« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 517 - كۆرۈرمىنى
ikin
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 10098
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 227
شۆھرەت: 247 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2310 سوم
تۆھپە: 90 نۇمۇر
ياخشى باھا: 55 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1618(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 مۇنبەرداشلارغا ئۇچۇق سەۋەب

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما qumqazi تەرپىدىن ئىلگىرلىتىلدى(2009-05-01)
تور مۇنبىرى شۇنچىلىك بىر كەڭرى سەيناكى بۇنىڭدا ئۆزۈپ يۈرىۋاتقان ھەر ساھە دوسلارنىڭ قابىليىتى بىر-بىرسىدىن ئۆزگىچە ۋە بىر-بىرىسىدىن ئۆستۈن. ھەم شۇنىڭغا مۇناسىپ ھەر قانداق  ئۆزگىچەتەپەككۇردىكى دوسلار مەۋجۇد. مەن شۇ سەۋەبتىن تۆۋەندە مۇنبەردە داۋاملىشىۋاتقان ئىككى تۈرلۈك ئىشقا ئۇچۇق ئاشكارە سەۋەب بولغان مەسىلىنىڭ جاۋابىنى بەرمەكچىمەن.
تور مۇنبىرى مەيدانغا كىلىپ نۇرغۇنلىغان قابىليەت ئىگىسىنى ئۆزىنىڭ ئەتىراپىغا يىغدى. نەتىجىدە ھەر ساھەدىكى بىلىملەر ۋە ھەر ساھە ئۆزگىرىشلەر، ئۇيغۇر جەمىئىتى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ تۈرلۈك مەسىلىلەر مۇنبەر يۈزىدە ئەكىس ئىتىشكە باشلىدى. بۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا.
ئەمدى تور مۇنبىرىنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبى ئاستىدا نۇرغۇنلىغان ياخشى تىمىلار مەيدانغا كىلىۋاتىدۇ . بۇنداق نەتىجىنى بىز رۇشەن مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز كىرەك . ۋە بۇنىڭغا توغرا باھا بىرىپ ئۇنى ئەمىليەتتىن ئۆتكۈزىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم. شۇ ۋەجىدىن ھەممەيلەننىڭ تەپەككۇرى شۇنچىلىك سەگەك ھالدا بۇلۇش كىرەككى تالانىت ئىچىگە يۇشۇرۇنغان كىرزىسنى ھەر ۋاقىت چۈشىنىشىمىز لازىم.
1-مۇنبەردە مەيدانغا كەلگەن قۇياش 701 ئەپەندىنىڭ «مۇھەببەتنىڭ كۆزى قارىغۇ» دىگەن ئەسىرنى نادىرىدىن قالدۇرۇش سەۋەبى.
مەن بۇ ئەسەرنى قايتا -قايتا ئۇقۇپ چىققاندىن كىيىن بۇ ئەسەر توغىرىسىدىكى قارىشىمنى شۇنىڭغا مۇناسىپ قايتا-قايتا ئويلاپ چىقتىم . بۇ ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى شۇنچىلىك تالانىت ئىگىسىكى ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبى ھەقىقەتەن جەمىئىتىمىزدىن ھالقىپ خەلىقئارا سەۋىيەگە يىقىنلاشقان. قىسىقىسى ئەسەر مۇئەللىپى قۇياش ئەپەندىنىڭ ئىجادىيەت ئېڭى بىزنىڭ ئىجتىمائى ئۇيغۇر ئىجادىيەت ئۇسلۇبىدىن ئەڭ كام دىگەندە 20يىل ھالقىپ كەتكەن. بۇ ئەھۋال ئەدىبىياتتىكى بىر يۈكسەك تالانىتتىن ئىبارەت. ئەمدى بۇ ئەسەرنى نادىرلغان مۇنبىرىمىزنىڭ سۈيۈملۈك ئەزاسى ، ئىلغار باشقۇرغۇچىسى  ئۇيغۇر ئاينىڭ سەۋىيەسى مۇشۇ ئەسەرنى نادىرلاشقائەڭ بۇرۇن ئىنكاس قايتۇرغاچقا چۇقۇم بىزنىڭ ئەدىبىياتنى توغرا چۈشىنىش ئېڭىمىزدىن، چۈشىنىش سەۋىيەرىمىزدىن ئەڭ كام بولغاندا 40يىل ئالدىدا دىگەن سۆز . بۇمۇ ناھايتى ياخشى بىر ئەھۋال . ئەمدى مەن  ئەسەرنى نادىردىن قالدۇرۇش سەۋەبىنى تېپىش ئۆچۈن قاتتىق تەپەككۇر قىلدىم.ئەڭ ئاخىرى 2075يىلنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ تەھلىل قىلدىم. 65يىل كىيىنكى ئەھۋال ماڭا بۇ ئەسەرنى ھازىرچە نادىردىن قالدۇرۇش توغىرىسىدا ئۇچۇر بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىلەنمەستىن بۇ ئەسەرگە مەشغۇلات ئېلىپ بىرىشقا كىرىشتىم.
بۇ ئەسەرنىڭ 2009يىلى 5-ئايدا نادىرلىقتىن ۋاقتىنچە ئۇرۇن بۇشىتىپ تۇرۇشتىكى بىر قىسىم رىئالنى سەۋەبلىرى:
1) ئەسەر قۇرۇلمىسىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇلىشى بىلەن ئەسەردە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ئەسەرنىڭ جېنى بولغان مەزمۇن تۇقۇلمىسىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالمىزغا باغلىنىش مەسىلىسى.
