سىز بۇ تېمىنىڭ 195 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: مۇسۇلمان بولسىڭىز باشقىلارغا ئازار بېرىشتىن قول يېغىڭ پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

zam-zam
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 63402
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 125
شۆھرەت: 126 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1250 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 350(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 مۇسۇلمان بولسىڭىز باشقىلارغا ئازار بېرىشتىن قول يېغىڭ

مۆمىننىڭ خاراكتېرى مۇلايىم، ئالاقىسى غەرەزسىز، مۇئامىلىسى ياخشى، ھەممە تەرىپى يېقىملىق، ھېسداشلىقى يۇقىرى بولۇپ، باشقىلارغا ئازار يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىدۇ، ئازار يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش بولسا ئىسلامدىكى ئېسىل خىسلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «يا رەسۇلۇللاھ! ئىسلامدا قايسى ئىشنى قىلىش ئەۋزەل؟ دەپ سورىساق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مۇسۇلمانلارغا قولى ۋە تېلى بىلەن ئازار يەتكۈزۈشتىن ساقلانغانلىق» ياخشى دەپ جاۋاب بەردى. ئىمام بەغەۋىي مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ ھەققىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلغان، ئۇلارنىڭ ئابرۇيىنى ساقلىغان كىشىدۇر".

شەرىئەت پرىنسىپى سۆزى ۋە ئىش-ھەرىكىتىدىن ئىبارەت ھەرقانداق يول بىلەن مۇسۇلمانلارغا ھەقسىز ئازار يەتكۈزۈشنىڭ ھاراملىقىنى تەكىتلەپ، ئۇلاردىن ئازار كۈلپەتنى كۆتۈرۈۋېتىشنى ۋاجىپ قىلىپ بېكىتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىنلەر ۋە مۆمىنلەرگە قارا چاپلاپ قىلمىغان ئىشلارنى قىلدى دەپ  ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار، شۇ بۆھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ». ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى كىشى يەنە بىر كىشىنى ئايرىپ قويۇپ پىچىرلاشمىسۇن، بۇ ئۇ كىشىگە ئازار بولىدۇ، ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرگە ئازار قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ».

مۇسۇلمانغا ئازار يەتكۈزۈش، ھىيلە ئىشلىتىش، يامانلىققا دۇچار قىلىش، ئورۇنسىز تۆھمەت قىلىش، يالغاندىن بوھتان قىلىش، كەمسىتىش، كۆزگە ئىلماسلىق، ئەيىبلەش، يۈزىنى چۈشۈرۈش، غەيۋىتىنى قىلىش، تىللاش، دەشنام قىلىش، تەنە قىلىش، لەنەت قىلىش، قورقۇتۇش، چۆچۈتۈش، بىئارام قىلىش، ئەيبىنى كوچىلاش، خاتالىقىنى، مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، ئابرۇيىنى چۈشۈرۈشنى، رەسۋا قىلىشنى مەقسەت قىلىش، كاپىر، بىدئەتچى، پاسىق دېيىش، ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش، قورال تەڭلەش، بۇلاپ-تالاش، نەرسىسىنى ئوغۇرلاش، ئالداش، ساختىپەزلىك قىلىش، ھەققىنى بەرمەستىن كېچىكتۈرۈش، قايسى تەرەپتىن بولمىسۇن ئازار يەتكۈزۈش ياكى زۇلۇم قىلىش قاتارلىق ئىشلار چوڭ جىنايەت ۋە دۈشمەنلىكتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق ئىشلارنى پەقەت مۇتتەھەم، پەسكەش، رەزىل، ئىپلاس، نومۇسسىز، شەرمەندە، ئىچى ئۆچ-ئاداۋەتكە، كۆكسى باشقىلارنى ياقتۇرماسلىق ۋە دۈشمەن تۇتۇش زەھەرگە توشقان، جېدەلخور، ئۇرۇشقاق، باشقىلارنى بوزەك قىلىشنى ئادەت قىلىۋالغان، قېرىندىشىنى بىئارام قىلىدىغان، ئازار يەتكۈزۈدىغان، باشقىلارنى ھالاكەتكە ئىتتىرىش ۋە ئېگىزدىن غۇلۇتۇشتىن ئىبارەت ئىشلارنى مەقسەت قىلىدىغان كىشىلەرلا قىلىدۇ، بۇ ئىشلارنىڭ گۇناھى ئۇ كىشىلەرگە يىتەرلىكتۇر.

