مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش روزىباقى ھاجىم ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى روزىباقى ھاجىم ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى
 
شىنجاڭ يېڭى ئىز توي خاتىرە سۈرەت تارتىش مەركىزى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
«1234»Pages: 1/4     Go
سىز بۇ تېمىنىڭ 5227 - كۆرۈرمىنى
تىما: ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا قاراجىم تەرجىمھالى
شەبنەم مۇنبىرى
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

UID نومۇرى : 23475
نادىر تېما : 2 پارچە
يازمىسى : 1773 پارچە
شۆھرەت: 5366 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 105355 سوم
تۆھپە: 110 نۇمۇر
ياخشى باھا: 55 نۇمۇر
مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1194(سائەت)
ھازىرقى ھالىتى :
تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-10-09
ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
0  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-16 11:58
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا قاراجىم تەرجىمھالى

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى : بۇ يازما ikin تەرپىدىن ئىلگىرلىتىلدى(2009-05-17)
شەبنەم شىركىتى بىر يىللىق ئەسلىمىلىرى



     مىللىتىمىز تارىخىدا ئوينىغان رولى ھەرقانداق ئادەمدىن قېلىشمايدىغان مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىنىڭ تەرجىمىھالىنى بىلىدىغانلارنىڭ ئازلىقى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ. ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر شەخس سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بولسا، ئىككىنچىسى مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىدۇر. ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا نەق 1000 يىلچە ئۆتكەن. (981- 1981). ئىسلام ھەر مىڭ يىلدا بىر گۈللىنەرمىش. قارىغاندا بۇ گەپمۇ توغرا بولسا كېرەك. تۆۋەندە ئالىمنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتۈڭلار.
        ئىجتىھاتلىق تۆھپىكار ئالىم مۇھەممەد سالىھ1991-يىلى 10- ئاي. ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيتىنىڭ پايتەختى قاھىرەدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەۋلۇدىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق تەنتەنىلىك يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. ئىلمى مۇھاكىمە خاراكتېرىنى ئالغان بۇ قېتىملىق يېغىندا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن تاللانغان خەلقئارا ئىسلام دىنى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان 10 ئالىم مىسىر زۇڭتۇڭى مۇھەممەد ھۈسنى مۇبارەكنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ، ھۈسنى مۇبارەكنىڭ ئۆز ئىمزاسى قۇيۇلغان تەبرىك شاھادەتنامىسىنى ئۆز قولىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ 1-دەرىجىلىك ئىلىم پەن ئۇردىنى بىلەن مۇكاپاتلاندى. دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ تۆھپىكار ئالىملارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلىشتى. بۇ ئون ئالىم ئىچىدىكى تولىمۇ يىراق تەكلىماكان باغرىدىن كەلگەن، بېشىغا يارىشىملىق بادام دوپپا، بەقەسەم تون كىيگەن بىر ئۇيغۇر گېزىت-ژورنال مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىش ئوبېكتى بولۇپ قالدى. ئىسلام دىنى تەتقىقات ساھەسىدىكى سەمەرىلىك نەتىجىلىرى بىلەن ئۆز خەلقىنى خەلقئارالىق سەھنىلەرگە ئېلىپ چىققان بۇ كىشى دىنشۇناس، قۇرئانشۇناس، تەتقىقاتچى ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللام ئىدى.
1992-يىلى رامىزان ئېيى. ماراكەش پادىشاھلىقىنىڭ راباتتىكى خان ئوردىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن رامىزان لېكسىيە ئوقۇش يىغىنى داۋام قىلىۋاتاتتى. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ گىلەملەر بىلەن بېزەلگەن شاھلىق تۆشەك ئۈستىدە ماراكەش پادىشاھى ھەسەن2 ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىلىرى، سول تەرىپىدە ماراكەشنىڭ ھەربىي، مۈلكى ئەمەلدارلىرى، ئالدى تەرىپىدە بولسا مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان چەتئەللىك نۇپۇزلۇق دىننى ئالىملار ئولتۇراتتى. پادىشاھنىڭ ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان، ئىسلامىيەت ئىلمى تەتقىقاتىنى ئاساس قىلغان لېكسىيە ئوقۇش يېغىنىغا پادىشاھ ھەسەن 2 شەخسەن ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىۋاتاتتى. بۈگۈنكى لېكسىيە ئوقۇش نۆۋىتى جۇڭگۇدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئالىم مۇھەممەد سالىھقا كەلگەنىدى. مۇھەممەد سالىھ ئورنىدىن تۇرۇپ پادىشاھ ئالىيلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندىن كېيىن ئەرەب تىلىدا يېزىپ تەييارلىغان «شىنجاڭدىكى مەسجىدلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام دەۋىتىدىكى رولى» دېگەن تېمىدىكى ئىلمى ماقالىسىنى ئوقۇشقا باشلىدى. بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا ماقالىنىڭ ئاساسى ئىددىيسىنى يورۇتۇپ بېرىش ئاسانغا چۈشمەيتتى. ئەمما مۇھەممەد سالىھنىڭ بۇنداق خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يېغىنلىرىغا قاتنىشىشى تۇنجى قېتىم ئەمەس ئىدى، شۇنداق بولغاچقا ئۇ ئانچە قىينالماستىن، ماقالىنى كۆڭلىگە پۈككەن پىلان بويىچە ئىخچاملاپ، چۈشىنىشلىك قىلىپ شەرھىلىدى.  
