مەملىكەتلىك ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى CBA،ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 4-مەيدانى بۈگۈن كەچ سائەت 5:30(ئۈرۈمچى ۋاقتى) دا قىزىل تاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا ئوينالدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ شىنجاڭ كوماندىسى ئارقىدا قالغان بولسىمۇ ،لېكىن نومۇر پەرقىنى چوڭايتماي ،4-مەيدانغىچە قوغلاپ كەلدى ،مۇسابىقە تۈگەش ئالدىدا ،گەرچە نومۇرى تەڭلەشكەن بولسىمۇ ،باتۇرنىڭ جازا توپنى كىرگۈزەلمەسلىكى ۋە ئەيلۈننىڭ قائىدىغا خىلاپلىق قىلىشى بىلەن 78دە 81گە قارشى نەتىجە بىلەن گۇڭدۇڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى .
لېكىن ،مۇسابىقە جەريانىدا يەرلىك ماھىرلاردىن مەۋلان ،شىرئەلىجان،مۇرات قاتارلىقلارنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى.
بۇنداق بولغاندا،
ئومۇمىي نەتىجە 3دە 1بولۇپ ،شىنجاڭ كوماندىسى ھازىرچە ئارقىدا ،كېلەركى مەيداننى گۇڭدۇڭدا ئوينايدۇ .ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە جەمىي 7مەيدان ئوينىلىنىپ 4مەيدان غەلبىدە ئاخىرلىشىدۇ.
مەنبە: ئۇيغۇرQQمۇنبىرى
http://www.uyghurqq.com/bbs