ئۆرپ-ئادەت ئاتا-ئانىغىلا باغلىق دىگۈچىلەرگە
ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
ھازىر بالىلارنىڭ ئەخلاقسىز ياكى باشباشتاق بولۇپ قېلىشىنى ،ئۆز مىللىتىنىڭ تىلى ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرىنى كۆزگە ئىلماس بولۇپ قېلىشىنى ھەتتا دەپسەندە قىلىشلىرىنى ئۇدۇل ئاپىرىپ ئاتا-ئانىلارغىلا يۈكلەپ قويىدىغان پىكىر ئېقىمى كۆپىيىپ قالدى. پەرزەنت تەربىيەسىدە ئاتا-ئانا تەربىيەسى ئەلىۋەتتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ،لېكىن ئاتا-ئانىنىڭ شۇ پەرزەنتنى تەربىيەلىگىدەك بىلىم قۇرۇلمىسى ھەممە ئاتا-ئانىدا بولىشى ناتايىن. ئىلغار پىكىر، ئىلغار ئىددىيە ھەممە ئاتا-ئانىدا بولىشى ناتايىن ( بۇ يەردە ئەلىۋەتتە ئوقۇتقۇچىغا دەرس بېرەلىگىدەك بىلىملىك ئاتا –ئانىلارنىڭ بارلىقىنى چەتكە قاقمايمەن).
كادىر ئاتا ئانىلارنىڭ كۆپىنچىسى چاي،ئولتۇرۇش،خىزمەت ھەلەكچىلىكى بىلەن بالىلىرىغا بىر نەرسە ئۆگىتىدىغانغا ۋاقتىنى ئاجراتماس بولدى.ۋاقتىنى ئاجراتقان تەغدىردىمۇ مىللى ئۆرپ-ئادەت...قاتارلىقلارنى ئەمەس بەلكى ماتېماتىكا ئىمتىھاندا نەچچە ئالغانلىقىنى،خەنزۇچە ئىمتىھاندا نەچچە ئالغانلىقىنى،سىنىپىدا قانچىنچى ئورۇندا كېتىپ بارغانلىقىنى... سوراش بىلەن كۇپايىلىنىدۇ. بالىلىرىنى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇتقان بىر قىسىم ئاتا ئانىلار ئۇيغۇرلاردىكى سالاملىشىش ،يېمەك- ئىچمەك ، كىيىم-كېچەك،توي-تۆكۈن،نەزىر-چىراق ئۆرپ-ئادەتلىرى قاتارلىقلارنى گەرچە ئۆزى تولۇق بىلسىمۇ ئۇنىڭدىكى ئۆزلىك ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولىشى سەۋەپلىك بالىلىرىنىڭ بۇلارنى بىلىش -بىلمەسلىكى بۇنداق ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئانچە مۇھىم ئىش ئەمەس بولۇپ قالدى. يەنە بەزى كادىر ئاتا-ئانىلار ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆزىمۇ تۈزۈك بىلمەي تۇرۇپ بالىلىرىغا ئۆگىتىشكە كۆڭۈل بۆلەمدۇ؟...
تىجارەتچى ئاتا-ئانىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىمۇ ئومۇمى جەھەتتىن بەك يۇقىرى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ،تىجارەتچى ئاتا-ئانىلار پۇل تېپىش ھەلەكچىلىكىدە بالىلىرىغا بىر نەرسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەتكىدەك پۇرسەت چىقىرالمايدۇ.