يىغىندىن كىيىن مۇھەممەد سالىھنى پادىشاھ ھەسەن 2 قوبۇل قىلدى. مۇھەممەد سالىھ جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى، ئىسلام مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسلام تەتقىقاتى ساھەسىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى تۇنۇشتۇردى ۋە«قۇرئان كەرىم» بىلەن «سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى» نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى تەقدىم قىلدى. شۇ پۇرسەتتە مۇھەممەد سالىھ جۇڭگۇ-ماراكەش دوستلىقىنى مەدھىيلەپ ئەرەب تىلىدا يازغان قەسىدىسىنى پادىشاھقا سۇندى. كېيىن پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ قەسىدىنى لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئېلىپ بېرىلغان داغدۇغۇلۇق تەبرىكلەش پائالىيتىدە دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇپ بەردى. تەكلىماكان باغرىدىن كەلگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئانا تىلى بولمىغان، يەنە كىلىپ ئەڭ تەس تىل ھېسابلىنىدىغان ئەرەب تىلىدا يازغان بۇ پاساھەتلىك قەسىدىسىدىن يىغىن قاتناشچىلىرى ئىسلام تارىخىدا تۆھپىسى زور ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرىنىڭ تارىختىكى سىماسىنى قايتا كۆرگەندەك بولدى ۋە ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭراتتى... قەسىدە ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن پادىشاھ ھەسەن2 بۇ ئالىم بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرىشىۋىتىپ: «قەسىدىنى ناھايىتى پاساھەتلىك يېزىپسىز، خۇددى ئىبنى زەيدۇن )ئەرەبلەرنىڭ ئاتاقلىق كىلاسسىك شائىرى( نىڭ شېئرىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم» دېدى. ماراكەشنىڭ دىننى ئىشلار ۋەزىرى، ئاتاقلىق ئالىم ئابدۇلكەبىر ئەلەۋى «پادىشاھ ئالىيلىرى سىزنىڭ قەسىدىڭىزنى چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىدى. ئىلگىرى بىرەر ئەدىبنىڭ ئوقۇغان شېئرىغا چاۋاك چالغان ئەمەس دېدى.
   شۇنىڭدىن كىيىن ۋەزىر ماراكەشتە يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان رامىزان ئېيى لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىغا مۇھەممەد سالىھنى بىرەر قەسىدە يېزىپ ئوقۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىپ تۇردى. ھەر يىلى ئۇنىڭ يېغىندا يېزىپ ئوقۇغان قەسىدىلىرى شۇ يىللىق لېكسىيە توپلىمىنىڭ ئالدىنقى بەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى.
