ئابابەكرى سىز بىلەن تۈنۈگۈن تىلىفۇندا كۈرۈشۈپ سىزنىڭ راسچىنلىق بىلەن قىلغان گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ سىزگە قايتىدىن ھۆرمەت تۇيغۇم شەكىللەندى ، سىزدەك ئادىمىي ئەخلاق بىلەن ياشايدىغان بىر يىگىتنىڭ كەلگۈسىدە چوقۇم چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشى تۇرغانلا گەپ . مەيلى مەن ئىنىمنى سىزدە ئوقۇتاي ياكى ئوقۇتماي ،سىزنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇش يولىڭىزغا ئاللادىن ئاسانلىق تىلەيمەن ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭ ئاشۇ تەۋرەنمەس مۇستەھكەم ئىرادە ، ئىمانىي ئىتىقادىڭىز بىلەن كەلگۈسىدە ئوقۇغۇچىلىرىڭىز بىلەن بىرلىشىپ دۇنياۋى كارتۇن فىلىم ئىشلىيەلىشىڭىزگە ئىشىنىپ تۇرۇپتىمەن .
ئالتۇن كۈمۈلۈپ قالسىمۇ ئۇ يەنىلا ئالتۇن . سىز چوقۇم غەلبە قازىنىسىز ئابابەكرى .
ئاستىدىكىنى بىر قۇر كۈرۈپ بېقىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن ( بولۇپمۇ 3 د غا قىزىقىدىغانلار )
بۇ ئىچكىردىكى بىر قىسىم 3د تەربىيەلەش مەركەزلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ 0 سەۋىيەدىن باشلاپ ئۈگۈنىپ 7 ئايدا مۇشۇنداق سەۋىيىلىك كارتۇنلارنى ئىشلەپ چىققان ئەسەرلىرى . (ناۋادا بىزدە ئىشەنچ بولىدىكەن بىز ھەرگىزمۇ ئۇلاردىن قېلىپ قامايمىز )
بۇ بېيجىڭ خىرۇستال شىركىتىنىڭ ئولىمپىك مەيدان كۈرۈنىشىنى 2001 يىلى ئىشلىگەن ئەسىرى . بىز كۆرگەن ئولمىپىك مەيدانى 7 يىل بۇرۇن شۇ شىركەتتە مەۋھۇم كۈرۈنىشى ئىشلەنگەن . بۇلارنىڭ قۇرلۇش كارتۇن سەۋىيىسى دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرىدىكەن ، لېكىن ئادەملەشكەن فىلىم كارتۇن سەۋىيىسى بۇنداق يۇقرى ئەمەس ، بۇنىڭغا ئامرىكىدىكى دېسنىي شىركىتى بىلەن پىكسار شىركىتى نەمۇنىلىك باشلامچى .
ماۋۇ يەنە بىرسى . ( ئابابەكرى بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا سىز بىلەن ئوخشاش مۇزىكا ئىشلىتىپتىكەنتۇق )
idmt شىركىتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئاخىرقى ئىككى ھەپتە سەرىپ قىلىپ ئىشلىگەن ئەسىرى .
ئابابەكرى ، سىز تىرىشسىڭىز بۇلاردىن نەچچە ھەسسە ياخشى قىلالايسىز ، ئەلۋەتتە بۇ ئەسەرلەر 15 -20 ئوقۇغۇچى بىرلىكتە ئىشلىگەن ئەسەر ، ناۋادا سىز شۇ ئوقۇغۇچىرىڭىزنى ياخشى تەربىيەلەپ چىقسىڭىز ، سىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىڭىز چوقۇم بۇلاردىن ئېشىپ كىتىدۇ . سىزنىڭ كەلگۈسى يوللىرىڭىزغا بەخىت تىلەپ تۇرغۇچى يىراقتىكى بىر يۈرەكتىن .
ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇقلۇق بەرسۇن ! خۇداغا ئامانەت