ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار
شىنجاڭ سانائىتىنىڭ باشلامچىللىرى،مىللىي بۇرژۇئازىيىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئۇل سالغۇچىللىرى،خەلقپەرۋەر ئەزىمەت ھۈسەنباي (1844-1936) بىلەن باھاۋۇدۇنباي (1851-1928) ئاتۇش ئىكساقتا ئاتاقلىق كارخانىچى مۇساباي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.ئۇلار كىچىكىدە يۇرتى ئىكساقتىكى دىنىي مەكتەپتە بىلىم ئالغان. مۇساباينىڭ دادىسى ئابدۇرۇسۇلباي ۋاپات بولۇپ پۈتۈن ئىگىلىكى مۇسابايغا قالغاندىن كېيىن ئۇ ئوغلى ھۈسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنباينى ئىلىغا ئېلىپ چىقىپ تىجارەتكە سالغان.بۇ جەرياندا ئۇلار باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى پۈختا ئۈگەنگەن.ئۇلار دەسلەپتە مۇساباينىڭ چارروسىيە بىلەن بولغان خۇسۇسىي سودىسىدا چارروسىيەدە تۇرۇشلۇق سودا ۋەكىلى بولغان ۋە نىژنى نوۋگوردتا يەرمەنكىگە قاتنىشپ بىر قېتىملىق پۇختا سودىدا 100مىڭ تىللا ،يەنى 1 مىليون روبلىلىق پايدىغا ئېرىشكەن .شۇندىن كېيىن روسىيە تەۋەسىدە ئۇلارنىڭ ‹‹مۇسابايېف›› دەپ نامى چىققان. كېيىن مۇساباي بۇلارنى ئىلىغا قايتۇرۇپ كېلىپ كۈرەدە قورغان كۆن- خۇرۇم كارخانىسىغا مەسئۇل قىلغان.
مۇساباي ياشىنىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن تىجارىتىنى باللىرىغا قالدۇرۇپ،جامائەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان كۈنلەردە ،ئائىلە نىزامى بويىچە ھۈسەنباي مۇساباينىڭ ئالتە ئوغلىنىڭ چوڭى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان.1895-يىلى ھۈسەنباي ئىلىدا ‹‹مۇسا ھاجىم بۇرادەرلەر شىركىتى›› نى قۇرغان.ھۈسەنباي 1885-يىللىرى ئىنىسى باھاۋۇدۇنباينىڭ پەننى مەكتەپ قۇرۇش پىلانىنى قوللاپ شىنجاڭ تارىخىدىكى تۇنجى پەننى مەكتەپ –ئىكساك ھۆسەينىيە مەكتىپىنىڭ قۇرۇلىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن.
ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلى ۋادىسىدىكى ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ زورلىقى ،ئىجتىماىي تەسىىرىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن پايدىلىنىپ ،يىراقنى كۆزدە تۇتۇپ ،1900-يىللىرىنىڭ ئاخىرى تۇرسۇن ئەپەندى،ھەسىن ئەپەندى،مەسئۇد سەبرى،جىرجىس ھاجى ۋە قادىر ئەپەندى قاتارلىق سەككىز نەپەر ياشنى تاللاپ ئىستانبولغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن .
