سىز بۇ تېمىنىڭ 605 - كۆرۈرمىنى
xabnam.com
ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 448
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 99
شۆھرەت: 103 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1020 سوم
تۆھپە: 55 نۇمۇر
ياخشى باھا: 9 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1246(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-28

 كوكا كولا ھەققىدە سۇئال-جاۋابلار (1)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما xabnam.com تەرپىدىن تاقالدى(2009-05-25)
كوكا كولا ھەققىدە سۇئال-جاۋابلار (1)

ئىسپىرىتسىز ئىچىملىكلەر توغىرىسىدىكى سوئالغا جاۋابلار:
ئىسپىرىتسىز ئىچىملىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى بارمۇ-يوق؟
   ئىسپىرىتسىز ئىچىملىكلەر يىمەك-ئىچمەك ئائىلىسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرسى، ئۇلار ”تەڭپۇڭ  ئوزۇقلۇق غىزالىرى“نىڭ بىر تەركىبى قىسمى. مەيلى گازلىق ياكى گازسىز ئىسپىرىتسىز ئىچىملىك بولسۇن ئۇلار ئادەملەر بەدىنىدىكى سۇ مىقدارىنى تولۇقلاشنىڭ مەنبەسى بولالايدۇ. تەركىبىدە بولغان قەنت ئادەم بەدىنىدىكى ئېنىرگىيە ماددا ئالمىشىشتىكى مۇھىم ماددىلارنىڭ بىرسى. بۇنىڭدىن باشقا شېركىتىمىز ئشلەپچىقارغان مىۋە شەربىتى ئىچىملىكلىرىنىڭ تەركىۋىدە ۋىتامىن ،مىنىراللار ۋە باشقا ماددىلارمۇ بار.
نىمىشقا ئوخشىمىغان ۋاقىت ياكى جايدا ئىچكەن كوكا-كولانىڭ تەمىدە ئوخشىماسلىقلار بولىدۇ؟
     ئوخشىمىغان ئىستىمالچىلارنىڭ تەمگە بولغان سېزىمچانلىقىدا چوڭ ئوخشىماسلىقلار بولىدۇ،ھەمدە بىر ئادەمنىڭ تەمگە بولغان سېزىمچانلىقىمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.ئۇ بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئەھۋالى ۋە تەن-سالامەتلىك قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.بۇنىڭدىن باشقا ئوخشاش بىر ماركىلىق ئىسپىرىتسىز ئىچىملىكنىڭ ئوخشىمىغان شارائىتتىكى تەمىدە ھەقىقەتەن كىچىككىنە ئوخشىماسلىق بولىدۇ. تەمگە تەسىر قىلىدىغان ئامىللار: ئىچىملىكنى ئىچكەندىكى تېمپىراتۇرا، ئىچىملىكنى ئىچكەن ۋاقىتتىكى يىمەكلىك ھەمدە ئىچىش ئالدىدىكى ساقلاش شارائىتى قاتارلىقلاردۇر. بۇنىڭدىن سىرت ئىچىملىك تەركىۋىدىكى گاز (كاربون Ⅳ ئوكسىدى)نىڭ ئازلاپ كېتىشى تەمگىمۇ تەسىر قىلىدۇ.

بەزى ئىسپىرىتسىز ئىچىملىكلەر قەنتنىڭ ئورنىغا ----甜味剂-ئىشلىتىلگەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ---甜味剂-”راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى“ دىيىلىدىكەن. سىلەرنىڭ مەھسۇلاتىڭلار قانداق ---ئشلەتتى؟ ئۇلار بىخەتەرمۇ؟
   بەزى ئىسپىرىتسىز ئىچىملىكلەر قەنتنىڭ ئورنىغا ----甜味剂-ئشلەتكەن.بۇنداق قىلىشنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئىسپىرىتسىز ئىچىملىكنىڭ ئەسلىدە بولغان تاتلىق تەمىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ
ئاساسىدا ئىسپىرىتسىز ئىچىملىكنىڭ تەركىبىدىكى ئسسىقلىق مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش، نەتىجىدە  ئىسسىقلىق مىقدارىنى قوبۇل قىلىشنى تېزگىنلەيدىغان كىشىلەر ياكى قەنت مىقدارىنى قوبۇل قىلىشنى تېزگىنلەيدىغان كىشىلەر(مەسىلەن: دىئابىت كېسىلى بارلار) ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تاللاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشتۇر. پەقەت دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ھەم شېركىتىمىزنىڭ بەلگىلىمىسىگە يەتكەن -----لار مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ.ھازىر مەملىكىتىمىزدە
ئشلىتىلىنىدىغان ----甜味剂-لار 甜蜜素、安赛蜜دۇر