ئەسەر تور مۇھىتىنىڭ ناھايتى ئەپچىل ۋاستىسى بىلەن باشلىنىپ ئەڭ شەخسىيەتسىز چىگىرىسىز مۇھەببەت يۈنلىشىگە كىرىشى ناھايتى سەۋەبسىزلا باشانغان بۇلۇپ بۇنى ناھايتى يۇقۇرى سەۋىيەدىكى تەپەككۇر بولمىسا چۈشىنىش قۇلايسىز.  ئەسەر قۇرۇلمىسىنىڭ ۋەقەلىك تۇقۇنۇشى بولسا ناھايتى كونكىرىت ھالقىدىن ھالقىپ سۇبىكتىپ ئىزچىللىققا كۆتۈرۈلگەن بۇلۇپ بۇ يەردە ھىسيات ئامىلى ھۆكىمىران ئۇرۇنغا قۇيۇلغان. بۇ خاتا ئەمەس. لىكىن ھىسيات ئامىلىنىڭ ھۆكۈمىرانلىقى ئەقىلنى رۇشەن چۈشەپ قۇيىدۇ. بۇنى توغرا ئەمىليەتكە باغلاشتا چۇقۇم ئەسەردە ئەقىلگىمۇ ئۇرۇن بىرىش كىرەك. چۈنكى ھەقىقى مۇھەببەت ھېچقاچان ئەقىلنى چەتكە قاققان ئەمەس.
2) ھەر قانداق بىر ئەدىبى ئەسەر يەنى ھەر قانداق ژانىردىكى بولسۇن چۇقۇم ئەسەر مۇھىتىغا مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولغان مىلى ئەنئەنىگە ۋە مىللى مەدىنيەتكە خىرىس پەيدا قىلماسلىقى زۈرۈر. بۇ نوقتىدا بۇ ئەسەر بۇ مەسىلىنى تازا توغرا ئەكىس ئەتتۈرمىگەن. بۇنى تەپسىلى ئوتتۇرغا قۇيۇش ھاجەتسىز.
3) مەيلى قانداق ساھەدە نادىرلىققا كۆتۈرۈلگەن تىما ۋە ئەمىليەت بولسۇن چۇقۇم ئۇ نادىر دىگەن نام بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ يەردە قانداقتۇر يۇقۇرى تالانىتلا كۆزدە تۇتۇلسا ئاقىلانىلىق، ئىلمىيلىك بولمايدۇ. ئەلۋەتتە تور مۇنبىرىمىزدە پەقەت قۇياش ئەپەندىنىڭ بۇ ئەسىرىلا ئەمەس بەلكى بىر قانچىلىغان ئەسەرلەر بار. بىز مۇشۇنداق مەسىلىدە شۇنچىلىك يۇقۇرى ئەقەللىي ئۇسۇلنى تاللىشىمىز كىرەككى ھەرگىزمۇ  سۇبىكتىپ خىيال دولقۇنىغا غەرىق بۇلۇپ كەتمەسلىكىمىز لازىم.
4) بۇ ئەسەرنى روياپقا چىقارغان قۇياش ئەپەندىنىڭ ئەجىرى راستىنلا زايە كەتمىگەن. يەنى ھازىرقى رىئاللىقتىن خىلى ئالدىغا سۈرۈلگەن. بۇ بىر نەتىجە . بۇ ئەسەرنى ياخشى ساقلىۋالدىم چۇقۇم كەم دىگەندە 20يىلدىن كىيىن چۇقۇم ئەڭ نادىر ئەسەر قاتارىغا تىزىمەن. بۇنى  مۇئەللىپنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۆمىد قىلىمەن. يەنە بىر ئىش مۇنبەردە ئۇيغۇر ئاي مىنىڭ ئەڭ يېقىن دوسلىرىمنىڭ بىرى يۇقارقى سەۋەبلەرنى چۇقۇم توغرا چۈشىنىدۇ. شۇڭلاشقا مۇنبەرداشلارنىڭ بۇ ئەسەر توغىرىسىدىكى قارىشىنى چۇقۇم ئىلمى يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ تەھلىل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
2- مۇنبەر ئالى ئەزايىرىمىز دېلداش بىلەن بەرداش يىقىندا مۇنبىرىمىزدىكى مەلۇم بىر باشقۇرغۇچى تەرەپتىن چەتكە قېقىلغانلىق توغىرىسىدا ناھايتى كۆپ ئىنكاس قىلىشى بىلەن بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولماسلىق سەۋەبى.
مەن ھەر قېتىم تەھرىرىخانىنى يوقلىغان ۋاقتىمدا بۇ ئىككى ھۆرمەتكە سازەۋەر ئەزايىمىزنىڭ باشقۇرغۇچى توغىرىسىدا شىكايەت قىلىپ يوللىغان تىمىلىرىنى ئۇچىرىتىپ قالىمەن. شۇ سەۋەبتىن بەرداش ئەپەندىگە ئىككى قېتىم ئۇچۇر يوللىدىم. يەنى زادى شىكايەت قىلىنغۇچى باشقۇرغۇچىنىڭ  ئەھۋالى توغىرىسىدا ئىنىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلىشىنى ئۆتۈنۈپ بىراق ماڭا دېلداش ئەپەندى بۇ توغىرىسىدا ئۇچۇق ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ بەرمىدى. ئۇ سۆزىدە شەبنەم 001بىلەن شەبنەم 003 نىڭمۇ مەن سورىغان سۇئالنى سۇراپ ئۇچۇر قىلغانلىقىنى بۇنى ئۆزىنىڭ ئۇچۇق دىگۈسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. بۇ بىر ھىسابتا خاتا ئەمەس . لىكىن خاتا بولمىغىنى بىلەن توغرا تاللاشمۇ ئەمەس. مۇنبەردە راستىنلا شۇنداق ئۇلارنى چەتكە قاقىدىغان باشقۇرغۇچى بولسا بۇنى ئۇچۇق دىيىشى زۈرۈر. ھەممىگە ئەمەس. بەلكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا. شۇندىلا كۆڭۈل ئاغىرىقىنىڭ سەۋەبىنى ئىنىقلاپ بۇ خىل زىددىيەتنى تۆگەتكىلى بۇلىدۇ. بۇ ئىككى مۇنبەردىشىمىزغا سەمىمى تەۋسىيە قىلىدىغىنىم بولسا ئارىدىكى ئۇقۇشماسلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئىناق- ئىتىپاق ئۆتكەن ھەممىدىن ئەۋزەل. بۇ ئىشتا ئاداۋەت ساقلاپ قايغۇرماسلىقىنى سەمىمى تەۋسىيە قىلىمەن. سىلەرنىڭ بۇ خىل كۆڭۈل ئاغرىقىڭلارنىڭ ئوڭشىلالماسىقىدىكى سەۋەپ  يەنىلا سىلەرنىڭ ئۆز كۆڭلۈڭلارنى ئۇچۇق دادىل ئوتتۇرغا قويمىغانلىقىڭلاردا. شۇڭلاشقا بۇ ئىشتا  تەشەببۇسكار بۇلۇشۇڭلارنى سۇرايمەن.
كامالى ئىھتىرام بىلەن: ئىكىن.

