئورۇندۇق، تازىلاش مايلىرى، يۇمشاق چوتكا، سەر خىل ئاياغ مېيىدىن ئون نەچچە خىلنى كۆرۈپ قويغانلىقىنى، 125 يۈەن بولمىسا ئۇ نەرسىلەرنى سېتىۋالالمايدىغانلىقىنى ئېنىق تەلەپپۇز بىلەن توغرا ۋە سىستېمىلىق سۆزلەپ بەردى.

    مەن ئۇنىڭدىن ھازىرغىچە قانچىلىك پۇل تاپقانلىقىنى سورىۋېدىم، ئۇ 35 يۈەن تاپقانلىقىنى، يەنە 90 يۈەن كەملەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭغا ناھايىتى ئەستايىدىل دىققەت قىلدىم، ئۇ ھەرگىزمۇ ئالدامچىغا ئوخشىمايتتى، شۇڭا يانچۇقۇمدىن 90 يۈەن چىقىرىپ ئۇنىڭغا:

    –مانا بۇ 90 يۈەننى ئال، بۇ مېنىڭ ساڭا مەبلەغ سالغىنىم بوپ قالسۇن، ئەمما مېنىڭ بىر شەرتىم بار، سەن مۇشۇ پۇلنى ئالغان مىنۇتتىن باشلاپ ئىككىمىز ھەمكارلاشقۇچىغا ئايلىنىمىز. مەن بۇ شەھەردە يەنە بەش كۈن تۇرىمەن، سەن مۇشۇ بەش كۈن ئىچىدە 90 يۈەننى تولۇق قايتۇرۇش بىلەن بىللە، بىر يۈەن ئۆسۈمىنىمۇ قوشۇپ قايتۇرىسەن. بۇ شەرتكە قوشۇلساڭ، بۇ 90 يۈەن سېنىڭ بولىدۇ، دېدىم.

    بالا ماڭا ھاياجان بىلەن قارىدى ۋە تەلىپىمگە قوشۇلدى. ئۇ ماڭا 6 – يىللىقتا ئوقۇيدىغانلىقىنى، ھەپتىدە ئۈچ كۈنلا دەرسكە بارىدىغانلىقىنى، قالغان كۈنلەردە قوي – كالا باقىدىغانلىقىنى، ئانىسىغا ياردەملىشىپ دېھقانچىلىق قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ئالدىنقى 3 – لىكتىن ھەرگىز چۈشۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. مەن ئۇنىڭدىن نېمىشقا مايلامچىلىق ساندۇقى سېتىۋالىدىغانلىقىنى سورىۋېدىم، ئۇ ماڭا ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقىنى، يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ ئوقۇش پۇلىنى غەملىمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

     مەن بىر خىل قايىللىق نەزىرى بىلەن بالىغا قارىدىم، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە توپ تارقىتىش بازىرىغا بېرىپ، ئۇ ئېھتىياجلىق بولغان مايلامچىلىق ساندۇقى ۋە باشقا كېرەكلىك بۇيۇملارنى سېتىۋالدۇق. بالا ساندۇقنى يۈدۈپ كېلىپ،  سودا سارىيىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ مايلامچىلىق قىلماقچى بولدى. مەن بېشىمنى چايقاپ:

    – سەن بىلەن ھەمكارلاشقۇچى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن مەبلەغنىڭ دىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ سېنىڭ مۇۋاپىق جاينى تاللاپ تىجارەت قىلىشىڭنى ئەسكەرتىپ قويۇش مەجبۇرىيىتىم بار. سودا سارىيىنىڭ ئىچىدە ھەقسىز ئاياغ سۈرتكۈچ بارلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ.

    بالا بىردەم ئويلىنىۋېلىپ ئاندىن:

    – ئۇدۇلدىكى مېھمانخانىنى تاللىسام قانداق؟ دېدى.

    مەن ئىچىمدە بۇ دېگەن ساياھەت شەھىرى، كۈندە نۇرغۇن ئادەم بۇ مېھمانخانىغا چۈشىدۇ، ئۇلار ساياھەت قىلىپ چارچايدۇ، ئەتىسى سەپەرگە چىقىش ئالدىدا چوقۇم ئاياغلىرىنى مايلىتىدۇ، دەپ ئويلىدىم ۋە ئۇنىڭ تاللىشىغا قوشۇلدۇم.

    شۇنداق قىلىپ ئۇ مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا بىر بۇلۇڭغا كېلىپ ساندۇقىنى يەرگە قويدى، ئەتراپتا ئادەم يوقلۇقىنى كۆرۈپ، مەندىن:
   – نېمىشقا ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا مەندىن بىر يۈەن ئۆسۈمنى ئېلىۋالمايسىز؟ دەپ سورىدى.

