« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 1635 - كۆرۈرمىنى
sabiha
bbs.xabnam.com
ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 12131
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 1062
شۆھرەت: 1372 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10929 سوم
تۆھپە: 968 نۇمۇر
ياخشى باھا: 653 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 763(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 بانكىر بىلەن سۆھبەت (49)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما saadat تەرپىدىن (2009-05-01)دە نادىرلاندى
بانكىر بىلەن سۆھبەت





ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! شەبنەم خەلق گېزىتىنىڭ ئىختىيارىي مۇخبىرى سەبىخە شەبنەمدىكى تىرىشچان ئەزا بانكىر بىلەن ئەمگەكچىلەر بايرىمى يىتىپ كىلىش پەيتلىرىدە ئۆز - ئارا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەشكەچ، قىسقا ئۇچۇر بىلەن سۆھبەتلەشتى . قىزىقساڭلار ، نەزىرىڭلار 15 كۈندە بىر قېتىم ئىلىپ بىرىلىۋاتقان شەبنەم تورداشلار سۆھبىتىنىڭ 49- سانىدا  بولسۇن :


【سەبىخە】 سۆھبىتىمىزنى سىزنىڭ تەرجىمىھالىڭىزدىن باشلىساق قانداق ؟


【بانكىر】  بولىدۇ ، ئالدى بىلەن مۇشۇنداق سۆھبەت ئارقىلىق مىنى كەڭ تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەنلىكىڭىزگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمىتىمنى ئىيتىمەن . ئىسمىم ئەركىن  تۇرامەت ،  1980 - يىلى 1 - ئاينىڭ - 10 كۈنى  قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ  جايتىرەك يىزىسىدا  خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان .  بىر ياش ۋاقتىمدا ئاتا -  ئانام ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ مەن بىلەن چوڭ ئاچام  دادامغا  ئوتتۇرانجى ئاكام ئانامغا قاپتىكەن . ئانام بولسا ئوقۇتقۇچى ، دادام بانكىر ئىدى .  دادام ناھىيە ئىچىدە ئىشلەيتتى . شۇڭا مەن بىلەن ئاچامنى رەھمەتلىك چوڭ ئانام بىقىپ قاتارغا قوشقان . ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ دادام توي قىلدى . كىيىن بىزمۇ ناھىيە تەۋەسىگە كۆچۈپ كىردۇق .  ئەپسۇس رەھمەتلىك چوڭ ئانام  1995 - يىلى تۈگەپ كەتتى . بىر يىلدىن كىيىن ئاچام توي قىلدى . شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ تەنھا تۇرمۇشۇم  باشلاندى . چۈنكى بىز  چوڭ ئۆيدە ، دادام  ئىدارىنىڭ ئىچىدە ئولتۇراتتۇق ،  مىنى دادام  يىنىمدا تۇر دىسىمۇ مەن تۇرغىلى ئۇنمايتتىم .  كىيىن مەنمۇ بانكىغا ئورۇنلاشتىم  . ئارلىقتا  ئۇرۇق تۇققانلار بىر ئىدارىدە ئىشلىسە بولمايدۇ دىگەن بەلگىلىمە چىقىپ  مەن باشقا يۇرتتا خىز مەت  قىلىۋاتىمەن  .  14 يىل تەنھالىققا خاتىمە بىرىپ ئۆتكەن يىل توي قىلىۋالدىم .  شەبنەم  مۇنبىرىدىكى تىمىلارنى كۆرىۋاتقىلى 2 يىل . ئەزا بولغىلى 1 يىل بولدى .
مەن ئەركىن ياشاپ ئادەتلەنگەن . مەن ئەڭ پەس كۆرىدىغان ئادەملەر توپى: پۇل مال مۈلۇك ،ھوقوق ، ياخشى شارائىت قاتارلىقلارنى كۆزلەپ قىزىنى زورلاپ تويغا زورلايدىغانلار ۋە شۇنداق ئادەملەر بىلەن توي قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان قىزلار  .  بىرەر ناھەقچىلىكنى كۆرسىمۇ بىشىنى ئىچىگە تىقىۋىلىپ كۆرمەس بولىۋىلىپ  كىيىن باشقىلارغا شۇ ئىش توغۇرلۇق قاخشايدىغانلار ، چوڭلارنى ھۆرمەتلىمايدىغان - كىچىكلەرنى ئىززەتلىمەيدىغانلار ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى ئۇنتۇپ قىلىپ مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغانلار  ، تاڭ ئاتسا ئىشلىسە كەچ بولسا ئىشتىن چۈشسە قورساق تويسىلا  باشقا ئىشلارغا باش قاتۇرماي كەچكىچە ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدىغانلار ، كەچكىچە ئۇ چاي ، بۇ توي دەپ قاتراپ يۈرىدىغان كوت كوت خوتۇنلار .
باشقا جايلارغا بىرىپ ساياھەت قىلىشنى ياقتۇرىمەن . يالغۇز قالغان چاغلىرىمدا  سۈيى بار ئېرىق ياكى ئۆستەڭ سۇ بويىدا سۆگەتنىڭ سايىسى بار ئازراق شامال بار يەرلەرنى تىپىۋىلىپ خىيال سۈرىمەن . دائىم ئانامنى يوقلايمەن .  تورغا چىقىپ شەبنەم مۇنازىرىنى كۆرىمەن . CS ئويناش ، تىل ئۈگۈنۇش قاتارلىقلار  بىلەن مەشغۇل بولىمەن .
مىنىڭ بىردىن - بىر ئويلايدىغىنىم ئاتا - ئانامنى ياخشى كۈتۇش ، خىزمەتتە خاتالىق سادىر قىلماي نىنىمنى تارتقۇزۇپ قويماي ئىشلەش .