شەبنەم ئۈچۈن
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-01 03:44 |
ئىزنا سودا بازىسى
چەكمەن
ئالاھىدە ئىلگىرلەش مۇنبەر قىززىقچىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 28022
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1829
شۆھرەت: 1835 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 600270 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 57 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 3970(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

بۇئەسەرنى مەن كۆرمىگەندەك قىلىمەنغۇ .ئادرىسىنىمۇ قوشۇپ قويغان بولسىڭىز .

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چەكمەننىڭ يېڭى دۇنياسى

http://qakman.blogbus.com

چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 04:18 |
mungdax
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 16185
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 65
شۆھرەت: 66 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 650 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 183(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-01

 

سىلەرنى كىم قاخشاتقان بولغىيتى  بۇ ئىشلارمۇ ھەل بۇلۇپ قالار

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى


چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 04:36 |
bardax0999
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 59676
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 315
شۆھرەت: 1140 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2340 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
ياخشى باھا: 95 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1922(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-03

 

مەن مۇنبەردە كىمنىڭ شەخسەن مىنى چەتكە قىقىۋاتقانلىقىنى ئاشكارلاپ زىدىيەت تۇغدىرىشنى خالىمىساممۇ ئەقللىق ئوقۇرمەنلىرىمىز مىنى چۇشىنىدۇ دەپ ئويلىدىم، چۇنكى زىدىيەتنى كۆچەيتىپ مۇقۇملىقنى بۇزۇپ
مۇنبەرنىڭ تەرەقىياتىغا تەسىىر كۆرسىتىش تىخمۇ ئۇياتلىق ئىش.مۇنبەردە گەرچە ئۆز-ئارايۈز كۆرۇشمىسەكمۇ لىكىن ھەممىمىزنىڭ مىھرى ئۆز-ئارا تۇتاشقان  بەزىدە ئۆزەمنى تۇتىۋالالماسلىقىم شەبنەمگە بولغان مىھرىمنىڭ چوڭقۇرلىقىدىن بولغان خالاس! دىلغائازار-خودابىزار.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
موساجان ئوسمان_بەرداش
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 04:44 |
mungdax
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 16185
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 65
شۆھرەت: 66 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 650 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 183(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-01