ئىسپىرىتسىز ئىچىملىك سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟
جاۋاپ: خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتى سېمىزلىك ساغلام بولمىغان يىمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە تەنھەرىكەت كەمچىل بولغان تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ئورتاق تەسىرىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ.ئادەم بەدىنى قۇبۇل قىلغان ئېنىرگىيە سەرپ قىلغان ئېنىرگىيەدىن يۇقىرى بولغان ۋاقىتتا،ياغ بەدەن ئىچىدە يىغىلىپ قالىدۇ.ھەر بىر گرام قەنت،كاربون سۇ بىرىكمىلىرى(مەسىلەن،كىراخمال) ۋە ئاقسىلنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تەخمىنەن 4كالورىيە،لېكىن ھەر بىر گرام ياغنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى 9 كالورىيە، ھەر بىر گرام ئىسىپىرتنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى 7 كالورىيە كېلىدۇ. يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش مۇتەخەسسىسلىرى غىزالانغاندا ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە ياغنىڭ قۇبۇل قىلىنىشىنى چەكلەش بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى تەدبىرى دەپ قارايدۇ. ئىسپىرىتسىز ئىچىملىك ئادەم بەدىنىنى سۇ مىقدارى ۋە بىر قىسىم ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەم بەدىنىنڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن زۆرۈردۇر. لېكىن ئەسكەرتىش كېرەككى ھەر قانداق يىمەكلىك پەقەت تەڭپۇڭ  ئوزۇقلۇق غىزالىرىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى. ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن بولغان تەڭپۇڭ  ئوزۇقلۇقتىن غىزالىنىش بىلەن مۇۋاپىق تەنھەركەتنى بىرلەشتۈرۈش  سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى.


ئاڭلىشىمچە ” ئادەم نىڭ چىشنى كوكا-كولا غا چىلىغاندا ئېرىپ يوقاپ كېتىدۇ “دەيدۇ بۇگەپ راستمۇ؟
ياق، بۇگەپنىڭ ھىچقانداق ئاساسى يوق. ئەگەر بىر تال چىشنى ھەرقانداق كېسلاتالىق ئېرىتمىنىڭ (مىۋە شەربىتىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) ئىچىگە  سالغاندا ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ تەركىبىدىكى كالتسى ئازىيىپ كېتىدۇ. لېكىن ساغلام چىشنىڭ يۇزىدە بىر قەۋەت مۇستەھكەم珐琅质بولىدۇ. ئۇ كۈچلۈك كېسلاتا ۋە ئاساسقا قارشى ئىقتىدارغا ئىگە.بۇنىڭدىن سىرت، چىشنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا ئىسپىرىتسىز ئىچىملىك ياكى باشقا كېسلاتالىق ئىچىملىك بىلەن ئۇچۇرىشىدىغان ۋاقتى ناھايىتى قىسقا ،ھەمدە بەلغەم كېسلاتالىق ئېرىتمىنى نېيىتراللاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. چىش ئادەم بەدىنىنىڭ بىر قىسمى ،نورمال ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇلىشى چىشقا بولغان رەخمەتنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ.شۇڭا ”گازلىق ئىچىملىك ئىچكەندە چىش ئېرىپ كېتىدۇ“ دىگەن گەپ ئىلمىي ئەمەس. چۈشۈپ كەتكەن چىش يۇقىرقىدەك قوغدىنىشلارنى يوقاتقاندىن كېيىن ئەھۋال ئەلۋەتتە ئوخشىمايدۇدە.