【سەبىخە】 دۆلىتىمىز بانكىلىرى قانچىگە بۆلۈنىدۇ ؟  ئۇلار قايسىلار ؟


【بانكىر】  دۆلىتىمىزنىڭ بانكىرىلىرىنى چوڭ جەھەتتىن مەركىزى بانكا ، سودا بانكىسى ، سىياسەت خارەكتىرلىك بانكا قاتارلىقلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ . مەركىزى بانكا دەل جۇڭگو خەلق بانكىسىنى كۆرسىتىدۇ . جۇڭگو خەلق بانكىسى دۆلىتىمىزدىكى بانكىلارنىڭ بانكىسى ھېسابلىنىدۇ . جۇڭگو خەلق بانكىسى ھۆكۈمەتنىڭ فونكىسىيىلىك ئاپراتى يەنى ھۆكۈمەت ئورگىنى بولۇپ بانكا كەسپىنى بىجىرىش بىلەن شۇغۇللانمايدۇ.   سىياسەت خارەكتىرلىك بانكىلاردىن : دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى ، جۇڭگو يېزائىگىلىك تەرەقىقىيات بانكىسى ۋە جۇڭگو ئىمپورت - ئىكىسپورت بانكىسىلار بار . (سىياسەت خارەكتىرلىك بانكىلار دىگىنىمىز : ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش ، پاي چىقىرىش ياكى كاپالىتى بىلەن قۇرۇپ چىقىلىدىغان ، پايدا ئىلىشنى مەقسەت قىلماي ، مەخسۇس ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائى ، ئىقتىسادى سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ماسلىشىدىغان  ، ئالاھىدە ساھەلەر بويىچە مەخسۇس سىياسەت خارەكتىرلىك مەبلەغ يۈرۈشلۈشتۈرۈش پائالىيىتى بىلەن ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە شۇغۇللىنىدىغان  ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش ، جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرلىشىنى ئالغا سۈرۈشىنى تولۇقلايدىغان ، ماكرولۇق ئىقتىسادنى باشقۇرۇشىدىكى پۇل - مۇئامىلە ئاپراتىدۇر. نۆۋەتتە دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە سىياسەت خارەكتىرلىك بانكىلار بار بولۇپ ، بۇلار شۇ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەقىقىياتىدىكى مۇھىم رول ئوينىماقتا .)  دۆلەت ئىگىلىكىدىكى سودا بانكىلىرىدىن : جۇڭگو سودا - سانائەت بانكىسى ، جۇڭگو بانكىسى ، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى ۋە جۇڭگو يېزائىگىلىك بانكىسى قاتارلىقلار بار .  بۇلاردىن باشقا پاي ھەسسىدارلىق تۈزۈمىدىكى سودا بانكىلىرىدىن جۇڭشىن بانكىسى ، خۇاشيا بانكىسى ، سودىگەر چاقىرىش بانكىسى ، گۇاڭدا بانكىسى ، مىنشىڭ بانكىسى ، شاڭخەي فۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى ، شىنجىن تەرەقىىيات بانكىسى ، بوخەي بانكىسى ، گۇاڭدۇڭ تەرەقىيات بانكىسى ، گۈللەندۈرۈش بانكىسى ، جىجياڭ سودا بانكىسى ، جۇڭگو پوچتا ئامانەت بانكىسى قاتارلىقلار بار . بۇلاردىن باشقا دۆلىتىمىزنىڭ 110 شەھرىدە شەھەر سودا بانكىلىرى بار . چەتئەلنىڭ مۇستەقىل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان بانكىلاردىن ئامېرىكا خۇچى بانكىسى ، ئەنگىلىيە خۇيفىڭ بانكىسى ، ئەنگىلىيە چادا بانكىسى ، شياڭگاڭ شەرقى ئاسىيا بانكىسى ، شياڭگاڭ جەنۇبى ئوكيان سودا بانكىسى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدە تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پۇل - مۇئامىلە ئاپراتلىرىدىن 191 ى ۋە 84 ۋەكالەتچىلىك ئاپراتى بار .