 

بەرداش ئەپەندىمنىڭ گىپىنىڭ ئاساسى با ر چۇنكى باشقۇرغۇچى بولغان ئادەم چۇقۇم ئەزالارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش كېرەك .  مۇنبەرگە باشقىلارنىڭ چەتكە قېقىلىشغا  ئىزا ئىشتىمەن دەپ كىرمەيدۇ ،
مىنىڭچە  شۇ باشقۇرغۇچى ئۈزىنى يەكشۇرسە بولغۇدەك

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى


چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 04:54 |
dildax
كامىلجان ناسىر(دىلداش)
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 29503
نادىر تېما : 11
يازما سانى : 1439
شۆھرەت: 1649 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3080 سوم
تۆھپە: 415 نۇمۇر
ياخشى باھا: 374 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1121(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-03

 

مۇنبەرداشلىرىمغا مەلۇمكى- ماڭا بەك ئۇۋال بولدى.شۇ سەۋەپتىن
مەن ئۆز كۈڭۈل ئاغرىقىمنى مۇنبەردە كۆپ قىتىم بايان قىلدىم. مىنىڭ 100نەچچە پارچە شېئرىم كىم تەرپىدىن ئۆچۈرۈلگەنلىكى تۇغرىسدا ماڭا جاۋاپ بىرىلمىدى،ئاچىقىمغا چىدىماي «چاشقان پەيدا بۇلۇپ قاپتۇ مۇنبەردە» دەپ شېئرمۇ يىزىپ باقتىم.بۇ تىمام 3كۈنمۇ ئۆمۈر كۆرەلمىدى، شەبنەم مۇنبىرىدە ئەزالارنىڭ نەشىر ھۇقۇقىنى قوغداش يوقمۇ؟ مەن يۈز نەچچە تىمامنىڭ ئۆچۈرۈلۈش سەۋەبىنى كۆپ سۈرۈشتە قىلدىم. مۇنبەر باشلىقلىرىغا ئنىقلاپ بەرسەڭلا دەپ ئۆتۈندىم.باغۋەن ئۆز بىغىنى قوغداشنى بىلىشى كىرەكقۇ دەيمەن.

