سىز بۇ تېمىنىڭ 155 - كۆرۈرمىنى
mux521
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 83445
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 78
شۆھرەت: 82 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 820 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 268(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-03

 ئانا تىلىم   (نەسىر)

ئانا تىلىم

(نەسىر)

-ئىبراھىم ئالىپ تېكىن-


    مەيلى، قايسى تىلدا زوق ئالسا ھەركىم،
    مېنىڭ ئۆز تىلىمغا جېنىم مىڭ پىدا.
    ئەگەر ئانا تىلىم يوقالسا ئەتە،
    مەن بۇلاي بۈگۈنلا جېنىمدىن جۇدا.
                                            -رەسۇل ھەمزەتوف
    مەن تۇغۇلدۇم، دادام مېنى <ئۇيغۇر>دەپ ئاتىدى.
    مەن تۇغۇلدۇم، دادام مېنى <ئون غۇز>دوپ ئاتىدى.
    مەن دادامنىڭ مۇقەددەس يېرىدە،ئانامنىڭ مېھرىبان قۇچىقىدا بۇ ھاياتلىقنىڭ قاينام تاشقىنلىق بازىرىغا ئاپىرىدە بولدۇم.مەن بۇ بازاردا مىليۇن خەلقنىڭ مۇھەببەتلىك قەلبىگە سىڭىپ كەتتىم،ئۇلار مېنى قايناق،گۈزەل سۆيگۈسى بىلەن پەپىلەپ،بۈيۈك غورورى بىلەن قاتارغا قوشتى.مەن چوڭ بۇلىۋاتىمەن.شۇنداق،ھايات ۋە ماماتلىق ئىچىدە ئۆسىۋاتىمەن.ئۇلار ماڭا:<ئوغلۇم،ئالدىڭغا قارا،كۆزۈڭنى ئاچ>دەپ گەپ قىلغاندا،مەن ئۈگىدەك باسقان روھىمغا سوغاق سۇ چاچىمەن،روھىم مېنى مەڭگۈ ئەركىنلىكنىڭ يېشىل باغچىسىغا باشلاپ بارىدۇ.
كېتىۋاتىمەن.يولدا ئۇچرىغان بۇ كىشىلەر مېنى چۈشىنىدۇ،بىز ئۆز ئارا سۆزلىشەلەيمىز،مەن ئۇلارنى چۈشىنىمەن،گەرچە ئۆيىمىز باشقا-باشقا بولسىمۇ.بىز كۆرىشەلەيمىز،بىزنى سۆزلەشتۈرگەن،بىزنى كۆرۈشتۈرگەن پەقەت بىزنىڭ ئانا تىلىمىز!
    مەن قۇمساڭغۇ تۇپراقنىڭ چىملىق ساھىلىدا <چىم-چىم>ئويناۋاتقان سەبىي بالىلارنى ھەر قېتىم ئۇچراتقىنىمدا چەكسىز سۆيۈنۈپ كېتىمەن.مەن ئۇلار بىلەن ئۇزاقتىن ئۇزاق سۆزلىشىمەن،ئۇلار بوۋىلىرىدىن ئاڭلىغان ئەپسانىۋىي ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ.ئۇلارنى ئاشۇنداق گۈزەل تىلدا سۆزلەتكەن-مېنىڭ ئانا تىلىم.