1998- يىل مۇھەممەد سالىھ رامىزان ئېيى لېكسىيە سۆزلەش يىغىنىغا قاتنىش ئۈچۈن ماراكەشكە ئەمدىلا يېتىپ بېرىشىغا دىنى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان مۇھەممەد ئەلەۋى ئۇنىڭغا: «سىزگە خۇشخەۋەر، يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا پۈتۈن يىغىن قاتناشچىلىرى بولغان ئالىملارغا ۋاكالىتەن پادىشاھ ئالىيلىرى ھۇزۇرىدا خۇلاسە سۆزى قىلىشقا سىزنى تەيىنلىدۇق. بۇ چوڭ شەرەپ، بۇندىن بۇرۇن بۇ ئىشقا پەقەت ئەرەب ئالىملىرىلا تەكلىپ قىلىنغان. غەيرى ئەرەب ئالىملىرىدىن تۇنجى بولۇپ سىز تەكلىپ قىلىندىڭىز» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد سالىھ پۇختا تەييارلىق قىلىپ، بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ، ئالىملارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. پادىشاھ ھەسەن2 مۇھەممەد سالىھقا تارتۇقلاش يۈزىسىدىن، ماراكەشنىڭ ئادىتى بويىچە شاھنامە كۇلالىق تون بىلەن يەتتە قەۋەت لىباس كىيگۈزدى. x-)GWep.8  
مۇھەممەد سالىھ 1936-يىلى ئاتۇشتىكى فازىل، تۇنۇلغان ئالىم سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. سالىھ داموللا ھاجىم ئەينى زاماندا ئەرەب، پارىس ئەدەبىياتى بويىچە يېتىلگەن ئەدىب، ئىسلام دىنى ئىلمىدا توشقان كاتتا ئۆلىما، مەرىپەتپەرۋەر زات ئىدى. پەننى مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن مۇھەممەد سالىھ دادىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىنلا ئەتراپلىق دىنى تەلىم ئېلىشقا باشلىدى 11 يېشىدىلا خەتمىدىن ئۆتۈپ، مۇرەتتەب قارى بولغاندىن كىيىن ئەرەب، ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشتى، كىيىنكى ئېغىر جاپالىق كۈنلەردىكى قىيىن شارائىت ۋە بېسىم ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى ۋە بۈيۈك غايە ئۈچۈن تىكىلىگەن ئىرادىسىنى بويسۇندۇرالمىدى. دادىسى سالىھ داموللا ھاجىم ئوغلىنىڭ يۇمران قەلبىدە ئۇنىڭ توغرا يۆلنىش بويىچە ئەتىراپلىق يېتىلىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ئۇنتۇلغۇسىز، ئىلھامبەخىش ئىزلارنى قالدۇرغانىدى.
دادىسىنىڭ تەربىيسىدە ئىسلام دىنىنىڭ ھەر قايسى ئىلىم تۈرلىرىگە پۇختا ئاساس سېلىپ بولغان مۇھەممەد سالىھ كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ، جۇڭگۇ ئىسلام ئېنىستىتوتىدا بەر يىل ئوقۇدى. ئەينى چاغلاردا مىسىردىن تەكلىپ قىلىنغان بەھىييۇددىن زەييانى، شەيىخ ئابدۇللەتىف ھامىد سۇلايمان قاتارلىق پىروفېسسرورلارنىڭ بىۋاستە يېتەكچىلىكىدە، تەپسىر، ھەدىس، فىقھى، ئەقىدە، ئىسلام پەلسەپىسى، ئىسلام تارىخى، ئىلمى بالاغەت، ئىلمى كالام، ئەرەب ئەدەبىياتى قاتارلىق پەنلەرنى سېستىملىق ئۆگەندى. 1960- يىلى كۈزدە مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادېمىيسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا ئورۇنلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆڭلىگە پۈككەن پىلانلىرى بويىچە پۈتۈن زېھنى بىلەن دىن تەتقىقات خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى.
«قۇرئان كەرىم» دۇنيادا نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىۋاتقان شارائىتتا، ئۇنىڭ ھازىقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىنىڭ يوقلىقى زور بىر بوشلۇق ئىدى. ئۇنى تەرجىمە قىلىش ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنى قۇرئاننى بىۋاستە چۈشىنىش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى جىددى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلىم-پەن خادىملىرىنى قۇرئاننى تەتقىق قىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلاتتى. ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ تەشنالىقىنى چۈشەنگەن مۇھەممەد سالىھ «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىشنى نىيەت قىلىپ، خېلى بۇرۇندىن تارتىپ نۇپۇزلۇق قۇرئان تەفسىرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى توپلاشقا كىرىشكەن ئىدى.  
«قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش مۇرەككەپ بىر تەتقىقات جەريانى بولدى. مۇھەممەد سالىھ ھەربىر ئايەتنى تەرجىمە قىلغاندا نۇپۇزلۇق تەپسىر كىتاپلىرىغا ۋە كىلاسسىك ئەرەپ تىلى بىلەن ھازىرقى زامان ئەرەپ تىلى سېلىشتۇرۇلغان لۇغەت-قامۇسلارغا مۇراجىئەت قىلدى. ئىپادىلەش جەھەتتىمۇ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۈرۈپ، ھەربىر سۆز ئۈستىدە ئەتىراپلىق ئىزدەندى. «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئالاھىدە ئورنىنى ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەربىر ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بويىچە ئەينەن تەرجىمە قىلدى. كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئاسانلىق يارتىپ بېرىش ئۈچۈن، زۆرۈز تېپىلغاندا جايلارغا قىستۇرما سۆز ۋە قىسقىچە ئىزاھلارنى بەردى. بۇ ئىزاھلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىشەنچىلىك قۇرئان تەپسىرلىرىدىن تاللاپ ئېلىندى.
ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەر بىر مۆجىزە، ئۇلۇغ ئىشلار كىشىلەرنىڭ قان-تەر تۆكىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. مۇھەممەد سالىھ كۆپ يىللىق جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاخىر مۇسۇلمانلارنىڭ دىننى دەستۇرى بولغان «قۇرئان كەرىم» نى ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەلەپكە لايىق رەۋىشتە تەرجىمە قىلىپ چىقتى. قۇرئاننىڭ قىسقىچە تەفسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ تەرجىمە پۈتۈپ نەشىر قىلىنىش ئالدىدا، شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيتىنىڭ تەشكىللىشى بويىچە دىيارىمىزدا مۆتىۋەر ھېسابلانغان 15 نەپەر نوپۇرلۇق ئالىمنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. ئۆلىمالار تەرجىمىنى باشتىن-ئاخىر مۇتالىئە قىلىپ چىقىپ، بىر ئېغىزدىن ماقۇللاپ، ئالاھىدە تەھسىن ئوقۇپ، تەقرىز يېزىپ بەردى. بۇ تەرجىمە 1986-يىلى مەركىزى مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن 200 مىڭ پارچە بېسىپ تارقىتىلدى. شۇنداقلا «قۇرئان كەرىم» نىڭ بۇ تەرجىمە نۇسخىسى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى فەھدىنىڭ تەستىقلىشى ۋە ئەمرى بىلەن پادىشاھنىڭ قۇرئان بېسىش مەتبەسىدە بىر قانچە يۈزمىڭ پارچە بېسىلىپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە تارقىتىلدى. سەئۇدىدا بېسىلغان بۇ نۇسخا جۇڭگۇ ئىسلام جەمئىيتى ئارقىلىق ئالدۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىمۇ خېلى نۇرغۇن تارقىتىلدى. )ئالىم ئىشلىگەن «قۇرئان كەرىم» ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ سىلاۋىيان يېزىقىدىكى نۇسخىسى مۇسكىۋادا نەچچە مىڭ نۇسخا بېسىپ تارقىتىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشتى.
مۇھەممەد سالىھ يەنە ھەدىس ئىلمىدىكى ئالتە ئىشەنچىلىك، نوپۇزلۇق كىتابلارنىڭ بىرىنچىسى بولغان «سەھىھۇلبۇخارى»نى ۋە «ۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى» قاتارلىق كىتابلارنىمۇ ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى.  
مەيلى قۇرئان ياكى ھەدىس بولسۇن، ئالاھىدە ئىجتىمائىي مۇھىتتا ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە، تىلى بۇنىڭدىن مىڭ نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىكى ئەرەب بەدىئىي تىلىنى ئاساس قىلغان، پاساھەت-بالاغىتى ۋە بەدىئىيلىكى يۇقرى بولغان، ئۇنى چۈشىنىش، ئەسلىگە سادىق بولغان ھالدا تەرجىمە قىلىش ئاسان ئەمەس ئىدى. ئ.ىستېداتلىق دىنى ئالىم مۇھەممەد سالىھ ئۇزۇن يىل كىتابلار دېڭىزىدا ئۈزۈش، نۇرغۈن زېھنى قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە ئاخىر بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.
ئۇلاردىن باشقا، ئۇ يازغان « ‹قۇرئان كەرىم›نىڭ 29-ۋە 30-پارىلىرىنىڭ تەپسىرى». ئىسلام ئېتىكىسىغا ئائىت 30 نەچچە تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان « ‹قۇرئان كەرىم› ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما» ناملىق كىتاب ۋە ئوتتۇرا ھەجىملىك «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» نەشىردىن چىقىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ بۇ ئىستېداتلىق ئالىمنىڭ 20 يىللىق جاپالىق ئەجرى ۋە يۈرەك قېنىنىڭ مېۋىسى بولغان چوڭ ھەجىمدىكى «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت» 2002-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىقىپ، بۇ ساھەدىكى زور بوشلۇقنى تولدۇردى. يەنە «دۇئانىڭ ئەھمىيتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار» ناملىق كىتابىمۇ نەشرىدىن چىقىپ تارقىتىلدى.  