دېھقان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ئۆرپ-ئادەت توغرىسىدا نەزىرىيە جەھەتتىن ئۆگىتەلىگىدەك بىلىم قۇرۇلمىسى بارلىرى ئىنتايىن ئاز. شۇڭا ئاھالىنىڭ زور كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلىدىغان دېھقان ئاتا –ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك تەربىيەگە ئىگە بولۇشىنى مەكتەپتىن كۈتىدۇ. بۇرۇنقى مەكتەپ يوق زامانلاردا بالىلىرىنى موللامغا بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلدۇرغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بالىلىرىنى مەكتەپكە بېرىپ بالىلىرىنىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىشىدىن خاتىرجەم بولدى. بۇ ئاتا-ئانىلار ئويلايدۇكى: ئۆگىنىدىغان بارلىق بىلىملەر ئاشۇ مەكتەپتە. جۈملىدىن ئەخلاق تەربىيەسى،چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىش،كىچىكلەرنى ئىززەتلەش،پاكىزە بولۇش، يېمەك-ئىچمەك، ئۆلۈم -يىتىم،توي –تۆكۈن،نەزىر –چىراقلاردىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن تارتىپ ھەممىنى مەكتەپ ئارقىلىق ئۆگىنىدۇ دەپ قارايدۇ. بالىلىرى ئۆيدە ياكى باشقا جايلاردا ئەخلاقسىزلىق قىلسا ياكى مەينەتلىك قىلسا دەرھاللا: «ھەي،مەكتەپتە شۇنداق ئۆگەتكەنما؟ قاملاشمىغان...» دەپ پاراڭ سالىدۇ.
بالىلارنىڭ ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرىنى بىلىش دەرىجىسىنى شۇ بالىنىڭ قايسى خىلدىكى مەكتەپتە ئوقىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن. چۈنكى مۇھىتمۇ كىشىنىڭ روھىيتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئادەم تۇغۇلىشىدىنلا دورامچى بولىدۇ. چوڭ بولغىچە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئەتىراپتىكى مۇھىتتىن دوراپ ئۆگىنىدۇ. دوراش جەريانىدا بەزىلىرىنى ئۆزىگە ئادەت قىلىپ شەكىللەندۈرىدۇ.
ھازىر قارايدىغان بولساق كادىرلارنىڭ ۋە بىر قىسىم تىجارەتچىلەرنىڭ بالىلىرى شۇلار ئۈچۈن ئەڭ ئىلغار دەپ قارالغان خەنزۇ تىلىدىكى مەكتەپتە بىلىم ئېلىۋاتىدۇ. دېھقانلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولسا تاق تىللىق ياكى قوش تىللىق مەكتەپتە بىلىم ئېلىۋاتىدۇ. ئەگەر شۇلارنىڭ ئۆز ئۆرپ- ئادەتلىرىنى بىلىش دەرىجىسىگە قارىتا سىناق ئېلىپ بېرىلسا قايسى تۈردىكى بالىلارنىڭ يۇقىرى چىقار؟
بالىلارنىڭ ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرىنى بىلىش –بىلمەسلىكىنى ئۇنىڭ ئانا تىل مەكتىپىدە ئوقۇش-ئوقىماسلىقى بىلەن ئوڭ تاناسىپ دىيىشكە بولىدۇ.
بەزىلەر: « قوش تىللىق مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى تۆۋەن تۇرسا، شۇڭا بالىنى باشقا تاق تىللىق مەكتەپكىلا بەردۇق» دەيدىكەن.مەنچە قوش تىللىق مەكتەپكە بۇنداق قارا چاپلىسا ئۆزىمۇ قارا يۈز بولۇپ كېتىدۇ. قوش تىللىق مەكتەپتە مەنچە ساپا تۆۋەن ئەمەس. ئەگەر تۆۋەن بولسا دەل مىللى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى بىر ئاز تۆۋەندۇر. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ساپاسىنى تۆۋەن دېيىشكە بولامدۇ؟ دەرۋەقە قوش تىللىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا مەسىلە يوق ئەمەس. ئۇ مەسلىلەرنىڭ بارا-بارا ئوڭشۇلۇپ كېتىدىغىنىغا ئىشىنىمەن. يەنە كېلىپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىكى ئۇنداق مەسلىلەر ھەرقانداق باشقا( تاق تىللىق) مەكتەپلەردىمۇ مەۋجۇت.
شۇڭا مېنىڭچە بولغاندا پەرزەنتلەرنىڭ ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرىنى بىلىش بىلمەسلىكى ياكى قانچىلىك دەرىجىدە بىلىشى ئۇنىڭ ئوقىغان مەكتىپى ۋە ئوقۇتقان مۇئەللىمى بىلەنمۇ بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن.
2009-يىل 5-ئاينىڭ 2-كۈنى يېزىلدى.
______________
ئانا تىلدىن راستلا نان تەگمەمدۇ؟
./read.php?tid-107746-keyword-.html