« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 2476 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئادەمگە يۇقىدىغان چوشقا زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىمىرى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

Ark-zat
ئەمەتجان مۇھەممەت
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 16
يازما سانى : 5678
شۆھرەت: 6093 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 42820 سوم
تۆھپە: 1001 نۇمۇر
ياخشى باھا: 660 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1035(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-14

 ئادەمگە يۇقىدىغان چوشقا زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىمىرى

ئادەمگە يۇقىدىغان چوشقا زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى
(人感染猪流感防控知识)
  تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات

            چوشقا زۇكىمى ئادەتتە ئادەمگە نەپەس يوللىرى ئارقىلىق يۇقىدۇ.ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدىمۇ نەپەس يوللىرى ئارقىلىق تېز يۇقىدۇ.كېسەلنىڭ يۇشۇرۇن دەۋرى قىسقا(1~3كۈن)،يۇقۇش سۈرئىتى تېز،ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى(بۇلۇپمۇ ياشلاردىكى يۇقۇش نىسبىتى يۇقىرى).لېكىن بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە كونتىرول قىلغىلى ھەم داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.
ئادەمگە چوشقا زۇكىمى قانداق يۇقىدۇ؟
زۇكام ۋىروسى چوشقىدىن ئادەمگە ھەم ئادەمدىن چوشقىغا يۇقىدۇ.بۇ كېسەل يۇقۇملانغان چوشقىدىن ياكى چوشقا زۇكىمى تارقالغان مۇھىتتىن ياكى چوشقا زۇكىمىدىن يۇقۇملانغان ئادەمدىن يۇقىدۇ.ئىنسانلارغا چوشقا زۇكىمى ۋىروسى كۈپۈنچە كېسەل چوشقىغا يېقىنلىششتىن يۇقىدۇ. مەسلەن،چوشقا قوتىنىدا ياكى مال بازىرىدا  چوشقا زۇكىمى يۇقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تارقىلىش يوللىرى:
يۇقۇملىنىش يوللىرى: يۆتەل ياكى چۈشكۈرۈشتىن يۇقىدۇ،ئادەم ۋىروس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كىيىن نەپەس يولى ئارقىلىق يۇقتۇرىدۇ،لىكىن تاماقتىن يۇقمايدۇ.
ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى:
        بالىلاردا توۋەندىكىدەك ئالامەت كۈرۈلسە بالىلارنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك:
        نەپەس ئىتتىك ياكى نەپەس ئېلىشى قىيىن بولسا،بەدەن كۆكۈرۈپ كەتسە ،ئىشتەي تۇتۇلسا،ئۇيقۇدىن باش كوتۈرەلمسە،ئىنكاسى ئاستا بولسا،كەيپىياتى چېچىلاڭغۇ  بولۇپ،كۆتەرسىمۇ ئۇنىمىسا،زۇكام ياخشى بۇلۇپ قايتا قوزغالسا ھەم قىزىپ ھەم ئېغىر يۆتەلسە،بەدەنگە ئەسۋە چىقسا.
        چوڭلاردا توۋەندىكىدەك ئالامەت بولسا دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك:
        نەپەس قىينالسا ياكى نەپسى ئاستا بولسا، كوكرەك قىسمى ياكى قورساق قىسمى ئاغىرسا ياكى باسقاندا ئاغىرسا، تۇيۇقسىز باش قېيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە .
دىققەت قىلدىغان ئىشلار:
1.    ئۆي تازلىقى پاكىز بۇلۇش،ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش.
2.    قولنى پاكىز تۇتۇش، بۇلۇپمۇ يۆتۈلۈپ چۈشكۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قولنى پاكىزە يۇيۇش .
3.    يۆتەلگەندە ياكى چۈشكۈرگەندە ئېغىز بۇرۇننى قەغەزدە ئېتىۋېتىش كېرەك.
4.    تاماقنى ئوبدان يەپ ئۇيقۇنى ياخشى ئۇخلاپ ئانچە-مۇنچە ھەركەت قىلىش، ھەدىدىن زىيادە جىددىلەشمەي،تاماكا چەكمەي ئىممونتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرسە چوشقا زۇكۇمنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
5.    ئامىمۋى سورۇنلارغا ئاز بېرىش، ئادەم توپلاشقان ئۇرۇنغا ماسكا تاقاپ بېرىش.
6.    چوشقا بار يەرگە بارماسلىق، چوشقا بىلەن ئۇچىراشماسلىق.
7.    زۇكام ياكى ئوپكە ياللۇغى بار ،يۇقىرى نەپەس يوللىرى يۇقۇملانغانلارغا يېقىن يولىماسلىق.
8.    سوغاق تىگىپ قېلىشتىن ساقلىنىش. قىزىش،گال ئاغىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈش.
دېزىنفكسىيەلەش ئۇسۇلى:
1.    لازىر نۇرى ئارقىلىق ھاۋانى دىزىنفىكسىيە قىلىش.
2.    كۈن نۇرىغا قاقلىنىش.
3.    تاماق قاچىللىرنى قىزىق قايناق سۇدا دىزىنفىكسىيە قىلىش.
4.    توغرا بولغان دىزىنفىكسىيەلەش ئۇسۇلى بىلەن ھاۋانى دىزىنفىكسىيەلەش.
            بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەرقايسى تارماقلار،ھەر بىر ئادەم ئۆزىمىزدىن باشلاپ،تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئىزچىل ئەملىلەشتۈرشىمىز،ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك.بۇ كېسەل ئەينى يىللىرى يۈز بەرگەن سارىس(تىپىك بولمىغان ئۆپكە ياللۇغى) كېسىلىدىن تۆۋەن تۇرمايدۇ.خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزدى،مېكسىكىدا پۈتۈن مەكتەپلەر،ئاممىۋى سورۇنلار تاقالدى. 24 دۆلەتتە كۆرۈلۈپ ئومۇمى كېسەل سانى  ئۈچ مىڭغا يېتەي دېدى،ئۆلگەن ئادەم سانى 150 تىن ئاشتى. شۇڭا ھەممەيلەن سەگەكلىكىمىزنى ئاشۇرىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر.
ھازىرقى دۇنياۋى يۇقۇم ئەھۋالى:  http://news.dayoo.com/world/57402/200905/01/57402_5848140.htm
                                                 ____ ھۆرمەت بىلەن:ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات.