    مەن پىخىلداپ كۈلۈپ كەتتىم، ئۇ بەك ئەقىللىق بالا ئىدى، چۈنكى ئۇ ئايىغىمنى مايلاپ قويۇش بەدىلىگە ھېلىقى بىر يۈەن ئۆسۈمنى قايتۇرۇۋەتمەكچى بولدى. مەن ئۇنىڭ ئەقلىدىن سۆيۈنۈپ، ئۇنىڭ ئورۇندۇقىدا ئولتۇردۇم، ئاندىن:

    – ئەگەر ياخشى مايلىيالمىساڭ، سەن يالغان ئېيتقان بولىسەن، مەنمۇ سەمىمىيەتسىز ئادەمگە مەبلەغ سالغىنىم ئۈچۈن مەغلۇپ بولغان بولىمەن،  دېدىم.

    بالا بېشىنى مەغرۇرلۇق بىلەن كۆتۈرۈپ، قالتىس ماھارىتى بارلىقىنى، ئۆيىدە بىر ئاي ئاياغ مايلاش مەشىقى قىلغانلىقىنى، يېزىدا ياخشى ئايىغى بار ئادەمنىڭ بارلىقىنى بىلسىلا بىر – بىرلەپ ئۇلارنى ئىزدەپ ئۆيىگە بېرىپ، ئاياغلىرىنى مايلاپ پارقىرىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

     بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئۇ ئايىغىمنى مايلاپ پارقىرىتىۋەتتى، مەن رازىلىق بىلەن بېشىمنى لىڭشىتتىم ھەم يانچۇقۇمدىن قىزىل رەڭلىك قەلىمىمنى چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئوڭ – سول يۈزىگە ‹‹قالتىس›› دېگەن خەتنى يېزىپ قويدۇم. ئۇ ناھايىتى خۇشال بولدى.  دەل مۇشۇ ۋاقىتتا لىققىدە ساياھەتچى چۈشكەن بىر مىنىبۇس مېھمانخانا ئالدىدا توختىدى، ئۇ مايلامچىلىق ساندۇقىنى يۈدۈپ ئۇلار تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى، ئاندىن يۈزىدىكى خەتنى مىنىبۇستىن چۈشكەن ساياھەتچىلەرگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ:

    – مانا بۇ خېرىدارلارنىڭ ماڭا بەرگەن ئالىي مۇكاپاتى، سىناپ باقامسىز؟ مەن ئايىغىڭىزنى مايلاپ ئەينەكتەك پارقىرىتىۋېتىمەن،  دەپ خېرىدار جەلپ قىلىشقا باشلىدى...

     ئەتىسى ئەتىگەندىلا مېھمانخانا ئالدىغا كەلدىم، ئۇ مەندىن بۇرۇن كېلىپ بولغانىدى. ئۇ ماڭا تۈنۈگۈن 50 يۈەن تاپقانلىقىنى، ماڭا بېرىدىغان 18 يۈەننى ۋە تاماق يېگەن ئۈچ يۈەننى چىقىرىۋەتكەندە، ئۆزىگە 29 يۈەن قالغانلىقىنى ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بەردى. مەن ئۇنى ماختىدىم. ئۇ يەنە تۈنۈگۈن مېھمانخانىدا ياتقانلىقىنى، لېكىن خوجايىنغا بەش يۈەن ياتاق ھەققىنى تاپشۇرمىغانلىقىنى ئېيتتى، مەن ئۇنىڭدىن پۇلنى نېمىشقا بەرمىگەنلىكىنى سورىۋېدىم، ئۇ ئىپتىخارلانغان ھالدا:

    –مەن خوجايىن بىلەن خانىمنىڭ ئون نەچچە جۈپ ئايىغىنى مايلاپ بەردىم، بۈگۈنمۇ پۇل تۆلىمەي ياتىمەن، دېدى.

    بەش كۈن ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كەتتى، بۇ بەش كۈن ئىچىدە مايلامچى بالا ماڭا ھەر كۈنى 18 يۈەندىن، جەمئىي 90 يۈەننى قايتۇرۇپ بەردى. ئۇ مېنىڭ بېيجىڭدىكى مەلۇم مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ مېنى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئاندىن كىچىككىنە قاپقارا قولىنى چىقىرىپ ماڭا تەڭلىدى، ئىككىمىز قوللىرىمىزنى چىڭ سىقىشىپ خوشلاشتۇق...

    مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 15 يىل ئۆتۈپ كەتتى.

