گۇئانتانامو ئۇيغۇرلىرى مەسىلىسى گېرمانىيىدە زور تەسىر پەيدا قىلدى
ئىككى ھەپتىدىن بۇيان، گېرمانىيىدە گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى گېرمانىيىگە قوبۇل قىلىش – قىلماسلىق مەسىلىسى ئۈستىدىكى تالاش – تارتىشلار يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. گېزىت، ژۇرنال، تۋ، رادىئو قاناللىرى ھەم ئىنتېرنېتلارنى بۇ خۇسۇستىكى بەس – مۇنازىرىلەر قاپلىدى.
گېرمانىيە ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرى شويىبلىنىڭ “قىزىق نۇقتا” ھەپتىلىك ژۇرنىلى مۇخپىرىغا بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۇئانتانامودا تۇرۇۋاتقان 10 نەپەر تۇتقۇننى گېرمانىيىنىڭ قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇ 10 نەپەر تۇتقۇننىڭ توققۇز نەپىرى ئۇيغۇرلار ئىكەن. شويىبلى سۆزىدە ئامېرىكىنى ئەيىبلەپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ توققۇز نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇن ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكىنى، بۇلار گېرمانىيىگە قوبۇل قىلىنغان تەقدىردە، گېرمانىيىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان – يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلىشكە ئېھتىياجى بارلىقىنى، ئامېرىكا تەمىنلىگەن چەكلىك ماتېرىياللارغا ئاساسەن قارار چىقارغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شىتايىن مايەر ئەپەندىنىڭ پوزىتسىيىسى باشقىچە بولۇپ، ئۇ گۇئانتانامودىكى تۇتقۇنلارنى گېرمانىيىنىڭ قوبۇل قىلىشىنى پرىنسىپ جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇخپىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ شۇنداق دېگەن: “گۇئانتانامو تۈرمىسى يالغۇز ئامېرىكىنىڭ شان – شەرىپىنى يەرگە ئۇرۇپلا قالماي، پۈتكۈل غەرب دۇنياسىنىڭ ئىناۋىتىگە قاتتىق تەسىر يەتكۈزدى.”
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گۇئانتانامودىكى بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرمايدىغانلىقى تەكىتلەن`گېن بولسىمۇ، ھازىرچە قارار بېرىشنىڭ بالدۇرلۇقىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىزاھلىغان. ئۇ سۆزىدە يەنە “بۇ توققۇز نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇن جۇڭگو پۇقراسى. بىز ئۇلارنى قوبۇل قىلساق، گېرمانىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتەمدۇ – يوق؟ بۇ مەسىلىنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك” دېگەن.
گېرمانىيە پارلامېنتى ئىچكىي سىياسىي كومىتېتنىڭ رەئىسى ئايداد ئەپەندى “دۇنيا گېزىتى”گە قىلغان سۆزىدە بولسا “گېرمانىيە 80 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە بىر دۆلەت. بىرقانچە كىشىنى قوبۇل قىلىش بىز ئۈچۈن چوڭ مەسىلە ئەمەس. بىز بۇ مەسىلىدە چەتتە قاراپ تۇرۇش پوزىتسىيىسىنى تۇتساق قەتئى مۇۋاپىق بولمايدۇ” دېگەن.
ئەمما باۋارىيە شتاتى ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرى ھېرمان ئەپەندىنىڭ پوزىتسىيىسى قاتتىق بولۇپ، ئۇ “سۈرەتلەر” گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن “مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھازىر قوبۇل قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بۇ 9 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 7 نەپىرى ئىلگىرى شەرقىي تۈر كىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى بازىسىدا ھەربىي تەلىم – تەربىيە كۆرگەن، گېرمانىيىگە بۇنداق ئادەملەر كېرەك ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ بۇ تەلىپى يولسىز بىر تەلەپ.”
يېشىللار پارتىيىسى بولسا، گېرمانىيە ھۆكۈمېتىنى ئامېرىكىنىڭ بۇ چاقىرىقىغا دەرھال ئاۋاز قوشۇشنى تەلەپ قىلىپ مۇراجىئەت ئېلان قىلغان. ئۇلار 9 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ گېرمانىيىگە ئورۇنلىشىشىنى ئەڭ كەسكىن تەلەپ قىلىۋاتقان پارتىيە بولۇپ، گېرمانىيە ھۆكۈمېتىنىڭ بۇ ئىشنى ئارقىغا سوزۇۋاتقانلىقىغا ئىزچىل نارازى بولۇپ كەلمەكتە.
باۋارىيە پارلامېنتىدىكى يېشىللار پارتىيىسى رەئىسى باۋزى خانىم مۇنداق دېگەن: “گۇئانتانامو تۈرمىسى دېموكراتىك جەمئىيەت ئۈچۈن ھاقارەت، كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ھاقارەت. ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەر بۇ تۈرمىنىڭ تاقىلىشىغا توسالغۇ بولىدىغان ھېچقانداق بىر قەدەمگە شېرىك بولماسلىقى كېرەك. مىيۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇ بەختسىز كىشىلەرنى باغرىغا بېسىھنىڭ تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ بولدى. مىيۇنخېندا 500 گە يېقىن ئۇيغۇر ياشايدۇ، ياۋروپادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىن ئىبارەت”
“ئەينەك” جورنىلىدىكى مەخسۇس ماقىلىدا بايان قىلىنىشىچە، سوراق ئارخىپىغا ئاساسلانغاندا، گۇئانتانامودىكى ئەنۋەر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر جۇڭگوغا قارشى كۈرەش قىلىش مەقسىتىدە ئافغانىستاندا ئاق47 تىپلىق قىرغۇچى قورالنى ئېتىشنى ئۆگەنكەن.
مەنبە:ۋەتىنىم تورى