كوففېئىن(咖啡因)نىڭ زىيىنى بارمۇ؟
كوففېئىننىڭ ئىسپىرىتسىز ئىچىملىككە ئشلىتىلگىنىگە 100 يىلدىن ئارتۇق بولدى. ئۇ كوكا-كولا ئالاھىدە تەمىنىڭ بىر مۇھىم تەركىبى. ئۆتكەنكى نەچچە ئون يىلنىڭ ئىچىدە ،كىشىلەر
كوففېئىننىڭ بىخەتەرلىكى توغىرسىدا نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى. ھازىرغا قەدەر ئىسپىرىتسىز ئىچىملىك ئىچىدىكى كوففېئىننىڭ ياكى مۇۋاپىق مىقداردىكى كوففېئىننى ئستىھمال قىلغاندا زىيانلىق بولىدىغىنى توغۇرلۇق ھىچقانداق دەلىل ئىسپات يوق.  ھىچقانداق ئىلمىي تەتقىقات كوففېىننىڭ قان تومۇر كېسەللىكى ، سۈت بېزى تالالىشىش، كۆپىيىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، بالىلار يۈرۈش-تۇرۇش كېسەللىكى،تۇغۇلىشىدىكى كەمچىلىك ۋە ئېغىر خارەكتىرلىق ئۆسمە قاتارلىق كېسەللەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغىنى يوق.
بالىلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئۇلار كوففېئىننىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىشى تېخىمۇ ئاسان ئەمەس ،  ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ تېنى كوففېئىننى تازىلاش سۈرئىتى قۇرامىغا يەتكەنلەرگە قارىغاندا تېز، چۈنكى بالىلار تېنىنىڭ ماددا ئالمىشىشى قۇرامىغا يەتكەنلەرگە قارىغاندا تېز بولىدۇ.

كوففېئىننىڭ غىدىقلاش رولى بارمۇ؟ ئادەم خۇمار بولۇپ قالامدۇ؟
كوففېئىننىڭ غول نېرۋا سېستىمىسىغا ئازغىنا غىدىقلاش رولى بار. تەتقىقاتتا ئېنىقلىشىچە ئادەم بەك چارچاپ كەتكەندە مۇۋاپىق مىقداردىكى كوففېئىن ئادەمنىڭ ئىنكاسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرۈتكە بولالايدۇ. ئەمما چىقانداق تەتقىقات كوففېئىن ئادەم بەدىنىنىڭ مەلۇم ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىپ چارچاشتىن بۇرۇنقى ھالەتتىنمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدىغىنى ئسپاتلانغىنى يوق.
كوففېئىنغا ئادەم خۇمار بولۇپ قالمايدۇ.دورىغا يېلىنىپ قېلىش ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندىكى كوففېئىننىڭ فىزولوگىيىلىك تەسىرى ئۇنىڭ تەسىر قىلىش قانۇنىيىتىىنڭ دورىغا خۇمار بولۇش ياكى  يېلىنىپ قېلىشقا ئوخشاش ئەمەسلىكىنى ئېنىق ئسپاتلاپ بېرىدۇ. بەزى كىشىلەر دائىم كوففېئىن مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغان يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن كېيىن ، تۇيۇقسىز ئازلىتىۋەتسە ياكى توختىتىۋەتسە باش ئاغىرىش، ئاسان سەپرا بولۇش، ھالسىزلىنىش ۋە روھى ھالىتى جىددىلىشىشتەك
ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.لېكىن بۇلار يېنىك ياكى ۋاقىتلىق ئەھۋال ئادەم ئىككى-ئۈچ كۈننىڭ ئىچىدە ئەسلىگە كېلىدۇ. كوففېىئىننىڭ كولا ئىچىدىكى مىقدارى تۆۋەن بولغاچقا (كوكا-كولا نىڭ تەركىۋىدىكى كوففېئىن مىقدارى ئوخشاش ھەجىمدىكى قەھۋەنىڭ ئۈچتىن بىرى ياكى چاينىڭ ئىككىدىن بىرىغا تەڭ)  ئاساسلىقى تەمنى تەڭشەش ئۈچۈن قوشۇلغان. شۇڭا يۇقۇرقىدەك ئەھۋاللار ئىچىملىكنى .ئىچىشنى توختىتىشتىن كېلىپ چىقمايدۇ.