مىنىڭ يازمىلىرىم مۇھەببەت تۈسىنى ئالغان يازمىلار،سىياسىغا چىتىلمايدۇ. جەميەت مۇقۇملۇغى ئۈچۈن زىيانلىق ئەمەس. مۇنبەرداشلارمۇ مىنىڭ ئەسەرلىرىم ئۈچۈن كۆپ ئىنكاس يازىدۇ. شۇنداق تۇرسا بىراقلا 100نەچچە پارچە ئەسىرىمنى كىم نىمە سەۋەپتىن ئۆچۈرىدۇ؟ ئۆچۈرۋىتىش،يۇقۇتىۋىتىشتىكى سەۋەپ زادى نىمە؟ شەبنەمدەك بىر كاتتا مۇنبەردە مەن ئۈچۈن قارا قۇلىنى سۇنغان باشقۇرغۇچىنى ئىنىقلاش ئىمكانيىتى يوقمۇ؟ مۇنبەرىمىزدە مۇنەۋۋەر شائېر سايلاۋاتقان ۋاقىتتا مىنىڭ مۇنبەردىكى ئىسمىم يوق بوپ كەتتى كىم تەرپىدىن ئۆزگەرىتكەنلىكىنى بىلەلمىدىم، نادىر تىما تىزىملىكىگە قارسام دېلداش دىگەن ئىسمىم دېلدوش بوپ ئۆزگۈرۈپ كىتىپتۇ. مەن سۇغۇققانلىق بىلەن مۇنبەر مەسئۇللىرىغا تىلغۇن قىلىپ دېلداش دىگەن ئىسمىمنى دىلداشقا ئۆزگەرتىم. شۇ ۋاقىتتا مەلۇم ئەزالار مۇنبەردىن يىڭى ئەزالىق سالاھيىتى بىلەن كىرىپ ماڭا شەخسى قىسقا ئۇچۇر قلىپ تىللىدى. مەن يەنە سۈكۈت قىلدىم. مەن كىمنىڭ ئۇ ئۇچۇرنى يوللىغانلىقنى بىلەلمەمدىمەن؟ -ئەلۋەتتە كىم ئىكەنلىگىنى كۆڭلىمدە ھېس قىلدىم. لىكىن ئىنساپ تىلىدىم،مۇنبەردە تىما يىزىپ يۇشۇرۇن پىكىرلەر بىلەن سىلىق رەدىيە بەردىم.
شەبنەمنىڭ قەلبىمدىكى ئوبرازىدىن شەكلىنىپ قالدىم. مەن بارلىق ئىشقىمنى مۇنبەرگە ئاتاپ ئەسەر يوللىسام مۇنبەردىكى قارا قول رەھىمسىزلىق بىلەن چاشقان نان غاجىغاندەك تىمىلىرىمنى غاجاپ يۈتىۋاتسا،مەن بىر ئاددى ئەزا بولغانلىقتىن كىم تىمىلىرىغا قۇل سۇنىۋاتقانلىقىنى بىلەلمىسەم.مۇنبەر مەسئۇللىرى بۇ ئىشنى ئىنىقلاپ چىقمىسا مۇنبەردىن راھىم ياندى. شۇڭا بىر نەچچە كۈندىن بىرى مۇنبەرگە تىما يوللىمىغانتىم . مۇنبەردىكى بىر ئاق كۆڭ باشقۇرغۇچى مىنى تىما يوللاشقا دەۋەت قىلدى.شۇڭا بۈگۈن 3 پارچە تىما يوللۇدۇم.
مەن ئەسلى مۇنبەردىن چىكىنىش قارارىغا كەلگىنىمدە مىنى مۇنبەردە ئالى ئەزاللىققا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن باشقۇرغۇچى ماڭا ھۆرمەت قىلدىمۇ ياكى مۇنبەردىكى ئەقرىمنى قەدىرلىدىمۇ ئىشقىلىپ ھالال نىيىتى بىلەن مىنى تۇتۇپ
مىنى تۇسۇپ قالدى، مەن مۇنبەرداشلىرىمدىن سۈيۈنىمەن. ئەمما مۇنبەردىكى تىلى قايماق،دىلى مايماق. شەخسىيەتچى ھەسەتخور ،قارا نىيەت چاشقاندىن بىزار بولدۇم.مۇنبەرداشلىرىممۇ ماڭا ئېقىل كۆرسىتىپ مىنىڭ تىمامنى كىمنىڭ يوق قىلغالىقى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتۇرغا قويدى.«گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ» دەپلا جاۋاپ بەردىم ئۇلارغا.مىنىڭ مەخسىدىم مۇنبەر مەسئۇللىرى تىمامنى ئۈچۈرگەن بۇ چاشقاننى دادىل ئاشكارىلاپ بەرسە بۇلاتتى.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
دىلداشنىڭ سادالىرى بۇ ئادرىستا مەرھەممەت قىلىڭ،
./search.php?authorid-29503.html
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 05:01 |
tokkuzoghuz
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 70920
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 95
شۆھرەت: 105 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 119 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 300(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-03

 

بىر مىللەت ياكى بىر كومىتىتنىڭ ئىلغارلىق پەشتاقلىرىنى بىسىش قەدەم سانىنى يىلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاش قىزىل ئىدىيەچە فورمىلا. جەمىيەت ئاتموسفىراسىنى كونترول قىلغۇچى تەڭشەپ تۇرىدۇ،خۇددى ئۆيدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچكە ئوخشاش. ئىلغار ئېقىم، تەشۋىقات تومۇرىدىلا ئاقىدۇ. 1212-يىلى9-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيا قارىشى 90گىرادۇس ئۆزگىرىپ كىتىدۇ

human rights
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 06:36 |
ALBINNI
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 54413
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 568
شۆھرەت: 569 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 476 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 2643(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-03

 

شۇنداق .  دىلداشنىڭ  ماڭا  قالدۇرغان شېئىرلىرىنىڭ  ئادرىسىغا  كىرسەم ئېچىلمىدى،بۇ  زادى  نىمە  ئۈچۈن؟؟؟؟؟؟؟؟؟دىلداشقا  قەست  قىلغۇچى  نىمە  ئۈچۈن  تېخىچە  ئېنىقلانمايدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟       

شىنجاڭ تور مەكتىپى
ئالبىننى  باھانىسى  جىق  .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 08:21 |
sarkarda-1
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 41843
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 325
شۆھرەت: 326 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3190 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 798(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

چۇقۇم بىرەرسى  دىلداش  دۇستىمىزغا  ھەسەت قىلغان گەپ ، ئۇنى كۆرەلمەيۋاتقان گەپ. نىمىشقا  شۇنداق ياخشى ئەسەرلىرىنى   يۈتىۋالىدۇ ؟!  يا    دىلداش  دوستىمىز  سىياسىيغا ئائىت بىرەر نەرسە (ئەسەر)يازمىسا ؟ نېمە دەپ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆچىرىۋېتىدىكەن ؟ بىزنىڭغۇ ئىنكاسلىرىمىزنى ئۆچىرىۋەتسۇن ! ئەمدى كېلىپ شۇنداق  ياخشى يېزىلغان نادىر ئەسەرلەرنى ئۆچۈرىۋەتسە ، بىزمۇ  «شەبنەم»دىن  ئايرىلساق  بولغىدەك !

تارىخىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەدەبىياتىنى چۈشۈنىش كېرەك!
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 08:41 |
subi2009
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 69854
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 683
شۆھرەت: 5433 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2080 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 202(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

Quote:
بۇ مەزمون5قەۋەتتىكىdildaxنىڭ2009-05-01 05:01 دە يوللىغان يازمىسى   :
مۇنبەرداشلىرىمغا مەلۇمكى- ماڭا بەك ئۇۋال بولدى.شۇ سەۋەپتىن
مەن ئۆز كۈڭۈل ئاغرىقىمنى مۇنبەردە كۆپ قىتىم بايان قىلدىم. مىنىڭ 100نەچچە پارچە شېئرىم كىم تەرپىدىن ئۆچۈرۈلگەنلىكى تۇغرىسدا ماڭا جاۋاپ بىرىلمىدى،ئاچىقىمغا چىدىماي «چاشقان پەيدا بۇلۇپ قاپتۇ مۇنبەردە» دەپ شېئرمۇ يىزىپ باقتىم.بۇ تىمام 3كۈنمۇ ئۆمۈر كۆرەلمىدى، شەبنەم مۇنبىرىدە ئەزالارنىڭ نەشىر ھۇقۇقىنى قوغداش يوقمۇ؟ مەن يۈز نەچچە تىمامنىڭ ئۆچۈرۈلۈش سەۋەبىنى كۆپ سۈرۈشتە قىلدىم. مۇنبەر باشلىقلىرىغا ئنىقلاپ بەرسەڭلا دەپ ئۆتۈندىم.باغۋەن ئۆز بىغىنى قوغداشنى بىلىشى كىرەكقۇ دەيمەن.

مىنىڭ يازمىلىرىم مۇھەببەت تۈسىنى ئالغان يازمىلار،سىياسىغا چىتىلمايدۇ. جەميەت مۇقۇملۇغى ئۈچۈن زىيانلىق ئەمەس. مۇنبەرداشلارمۇ مىنىڭ ئەسەرلىرىم ئۈچۈن كۆپ ئىنكاس يازىدۇ. شۇنداق تۇرسا بىراقلا 100نەچچە پارچە ئەسىرىمنى كىم نىمە سەۋەپتىن ئۆچۈرىدۇ؟ ئۆچۈرۋىتىش،يۇقۇتىۋىتىشتىكى سەۋەپ زادى نىمە؟ شەبنەمدەك بىر كاتتا مۇنبەردە مەن ئۈچۈن قارا قۇلىنى سۇنغان باشقۇرغۇچىنى ئىنىقلاش ئىمكانيىتى يوقمۇ؟ مۇنبەرىمىزدە مۇنەۋۋەر شائېر سايلاۋاتقان ۋاقىتتا مىنىڭ مۇنبەردىكى ئىسمىم يوق بوپ كەتتى كىم تەرپىدىن ئۆزگەرىتكەنلىكىنى بىلەلمىدىم، نادىر تىما تىزىملىكىگە قارسام دېلداش دىگەن ئىسمىم دېلدوش بوپ ئۆزگۈرۈپ كىتىپتۇ. مەن سۇغۇققانلىق بىلەن مۇنبەر مەسئۇللىرىغا تىلغۇن قىلىپ دېلداش دىگەن ئىسمىمنى دىلداشقا ئۆزگەرتىم. شۇ ۋاقىتتا مەلۇم ئەزالار مۇنبەردىن يىڭى ئەزالىق سالاھيىتى بىلەن كىرىپ ماڭا شەخسى قىسقا ئۇچۇر قلىپ تىللىدى. مەن يەنە سۈكۈت قىلدىم. مەن كىمنىڭ ئۇ ئۇچۇرنى يوللىغانلىقنى بىلەلمەمدىمەن؟ -ئەلۋەتتە كىم ئىكەنلىگىنى كۆڭلىمدە ھېس قىلدىم. لىكىن ئىنساپ تىلىدىم،مۇنبەردە تىما يىزىپ يۇشۇرۇن پىكىرلەر بىلەن سىلىق رەدىيە بەردىم.
شەبنەمنىڭ قەلبىمدىكى ئوبرازىدىن شەكلىنىپ قالدىم. مەن بارلىق ئىشقىمنى مۇنبەرگە ئاتاپ ئەسەر يوللىسام مۇنبەردىكى قارا قول رەھىمسىزلىق بىلەن چاشقان نان غاجىغاندەك تىمىلىرىمنى غاجاپ يۈتىۋاتسا،مەن بىر ئاددى ئەزا بولغانلىقتىن كىم تىمىلىرىغا قۇل سۇنىۋاتقانلىقىنى بىلەلمىسەم.مۇنبەر مەسئۇللىرى بۇ ئىشنى ئىنىقلاپ چىقمىسا مۇنبەردىن راھىم ياندى. شۇڭا بىر نەچچە كۈندىن بىرى مۇنبەرگە تىما يوللىمىغانتىم . مۇنبەردىكى بىر ئاق كۆڭ باشقۇرغۇچى مىنى تىما يوللاشقا دەۋەت قىلدى.شۇڭا بۈگۈن 3 پارچە تىما يوللۇدۇم.
.......