ناپىئ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  بىر كۈنى مۇنبەرگە چىقىپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: «ئى تىلىدا مۇسۇلمان بولۇپ ئىمان قەلبىدىن ئورۇن ئالمىغان جامائەت! مۇسۇلمانلارغا ئازار يەتكۈزمەڭلار، ئۇلارنى ئەيىبلىمەڭلار، ئەيىبنى كولىماڭلار، كىمىكى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ئەيبىنى ئىچىشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ئەيبىنى ئاچىدۇ، ئاللاھ ئەيبىنى ئاچقان كىشى ئۆزىنىڭ ئىچكىرى ئۆيىدە بولسىمۇ رەسۋا بولىدۇ». ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، يا رەسۇلۇللاھ! بىر ئايال بار  كۆپ ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ، سەدىقە قىلىدۇ لېكىن قوشنىلىرىغا تىلى بىلەن ئازار قىلىدۇ دېگەنتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئۇ ئايال دوزاختا بولىدۇ دېدى، ئۇ كىشى: يەنە بىر ئايال بار بەلگىلەنگەن نامازنى ئوقۇيدۇ، روزىنى تۇتىدۇ، ئاشقان نەرسىلىرىنى سەدىقە قىلىدۇ،  تىلى بىلەن قوشنىلىرىغا ئازار يەتكۈزمەيدۇ دېگەنتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايال جەننەتتە بولىدۇ دېدى».

ئىسلام دىنى، كىشىلەرگە ئازار يەتكۈزۈدىغان، ئەيىبلەش بىلەن تاجاۋۇز قىلىدىغان، باشقىلارنى غەيۋىتىنى قىلىشنى، قارا چاپلاشنى، قۇسۇر تېپىشنى، باشقىلارنى چۈشۈرۈشنى، كۆز ئالايتىشنى، جاسۇسلۇق قىلىشنى، يالاقچىلىق قىلىشنى ۋە باشقىلارغا نەشتەر ئۇرۇشنى ئادەت قىلىۋالغان كىشىلەرنى مۇسۇلمانلارغا ئازار يەتكۈزۈشتىن قول يىغىشقا، باشقىلارنىڭ ئەيبىنى كولىماستىن ئۆزىنىڭ ئەيبىنى يېپىشقا چاقىرىپ، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ھېساب بېرىدىغان بىر كۈننى ئۇلارنىڭ ئېسىگە سالىدۇ. ئەزىيەتسىز جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش بولسا ئۆز-ئارا بىرلىشىش، ئىتتىپاقلىشىش، ئۇيۇشۇش، ھەمكارلىىشىش، دۇنيا -ئاخىرەتلىك ئىشلىرىدا بىر-بىرىگە ياردەمچى بولۇشتەك ئىنسانىيلىقتىكى يېتۈك ئەخلاقنىڭ بارلىققا كىلىشىنىڭ كاپالىتىدۇر.

يەھيا ئىبنى مۇئاز مۇنداق دەيدۇ: "سەندىن مۇسۇلمانلارغا ئۈچ تۈرلۈك مەنپەئەت يەتسۇن: سەن باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزەلمىسەڭمۇ ئۇلارغا زىيان يەتكۈزمە، ئۇلارنى خۇرسەن قىلالمىساڭمۇ غەمكىن قىلما، باشقىلارنى ماختىيالمىساڭمۇ ئۇلارنى سۆكمە".

جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن زىننەتلەندۇرسۇن

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com003
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-05-01, 04:53

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-01 09:25 |
ئىزنا سودا بازىسى
tarim-borini
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 38401
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 263
شۆھرەت: 269 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2630 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 316(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

تېمىڭىزغا رەخمەت . ئەجىرڭىزنى ئاللا بەرسۇن . ياخشى تېملارنى يوللاپ تۇرۇڭ  ئۇقۇيدىغانلا  ھامان چىقدۇ .

    

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
Freedom lies in being bold
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 15:58 |
BAOAN
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 56380
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1205
شۆھرەت: 1206 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 12050 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 479(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-01

 

دىل  ئىزا  قىلساڭ ،ئاللا  بىزا   بۇلۇر  دىگەن  ھىكمەت  شۇ       

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 16:01 |
zam-zam
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 63402
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 125
شۆھرەت: 126 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1250 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 350(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

Quote:
بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىtarim-boriniنىڭ2009-05-01 15:58 دە يوللىغان يازمىسى   :
تېمىڭىزغا رەخمەت . ئەجىرڭىزنى ئاللا بەرسۇن . ياخشى تېملارنى يوللاپ تۇرۇڭ  ئۇقۇيدىغانلا  ھامان چىقدۇ .

    

مىنى قوللىغىنىڭلارغا اللە رەھمەت قىلسۇن..........!!!(امين)

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 20:40 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » پەلسەپە ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:05-02 23:15, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