باھارغا مۇشتاغلىق
تىكىستى : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ( مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي )
مۇزىكىسى : نۇرمۇھەممەت روزى
چىراق ئوتىدا پەرۋانە،
كۈيەر مەردانە -مەردانە .
گۇزەل ۋەسلىڭگە ئەي دىلبەر
بۇلاي قۇربانە -قۇربانە .
كۈلۈپ كەلگەن ئىدىڭ بىر چاغ،
يىتىپ ۋەسلىڭگە گۈلشەن -باغ .
قايان كەتتى ئاشۇ كۇنلەر ،
كۇنۇم سەرسانە -سەرسانە .
ساچىم بەلدە ھاسام قولدا،
بۇ نۇرسىز كۆزلىرىم يولدا.
كىشى كۆرسە بۇ ھالىمنى،
بۇلۇر ھەيرانە -ھەيرانە .
گۇزەل ھۆسنىڭنى بىر كۆرمەي،
ئاياغىڭغا بېشىم قويماي .
ئۆتەرمۇ ئۇشبۇ ھەسرەتتە،
ئۆمۈر غەمخانە -غەمخانە .
نەۋايى ئىزىدىن مىسكىن،
كۆرەي دەپ مەيدە يار ئەكسى.
ئېلىپ قولغا ساپالىنى،
كىزەر مەيخان- مەيخانە .
بۇ يەردە سۈرەتلىكى بار ........................
./read.php?tid-77479-keyword-.html