توغرا مەن سىزنىڭ مۇشۇ توغىرىسىدا يازغان تىمىڭىزنى كۆرگەن ئىدىم،،،،،ئۇ ئىشنى بىر تەرەپ بولۇپ بولدى دەپ ئولتۇرسام تېخىچە بىر تەرەپ بولمىغىننى كۇرۇڭ

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
ئادەملەرنىڭ بىلىمى ئاشتى،ياشاش قىيىنلاشتى.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 09:22 |
ikin
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 10098
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 227
شۆھرەت: 247 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2310 سوم
تۆھپە: 90 نۇمۇر
ياخشى باھا: 55 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1618(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

مۇنبەرداشلارنىڭ بۇ تىمىنى كۆرۈپ قايتۇرغان ئىنكاسىدىن  چۈشىنىشكە بۇلىدۇ. ئەسلى مۇنبەر يۈزى دىگەن ھەممەيلەننىڭ ئەقلى  تەپەككۇرنى چىنىقتۇرىدىغان بىر مۇھىم مەنىۋى بازا، بۇ يەردە ھەممەيلەن بىر-بىرىمىزنىڭ تەپەككۇرىدىن ئۆزىمىزدىكى كەمچىلىك بىلەن ئارتۇقچىلىقنى بايقاپ  پاكىزە ئاڭ يىتىشتۇرۇش قەدىمىنى باسساق ناھايتى ئاقىلانە ئىش بۇلىدۇ.
شەبنەم مۇنبىرىمۇ ئۆزىگە خاس ئابىروي ۋە ئىززەتكە مۇناسىپ ئۇيغۇر جەمىئىتىدىكى چوڭ مۇنبەرنىڭ بىرى. ھەر قانداق تەرەققىياتنىڭ تىگىدە چۇقۇم مۇئەييەن كەمچىلىك ۋە كىرزىس مەۋجۇد. ئەمدى دېلداش ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنى يۇقىتىۋىتىش مەسىلىسى شەبنەمدىكى ھەممە باشقۇرغۇچىنىڭ ياكى قۇرىغۇچىنىڭ خاتالىقى ئەمەس. بۇ پەقەت ئاز ساندىكى ئادەمنىڭ سادىر قىلغان ئىشى. شۇ ئۆچۈرۋەتكەن ئادەمنىڭمۇ ئۆزى بىلىدىغان مەلۇم سەۋەبى بار. بىراق ھەر قانداق سەۋەب ياكى ئامىل بولسۇن بىزنىڭ ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئەڭ چوڭ ئەخلاق ئۆلچىمىمىز بار. بۇ ئۇزاق زاماندىن تارتىپ مەۋجۇد بولغان ئەنئەنىۋى پاكىزە ئادەتلىرىمىز. شۇنىڭ ئۆچۈن مەيلى باشقۇرغۇچى ياكى ئادەتتىكى ئەزا ئىشقىلىپ ئادەم كاتىگوريىسىگە تەۋە ھەر قانداق ئادەم چۇقۇم خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس. شۇڭا بۇ تىمىنى كۆرگەن ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ چۇقۇم ئەڭ چوڭ ئەخلاق مىزانى ئىچىدە تۇرۇپ پىكىر قىلىشىنى ، بولسا شۇ باشقۇرغۇچىنىڭ ئۆزى ئوتتۇرغا چىقىشىنى  ۋە سەمىمىلىك بىلەن بۇ ئىشلارنىڭ   ئەسلىدە يۈز بىرىشى كىرەك بولمىغان ئىش ئىكەنلىكى  مەزكۇر دوستىمىز دېلداشقا چۈشەندۈرۈپ ئېچىلىپ كىتىشىنى ئۆمىد قىلىمەن. ئەلۋەتتە بۇنى ھەممىڭلار بىلمىسەڭلارمۇ بۇلىدىغان ئىش. ئەگەر نۇمۇسسىزلىق  زادى توغرا بۇلۇپ بۇ قىلمىشتىن مەزكۇر كىشى خىجىل بولمىسا ، ئازىراق يۈزى قىزارمىسا ، دېلداش بىلەن بەرداشمۇ بۇنداق ھايۋان كەبى ئىنسانلارغا قايغۇرۇپ چوڭقۇر ھازا تۇتۇپ يۈرۈيدىغان چىدامسىز ئەركەكلەردىن ئەمەس. شۇڭلاشقا بارلىق دوسلارنىڭ بۇ ئىشنى مۇنبەرنىڭ چوڭ بىر دولقۇنىغا كۆتۈرۈپ، مۇنبەرنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالىغا تەدبىقلىۋالماسلىقىنى، مۇناسىۋەتسىز گەپ ئۇيۇنىغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقىنى تەۋسىيە قىلماقچىمەن
.