     مەن ئەسلىدىكى مەبلەغ سېلىش شىركىتىدىن ئايرىلىپ، ئۆز ئالدىمغا بىر سودا شىركىتى قۇرغانىدىم. بۈگۈن ئىشخانامدا ناھايىتى جىددىي ئىشلەۋاتاتتىم، چۈنكى شىركەتتە كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بېرىپ، چوڭ زىيان تارتقان، شۇ تۈپەيلى جىددىي مەبلەغكە ئېھتىياجلىق بولۇپ تۇرغانىدۇق. شۇڭا ھەر تەرەپكە تېلېفون ئۇرۇپ قەرز سۈيلەۋاتاتتىم. تېلېفوننى ئەمدىلا قويۇپ تۇرۇشۇمغا كاتىپىم كىرىپ، بىر يىگىتنىڭ مېنى چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى، مەن بېشىمنىمۇ كۆتۈرمەي ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىدىم، كاتىپىم بىر دانە ئاچقۇچ ئاسىدىغان زەنجىرنى ئۈستىلىمگە قويۇپ قويدى، ئۇنىڭغا قاراپ ھەيرانلىقتا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم، زەنجىرگە كىچىككىنە ئەينەك ئېيىق ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بېشىغا ‹‹قالتىس›› دېگەن خەت ئويۇلغانىدى.

     مەن ئېسىمگە ئالدىم، 15 يىل ئىلگىرى ھېلىقى مايلامچى بالا بىلەن قول سىقىشىپ خوشلىشىۋاتقاندا، مەن بۇ زەنجىرنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغانىدىم.

    چۈشتە مەن رېستورانغا بېرىپ سالاپەتلىك، كېلىشكەن بىر يىگىت بىلەن كۆرۈشتۈم، ئۇ ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن ماڭا ئىگىلىپ تۇرۇپ سالام قىلدى. ئۇنىڭ چىرايىدىن مەن ئەينى يىللاردىكى مايلامچى بالىنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم. چاي ئىچىۋاتقاندا ئۇ يانچۇقىدىن 5 مىليون يۈەنلىك چەكتىن بىرنى چىقىرىپ:

   – مەن سىلەرنىڭ شىركەتكە مەبلەغ سالماقچىمەن، بەش يىلدىن كېيىن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇۋالىمەن، دېدى.

    5 مىليون يۈەن ھازىر ھەقىقەتەنمۇ مېنى چوڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالايتتى.

    يىگىت كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

    – 15 يىل ئىلگىرى سىز مانا مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ماڭا قانداق ياشاشنى ئۆگەتكەنىدىڭىز. مەن مايلامچىلىق قىلىپ ئاز – ئازدىن پۇل يىغدىم، مانا ھازىر شىركىتىم بار، بۇ 5 مىليون يۈەن مەبلەغنى سېلىش ئارقىلىق مەنمۇ پەۋقۇلئاددە ئۆسۈمگە ئېرىشمەكچىمەن، دېدى.

    مەن ئۇنىڭدىن قانچىلىك ئۆسۈم ئالىدىغانلىقىنى سورىدىم، ئۇ چىرايىنى قىلچە ئۆزگەرتمەي:

    – بىر يۈەن، دەپ جاۋاب بەردى.

    مەن كۈلۈمسىرىگىنىمچە ئۈنسىز ئولتۇرۇپ قالدىم، بۇ مېنىڭ مەبلەغ سېلىش تارىخىمدا ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن چېغىم ئىدى. چۈنكى مەن 90 يۈەن مەبلەغ ئارقىلىق 5 مىليون يۈەنلىك جاۋابقا ئېرىشكەنىدىم. ئۇنىڭ ماڭا ئۇزاتقان ئىسىم كارتۇشكىسىدىن مەن تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ما لۇڭ ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ما لۇڭ دېگەن بۇ ئىسىم ماڭا ناھايىتى تونۇش ئىدى، مەن بۇ ئىسىمنى كۈندە نەچچە قېتىم ئاڭلاپ تۇراتتىم، چۈنكى ئۇ مەبلەغ سالغۇچىلار ساھەسىدە ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتقان قاپلان، سودا ساھەسىدىكى پەۋقۇلئاددە تالانت ئىگىسى ئىدى...
              


   ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمىسى      

تېما تەستىقلىغۇچى : ئۇيغۇرئاي
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-05-26, 06:47

 

شەبنەم ناخشىسى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-26 14:45 |
ئىزنا سودا بازىسى
5253183
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 39108
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 115
شۆھرەت: 121 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1125 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 376(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

ئادەمدە ئەڭ مۇھىمى ئىدىراك، ئاندىن بۇشاشماس تىرىشىش روھى، ھەم بىر نىشان بولوش كېرەك، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن.

