سىز بۇ تېمىنىڭ 269 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: كەسىر چېكىتىنىڭ پۈتۈن سان ئوردىسىنى قالايمىقان قىلىشى (2) پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

tarim68
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 2890
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 46
شۆھرەت: 48 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 213 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 145(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 كەسىر چېكىتىنىڭ پۈتۈن سان ئوردىسىنى قالايمىقان قىلىشى (2)

  بۇ ھىكايىنىڭ باش قىسمىنى تۆۋەندىكى ئادرىسلارغا كىرىپ ئوقۇڭ:
http://tarim68.blogbus.com/logs/24989535.html
./read.php?tid-108807.html

بۇ ئاۋاز چىقىشى بىلەن 39- سەكرەپ كىرىپ كەلدى. كەسىر چېكىتى «ۋىژ.....» ژىدە
  قىلىپ 3 بىلەن 9 نىڭ ئارىلىقىغا كىرىۋېلىۋىدى، 39- نىڭ گەۋدىسى دەرھال يۇقۇرىغا
  قاراپ بىرمۇنچە ئۇزىراپ 3.9- غا ئايلىنىپ قالدى.
  ـــــ مەن 39- نى 3.9- غا ئۆزگەرتتىم. مەنپى سانلارنىڭ مۇتلەق قىممىتى قانچىلىك
  كىچىك بولسا، ئۇلارنىڭ سانلىق قىممىتى شۇنچە چوڭ بولىدىغانلىقىغا ئاساسەن، مەن
  بىر ساننى چوڭايتىۋەتمىدىممۇ؟ مەن مۇسبەت پۈتۈن سانلارنى كىچىكلىتىپلا قالماستىن،
  مەنپى پۈتۈن سانلارنى چوڭايتالايمەن ــــ دېدى كەسىر چېكىتى.
  ـــ بىر ئادەمنىڭ ئىككى خىللا ماھارىتى بولسا، ئۇنىڭ ماھارىتىنى ئۈستۈن، قالتىس
  دېگىلى بولمايدۇ. سېنىڭ يەنە قانداق ماھارەتلىرىڭ بار؟ ــــــ دەپ سورىدى 8.
  ـــ مەن كامالەتكە يەتكەن ماھارىتىمنى تېخى كۆرسەتمىدىم، قاراپ تۇرغىن! ــــــ
  دېدى كەسىر چېكىتى بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن كەسىر چېكىتى بىر
  سەكرىۋىدى، بىر چېكىت دەرھال ئىككى چېكىتكە ئايلاندى. بۇ چاغدا 4 سانى دۆلەت
  ئىشلىرىدىن مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن ئوردىغا كىرىپ كەلدى، بۇنى كۆرگەن كەسىر چېكىتى
  «ھەجەپمۇ ياخشى كەلدىڭ» دېدى- دە، چېكىتلەرنىڭ بىرسى 4 نىڭ ئالدىدا تۇرىۋالدى،
  يەنە بىرسى 4 نىڭ بېشىغا سەكرەپ چىقىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن 4 سانى  گە ئۆزگىرىپ
  قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئاجايىپ بىر ھادىسە يۈز بەردى، 4 سانى خۇددى ئەپسۇن
  ئوقۇغاندەك بىرسى ئىككى، ئىككىسى تۆت بولۇپ ئۆزگىرىپ رەتلىك بىر قاتار بولۇپ
  تىزىلدى ۋە  ........ 0.44444  گە ئۆزگىرىپ ئوردىنىڭ سىرتىغىچە چىقىپ چەكسىز
  ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتتى.
  بىر ئازدىن كېيىن كەسىر چېكىتى  تىن ئاجراپ كېتىۋىدى، 4 يەنە ئەسلىگە كېلىپ
قالدى.
  ــــ پادىشاھ ئالىيلىرى، كەسىر چېكىتىنىڭ ھازىرلا كۆرسەتكەن ھىلىسىدىن قارىغاندا،
  بىزنىڭ بۇ ئەلدە پەقەت بىرلا سان كەسىر چېكىتىنىڭ ئەپسۇنىدىن قورقمايدىغانلىقىنى
  ۋە ئۇنىڭ كەسىر چېكىتىنى تۇتالايدىغانلىقىنى بايقاپ قالدىم ـــ دېدى 8 نۆل
  پادىشاھقا قاراپ.
  ــــ ئۇ كىم؟ ــــ دەپ سورىدى0 پادىشاھ ئالدىغىراق ئىگىلىپ تۇرۇپ.