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+10(alxarap) ئەھمىيەتلىك
  • قوليازمىلىرىمنى رۇخسىتىمسىز ئىشلەتمەڭ!!!
    شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
    تېمىلىرىمگە قىزىقسىڭىز Ark-zat.Xabnam.com دىن كۆرۈڭ.
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-01 10:37 |
    ئىزنا سودا بازىسى
    BAOAN
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 56380
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1205
    شۆھرەت: 1206 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 12050 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 479(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-01

     

    بۇ  نەس  نىجىز  كېسەل  بىزنىڭ  شىنجاڭغا  كەلمىسە  بۇلۇتى       

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 10:42 |
    subi2009
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 69854
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 683
    شۆھرەت: 5433 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2080 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 202(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    توغرا ئيتىڭىز بۇ كىسەلنىڭ ھەر-قانداق ۋاقتىدا رايۇنىمىز ئىچىدە كۆرۇلۇش ئىھتىماللىغى يۇقىرى،،ھەر ھالدا تەيارلىق قىلماي بولمايدۇ

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    ئادەملەرنىڭ بىلىمى ئاشتى،ياشاش قىيىنلاشتى.
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 10:44 |
    al.qin
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 69380
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 235
    شۆھرەت: 240 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2340 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1473(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    كىسەللىك بايقالماستا بۇ تەدبىرلەر يولغا قۇيۇلغان بولسا تىخىمۇ ياخشى بولاتتى . شۇنداقتىمۇ دىققەت بولغۇدەك .

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى

    www.sernaz.cn

    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 10:51 |
    GULMASUM
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 83213
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 30
    شۆھرەت: 30 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 300 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 64(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-01

     

    ھەرخىل ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى بىلىۋالدىم ،،رەخمەت سىزگە...

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى


    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 10:51 |
    mazargojam
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 57414
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 466
    شۆھرەت: 491 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4675 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 617(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    ئەرك-زات ئەپەندىم، مەسئۇلىيىتىڭىزنى ئادا قىلىپ ،ئەجەپ ياخشى ساۋات يوللاپسىز.
    مەن قوي گۆشى كاۋاپلىرىنى جىق يەپ قوي زۇكىمى بوپ قاپتىمەن، قانداق قىلىمەن؟
    سىز توشقان گۆشىنى كۆپ يەيتىڭىز ، بۇنىڭدىن كېيىن پۇشۇرۇپ يەڭ جۇمۇڭ. توشقان زۇكىمى بوپ قالماڭ يەنە.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    ھەقنى سۆزلەيمەن.
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 11:08 |
    بانۇ0999
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 84906
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 8
    شۆھرەت: 8 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 80 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    بىز ئۈچۈن غەم قىلغىنىڭىزغا رەھمەت~~~~~~~~~~`

    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 11:08 |
    azizturuk
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 49010
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 29
    شۆھرەت: 30 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 290 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 230(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    مۇشۇنداق مەسئۇلىياتچان بولايلى بىر بىرىمىزگە. جانغا ئەسقاتىدىغان تېما بوپتۇ. جەۋھەرلەپ قويساڭلار. بۇ كىسەلنى بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا يوق دەپ ئېيىتقىلى بولمايدۇ. چۈنكى ...

