تېمىنى يېزىشتا پايدىلىنىلغان ئورۇن:
http://www.instructables.com/id/Balancing_Robothttp://www.roboticfan.comقىسقىچە چۈشەنچە:
بۇ تەڭپۇڭلۇق ساقلىغۇچى ماشىنا ئادىمى نامراتلارنىڭ ماشىنا ئادىمى بولۇپ، رەسىمدىنلا بىۋاستە كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى قۇرۇلمىسى ناھايىتى ئاددى. تەننەرخى تۆۋەن.
بۇ ماشىنا ئادەم ئەڭ ئاددى بولغان ۋىكليۇچاتىلنى سېنزور (سېزىم تارقاتقۇچ) نىڭ قوش چاقلىق يىقىلىپ چۈشمەسلىك قۇرۇلمىسى قىلىپ تۇرۇپ ياسالغان، ئاساسلىق پىرىنىسىپى ماشىنا ئادەمنىڭ ئۈستى تەرىپى بىر تەرەپكە ئېغىشىپ يىقىلىپ چۈشەي دىگەندە ئېلىكتروۋۇزنىڭ ئايلىنىش كۈچى ئارقىلىق ئۇنى تەڭپۇڭ ھالەتكە كەلتۈرۈش.
تۆۋەندە بىز بۇنى ياساشنىڭ تەپسىلىي قەدەم باسقۇچلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز.
تەپسىلىي قەدەم باسقۇچلىرى سۆزلەنگەن دەرسلىكنى ئەسلى تېما ئورنىدىن كۆرگەيسىز:
http://sebori.cn/kulub/viewthread.php?tid=114خاتىمە ئورنىدا
بۇ تەڭپۇڭلۇق ساقلىغۇچى ماشىنا ئادەم ناھايىتى ئاددى بولسىمۇ، لېكىن قالتىس بىر ئەسەر دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئاۋۋال تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى، بۇ ماشىنا ئادەم تەڭپۇڭلۇقنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، گەرچە ۋاقتىنى بەك ئۇزۇن دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، بىراق بۇ پىرىنىسىپ بارلىق ماشىنا ئادەملەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ئاساسى، ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە ئاپتوماتىك كونترول قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم كونترول قىلىش ئۇسۇلىنى ئىپادىلەپ بەرگەن، قايتما ئىنكاس، يېپىق ھالقىدىكى قايىتما ئىنكاس، بۇ ماشىنا ئادەم بىلەن يېڭى ئۇچراشقان ئادەم ياكى باشقا ئاپتوماتىك كونترول قىلىش سېستىمىسىغا قىزىقىدىغان دوستلىرىمىز ئۈچۈن قىزىقارلىق تەربىيە ئۇسۇلىنى تەمىنلىگەن؛ يەنە بۇ ماشىنا ئادەم بىزگە بىر ھەقىقەتنى، يەنى ئىنسانىيەت تەسەۋۋۇرىنىڭ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. بىز ئويلىنىپ كۆرۈشىمىز كېرەككى: ناھايىتى كۆپ ۋاقىتلاردا بىز ناھايىتى مۇرەككەپ ئۇسۇللار ئارقىلىق ناھايىتى ئاسان مەسىللەرنى ھەل قىلىمىز، شۇنداقلا يەنە بەزىلەر دەل ئەكسىچە ناھايىتى ئاددى ئۇسۇللار بىلەن ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسىللەرنى ھەل قىلماقتا!
مېنىڭچە بۇ ماشىنا ئادەمنى قول سېلىپ ياساپ بېقىشنى كۆپ ئادەم سىناپ كۆرمەسلىكى مۇمكىن، بىراق يېڭى ماشىنا ئادەم ياساشقا قىزىقىۋاتقان دوستلىرىمىز ئۈچۈن بۇ ناھايىتى ياخشى بولغان ئۈلگە مىسال، ھەم قىزىقارلىق، شۇنداقلا ياساش تەس ئەمەس، دوستلىرىمىزنىڭ بۇنى كەڭ ھەۋەسكارلارغا بولسا بالىلارغا تونۇشتۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
تېما مەنبەسى:
http://sebori.cn/kulub/viewthread.php?tid=114