تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا تۈنۈگۈن نېفېت ئاكادېمىيىسىگە تۇيۇقسىز بېسىپ كىرگەن مەلۇم بىر گۇماندار كىشىنىڭ ئالدىغا ئۇچرىغانلا كىشىگە ئوق ئېتىشى نەتىجىسىدە، ئۆزى بىلەن قوشۇلۇپ جەمئىي 18 كىشى ئۆلدى.
ئەزەربەيجان نېفېت ئاكادېميىسىدە تۈنۈگۈن ئەتتىگەندە ئەزەرى مىللىتىدىن بىراق گۈرجىستان (گرۇزىيە) پۇقراسى بولغان 29 ياشلىق ئەساد گارىبوۋ، ئوقۇغۇچىلارغا قالايمىقان ئوق چىقارغان.
ساقچىلارنىڭ ھۇجۇمى جەريانىدا قاتىل ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.
بەزى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، قاتىل بۇ قېتىمقى جىنايى ۋەقەنى ئۆزى يالغۇزلا سادىر قىلمىغان ئىكەن.
دوختۇرخانا مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى قانلىق ۋەقەدە 18 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى رامىز ئابدۇللايېۋ بىلەن ئۇنۋېرسىتېت خىزمەتچىلىرىدىن 4 نەپەر ئايالمۇ بار ئىكەن.
بۇ قېتىمقى قانلىق ۋەقەدە 2 نەپەر سۇدانلىق ۋە 1 نەپەر سۇرىيە پۇقراسى ھاياتىنى يوقاتتى.
نېفېت ئاكادېمىيىسىدە تۈركيىلىك 250 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى قانلىق ۋەقەدە تۈركىيىلىك ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار كۆرۈلمىگەن.
ئامېرىكا: تۈركىيە - ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنىڭ ئاساسلىق ئامىلى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىىشىش
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، تۈركىيە - ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنىڭ ئاساسلىق ئامىلىنىڭ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىىشىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ھازىرلانغان ھەرقايسى دۆلەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك 2008 – يىللىق تېررورىزم توغرىسىدىكى دوكلات ئېلان قىلىندى.
دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلاتىدا، ئەل قائىدە، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە ماركىسىزىم – لېنىنىزمغا مايىل تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ ھازىر تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
دوكلاتتا، گېرمانىيە ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدە PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پۈل – مۈلۈكلىرىنىڭ مەنبەسىنى كېسىپ تاشلاش توغرىلىق قاتتىق تەدبىر قوللىنىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
دوكلاتقا كۆرە، ھاماس بىلەن بىرگە ھىزبۇللاھ، پەلەستىن، ئىسلامىي جىھاد، پەلەستىن ئازاتلىق پرونتى ۋە ئەل ئاقسا شېھىتلىرى ئەترىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
كوردوۋا: مېكسىكىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان چوشقا زۇكىمى كونتروللۇق ئاستىدا
مېكسىكا سەھىيە مىنىستىرى جوسې ئانگېل كوردوۋا، دۆلەتكە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان چوشقا زۇكىمىنىڭ كونتروللۇق ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
كوردوۋا، چوشقا زۇكىمىدىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 180 گە يەتكەنلىكىنى، بۇ زۇكام تۈپەيلى كېسەل بولغانلارنىڭ سانىنىڭ بولسا 2500 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىمۇ چوشقا زۇكىمىنىڭ تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىلىشى ۋە كېسەللىكنىڭ ئەتراپلىق تەكشۈرۈلۈشى مەقسىتىدە مېكسىكىدا بىر تەجرىبىخانا تەسىس قىلدى.
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىمۇ چوشقا زۇكىمىغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش ۋە ماس ھالدا ھەرىكەت قىلىش قارارى ئالدى.
http://www.trtuyghur.com/International/news.aspx?Dil=uy