مۇھەممەد سالىھنىڭ تەتقىقاتى دىنىي تېمىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، تارىخ، تىل، مائارىپ ساھەلىرىگىمۇ چېتىلىدۇ.
مۇھەممەد سالىھ 1961-يىلدىن تارتىپ تارىخشۇناس ئۇيغۇر سايرانى ئەپەندى بىلەن بىرلىشىپ «دىۋان لۇغەتىتتۈرك» كىتابىنى ئەرەبچە فاكسىمىل نۇسخىسى بىلەن باسما نۇسخىغا ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەنىدى. 4 يىل جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق بۇ ۋەزىپىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملاپ نەشىرگە سۇنۇش ئالدىدا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىپ شۇ «ئىنقىلاب» قالايمىقانچىلىقىدا ئۇ تەرجىمە نۇسخا تالان-تاراج قىلىنىپ زايا بولۇپ كەتتى.
مۇھەممەد سالىھ يەنە ئۆزى يالغۇز ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئاساسىدا «جامىئۇتتەۋارىخ». «تەۋارىخ خەمسە»، «غازات دەر مۈلكى چىن»، «ئىھيا ئۇلۇمىددىن»، «مەكتۇبات»، «تەزكىرەئى ئەزىزان»، «سىررۇلمۇخلىس»، «زەپەرنامە»، «تەزكىرەئى ئۇۋەيسىييە»، «تەۋارىخ جەدىدە»، «جەھدۇلمۇقىل»، قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ، ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرىنى مول ماتېرياللار بىلەن تەمىن ئەتتى.
ئالىم مۇھەممەد سالىھ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسىدە 27 يىل ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇن ئىجتىمائىي، ئىلمى تەكشۈرۈشلەرگە ۋە ماترېيال توپلاشقا قاتناشتى. جاپالىق ئىزدىنىپ بىرىنچى قول ماتېرياللارنى ئېگەللەش ئۈچۈن، شىنجاڭدا ئۇنىڭ ئايىغى تەگمىگەن قەدىمى جايلار، يادىكارلىقلار، مازا-ماشايىخلار، مەسجىد-مەدرىسىلەر قالمىدى. ئەينى چاغدىكى نامدار ئۆلىمالار، پىشقەدەم ۋەقەشۇناسلار، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئىلمىي سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇ يەنە «تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئۇقۇغاندىن كىيىن»، «ئۇلۇغ ئەدىب تەجەللىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا»، «رۇقەئاتى نەۋائىي ھەققىدە»، «ئاپپاق غۇجا مازىرى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ئارقا كۆرىنىشى توغرىسىدا»، «مازارپەرەسلىك ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى خۇسۇسىيەتلىرى»، « ‹قۇتادغۇبلىك›تىكى ئۇدغۇرمىش ئوبرازى توغرىسىدا»، «شىنجاڭنىڭ دىنى مائارىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ئۆتمۈشى»، «ئىسلام دىنى تارىخىدىكى خاۋارىجلار گۇروھى»، «شىئە ئىسمائىلىيە مەزھىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخى توغرىسىدا»، «شىنجاڭدىكى مازارلار توغرىسىدا»، مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ نەسەبنامىسى»، «ئىسلام دىنى ۋە ئىلىم پەن»، «دۇئانىڭ ئەھمىيتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار»، «ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى» قاتارلىق ئىلمى ماقالىلەرنى يازدى. بۇ ماقالىلەرنىڭ بەزىلىرى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا، مەملىكەتلىك يىغىنلاردا ئوقۇلدى ۋە مەركەز ۋە يەرلىكتە چىقىدىغان «دۇنيا دىنلىرى تەتقىقاتى»، «جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، «شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژورنىلى» قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىندى. مۇھەممەد سالىھ يەنە ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى. «تەجدىد» ناملىق غەزەللەر دىۋانىنى، «تۇتنامە»نى، چوڭ ھەجىملىك داستان «مۇھەببەتنامە»، ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ ۋە دادىسى سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى نەشرگە تەييارلىدى ۋە «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ بەزى سانلىرىدا ئېلان قىلدى.