1903- يىلى ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار گېرمانىيىدىن بىر زامانىۋى كۆن-خۇرۇم زاۋۇتىنى سېتىۋېلىپ روسىيە ئارقىلىق غۇلجىغا يۆتكەپ كېلىپ ،ئىلگىرى –ئاخىر بولۇپ ، يەتتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ،تالاي قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ 1909-يىلى شىنجاڭ تارىخىدىكى تۇنجى زاۋۇتنى قۇرغان.ئۇلار بۇ زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنى ئالدىن تەربىيىلەپ يېتەرلىك كەسپى ساپاغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن 1908- يىلى ھازىرقى ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئورنىدا تېخنىك ئىشچىلار مەكتىۋى قۇرغان. بۇ مەكتەپكە گېرمانىيىلىك ماكس ۋېگېنر ، ئىمىر داموللام ،نىزامىدىن ھەم بىر تۈركۈم تاتار ئوقۇرتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ،جەنۇبى ۋە شىمالى شىنجاڭدىن 160 ئوقۇغۇچىنى قۇبۇل قىلىپ ئوقۇش باشلىغان.بۇ مەكتەپتە كەسپىي دەرسلەرنى يەنى كۆن –خۇرۇم ئىشلەش تېخنىكىسى،خام تېرە ۋە پىششىق مەھسۇلاتلارنى پېرىيۇم قىلىش ھەققىدىكى دەرسلەرنى گېرمانىيىلىك ئېنژىنىر ماكس ئەپەندى ئۆتكەن.1909-يىلى كۆن-خۇرۇم زاۋۇدى رەسمى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگىچە ئۈچ قاراردا 580 ئوقۇغۇچى تەربىيىلەپ چىققان .بۇلاردىن تەخمىنەن 200 گە يېقىن ئوقۇغۇچى تاللىنىپ ئىشچىلىققا قۇبۇل قىلىنغان.بۇ زاۋۇتقا 3 مىليۇن 800 مىڭ سوم كەتكەن.
بۇ كۆن خۇرۇم زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەندىن كېيىن ،يىلىغا 60مىڭ پارچە چوڭ-كىچىك تىرە ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولغان.شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ زاۋۇت روسىينىڭ پۈتكۈل تۈركىستان رايۇنىنى ۋە مۇسكۋا ،پېتېربورگ قاتارلىق شەھەرلەرنى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىگەن .مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ ،كۆن-خۇرۇم ،مەسكاپ،چەم،چىگىرىن ،شاۋرۇن قاتارلىق 13 خىل ئاساسلىق مەھسۇلات، شام، سوپۇن،تۈگمە،يار يىلىم،ھەرخىل ئاياغ، ھەرخىل خۇرۇم چاپان،تاسما،شەپكە،ئىگەر-جابدۇق،ھارۋا جابدۇقلىرى قاتارلىق 12 خىل قوشۇمچە مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان.
ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار ئىقتىسادى ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ،خەلقارا بازارنى كېڭەيتىش ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ناھايىتى كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن .ھەتتا روسىيىدە بولشېۋىزم غەلبە قىلغاندىن كېيىن ،سوۋىت ئىتىپاقىدىكى بازىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن 1923- يىلى باھاۋۇدۇنباي مۇسكۋاغا بېرىپ كالىنىن بىلەن كۆرۈشۈپ سودا ھەققىدە سۆزلەشكەن.
ھۈسەنباي 1926-يىلى ،باھاۋۇدۇنباي 1928-يىلى كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.
ھۈسەنباي ۋاپات بولغاندىن كېيىن زاۋۇتنى 1926-يىلدىن 1933-يىلغىچە سابىت ئەپەندى ،1938-يىلغىچە مىجىت ئەپەندى،1950-يىلغىچە تەلئەت ئەپەندى،باشقۇرغان.1050- يىلدىن 1955- يىلغىچە مىجىت،ئابلىز،ئىسمائىل،ئابدۇقەيۇم ئەپەندىلەر باشقۇرغان.1955- يىلى بۇ زاۋۇت ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىغىدىكى ،خۇسۇسىيلار باشقۇرۇشىدىكى زاۋۇتقا ئۆزگەرتىلگەن.كېيىن خاتا لۇشەن ھەم ‹‹سول›› چىل سىياسەتنىڭ كاساپىتى تۈپەيلىدىن ، بۇ زاۋۇتنىڭ خوجايىنلىرى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان.ئەمما زاۋۇت ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىمىغان.ھازىر بۇ زاۋۇت تەلتۆكۈس دۆلەت ئىگىلىگىدىكى زاۋۇت بولۇپ ‹‹ ئىلى كۆن- خۇرۇم زاۋۇتى›› دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
مەنبە: ‹‹ئاتۇش پەرزەنتلىرى››
[ بۇ يازما ئارتۇچ تەرپىدىن2009-05-18 18:19دە قايتا ت ]