دوستانە ئۇلىنىش ئىلتىماسى
شەبنەم تورى خادىملىرىغا :
ئەسسالامۇئەلەيكۇم شەبنەم تورىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ، ئالدى بىلەن نۇرقۇت دۇنياسى مەسئۇللىرىدىن سىزلەرگە ھۆرمەت سالىمى يوللايمەن ، ئىشلىرىڭىزلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن .
نۇرقۇت دۇنياسى توريۈزى پروگراممىلىرىنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات نىشانى قىلغان مەخسۇس خاراكتىرلىك پائالىيەت سورۇنى بولۇپ ، دائىملىق ئەزالىرى مەخسۇس مۇشۇ يۈنىلىشتە بىلىم ئىگەللەۋاتقان ، شۇ يۈنىلىشتە ئۈزىنى مۇكەممەللەشتۈرىۋاتقان ئاۋانگارتلاردىن تەشكىل تاپقان .
ئېچىلغىلى بىر يىل بولدى ، ئەمما تەشۋىقات ئېلىپ بارمىغاچقا ھازىر ئانچە ئاۋات ئەمەس . لىكىن بىر يىلدىن بويان بىر قانچە تۈر يۈزى پروگراممىسىنى يۇقىرى سۈپەت بىلەن ئىشلەپ خېرىدارلىمىزنىڭ قولىغا يەتكۈزدۇق . بىز ئىزچىل مۇشۇ يۈنىلىشتە تەرەققىي قىلىمىز .
شەبنەم تورى داڭلىق توربېكەت بولۇش سۈپىتى بىلەن سەرخىل بولغان باشقۇرۇش ۋە تېخنىك خادىملىرى بار ، بۇ جەھەتلەردە بەلكىم بىز شەبنەم تورىغا ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن ، ئەمما بىز قىلالىغۇدەك ئىش بولسا چوقۇم يۇقىرى سۈپەتتە تاماملىيالىيالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىمىز بار .
شەبنەم تورىنىڭ بىزنى دوستانە ئۇلىنىش بېكەتلىرى قاتارىغا قوشۇپ قويۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز ھەم ئىلتىماس قىلىمىز . شەبنەم تورى مەسئۇللىرىنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ
ھۆرمەت بىلەن : نۇرقۇت دۇنياسى
بېكەت ئادرېسىمىز :
http://www.nurqut.com/ud