  ـــ سىلى پادىشاھ ئالىيلىرى ــــ دەپ جاۋاپ بەردى 8.
  ــــ مەن؟ مەن نىمىشكە كەسىر چېكىتىنىڭ ئەپسۇنىدىن قورقمايدىكەنمەن؟ ـــــ دەپ
  سورىدى پادىشاھ ھەيران بولغان قىياپەتتە.
  ــــ كەسىر چېكىتى مۇسبەت پۈتۈن ساننىڭ ئالدىدا تۇرسا، مۇسبەت پۈتۈن سان كىچىكلەپ
  كېتىدىكەن؛ كەسىر چېكىتى مەنپى پۈتۈن سانلارنىڭ ئارىسىدا تۇرسا، مەنپى پۈتۈن
  سانلار چوڭىيىپ كېتىدىكەن. پەقەت مۇسبەت سانمۇ بولمىغان، مەنپى سانمۇ بولمىغان
  بىردىن بىرى سىلى 0 نىڭ ئالدىدا تۇرسا، ئۆزگىرىش بولمايدىكەن. چۈنكى 0.0 يەنىلا 0
  گە تەڭ بولىدۇ- دە ــــ دەپ جاۋاپ بەردى 8.
  ـــ كەسىر چېكىتى مېنىڭ بېشىمغا سەكرەپ چىقىۋالسا قانداق قىلىمەن؟ ــــ دەپ
  سورىدى 0 پادىشاھ ئۆزىنىڭ بېشىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
  ـــ ئۇنىڭمۇ ھىچقانداق كارايىتى يوق، چۈنكى  بولۇپ، نەتىجە يەنىلا 0 گە تەڭ. سىلى
  يەنىلا ئۆز پىتى قېلىۋېرىلا. ھىچقانداق زىيان- زەخمەت بولمايدۇ. كەسىر چېكىتى
  سىلىنىڭ ئۈستىلىرىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. ئەگەر شەخسەن ئۆزلىرى ئۇنى
  تۇتقىلى چىقسىلا، جەزمەن نەتىجە قازىنالايدىلا ـــ دېدى 8.
  كەسىر چېكىتى بىر چەتتە تۇرۇپ، 0 پادىشاھنىڭ ئۆزىنى قولغا چۈشۈرەلەيدىغانلىقىنى
  ئاڭلاپ ئىنتايىن قورقۇپ كېتىپ، 8 نىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا غىپلا قىلىپ
  پادىشاھنىڭ تەختىنىڭ ئاستىدىن قېچىپ كەتتى.

بۇ ھىكايىنىڭ داۋانى تۆۋەندىكى ئادرىستىن ئوقۇڭ:
http://tarim68.blogbus.com/logs/38768926.html

تېما تەستىقلىغۇچى : alxarap
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-05-01, 07:40

 

تارىم بلوگى http://tarim68.blogbus.com
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-01 14:43 |
ئىزنا سودا بازىسى
0903TILSIMAT
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 17398
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 226
شۆھرەت: 227 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2260 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 125(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

قىزىقارلىقكەن  رەھمەت...

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 16:03 |
burkut47
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 71371
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 96
شۆھرەت: 96 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 960 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 38(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

http://www.uygamer.com
قارا بۈركۈت ئويۇن بازىسى

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 20:09 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » بالىلار ئەدەبىياتى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:05-02 23:28, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