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 11:25 |
    555rikabatqi
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 59451
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 652
    شۆھرەت: 658 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 6520 سوم
    تۆھپە: 830 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1133(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    Quote:
    بۇ مەزمون5قەۋەتتىكىmazargojamنىڭ2009-05-01 11:08 دە يوللىغان يازمىسى   :
    ئەرك-زات ئەپەندىم، مەسئۇلىيىتىڭىزنى ئادا قىلىپ ،ئەجەپ ياخشى ساۋات يوللاپسىز.
    مەن قوي گۆشى كاۋاپلىرىنى جىق يەپ قوي زۇكىمى بوپ قاپتىمەن، قانداق قىلىمەن؟
    سىز توشقان گۆشىنى كۆپ يەيتىڭىز ، بۇنىڭدىن كېيىن پۇشۇرۇپ يەڭ جۇمۇڭ. توشقان زۇكىمى بوپ قالماڭ يەنە.

    بىرسى چوشقا  يەپ چوشقا زۇكۇمى بولسا ،سىز قويگۈشىيەپ قوي زۇكىمى ،توشقان يىسە توشقان زۇكىمى،
    لەغمەنگە ئامراقلار دىققەت لەغمەننى جىق يىسە لەغمەن زۇكىمى بولىدىكەن ،پولو زۇكىمى دەپ بىر كىسەل تارقىلى ۋېتىپتىمىش

    قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىر تەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 12:01 |
    rap12op
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 25328
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 117
    شۆھرەت: 118 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1169 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 868(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    بۇ ك كىسەلنىڭ داۋاسى يوخمىىدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 12:50 |
    Tarim177
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 72903
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 282
    شۆھرەت: 282 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2820 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 477(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    مۇشۇنداق ۋاقىتتا جىددى بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ئىدى -بۇ ،ياراتقان ئىگەم بۇ نىجىس كېسەلدىن خالى قىلغاي ،ھەممىمىز ھۇشيارلقىمىزنى ئۆستۈرۈپ،بۇ ۋابا نىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز زۆرۈر....
    مەن پىتىر مانتىغا ئامراقتىم ...بۇنىڭدىنمۇ زۇكام يۇقامۇ -ئەمدى....نىمە بولدىڭىز دىسە ،نىمە دەرمەن؟..«مانتا زۇكۇمى»بۇپ قاپتىمەن دەپ يۈرەمەنمۇ.....

    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 12:55 |
    nazuk116
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 36779
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 543
    شۆھرەت: 544 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5320 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 401(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    جوڭگوغا كەلمىگەن بۇلسا بۇ كىسەل.اللا ساخلىسۇن.

    كۈلۈپ بىقىش
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 13:48 |
    Rujek
    قاراق مەرىفەت تورى
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31349
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 584
    شۆھرەت: 807 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5826 سوم
    تۆھپە: 107 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 95 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 995(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    مۇنبەردە كۆپ ئولتۇرماڭلار  «مۇنبەرزۇكۇمى»مۇ بارمىش

    ئەرك-زاد  تەشەككۇر  سىزگە.

    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 14:01 |
    police228
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 82555
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 32
    شۆھرەت: 32 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 320 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-01

     

    ئادەتتە زوكام، قۇش زوكۇمى دەپ ئاڭلىغان، چوشقا زوكۇمى دەپ ئاڭلىماپتىكەنمەن. مەيلى قايسى خىلدىكى زوكام بولسۇن ھەزەر ئەيلىمىسەك بولمايدۇ.

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 18:34 |
    saba109
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34718
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 883
    شۆھرەت: 894 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5367 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1154(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    نەدە  ئادەم  ئۈچۈن  پايدىلىق  نەرسىلەر  يېزىلغان  تېمىلار  مانا  مۇشۇنداق  نادىرلىنىپمۇ قويمىغان ،  نەدە  بىر  «ئاھ!،پاھ،ئىھ،!!ئۇھ  »  دىگەندەك تېمىلار چوققىدا....  توۋا....ساغلاملىقتىنمۇ مۇھىم ، ھەمدە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىنمۇ  نادىر  ئىش بولامدۇ.....
    رەخمەت سىزگە ،ئەرك زات ئەپەندى....

    يوقىلىدۇبەلكى تىچ ئوكيان،
    يوقالمايدۇئۇيغۇرنىڭ نەسلى.
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 19:11 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    XabnamBBS » ساغلاملىق بىلىملىرى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:05-02 23:15, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