كىچىكىمدىنلا كىتابقا ھېرسمەن بولغاچقا ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىمدىلا پەرھات شېرىن،تاھىر زۆھرە، يۈسۈپ زۇلەيخا،غېرىپ سەنەم قاتارلىقلارنىڭ ھېكايىلىرى بىلەن تونۇشقان ئىدىم. ھەم بىر خىل ھۆرمىتىم بار ئىدى.
مەن 5-ئاي بايرامدا دەم ئېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر دوستۇم بىلەن جەنۇبى شىنجاڭدىكى گۈزەل شەھەرلەرنىڭ بىر ئاتلدىغان كورلا شەھىرىىگە ساياھەتكە بېرىپ قالدىم، بېرىپلا بۇ يەردىكى تاھىر-زۆھرەنىڭ قەبرىسىنى كۆرۈش، تاۋاپ قىلىش ئىشتىياقىم قوزغالدى، بۇ يەردە ھېچكىمىنى تونۇمىغاندىن كېيىن كىشلەردىن سوراپ يۈرۈپ بىر تاكىسنى كىرا قىلىپ شۇ جايغا قاراپ يول ئالىدىم.ئۇ يەرنى خەنزۇچە 铁门关دەيدىكەن.نۇرغۇن ئۇيغۇرلارمۇ شۇنداق ئاتايدىكەن. ئىشكىتىكى رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ كىرگەندىن كېيىن قەبرە جايلاشقان ئورۇنغا خېلى ئوزۇن مېڭىپ باردىكەنمىز...ئېگىز بىر چوققىغا جايلاشقان قەبرىگە شۇنداق قىزغنىلىق بىلەن ھارغىنمنىمۇ تۇيماستىن چىقتىم، چقىپلا لەسسىدە بولۇپ قالدىم،....قەبرە ئەتراپى ھېچقانداق قورشالمىغان، كىشلەر خالىغانچە ئۈستىلىرىگە دەسسەپ سۈرەتكە چۈشەلەيدىكەن،يەنە كېلىپ ئۈستىگە يېزىلغان ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە خەتلەر قەبرىنى شۇ دەرجىدە بۇلغىۋەتكەن ئىدى. كۆڭلۈم شۇنچلىك غەشلىك ئىچىدە دوستۇم بىلەن قەبرىنىڭ ئالدىدا دۇئا قىلىپ ياندىم، بىراق يول بويى شۇنداق ئازابلاندىم...بىز سۆيگۈ مۇھەببەت بابىدا شۇنداق چوڭ كۆردىغان ئىككى ياشنىڭ قەبرىسى ئەنە شۇنداق ئىگە-چاقىسىز كىشلەرنىڭ ئايقى ئاستىدا تاشلىنىپ يېتىپتۇ....خەنزۇلارغۇ دىنغا ئېتقاد قىلمايدۇ، بوپتۇ دەسسۇن، زىيارەتكە چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنڭمۇ قەبرىنى خالىغانچە دەسسەپ يۈرگىندىن ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بولدى،بىر نەچچىسنى دەسسىگىلى قويمىۋىدىم ماڭا خېلى ھۈرپەيدى،ئۆرىپ-ئادتىمىزدىن ،دىندىن خېلى جىق سۆزلەپ قايىل قلىدىم.
ھازىر نۇرغۇن داڭلىق ئورۇنلارنى ھۆكۈمەت خۇسۇسى شىركەتلەرگە ھۆددىگە بېرۋەتتى، ئۇلار پۇل تېپىشنى ئالدىنقى شەرىت قىلىپ بۇنداق جايلارنى خالىغانچە بۇلغاشقا باشلىدى. ئونسۇ ناھيسىدىكى قىلمىش ئاتا مازىرى تىپىك ۋەكىلىدۇر، ئەينى ۋاقىتتا كىشلەر قولىنى شىلتىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان بۇ مازار ھازىر ھاراقكەشكلەرنىڭ، بۇزۇقلارنىڭ كۆڭۈل ئاچىدىغان سورۇنىغا ئايلاندى. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ پۇلىنى كۆزلەپ بۇ جايلارنىڭ تەبىئى مۇھىتنىڭ قانچىلىك بۇزۇلۇشى، تارىخى قىممىتىنىڭ قانچىلىك ۋەيران بولۇشى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمىدى. ئەمەليەتتە قوغداشقا تامامەن مۇمكىن بولدىغان يەرلەر يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربانلىققا ئايلاندى.
دۆلەتنىڭ ساياھەت ئورۇنلىرنىڭ تەبئى مۇھىتىنى قوغداش،ئاسىراش توغىرىدا ئېنىق قانۇن تۈزۈملىرى بار، لېكىن يەرلىك ئورۇنلار ، سامان قورساق ئەمەلدارلار مەنپەئەتى ئۈچۈن قانۇندىن پايدىلىنىپ بۇ جايلارنى قوغداشقا سەل قاراۋاتىدۇ....
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ، سىز بولىسڭزمۇ ئەنە شۇنداق جايلارغا بارغىنىڭزدا ئۆزمىزنىڭ تارىخى ئورۇنلىرىمىزنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىڭ، بىر تال ئەخلەتنى ئاز تاشلاڭ، بىر تال تاماكىنى ئاز چېكىڭ، ئانا دىيارمىزنى سىز ،بىز قوغدىمىساق ئاخرىدا بىزنى يەر يۇتىدۇ!
[ بۇ يازما qolburkuti تەرپىدىن2009-05-15 23:54دە قاي ]