نىمىشقا ئىسپىرىتسىز ئىچىملىككە چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خۇرۇچى سالىدۇ؟ چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان خۇرۇچ سالامەتكە زىيانلىقمۇ؟
   گەرچە كاربونلۇق ئىچىملىكلەر بۇزۇلۇپ قېلىشنىڭ خەتىرىگە ئاسان ئۇچۇرىمىسىمۇ چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خۇرۇچى سېلىش  كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنىڭ تازىلىق بىخەتەرلىكى ۋە تەمىگە كاپالەت قىلىش ئۈچۈندۇر. ئىسپىرىتسىز ئىچىملىككە چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خۇرۇچى سېلىش ياكى سالماسلىق مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەم ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ. ھەممە ئىسپىرىتسىز ئىچىملىككە چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خۇرۇچى قوشۇلغان ئەمەس. مەسىلەن:”كوكا-كولا“ نىڭ تەركىۋىدە چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خۇرۇچى قوشۇلمىغان. ھازىر شېركىتىمىزدە  مەھسۇلاتقا قوشىدىغان چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خۇرۇچلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىنىپ كېلىشتىن باشقا يەنە جۇڭگو سەھىيە نازارىتى تەستىقلىغان. مەھسۇلاتقا قوشۇلغان مىقدارى 《يىمەكلىك خۇرۇچى تازىلىق ئۆلچىمى》2760GB غا مۇۋاپىق كېلىدۇ. شۇنىڭ .ئۈچۈن ئادەمنىڭ سالامەتلىكى كاپالەتكە ئىگە.
  
ئىسپىرىتسىز ئىچىملىكنىڭ فوسفات كېسلاتا تەركىۋى”سۆڭەك بوشاپ كېتىش“ نى كەلتۈرۈپ چىقامدۇ؟ كالتسىنى قوبۇل قىلىشقا تەسر قىلامدۇ؟
     ئۇنداق بولمايدۇ. ئىسپىرىتسىز ئىچىملىكنى ،كولا لىق ئىچىملىكنى ئىچكەندە سۆڭەك بوشاپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقمايدۇ. ”سۆڭەك بوشاپ كېتىش“  كۆپخىل ئامىللاردىن كېلىپ چىققان كېسەل،ئاساسلىقى كالىتسى كەملىك ھەم ئاياللىق ھورمونىنىڭ ئازلاپ كېتىشى قاتارلىقلاردىن كېلپ چىققان. كولالىق ئىچىملىك تەركىۋىدە بولغان فوسفات كېسلاتاسىدىكى فوسفور ئېلىمىنتى سۆڭەكنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. ھازىرغا قەدەر  ئىسپىرىتسىز ئىچىملىكتىكى فوسفات كېسلاتا تەركىبى بىلەن سۆڭەك بوشاشنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگىگە ھىچقانداق دەلىل ئىسپات يوق.
كالىتسىنى قوبۇل قلىنىشىغا تەسىر قىلىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى يىمەكلىك قۇرۇلمىسى (ھايۋانات يىمەكلىكلىرىنىڭ نىسبىتى) ، يىمەكلىكتىكى كالىتسىنىڭ مىقدارى،ۋىتامىن D ۋە ئادەمنىڭ يېشى قاتارلىقلار.بەزى تەتقىقاتلار  فوسفور تەركىۋى يۇقىرى بولغان يىمەكلىك كالتسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر قىلىشى مۇمكىنلىقىنى ئسپاتلىدى. ئەمما كۆپلىگەن تەتقىقاتلار كالتسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئاساسلىقى مۇۋاپىق مىقداردىكى كالتسىنى قوبۇل قىلش ۋە ئېغىرلىق تەنھەركىتى  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇۋاپىق مىقداردىكى ۋىتامىن D نى ئىستىمال قىلىشدىن بولىدىغانلىقىنى  ئىسپاتلىدى.  بۇنىڭدىن باشقا ئىسپىرىتسىز ئىچىملىكتىكى فوسفور تەركىۋى ناھايىتى ئاز بولۇپ،كوكا-كولا نى ئالساق؛ oz8لىق كوكا-كولا نىڭ تەركىبىدە 41مىللىگرام فوسفور بار، ئەمما oz 4لىق دۇفۇ نىڭ تەركىبىدە 185مىللىگرام فوسفور بار.

شەبنەم ناخشىسى
شەبنەم ئۇيغۇر تورى
www.xabnam.com/
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-25 11:26 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » كوكا-كولا سۇئال -جاۋابلىرى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:05-30 03:51, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