ھەقىيقى بولغان ۋەقەلىك
خىرۇئىن ئۈستىگە تۇغۇلغان بوۋاق،
زەھەرنىڭ زىينىغا ئۇچۇرمىغان قىز .
قاراڭە نەقەدەر چىرايلىق ئۇماق ،
تەپسىلى سۆزلىسەم ئاڭلاپ باقامسىز .
ھەقىيقى ۋەقەنى يازمىغان شائىر ،
ئوخشايدۇ بەئەينى نامسىز بۇلاققا .
يازغىنى قىلمايدۇ ھېچكىمنى قايىل ،
شېئىرى ھېچكىمنىڭ ياقماس قۇلاققا .
مەن تېخى ياش نوتا شېئىرىيەت ئۈچۈن،
يازىمەن ھەقىيقى ۋەقەنى كۆرسەم.
ھەقنى يازماسلىق نۇمۇس مەرت ئۈچۈن،
نۇمۇستىن ئۆلمەمدىم ھەقنى يات بىلسەم .
ۋەقەنىڭ تەپسىلى زەھەر توغۇرلۇق،
يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە مۇشۇ زاماندا.
بالىسى يىغلاڭغۇ ئانىسى ئۇرۇق،
ئۇرۇقنىڭ ئاچچىقى كىلىمىش ئاندا.
قەدىرلىك ئوقۇرمەن تۇنجى ئاڭلىغان،
بۇ بەلكىم سىز ئۈچۈن قىززىق ھېكايە.
ۋەقە كۆپ ئونمىڭ ياق يۈز مىڭلىغان،
ئازنى دەپ ۋاقىتنى قىلمايمەن زايە.
تۇغۇپتۇ بىر ئانا يۇرۇق دۇنياغا،
تۇرمۇشنىڭ قوۋزىقى مىھرىنى ئىزدەپ.
دادىسى قول باغلاپ شۇئان دۇئاغا،
بەر تەڭرى قىزىمنىڭ بەختىنى تىز دەپ.
بالىنى بېقىپتۇ ئۇلار پەپىلەپ،
كۈندۈز دادىسى كېچىسى ئانا.
ياراتقان تەڭرىدىن بەختىنى تىلەپ،
مىھرىنى ئايماي بىرىپتۇ يەنا.
ئۇلارنىڭ كۈيۈنۈپ بېقىشى بىلەن،
چوڭ بوپتۇ قىز تارىم سۈينى ئىچىپ.
ئايىغى تايچاقتەك چىقىشى بىلەن،
ئويناپتۇ قىز تارىم سۈينى كىچىپ.
كىرىپتۇ قىز بىركۈن مەكتەپ قوينىغا،
گاھىدا يىغلاپتۇ گاھىدا كۈلۈپ.
چىرايلىق گالاستىك ئېسىپ بوينىغا،
ئوقۇپتۇ قىز ئاخىر مەكتەپكە كىلىپ.
قىز كىرەي دىگەندە ئون يەتتە ياشقا،
بېرىپتۇ قىزچاقنى مەجبۇرى ئەرگە.
قۇيۇپتۇ دەمدەك ئوسمىنى قاشقا،
بەرگەندەك تەڭرى كۆكلەمنى يەرگە.
تۇرمۇشنىڭ توققۇزى تەل بولمىغاندەك،
ئۇلارنىڭ تۇرمىشى ياخشى بولماپتۇ.
تىلىگەن تىلىكى ھەل بولمىغاندەك،
تەڭرىدىن يۈز ئۆرۈپ باخشى بولماپتۇ.
تۇيۇقسىز بىر خەۋەر ئاڭلاپتۇ ئېرى،
بۇ خەۋەر ئېرىنى قىپتۇ بەك خۇشال.
ئىچكىرگە كىرىشكەن ئەڭ يامان يىرى،
كىرەيلى بوپ كەتسەك مەيلى بىز قاقشال.
دەپتۇ ئەر خۇتۇننىڭ قۇلىنى تۇتۇپ،
خەخ تاپقان پۇلنى بىز تاپساق يامانمۇ؟
قاچانمۇ يىڭىلمەي يىڭىمىز ئۇتۇپ،
يىڭىلگەن ئادەمنى شاللار زامانمۇ.
دەپتىكەن ئېرى ئايالغا قاراپ،
ئايالى كۆز قىسىپ لىڭشىتىپتۇ باش.
