ئىزگۈ خىياللار
باھار سەلكىنى خىياللىرىمنى تۇيدۇرماستىن ئۇچۇرۇپ ماڭغاندا ،يۈرىكىمنىڭ تىترەشلىرىمۇ خۇددى دولقۇنلار ئۆز مەۋجىدىكى بۇژغۇنلىرىنى سىلجىتقاندەك ئۇنى ئىتتىرىدۇ.
سۆيگۈم، ناۋادا مەن بۇ ھىجران تۇمانىغا چىرمىلىپ قالسام،ھەرگىز ھەسرەتلەنمە.
مېنىڭ بۇ نازۇككىنە ئۇياتچانلىقىم قىزلارغا خاس ئۇياتچانلىقلا ئەمەس، بەلكى بىر نەپىس گۈل شېخى، بۇ شاختا رازىمەنلىكىمنىڭ غۇنچىلىرى قەددىنى ئېگىپ ئۈن- تىۋىشسىز ھالدا ساڭا ئېچىلىدۇ.
بۇ كۈنلەردە يۈرىكىم گويا ئويۇنچۇقلىرىدىن زېرىككەن بالىغا ئوخشاش، مېنىڭ ئېيتقان ھەر-بىر سۆزۈمگە :«ياق، ياق، ئۇنداق ئەمەس » دەپ باش چايقايدۇ.
ھالبۇكى بۇ سۆزلەر ، گويا تاغ چوققىسىدا ئەگىپ يۈرگەن بۇلۇتلار زىممىسىدىكى ئېغىر يۈكلەردىن خالاس بولۇش ئۈچۈن يامغۇر بولۇپ تۆكۈلۈشنى كۈتۈپ شامال تىلەپ تۇرغانغا ئوخشاش، ئوي- پىكىرلىرىمگە چىرمىشىدۇ.
بۇنداق بىھۇدە ئۇرۇنۇشلىرىڭنى قوي يۈرەك، چۈنكى جىمجىتلىق ئۆز ناۋالىرىنى تۈن زۇلمىتىدىلا ۋىسال تاپقۇزالايدۇ.
ناۋادا بىز تاڭ نۇرلىرىغا چۆمۈلۈپ كېتىۋاتقىنىمىزدا تۇيۇقسىز ئۇچرىشىپ قالساق مەن چەكسىز تەئەججۈپ ئىلكىدە توختايمەن.
ناۋادا، ئاشۇ قاپقارا قارىچۇقلارغا قاراپ قالسام، ئۇلار شۇئان تاڭ يۇلتۇزلىرىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ،بىراق مەن بۇ كۆزلەرنىڭ ئېسىمدىكى ئەرزىمەس بىر تۈن ئاسمىنىغا مەنسۈپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلماي تۇرالمايمەن.
مەن نۇرانە جامالىڭنىڭ جەزبىسىنى بىردىنلا ھېس قىلىمەن. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئاللىقانداق بىرەر قۇدرەتكە ئىگە بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ كۆزلىرىمدىكى قىزغىن نۇرلىرىمنى ئوغرىلاپ كەتكەن ھەم ئۆزىگە ئاللىقاچان ياتلىشىپ كەتكەن سېھرىنىمۇ ئېلىپ كەتكەن...
[ بۇ يازما گـۈلۈم تەرپىدىن2009-05-01 21:58دە قايتا ت ]