سىز بۇ تېمىنىڭ 364 - كۆرۈرمىنى
matimatika
ئىلغار باشقۇرغۇچى ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 11327
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 2087
شۆھرەت: 8442 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 14710 سوم
تۆھپە: 300 نۇمۇر
ياخشى باھا: 163 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1420(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-01

 بوۋامدىن مۇنداق نەسىھەت قالغان




بوۋامدىن مۇنداق نەسىھەت قالغان!



پەرزەنتلەرگە ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇنداق قەيت قىلىنغان ھەققىنى ئادا قىلماقلىق قەرزدۇر :

   ئاچ بولسا غىزا بەرگەيسەن؛ يالىڭاچ قالغان بولسا كىيىم-كېچەك بەرگەيسەن؛ خىزمىتىڭگە مۇھتاج بولسا ئۇلارغا رازىمەنلىك بىلەن بىجانىدىل خىزمەت قىلغايسەن؛ چاقىرسا لەببەيئ دەپ ھازىر بولغايسەن؛ ئىشقا بۇيرۇسا پەرمانبەردار بولغايسەن؛ ئۇلارغا مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىگەيسەن؛ ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنى ئاتاپ چاقىرمىغايسەن؛ ئەگەر ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ بىر يەرگە بارساڭ  ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالماي ماڭغايسەن؛ ھەر نەرسىنى ئۆزۈڭگە لايىق كۆرسەڭ ئاندىن ئۇلارغىمۇ لايىق كۆرگەيسەن؛ ئۇلار رازىلىق بەرمىسە سەپەرگە چىقمىغايسەن؛ ئۇلارنى كۆرگەن ھامان ئورنۇڭدىن تۇرۇپ تەزىم بەجا كەلتۈرگەيسەن ۋە ئىجازەت بەرمىگۈچە ئولتۇرمىغايسەن؛ ئۇلار بىلەن قاراڭغۇدا بىرەر جايغا بارساڭ، ئۇ جاي خەۋپلىك بولسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ يول باشلاپ ماڭغايسەن؛ ئۇلارنىڭ ئالدىدا كۆپ سۆزلىمىگەيسەن ۋە چاقچاق قىلمىغايسەن؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى كەمسىتمىگەيسەن؛ ئۇلار سۆزلەۋاتقاندا سۆزىنى بۆلمىگەيسەن؛ بۇيرۇق ۋە تەنبىھ بىلەن ئۇلارغا خىتاب قىلمىغايسەن؛ ئۇلارغا قاتتىق ئاۋازدا سۆزلىمىگەيسەن؛ ئۇلارنىڭ ئالدىدا "ئۇھ" دېمىگەيسەن؛ ئۇلار يالغۇز قېلىپ ئۆيلەنسە ياكى تۇل قېلىپ ياتلىق بولسا قەھر قىلمىغايسەن؛ جۆرىسىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلسا ئۇلارغا ئازار بەرمىگەيسەن؛ ئۇلارغا ئۆمۈرۋايەت ئازار بەرمەسلىكنى نىيەت قىلغايسەن؛ ئۇلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىگەيسەن؛ ئۇلارغا ئۆزۈڭدىن بۇرۇن كىيىم-كېچەك قىلىپ بەرگەيسەن؛ ئۇلارنىڭ غىزاسىنى ئۆزۈڭنىڭكىدىن ياخشىراق ئەتكەيسەن؛ ئەگەر ئۇلار بىلەن بىللە بولساڭ غىزانىڭ ياخشىلىرىنى ئۇلارغا بەرگەيسەن؛ ئۇلارغا ئاقچا بېرىپ تۇرغايسەن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھاجەتلىرى بولسا ئۇلار ساڭا كالپۇك يېرىپ ئىزھار ئېتەلمەيدۇ، ئاقچىنى ھاجەتلىرىگە بىمالال سەرپ ئەتكەي؛ ئۇلار كېسەل بولسا جان-دىلىڭ بىلەن داۋالاتقايسەن؛ ئۇلار كېسەل بولسا ھاجەتلىرىگە ھاپاشلاپ ئاپارغايسەن؛ سەن ھەرقانچە ئالەمگىر بولساڭمۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆمۈرۋايەت پەرزەنتتۇرسەن!