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-26 15:17 |
مۆمىنجان ئابلىكىم
padixa51
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 54566
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 663
شۆھرەت: 674 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6558 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 595(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

1-قەۋەت توغرا دەيدۇ مەنمۇ شۇ قاراشتا

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-26 15:38 |
مۆمىنجان ئابلىكىم
BAOAN
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 56380
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1649
شۆھرەت: 1650 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 16490 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 602(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

قول-قۇلنى  يۇسا،  قول  قۇپۇپ  يۇزنى  يۇيۇپتۇ  دىگەن  مۇشۇ  شۇ
بىرەيلەنگە  ياخشىلىق  قىلساق  بۇ  دۇنيادا  قايتمىسا  ئۇ  دۇنيادا  بولسىمۇ  قايتىدۇ       

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-26 15:38 |
شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
قۇمباغ
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 55168
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5349
شۆھرەت: 5810580 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 80 نۇمۇر
ياخشى باھا: 101 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1697(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

بەلكىم ئويلىمغان بولغىدى 5مىليۈننىڭ كېلشىنى؟

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
ئىنسان بۇدۇنيادا نىمە ئۈچۈن ياشايدىغنىنى بىلشى كېرەك. ياشاش ئۈچۈن يەمدۇ ياكى يىيىش ئۈچۈن ياشامدۇ.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-26 16:04 |
شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
enitizar204
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 88734
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 140 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

 

بىزدىمۇ مۇشۇنداق ئىرادە بۇلغان بۇلسىچۇ

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-26 16:04 |
شەبنەم ناخشىسى
padiqiygit
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 54581
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 64
شۆھرەت: 65 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 630 سوم
تۆھپە: 11 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

 

بۇ  ھەقىقەتەن تەربىيەئەھمىيتى زور بىر ھېكايە ئىكەن ،ئادەمنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۇرۇشى ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە ،بىلىغا باغلىق ،پەقەت بىلىنى مەھكەم باغلاپ تىرشسىلا ئۆزى كۆزلىگەن مەنزىلگە يەتمەي قويمايدۇ

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-26 16:22 |
شەبنەم ناخشىسى
uyghur91
دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


UID نۇمۇرى : 90901
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 53
شۆھرەت: 53 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 530 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-26 16:42 |
ALi-music
ئەلى ئاخنىياز
ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 13318
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1067
شۆھرەت: 1078 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10670 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 880(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

ئادەمدە ئەڭ مۇھىمى ئىدىراك، ئاندىن بۇشاشماس تىرىشىش روھى، ھەم بىر نىشان بولوش كېرەك، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن.

چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-26 16:52 |
DAWRAN520
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 85963
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 172
شۆھرەت: 172 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1670 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 52(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-27

 

مەن بۇنداق ھىكايىلەرنى ئوقىسام ،ھاياجاندىن كۆزۈمگە ياش ئولىشىۋالىدۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا بەك ھىسياتچان ئوخشايمەن بەك تەسىرلىك ھىكايىكەن  تېما يوللىغۇچىغا تەشەككۈر

شىنجاڭ تور مەكتىپى
ياشىسۇن !!! ئۇيغۇرۇم ياشىسۇن
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-26 16:57 |
rufeina
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 78416
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 38
شۆھرەت: 38 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 330 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 600(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن.

چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-26 17:02 |
delkax520
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 61247
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 39
شۆھرەت: 20240 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 80 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-26

 

ياق ياق  بۇنىڭ ھەممىسى پۇرسىتنى قانداق قەدىرلەشتىن كىلىدۇ...
پۇرسەت ھەرۋاقىت بار لىكىن قانداق قەدىرلەپ شۇپۇرسەتنى تۇتۇش بۇئۈزىمىزگە باغلىق ....

چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-26 17:04 |
kulupyaxag
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 91286
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-26

 

ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن.   

چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-26 17:13 |
azizam613
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 76085
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 278
شۆھرەت: 278 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2780 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

 

ياخشىلىق ئۇنتۇلمايدۇ . . .

ئىنساپ-ئىمان بىزگە مەڭگۈ ھەمراھ بولسۇن
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-26 17:14 |
daritmankiz
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 86999
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
شۆھرەت: 31 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 280 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-28

 

قىيىن ئش يوق ئالەمدە،كوڭۈل قويغان ئادەمگە دىگەن شۇ دە.

چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-26 18:21 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:05-30 14:51, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