ئايالى ئەينەككە قاراپ چاچ تاراپ،
بولغۇچى ئەر توغرا قىپتۇ بىر سۇيقاش.
ئەرخۇتۇن مېڭىشقا جاپدۇنۇپ بوپتۇ،
تۇسسۇمۇ ئۇلارنى ئۇرۇق تۇققانلار.
ھېچ كىشى ئۇلارنى مېڭىڭلار بوپتۇ،
دىمەستىن بۇ ئىشنى تۇلۇق ئۇققانلار.
قىينالغان بولساڭلار قىلايلى ياردەم،
كەتمەڭلار بۇ ئىللىق ئانا دىياردىن.
قىلىمىز ياردەمنى سىلەرگە ھەردەم،
ئايرىلماي ياشاڭلار سۈيۈملۈك ياردىن.
دىسىمۇ جامائەت ئۇلار ئاڭلىماي،
تۇرۇپتۇ ئۆزىنىڭ گىپىدە تاشتەك.
بولامدۇ توغرا ھە پۇلنى داڭلىماي،
پۇل ئەر ئۈچۈن تۇرسا ئوت قاشتەك.
ئەر ئايال ۋىژداننى پۇل بىلەن سەرلەپ،
باققىلى يول ئاپتۇ ئىچكىرگە قاراپ.
دەپتۇ ئەر ئايالغا ئاق بىلەن تەرلەپ،
مەيلى بىز قالساقمۇ دوزاققا ياراپ.
دەپ ئۇلار كىرىپتۇ ئىچكىر ئۆلكىگە،
شەيتاننىڭ يولىغا مېڭىپ ئىككىسى.
ئايلىنىپ ئەر يىرتقۇچ ئايال تۈلكىگە،
گۇناھتا شەيتاننى يىڭىپ ئىككىسى.
باشلاپتۇ ئىشىنى بالا ئالداشتىن ،
ئۆز ئانا دىيارى شىنجاڭغا چىقىپ.
يۈرىكى بەك قېتىپ كىتىپتۇ تاشتىن،
تاش يۈرەك ئەرخەقكە چىپاقنى تىقىپ.
ئوغۇرلۇق قىلىشقا ساپتۇ بالىنى،
قىلغىلى ئۇنىمىسا پۇتىنى چېقىپ.
پەقەتلا ئاڭلىماي ئۇلار نالىنى،
بالىنىڭ ياشلىرى كەتسىمۇ ئېقىپ.
كۈندۈزى بازارنى ئايلاندۇرۇپتۇ،
(سالە يانجۇققا قۇلۇڭنى گۇي) دەپ.
سالمىسا ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇپتۇ،
(بازاردا تاپقان پۇل قېنى ھوي) دەپ.
بىچارە بالىلار ئامالسىزلىقتىن،
چىقىپتۇ يىغلىشىپ كۈندە بازارغا.
بەزى قىز ئايرىلىپ قاپتۇ قىزلىقتىن،
قىزلىقى دەپسەندە بۇلۇپ ئاھ زارغا.
دەپسەندە قىلغىنى ئەمەس ئاھ زارلىق،
ۋەھشى يىرتقۇچلار دەپسەندە قىلغان.
يامانغۇ ئىنسانغا ئۆلۈمدىن خارلىق،
ئۆلەي دەپ قىز ئاخىر باغرىنى تىلغان.
ئەجەلنىڭ تىزگىنى بولسىمۇ قولدا ،
لىكىن قىز ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ.
ھەر كىمنىڭ قىسمىتى بار ياشاش يولدا ،
بولغاچ قىز ھاياتقا تۇتۇلۇپ قاپتۇ.
ئۆلۈمدىن قىزچاقنى قۇتقۇزىۋالغىنى،
قىزدەك ئالدانغان دوستلىرى ئىكەن.
دوستلىرى قىزنىڭ بۇلۇپ قالقىنى،
قارغان نىيتى تۈز رۇسلىرى ئىكەن.
قىز تېخى ئارانلا توققۇز ياش ئىكەن،
توققۇز ياشلىق قىزغا ئېتىپ ياۋۇز ئوق.
يىرتقۇچ ھايۋانلار قىز ئۈچۈن تىكەن،
تېرىپتۇ ئەقلىگە يىگەنلىكتىن پوق.
داۋامى قايتا تىما قىلىپ يوللىنىدۇ.
[ بۇ يازما تىركەش تەرپىدىن2009-05-02 12:03دە قايتا ت ]