سىز بۇ تېمىنىڭ 570 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: روھىي كېسەلنىڭ ئايالى قانداق قىلسۇن؟(مازارغوجام) پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

mazargojam
ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 57414
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 481
شۆھرەت: 506 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4825 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 621(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

 روھىي كېسەلنىڭ ئايالى قانداق قىلسۇن؟(مازارغوجام)

  يېقىندا بىر چەت كەنتتىكى 25 ياشلاردىكى بىر چوكان ناھىيىدىن كەلگەن كادىرلارغا دەرت تۆكۈپ، تۇرمۇشتا تارتىۋاتقان بەزى ئېغىر قىيىنچىلىق، روھىي ئازاپلىرىنى بايان قىلدى ۋە ئۆزىنى قانۇن بۇيىچە قوغداشنىڭ يۇلى بار-يوقلىقى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىدى.
     ئۇ ئىختىيارسىز چىقىقۋاتقان كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىغان ھالدا  بوقۇلداپ يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلەيتى .ئۇ چوكان  ھازىرقى ئېرى بىلەن توي قىلغىلى 6-7يىل بولغان بولۇپ، دەسلەپتە ئېرى ساق-سالامەت بولۇپ، مۇناسىۋىتىمۇ بەك ياخشى ئىكەن، مۇشۇ جەرياندا ئۇلار بىر پەرزەنتلىك بوپتۇ (ئۇ پەرزەنتى ھازىر بەش ياشقا كىرىپتۇ). تۆت يىلنىڭ ئالدىدا ئېرى تۇيۇقسىزلا ئۆزىنى باشقۇرالمايدىغان روھىي كېسەلگە دۇچار بولۇپ قاپتۇ. بۇ چوكان ئۆيىگە كىرسە ئېرى ئايالىنى تىللاپ، گېلىدىن سىقىپ ئۇرۇپ كېتىدىكەن. ئۇلار چوڭلار بىلەن بىر ھويلىدا بولۇپ، بۇ چوكان ئېرى روھىي كېسەل بولۇپ قالغاندىن بۇيان ئېرى ئۆيگە كىرگۈزمەي ئۇرىدىغان بولغاچقا قېينئانىسى بىلەن بىرگە ياتىدىكەن. داۋالاتقان بولسىمۇ ھازىرغىچە ئەسلىگە كەلمەپتۇ. بۇ چوكاننىڭ قېينئاتا،قېيىنئانىسى كېلىنىنى <<ئوغلىمىزنى سەن دۇئا ئوقۇتۇپ ساراڭ قىلىپ قويدۇڭ >>دەپ داۋاملىق  قوپال مۇئامىلە قىلىپ خورلايدىكەن . <<ئوغلىمىزنى سەن مۇشۇنداق قىلىپ قويغاندېكىن ئۇ قىلىدىغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى سەن قىلىسەن>>دەپ تاماق ئېتىش، كىر-قات يۇيۇش قاتارلىق ئاياللارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان  ئىشتىن تارتىپ  ئەرلەر قىلىدىغان بارلىق دېھقانچىلىقنىڭ ئېغىر-يېنىك ئىشلىرىغا سالىدىكەن. قولىغا تۈزۈك پۇل بەرمەيدېكەن. بۇ چوكان بۇ خىل خورلۇق ، قىيىنچىلىق دەستىدىن نەچچە قېتىم ئۆلىۋېلىش نىيىتىگىمۇ كېلىپ، ئوماق پەرزەنتىگە قاراپ بۇ نىيىتىدىن يېنىپ يەنىلا چىداپ كېلىۋېتىپتۇ. ئېرى ساقايمىغاندېكىن ئاجىرىشىپ كېتىپ ، تۇرمۇش يۇلىنى باشقىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، پەرزەنتىنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەشنى ئويلاپ، بۇ ئويىنى  باشقىلار ئارقىلىق قېيىنئاتا-قېيىنئانىسىغا دېسە ئۇلار قەتئىي قوشۇلمايدېكەن.
    ناھىيىدىن چىققان كادىرلار بۇ  نازۇك مەسىلىگە دەماللىققا ئوچۇق جاۋاپ بەرمىگەن بولسىمۇ، ئۇ چوكانغا بۇ ئەھۋالنى ئاياللار بىرلەشمىسىگە مەلۇم قىلىش  ئارقىلىق  قانۇن  بۇيىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپىنى بەردى. توۋا، جەمىيەتتە ئادەمنىڭ بېشىغا ئويلاپ باقمىغان دىشۋارىچىلىق كېلىدىكەن. يۇقارقى ئىشتا  بىر قارىسا ئۇ چوكان ئېرىدىن ئاجىرىشىپ كەتسە ۋاپاسىزلىق قىلغاندەك تويۇلىدېكەن، يەنە بىر قارىسا تېخى يەنە نەچچە باھارى بار بۇ چوكانغا ھەقىقەتەن ئۇۋال بولغاندەك قىلىدۇ، بۇنىڭغا قانۇندىن خەۋىرى بار مۇنبەرداشلار ، ئادۇكاتلار مەسلىھەت بېرىپ باقسۇن.

