بۇ ئۆسمۇرلەر كىچىكىنە تۇرۇپ نامىراتلىق يوقسىزلىق تۇپەيلىدىن ئۆينى ۋە ئاتا- ئانىسىنى
بىقىشقا مەجبۇر بولدى... لىكىن ئۇلار چوڭلاردەكلا جاپالىق ئىشلىسىمۇ ئۇلار ھەرگىزمۇ چوڭلارغا
بەرگەن ھەقىنى ئۇلار ئالامايدۇ ، چۇنكى ئۇلار دىگەن بالا ئىشچى.... بۇ دۇنيانىڭ ھەممە
يىرىدە مۇشۇنداق بولدىغان ئىش ... ئەسلى بۇ ۋاقىت ئۇلارنىڭ جاپالىق ئىشلەيدىغان ۋاقتى
ئەمەس بەلىكى ئوقۇپ بىلىم ئالدىغان ۋاقتى ئىدى....لىكىن نامراتلىق يوقسۇزلۇق بۇ بالىلارنى
ئائىلىنىڭ ئىغىر يۇكىنى كۇتۇرۇشكە مەجبۇر قىلدى....
بۇ سۇرەتلەر پاكىستان ھىندىستانلاردا تارتىلغان بولۇپ بۇ بالىلار شۇنداق جاپالىق ئىشلەپ
ئاتا-ئانسىغا ياردەملىشىدۇ ....ۋە ئاچىسىغا قىز مىلى تەييارلايدۇ.... چۇنكى بۇ تەرەپلەردە
قىز مىلى تەيارلاش ئۇچۇن پۇتۇن ئائىلە جاپالىق ئىشلەشكەشكە توغرا كىلدۇ...بۇ بالىلارنىڭ
بىر ئاي تاپقان پۇلى بەلىكى ئاچىسىنىڭ يولدىشىنىڭ ئۇيدىكىلىرىنى ئۇز ئۇيگە مىھمانغا چاقىرسا
بىر ۋاخلىق ئاددى تامىقغا يىتىشى مۇمكىنى....
بۇنداق بالا ئىشچى ئىشلىتىشنى گەرچى ھۆكۇمەت چەكلىسىمۇ دىيارىمىزدىمۇ كۆپ....
بۇنى ھەممىز كۇرۇپ تۇرمىز ....
بۇنداق باللىلار ئاشۇنداق بوران -چاپقۇن ،سوغۇقتا ياكى يازنىڭ ئىسىقىدا ئاددى
تىجارەت بىلەن شۇغۇلىنىدۇ ... ھەتتا ئۇلارنىڭ مۇقىم تۇردىغان ئورنىمۇ يوق ،ئىسىق
ئاش -تاماقنىمۇ ۋاختىدا يەلمەيدۇ...
بۇ ناۋاي بالىلارمۇ جاپالىق ئىشلەيدۇ ...ئەتىگەندە سائەت3 بىلەن تۇرۇپ كەچتە 10 دا ياتىدۇ ...
ئۇلارنىڭ دەم ئىلىش كۇنلىرىمۇ ياكى تەتىل ھىت ،بايرام دىگەننى بىلمەيدۇ، بەزى ئاشخانىلاردا ،
رىستۇرانلاردا ئىشلەۋاتقان بالىلارمۇ يەر ئاستى ئۇيدە سەي توغراپ، قاچا يۇيۇپ ،تاماق توشۇپ
كۇن بويى تىنىم تاپماي ئىشلەيدۇ لىكىن بەزى ھارام تاماق خوجايىنلار ئۇلارنىڭ پۇلىنى
تولۇق بەرمەيدۇ ... ھەتتا ياتىدىغان يىرى ۋە يەيدىغان تامىقىمۇ شۇنداق ئاددى....ئۇلار جاپاغا
چىدىماي كىتىمەن دىسە ئاي توشمىسا ياكى توختام ۋاقتى توشمىسا بىر تىيىن بەرمەي يولغا سالدۇ...
يەنە جەمئىتىمىزدە تۆمۇرچى خانىلاردا ، رىمۇتچى، سۇۋاركىچى خانىلاردا ، ياغاچچى خانىلاردا ، قۇرلۇشلاردا.....
تىنىمىسىز ئىشلەۋاتقان نۇرغۇن بالىلار بار....
مەن بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلارغا ئالى ئىھىتىرام بۇلدۇرمەن .... سىللەر جاپا چەكتىڭلار !
بۇ جاپالىق كۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كىتىدۇ.... كەلگۇسىدە سىللەر قىلۋاتقان ئاشۇ كەسىپنىڭ كەسىپ
ئەھلىدىن بولۇپ چىقىشىڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن !
بۇ بالىلارمۇ كۇندە مەكتەپتىن كىلىپ بىر ئىككى داس ماش ياكى ياڭيۇ ، قوناق سىتىپ ئۇيگە 10 20 مە كوي ئەكىردۇ ....ئەجەپلىنەرلىكى ئۇلارنىڭ ئۇگىنىشى ياخشى.... جاپالىق تۇرمۇش ئۇلارنى تاۋلايدۇ...
[ بۇ يازما rinat تەرپىدىن2009-05-01 20:47دە قايتا تە ]