ئىسىم- فامىلىسى: ئەكبەر تۇردى
تۇغۇلغان يۇرتى: ئۈرۈمچى
مىللىتى: ئۇيغۇر
بىلىدىغان تىلى: ئۇيغۇرتىلى، خەنزۇتىلى، ئىتالىيە تىلى
تۇغۇلغان ۋاقتى: 6-ئاينىڭ 22-كۈنى
بوي ئىگىزلىكى: 1.95 سانتىمتىر
ئەكبەر تۇردى15 يېشدىن باشلاپ گىتتارغا ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان، ھەمدە 17 يېشىدا «قەدىمى شەھەر» مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئويۇن قويغان، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئۆزىنىڭ مۇزىكا ھاياتىنى باشلىغان.
1999-يىلى شاڭخەي بىلەن شىنجاڭ بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «باھار بايرىمى» سەنئەت كىچىلىكىگە قاتناشقان.
2000-يىلى غەربى -شىمالدىكى بەش ئۆلكە مودېللار مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ «ئون چوڭ مودېل» نامىغا ۋە
«سەنئەت تالانتى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2000-يىلى شىنجاڭ باھار بايرىمى كىچىلىكىگىدە ئۈنگە ئېلىش خىزمىتىگە قاتناشقان.
2001-يىلى شاڭخەي مودىللار مۇسابىقىسى شىنجاڭ رايونى مۇسابىقىسىدە «مۇنەۋۋەر مودېل» نامىغا ۋە «سەنئەت تالانتى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2001-يىلى شىئەندە ئۆتكۈزۈلگەن مۇزىكا بايرىمىغا قاتناشقان.
2002- يىلى بېيجىڭغا بېرىپ تەرەققىي قىلغان.
2002-يىلى «ئەرلەر كىيىمى» «كۆپ مېدىيالىق دۇنيا» قاتارلىق ژورناللارنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان.
2003-يىلى ئاۋمىن، خېنەن، شاڭخەي، شېنجىن، شىئەن قاتارلىق شەھەرلەردە مۇزىكا كىچىلىكىگە قاتناشقان.
2004-يىلى پۈتۈن زېھنى بىلەن مۇزىكا ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن.
2005-يىلى ئارقا -ئارقىدىن بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلغان چوڭ تىپتىكى مۇزىكا كىچىلىكىگە ۋە كونسۇلخانىدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتكە قاتناشقان.
2007-يىلى ئىتالىيە مىلان شەھىرىدە بىر تەرەپتىن مۇزىكا ئىشلەپ، يەنەبىر تەرەپتىن كەسپىي مودېللىق قىلغان.
2008-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ ئۆز پىلاستىنكىسىنى ئۈنگە ئالغان، ھەمدە مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسى تەرىپىدىن «2009- يىللىق ئىجادىي ناخشىچى» دەپ تەۋسىيە قىلىنغان.
پىلاستىنكىنىڭ شىنجاڭدىكى سېتىلىش ئورنى: ئۈرۈمچى شەھەر شىمالىي ئازاتلىق يولى 337- نومۇر 2-قەۋەت، «ئاجەن چالغۇ- ئەسۋاپلار دۇكىنى»