ئاتىلاردىن بىزلەرگە يەنە مۇنداق سۆزمۇ تەۋەرۈكتۇر :
كىشىنى ئاچچىقى كەلگەندە سىنا ،
دوستنى زىيان ئۈستىدە سىنا ،
سۆزنى پاكت-مېغىز بىلەن سىنا !
ئۇستازىڭنى ئاتا-ئاناڭدىن ئەزىز كۈت !
ئاچچىق بىلەن سۆزلىمە !
ئۆز ئورنۇڭنى بىلىپ ئولتۇر !
بىراۋلارنىڭ ئۆيىگە كىرسەڭ تىلىڭ بىلەن كۆزۈڭنى يىغىپ ئولتۇر !
ئاز سۆزلىمەك ، ئاز يېمەك ، ئاز ئۇخلىماقنى ئادەت قىل !
بىلمىگەن ئىشقا  ئۇستاتلىق قىلما !
كىشىنىڭ پۇلىغا ئۈمىد باغلىما !
مويسىپىتكە قاتتىق سۆزلىمە !
ھاجەتمەننى نائۈمىد ياندۇرما !
مېھماننى ئىشقا بۇيرۇما !
مېھمان ئالدىدا كىشىگە ئاچچىقلانما !
سۆزنى كۆڭلۈڭدە پىشۇرۇپ ئاندىن سۆزلە !
ئۆزۈڭدىن چوڭلارغا ئويۇن-چاقچاق قىلما !
بىر قېتىم دېگەن سۆزۈڭنى تەكرارلىما !
كىشلەر ئالدىدا ئۆزۈڭنى ۋە خوتۇنىڭنى ماختىما !
ئۆلگەننىڭ يامان گېپىنى قىلما !
بىراۋدىن بىرەر ھېكمەت كۆرمىگۈچە ئۇنى ماختىما !
ئەخمەقلەر  مۇلاقەتىگە سۈكۈت قىل !
ئىككى يۈزلىمە ئادەمدىن مەدەت تەلەپ قىلما ، ئۇنىڭدىن يىلاندىن قاچقاندەك قاچ !
ساڭا ياخشىلىق قىلغان ئادەمگە ئاشۇرۇپ ياخشىلىق قىل !
ئاچچىقىڭ كەلگەندە جىم تۇر !
مانا بۇ نەسىھەتلەرنى قىلغان ئاتالار نەسىھەتلىرىنى مۇنداق تاماملىغان :
ئۆزۈڭنى چوڭلارنىڭ خىزمىتىنى قىلماق بىلەن ، كىچىكلەرگە مېھر-شەپقەت  قىلماق بىلەن، كەمبەغەللەرگە خەيرى-ئېھسان قىلماق بىلەن ، دوست - يارەنلەرگە ۋە ئاىلە تاۋابىاتلارغا نەسىھەت قىلماق بىلەن، ئالىم-ئۆلىمالارغا ئەدەب-ئەخلاق ئىتائىتىدە بولماق بىلەن ھاياتىڭنى ئۆتكۈزگەيسەن !


مەنبە:http://bilim-kuq.blogbus.com/



http://matimatik.blogbus.com
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-01 16:02 |
ئىزنا سودا بازىسى
ALi-music
ئەلى ئاخنىياز
ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 13318
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 673
شۆھرەت: 684 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6730 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 483(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-03

 

ساقلىۋالدىم رەخمەت  مانا بۇنى ھەقىقى نان تىگىدىغان تېما دەيمىز  تېما ئىگىسى ھارماڭ

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 17:02 |
harsan
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 14216
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 329
شۆھرەت: 358 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 23302 سوم
تۆھپە: 22 نۇمۇر
ياخشى باھا: 45 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 859(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

ياخشى پەندى نەسىھەتلەركەن بۇ .رەھمەت سىزگە.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 17:17 |
minaman
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 77104
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-01

 

بۇ  تىما  بەك  ياخشى يىزلپتاتۇ  جۇمۇ

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 17:23 |
xahnurr
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 81201
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 118
شۆھرەت: 118 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1180 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 264(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

مىڭ تىللاغا بەرگۈسىز نەسىھەتلەر  ئىكەنغۇ  ؟ رەخمەت  سىزگە

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 17:25 |
AcEs_7
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 73805
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 117
شۆھرەت: 117 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1095 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 92(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-01

 

ھېكمەت دېگەن شۇ..................................................................

شىنجاڭ تور مەكتىپى
ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 17:54 |
nigara@
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 73835
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 152
شۆھرەت: 162 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1470 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 454(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-03

 

ساقلىۋالدىم ،ياخشى پەندى - نەسىھەتلەركەن،رەخمەت سىزگە.

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 18:49 |
kepinakkiz
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 73280
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 138
شۆھرەت: 138 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1390 سوم
تۆھپە: 4 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 330(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

بوۋىلىرىمىز ھەقىقەتەن بەك دانا جۇمۇ،پەرمان بەردارمەن

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 19:41 |
burkut47
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 71371
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 96
شۆھرەت: 96 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 960 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 38(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

http://www.uygamer.com
قارا بۈركۈت ئويۇن بازىسى

چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 20:09 |
1utkur
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 11290
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 305
شۆھرەت: 306 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2945 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 71(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

ياخشى تېما ئىكەن  داۋاملىق يوللاڭ  

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
مۇتلەق جاۋاب ئادەم پىكىرىگە قىلىنغان مۇستەبىتلىك .
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-02 02:18 |
twilight
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 82420
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 156
شۆھرەت: 156 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1560 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 158(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

ياخشى يېزىپسېز،رەھمەت،بىلىۋالدىم...

چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-02 02:23 |
lazina705
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 84950
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 240 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

بەك ياخشى تىمىكەن ، بۇنداق تىمىلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ، داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ . رەھمەت!

مېھىر - مۇھەببەت ئىنسانىيەتنىڭ روھى ئۇزۇقى .
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-02 04:18 |
azizam613
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 76085
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 63
شۆھرەت: 63 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 630 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

بەك توغرا گەپلەركەن ...رەھمەت ساقلىۋالدىم

كۈلۈپ ياشا
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-02 11:49 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » تەرمىلەر
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:05-03 07:28, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