مۇھەممەد سالىھ بىر تەرەپتىن جاپالىق ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن 1987-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ياراملىق دىنىي ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ھاردىم-تالدىم دېمەي تەر تۆكتى. ئىنىستۇتنىڭ ھەر قايسى تەرەپتىكى خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە ئوقۇ-ئوقۇتۇش تۈرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ، نازارەتچىلىك قىلىشلا ئەمەس، بەلكى ئۆزى بىۋاستە قول تىقىپ ئىشلىدى، دەرىسلىكلەرنى تۈزدى، دەرىسخانىغا كىتىپ بىۋاستە دەرىس ئۆتتى.
جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژورنىلى 2003- يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى!
يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • شۆھرەت:+10(dildax) ئالقىشلانغا ..
  • تۆھپە:+10(REYAT51) نادىر ئەسەر
  • ياخشى باھا:+5(ئۈمۈد007)
  • شۆھرەت:+10(Nazuk-qiman) نادىر ئەسەر
  • تۆھپە:+5(PAYKAR)
  • مىسرانىم تورى
    روھىنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى!
    (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
    شەبنەم يېڭى كىنوخانىسى
    كىملةردىن قالمىغان دۇنيابۇ؟!!!
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا

    UID نومۇرى : 55168
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 76 پارچە
    شۆھرەت: 32909054 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 7790 سوم
    تۆھپە: 81 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 101 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 2008(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-07-20
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-07-04
    1  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-16 12:12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    بۇ ھۆرمەتلىك ئالىممىزنىڭ بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن قىلغان خىزمىتى ھەقىقەتەن كۆپ.
    بۇ ئالىممىزنىڭ ئۆمرىگە ئۇلۇغ اللەدىن بەركەت تىلەيمەن(ئامىن)
    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    ئىنسان بۇدۇنيادا  ياشاش ئۈچۈن يەمدۇ ياكى يىيىش ئۈچۈن ياشامدۇ.
    مۆمىنجان ئابلىكىم
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا
    UID نومۇرى : 12989
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 349 پارچە
    شۆھرەت: 546 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3920 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 280(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-03-14
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-07-04
    2  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-16 12:23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئاللاھ  بۇ  ئالىمىمىزنىڭ  تىنىنى  سالامەت  قىلغاي   قورئاننى  ئۇيغۇرچىغا  تەرجىمە  قىلىپ  ھەممىدىن  كاتتا  ئىشتىن  بىرنى  قىلغان  بۇ  زات  
    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    مۆمىنجان ئابلىكىم
    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا

    UID نومۇرى : 15435
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 793 پارچە
    شۆھرەت: 1731 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 8210 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 40 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 291(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-05-08
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-29
    3  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-16 12:30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    [ بۇ يازما maylamqi تەرپىدىن2009-05-16 16:53دە قايتا ]
    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    http://images13.51.com/120/a/a9/11/janu88/1208331369_61341000.jpg
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    دەرىجىسى : شەبنەم قوللىغۇچىسى
    UID نومۇرى : 86978
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 2 پارچە
    شۆھرەت: 34 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 340 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 56(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-05-13
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-07-02
    4  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-16 12:50
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئاللا مۇھەممەد سالىھ داموللامغا كۆپ ئەجىر ئەزىم ئاتا قىلغاي !
    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    قەشقەرشەۋقى ئېلانچىلىقى ياخشى تاللشىڭىز !
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    دەرىجىسى : شەبنەم قوللىغۇچىسى
    UID نومۇرى : 87555
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 8 پارچە
    شۆھرەت: 283 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 400 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 88(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-05-14
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-07-04
    5  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-16 12:52
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    بۇ ئالىممىزنىڭ ئۆمرىگە ئۇلۇغ اللەدىن بەركەت تىلەيمەن
    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    شەبنەم ناخشىسى
    دېغى يوق ئاي كۆرمىدىم
    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا
    UID نومۇرى : 14807
    نادىر تېما : 1 پارچە
    يازمىسى : 675 پارچە
    شۆھرەت: 32210 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 39075 سوم
    تۆھپە: 141 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 90 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1325(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-04-22
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-07-04
    6  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-16 13:53
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئاللاھ تائاللا ئالىمىمىزغا ئۇزۇن ئۆمۈر  ئاتا قىلغاي  
    كەم  سۆز بولسىڭىز   ، بىر تاياقنى ئاز يەيسىز   .