شەبنەم ئۈچۈن
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 09:41 |
BAOAN
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 56380
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1205
شۆھرەت: 1206 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 12050 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 479(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-01

 

بۇ  مۇنبەر  ئەتتىگەندە  قىزىپ  كىتىپتۇ    مەن  سىلەرنىڭ  ئاراڭلىغا  قېتىلىپ  بىر  نەرسە  دىگىممۇ  يوق   
سىلەرنىڭ  توردا  بولغان  مۇنازىرىڭلار  ياخشى  بوپتۇ       

چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 09:59 |
Ark-zat
ئەمەتجان مۇھەممەت
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 16
يازما سانى : 5678
شۆھرەت: 6093 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 42820 سوم
تۆھپە: 1001 نۇمۇر
ياخشى باھا: 660 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1035(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-14

 

باشقىلارنىڭ تېمىسىنى   شەخسى غەرىزى بىلەن ئۆچىرىۋېتىدىغان باشقۇرغۇچى __ تېخنىكىسىغا تايىنىپ قاتىللىق قىلىدىغان ۋەھشى قاتىل بىلەن ئوخشاش.

قوليازمىلىرىمنى رۇخسىتىمسىز ئىشلەتمەڭ!!!
شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
تېمىلىرىمگە قىزىقسىڭىز Ark-zat.Xabnam.com دىن كۆرۈڭ.
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 10:03 |
deeplove
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 83593
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 221
شۆھرەت: 221 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2199 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 170(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-03

 

./read.php?tid-109265.html
ئېنىق ئېسىمدە قايسى كۈنى  بىز قىز  مۇنازىرە سۇرۇندا ئەركزاد ئەپەندى بىلەن مۇنازىرلەشكەندە ئەركزاد ئەپەندى تەرپىدىن ئۇرۇنسىز چەكلەندى. لىكىن ئۈستىدىكى ئادىرىستا نۇرغۇنلىغان ئىختىلاپلار، كۆلۈڭ ئاغىرقى ۋە ئىتتىپاققسىزلىق كۆرلۈشىگە سەۋەبچى بولغان دىكىدىككاڭ خاننىڭ تېمىسىنى قۇلۇپلاپلا قۇتۇلدى. دىكىكدىككاڭنىڭ تېمىللىرنىڭ كۆپۈنچىسى پىتنە ئىغۋا تارقىتىدىغانلىقنى بىلىپ تۇرۇپ تەستىقلاش ئېلىپ بېرىلدى. ۋە ئىزچىل ھالدا  دىكىدىككاڭنىڭ پىتنە ئىغۋا تارقىتىشقا يول قۇيلۇپ كەلدى. بۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟ كىچىككىنە ئىشقا چەكلەنگەن قىز بىلەن دىكىدىككاڭ خاننىڭ زادى ئوخشىمايدىغان يىرى قەيەردە؟

چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 10:05 |
0991sumruh
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 27435
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2235
شۆھرەت: 2237 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 424092 سوم
تۆھپە: 75 نۇمۇر
ياخشى باھا: 80 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 2008(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-03

 

شەخسلەر ئۇتتۇرسىدىكى ئىختىلاپلارنى بۇ يەردە كۆتىرىپ چىقىساق شەبنەمدە زىددىيەت ئۇرۇقى چېچىلىپ گۇرۇھۋازلىق،ئىناقسىزلىق پەيدا بولىدۇ،توپىلاڭدىن توقاچ ئوغۇرلايدىغانلارنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ،بەزى ئىشلاردىن ھەممىمىزنىڭ خەۋەر تېپىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
سىزنىڭ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىڭىزغا قايىل بولدۇم،ھەقىقەتەن ئەستايىدىل ،مەسئۇلىيەتچان ئىكەنسىز،مۇنەۋۋەر قابىل باشقۇرغۇچى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنسىز.

./?u=27435
قايغۇرماڭ!باتۇرلارچە ياشاڭ!
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 10:07 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
XabnamBBS » مۇنبەر مەخسۇس سەھىپىسى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:05-03 07:27, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