    جەڭگاھتا يۈز-كۆزى قانغا مىلەنگەن سەركەردە قۇچىقىمدا جان ئۈزدى.ئۇنىڭ تنىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىپى ئۈزۈلگىچە سۆزلىگەن سۆزى پەقەت مېنىڭ تىلىم.ئۇ مېنىڭ تىلىمدا مەن بىلەن يورۇق كۈندۈزدىمۇ ئوتلۇق سۆزلىشەلەيدۇ،زۇلمەت كېچىدىمۇ سۆزلىشەلەيدۇ.
    ئانا تىلىم-ئانامنىڭ تىلى،ئاتامنىڭ تىلى؛ئانا تىلىم-ۋەتەننىڭ،تۇپراقنىڭ تىلى؛ئانا تىلىم-دەريا،دېڭىز-ئوكيانلىرىمنىڭ تىلى؛ئانا تىلىم-گۈل-گىياھ،دەل-دەرەخلىرىمنىڭ تىلى؛ئانا تىلىم كۆك ئاسمىنىمنىڭ تىلى،ھەممە ھەممىنىڭ تىلى...مەن سۆيگەن ۋەتەن،مەن سۆيگەن قىز،مەن سۆيگەن ھەممە بىر-بىرىمىزگە ئۆزتىلىمىزدا مۇھەببەت بېرىمىز،بىر-بىرىمىزنى ئۆز تىلىمىز بىلەن سۆيىمىز.بىزنىڭ ئارمانلىرىمىز ئانا تىلىمىزدا بايراق چىقىرىدۇ؛ئانا تىلىمىز بىزنى يۈكسەكلىككە،ئۇلۇغلۇققا ئېلىپ چىقىدۇ.
    كېتىۋاتىمەن.پۇت-قۇلۇمنىڭ مادارى ئانا تىلىمدىن كەلگەن.تار،ئەگرى-توقاي يوللار مەن ئۈچۈن ھېچگەپ ئەمەس،مېنىڭ باسقان ھەر بىر قەدىمىمدە ئانا تىلىم بار.ئۇ مەن ئۈچۈن ئىرادە،ئۇ ماڭا قانات!مەن نەدە ياشاي ئۇ مېنىڭ يۈرىكىمدە...
    بوۋاقلىقىم،يۇمران بالىلىق چاغلىرىم،جۇشقۇن ياشلىقىم،باتۇر قىرانلىقىم،ساغلام قېرىلىقىم...بۇ زەنجىرسىمان ھايات يوللىرىدا ئۇ ماڭا ھەمراھ،ئۇ ماڭا باشپاناھ.
    مەن ئانا تىلىمنىڭ كارامىتىگە ئاپرىن ئېيتماي تۇرالمايمەن،مەن پەقەت بالىلىق چاغلىرىمدىن باشلاپ ئىگىلىگەن ئانا تىل بىلەنلا ئادەم قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىكى مىللىي غورۇر بۇلىقىنى ئاچالايمەن.ئېسىل پەزىلەتلەرگە مەدھىيە ئوقۇيالايمەن،ئانا تىلىم ئارقىلىق بوۋام ئاپراسىياپتىن تارتىپ ناۋائىيگىچە،شۇنداقلا بۈگۈننىڭ مەشئىلىنى كۆتۈرگۈچى مەردانە ئەزىمەتلەرنىڭ جەڭگىۋار ناخشىلىرىنى داۋام ئېتىمەن.
   ئەي،جاھان سەھنىلىرىدە قۇياشتەك نۇر-زىيا تارقىتىۋاتقان ئانا تىلىم،سېنىڭ ئۆمرۈڭ ئۇزاق بولسۇن،سەن بىزنىڭ ئەبەدىي قۇرىماس يېشىل دەرىخىمىز!

تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-05-01, 14:42

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-01 22:42 |
ئىزنا سودا بازىسى
nafis520
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 85018
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 27
شۆھرەت: 27 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 270 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-03

 

تىلنىڭ يوقۇلىشى مىللەتنىڭ يوقۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ !
ئانا تىلىنى سۈيمىگەنلىك ، ئۈزىنى سۆيمىگەنلىك!
      

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 22:51 |
786ab
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 72673
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 160
شۆھرەت: 160 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1600 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 162(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

مەن بۇ تىمىنى كۇرۇپ بىرسىنىڭ يازغان شىئىرى ئىسىمگە كەپ قالدى

ئۇيغۇر تىلى يوقالسۇن
ئەسقاتمىغان بىزلەرگە ئۇيغۇر تىلى يوقالسۇن،
نەگەبارسا قەدىرسىز بىچارە تىل يوقالسۇن.
كىم كايىدى بىزلەرگە قەدىرلە دەپ تىلىڭنى،
يولىمىزغا پۇتلاشقان ئۇيغۇر تىلى يوقالسۇن.
نۇمۇس قىلىپ بۇنىڭدىن سۆزلىمەيلى ئۇيغۇرچە،
جىسمى قۇرۇق ناكەس تىل ئېڭىمىزدىن يوقالسۇن.
پەخىرلەنمە تارىختىن،مەھمۇت مېنىڭ بوۋام دەپ،
كېم قېزىپتۇ تارىخنى ئۇيغۇر تىلى يوقالسۇن.
بىزگە كېرەك خىزمەتلا،كېرەك ئەمەس يېزىقمۇ،
ئويۇنلارغا پۇتلاشقان ئۇيغۇر تىلى يوقالسۇن.
بولدى ئەمدى تەمتىرىمەي باشقا تىلدا سۆزلەيلى،
تىلىم بىلەن ئېلىممۇ،ئۇيغۇرمۇ ھەم يوقالسۇن...

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 23:22 |
1utkur
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 11290
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 305
شۆھرەت: 306 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2945 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 71(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

ئۆز ئانا تىلنى قەدىرلىمىگەن مىللەت زاۋاللىققا يول ئالغان مىللەتتۇر  !!!!!!!!!!!!!!

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
مۇتلەق جاۋاب ئادەم پىكىرىگە قىلىنغان مۇستەبىتلىك .
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-02 01:37 |
بأره
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 63757
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1659
شۆھرەت: 10679 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 9355 سوم
تۆھپە: 16 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 985(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-03

 

ئانا تىلدىن ئايرىلسام

مۆمىنجان ھەمرايېۋ

(قازاقىستان)

مەيلى مۈلكۈم ھەم مىلىمدىن ئايرىلسام،
مەيلى بارار مەنزىلىمدىن ئايرىلسام،
مەيلى تۇندە مەشئىلىمدىن ئايرىلسام،'
ياق !ئۆلىمەن ئانا تىلدىن ئايرىلسام.

رازىمەنكى كىچىشكە ئۆز بەختىمدىن،
مەنسەپ-ئابرۇي،تاجۇ-تەختىمدىن،
ئۆرتىنىپ كۈل بوپ كىتىمەن تەكتىمدىن،
ئانام بەرگەن ئانا تىلدىن ئايرىلسام.

تىلىڭدىن كەچ دەپ كىملەردۇر ئەگەردە،
كۆمىۋەتسە مىنى تىللا يۇ - ھەم زەرگە،
ئانام بەرگەن سۈت ئايلىنار زەھەرگە،
قازا يىتەر ئانا تىلدىن ئايرىسام.

ئانا تىلسىز ماڭا دۇنيا يالغاندەك،
تىلىمنى دۇشمەن يۇلۇپ ئالغاندەك
تۇيۇلىمەن ئۆزەمگە بىر ھايۋاندەك،
<ئادەملىكىم ئاناتىل> دىن ئايرىلسام!

ئۇنۇتسام گەر ئانا تىلنى بىرزامان
چايان بولوپ چاققاي مىنى پاك ۋىجدان.
ئاچ-زار قالغان كەبى كۆرمەي ئاپئاق نان،
كۈنۈم پۇتەر ئانا تىلدىن ئايرىلسام

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
ئۆتمۈشىنى بلمىگەن مىللەت كەلگۈسىگمۇ ئىگە بۇلالمايدۇ!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-02 08:44 |
maylamqi
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 15435
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 634
شۆھرەت: 640 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6140 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 254(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

مېنىڭ تىلىم ئاتا تىل
تىلىم قاتىق تاقا تىل .
ئۆتكۇر كەسكىن تىل
تاتلىق تەمكىن تىل .

شىنجاڭ تور مەكتىپى
http://images13.51.com/120/a/a9/11/janu88/1208331369_61341000.jpg
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-02 12:51 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » نەسىر-ئوبزورلار
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:05-03 22:23, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