    شەبنەم ناخشىسى
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا
    UID نومۇرى : 10486
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 225 پارچە
    شۆھرەت: 606 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 0 سوم
    تۆھپە: 17 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1330(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2006-12-13
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-07-04
    7  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-16 16:07
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئاللاھ تائاللا ئالىمىمىزغا ئۇزۇن ئۆمۈر  ئاتا قىلغاي،ئالىمىمىزنىڭ  ئىش -ئىزىلىرنى بىزگە تۇنۇشتۇرغان قاپىيەجاننىڭ قولىغا دەت بەرمىگەي.
    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    ئۇيغۇر ئۇيغۇر ئۇيغۇر
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

    UID نومۇرى : 62532
    نادىر تېما : 1 پارچە
    يازمىسى : 363 پارچە
    شۆھرەت: 6998 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 22823 سوم
    تۆھپە: 142 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 405 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1086(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-10-24
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-07-05
    8  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-16 18:36
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    باشقۇرغۇچىلار مەزكۈر تىمىنى نادىرلاپ قويۇڭلار، پايدىسى كۆپ ئىكەن، كۆپلىگەن تورداشلار كۆرسۇن رەھمەت.     
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى
    UID نومۇرى : 25630
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 144 پارچە
    شۆھرەت: 173 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1369 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 784(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-11-16
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-07-04
    9  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-16 23:58
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئالىمىمىزگە اللە رەخمەت قىلسۇن...ئالىمىمىزنىڭ مىللىتىمىزگە قىلغان ئەجىر مىھنىتى ،كۇندە مەتبۇئاتتا داڭلىنىۋاتقان مىڭلىغان ئاتالمىش <<توھپىكار>>لىرىمىزنىڭ تۆھپىسىدىن كۆپ ئەۋزەلدۇر.
    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

    UID نومۇرى : 69469
    نادىر تېما : 4 پارچە
    يازمىسى : 269 پارچە
    شۆھرەت: 2316 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 13299 سوم
    تۆھپە: 181 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 220 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1583(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-12-28
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-07-04
    10  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-17 13:06
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئاللاھ بۇ ئۇلۇغ ئالىمىمىزنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن ۋە بەركەتلىك قىلغاي ،
    http://izdax.xjalexa.cn/news.jpg
    دەرىجىسى : شەبنەم قوللىغۇچىسى
    UID نومۇرى : 63602
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 4 پارچە
    شۆھرەت: 195 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 570 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 328(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-11-07
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-07-05
    11  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-17 13:17
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئاللا بۇ ئۇلۇغ كىشىمىزگە ئۇزۇن ئۆمۇر ،بالىلىرىغا ئىنساب بەركەت بەرسۇن ..
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى
    UID نومۇرى : 56380
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 17 پارچە
    شۆھرەت: 5788 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 20970 سوم
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 714(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-08-05
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-07-04
    12  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-17 15:25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    بۇ  ئالىملىرىمىز  بولغاچقا  بىزنىڭ  بۇگۇنكى  كۇنىمىز  بولغان    رەخمەت  بۇ   ياخشى  بىر  تىيما  بوپتۇ       
    دەرىجىسى : شەبنەم قوللىغۇچىسى
    UID نومۇرى : 75189
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 5 پارچە
    شۆھرەت: 74 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 470 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 108(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-03-06
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-07-03
    13  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-17 15:33
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    بىز ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز.... ئاڭلىسام، ئالىمنىڭ يىقىندىن بۇيان سالامەتلىكى سەل ياخشى بولمايۋېتىپتۇ.... اللا ئالىىمىمىزنىڭ تىنىگە ساقلىق ، تۇرمۇشىغا بەخىت ئاتا قىلسۇن. مېھنەتكەچ قوللىرىنى  ئۆزىنىڭ كاتتا نىئمەتلىرى بىلەن مەنپەئەتلەندۈرگەي. ئامىين.
    دەرىجىسى : شەبنەم قوللىغۇچىسى
    UID نومۇرى : 58930
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 0 پارچە
    شۆھرەت: 24 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 230 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 47(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-09-07
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-05-20
    14  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-05-17 16:24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئۇلۇغ ئاللاھدىن بۇ توھپىسى زور ئالىمىمىزغا ئۇزۇن ئومۈر ،ئەزىز تىنىغا سالامەتلىك  تىلەيمەن.