مەنبەسى :ئۆزەم.

شەبنەم ناخشىسى
ھەقنى سۆزلەيمەن.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-20 16:48 |
ئىزنا سودا بازىسى
_Malika_
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 29977
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1121
شۆھرەت: 1127 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2147483647 سوم
تۆھپە: 21 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 985(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-30

 

روھىي كىسەل بولۇپ قالغۇچى گەرچە يولدىشى بولسىمۇ،ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ،ئۇ ئايالنىڭ ئۇنچە خورلۇق تارتىپ كىتىشىنىڭ ئورنى يوق  

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-20 17:27 |
مۆمىنجان ئابلىكىم
nigara616
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 9683
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1664
شۆھرەت: 1664 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 16477 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1441(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29

 

ھەي ،،مۇشۇنداق ئىشلارمۇ بارمىكەن تىخى          

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق ، كۈلەي دەپمۇ كۈلەلمەيمەن ،،،،،،،،،
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-20 18:14 |
مۆمىنجان ئابلىكىم
Ark-zat
ئەمەتجان مۇھەممەت
ئۆمۈرلۈك شەرەپ
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 18
يازما سانى : 5767
شۆھرەت: 6188 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 43770 سوم
تۆھپە: 1041 نۇمۇر
ياخشى باھا: 690 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1035(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-14

 

قېنى قانۇن مۇتخەسسىسلىرى بىرسىمۇ يوققۇ؟ شەبنەم چايخانىسىدىغۇ مەخسۇس«قانۇن مەسلىھەتچىسى» بار ئىدى،ھەر كۈنى كەچتە بىر سائەت ئاۋازلىق ھەقسىز مەسلىھەت بېرەتتى.

مەن بىلىشىمچە دەپ باقاي:
بۇنى يېزا كادىرلىرىغا ياكى يۇرت كاتتىلىرىغا ئىنكاس قىلىپ، ئېرىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق ئېرىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشنى قولغا كەلتۈرسە، ئاندىن داۋالاتسا ،ئەگەر راستلا  داۋالاپ ساقايتىش مۇمكىن بولمايدىغان روھى كېسەل بولسا ئاندىن  بالىنى ساغلام چوڭ قىلىش ئۈچۈن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىپ سوتقا ئەرز سۇنسا بولارمىكىن.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
قوليازمىلىرىمنى رۇخسىتىمسىز ئىشلەتمەڭ!!!
شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ، يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
تېمىلىرىمگە قىزىقسىڭىز بۇ يەرنى چېكىڭ:
Ark-zat.Xabnam.com
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-25 10:13 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » نىكاھ-ئائىلە
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:05-30 03:50, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