【سەبىخە】 دۆلىتىمىز  بانكىلىرىنىڭ خېيىم - خەتەرنى باشقۇرۇشى توغرىسىدا مەلۇمات بەرسىڭىز ؟


【بانكىر】 ئادەتتە بانكىلاردا « خېيىم - خەتەرنى باشقۇرۇش بۆلىمى» تەسىس قىلىنغان بولۇپ ، بانكىلارنىڭ باھالاش ، باشقۇرۇش ، كەسپى خېيىم خەتەرلەرنى باشقۇرۇش قاتارلىق  كەسپى خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . بانكىلارنىڭ كەسپى خېيىم - خەتەرلىرى ئاساسلىقى : ئىناۋەتلىك قەرز پۇلنىڭ قايتۇرۇلۇش خېيىم - خەتىرى ، بوغالتىرلىق ھېساۋاتىنىڭ خېيىم - خەتىرى ، مالىيە باشقۇرۇش خېيىم - خەتىرى ، كەسپى ھۆججەتلەرنىڭ قانۇنى خېيىم - خەتىرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ .  خېيىم - خەتەرنى باشقۇرۇش سودا بانكىلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر تۈرلۈك خىزمىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا بانكىلارنىڭ خېيىم - خەتەرنى باشقۇرۇشى قەرز پۇلنى قايتۇرغۇچىغا قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ قەرز پۇلنىڭ ۋاقتىدا ، تولۇق قايتۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ . بانكىلاردىن قەرز پۇل ئىلىش ئۈچۈن چوقۇم كىپىللىك بىلەن تەمىنلەش كېرەك . خېيىم - خەتەرنى باشقۇرۇش بۆلۈمى دەل مانا مۇشۇنداق كىپىللىكنى قىممىتىنى باھالاش ، يەنى مۇشۇ كىپىللىك مال - مۈلۈكنىڭ كەلگۈسىدە قەرزدار بانكىدىن ئالغان قەرز پۇلنى قايتۇرالماسلىق خەتىرىگە دۇچ كەلگەندە بانكىنىڭ مۇشۇ مال - مۈلۈك كىپىللىكىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ھەقدارلىقىنى قاندۇرالايدىغان بولۇشى ئۈچۈن كىپىللىك مال - مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى باھالاش ، باشقۇرۇش قاتارلىق تەرەپلىرىدىكى خىزمەتنى كۆرسىتىدۇ .


【سەبىخە】  خىزمەت ئورنىڭىزدا مەلۇم بىر كۈنى باشلىقىڭىز باشقا خىزمەتداشلىرىڭىز ئالدىدىلا مەلۇم بىر خىزمەتدىشىڭىزنى تەنقىدلەپ كەتتى . سىز ئۇ خىزمەتدىشىڭىزنىڭ بىھۇدە تەنقىدلىنىۋاتقانلىقىنى ، ئۇنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىسىز . بۇ ۋاقىتتا سىز مۇشۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىسىز ؟  


【بانكىر】 باشلىقىمىز باشقا خىزمەتداشلىرىنى بىھۇدە تەنقىتلەپ ئۇنىڭغا جازا قوللانماقچى بولسا ، باشلىققا بىر ئاماللارنى قىلىپ چۈشەندۈرۈپ ئۇ خىزمەتدىشىمغا ياردەم قىلىمەن . ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى زىدىيەتنى ئامالنىڭ بارىچە پەسەيتىپ ، ئۇقۇشماسلىقنى تۈگىتىپ ، كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە زىدىيەتنىڭ ئۇلغۇيۇپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمەن .


【سەبىخە】 شەبنەم تورىغا جۈملىدىن شەبنەم مۇنبىرىگە قانداق تەكلىپ - پىكىرلىرىڭىز بار ؟


【بانكىر】 تەكلىپ - پىكىرلەرنى تۆۋەندىكىچە ئوتتۇرىغا قوياي :

1.  ھازىر دىگەن ئىلان مودا بولىۋاتقان دەۋىر . ئىلانسىزمۇ ھىچ بىر ئىش ئاقىدىغاندەك ئەمەس . شۇڭا شەبنەم مۇنبىرىمۇ ئىلانغا تەشۋىقاتقا ئەھمىيەت بىرىشى  كىررەك .

2.  بەلكىم شەبنەم تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇشۇ تورغا ئاز بولمىغان مەبلەغ سالدى ، شۇڭا  مۇنبىرىمىزدىكى تىما چولپانلىرىنى ئىلھاملاندۈرۈش ئۈچۈن شەبنەم مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى نىجات ئەپەندى    ھۆكۇمەتنىڭ روخسىتىنى ئىلىپ قانۇنلۇق ھالدا  يىلدا بىرقىتىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈش .  نادىر ئەسەرلەرنى يوللىغان ، شەبنەم مۇنبىرىگە ئەڭ كۆپ كۈچ چىقارغان 10 نەچچە ياكى 20 نەچچە  دوسلارنى تەقدىرلەش ساياھەتكە ئاپىرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئىشلەتسە دوستلارنىڭ مۇنبەرگە تىخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ .

3.  www.uyghur.cn  دىكى ئويۇنچى ، سەلكىن مۇنبىرىدىكى ئۈزۈمچى . . . . . . . . . قاتارلىق ئوي پىكىردە  يىزىقچىلىقتا ئالاھىدە قابىلىيىتى بار دوستلارنى شەبنەم مۇنبىرىگە تەكلىپ قىلىپ ئۇلارنىڭ  داۋاملىق  شەبنەم مۇنبىرىگە ئەزا بولىشىنى قولغا كەلتۈرۈش .

4. شەبنەم مۇنبىرىنى ئەزاسى 100،000 بولۇشقا ئازلا قالدى . بۇنىڭغا شەبنەم ئەپەندى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كىرەك . 100،000 چى ئەزاغا چوقۇم سوۋغا بىرىش كىرەك  .  چۈنكى قولنى كەسمىگۈچە قان چىقماس . پىخسىق ئادەمنىڭ ئالغا باسمىقى ئىنتايى تەس .  
يەنە نۇرغۇن تەكلىپلىرىم بارئىدى لىكىن يىزىقچىلىقتا قابىلىيىتىم بەكلا تۈۋەن بوپ قالغاچقا كۆپ تەكلىپ بىرەلمىدىم . ھەممىز ئورتاق تىرىشىدىغانلا بولساق كەلگۈسىدە شەبنەم مۇنبىرىنىڭ ئەزاسى 100،000 ئەمەس بىر مىلىيۇن ياكى بىر قانچە مىليۇن بولىشىدا چاتاق يوق .



【سەبىخە】 شەبنەم مۇنبىرىدە ئىلىپ بىرىلىۋاتقان « تورداشلار بىلەن سۆھبەت » سەھىپىسىگىگە قانداق قارايسىز ؟ قانداق قىلغاندا بۇ سەھىپە تىمىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلىپ بىرىپ تورداشلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى بىيىتقىلى  بولىدۇ ؟


【بانكىر】 « تورداشلار بىلەن سۆھبەت » سەھىپىسىگىگە  كەلسەك ، بۇ ئىنتايىن ياخشى باشلىنىش بوپتۇ . بۇ سەھىپە ئارقىلىق شەبنەمدىكى دوستلارنىڭ ئارلىقىنى مىھرى- مۇھەببىتىنى يىقىنلاشتۇرغىلى ، شۇ تورداشنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ . تورداشلارمۇ  سۆھبەت قىلىنغاندا  ( سىزنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە )   راستچىللىق بىلەن ئويلىغانلىرىنى ، قىىلماقچى بولغانلىرىنى قانچىلىك بولسا شۇنچىلىكنى دەپ بىرىشى كىرەك . بەزى گەپلەرنى دىيەلمەي يالغان سۆزلەشكە بولمايدۇ . چۈنكى بۇ دۈنيا تىخى ئۇنچىۋالا رەزىللىشىپ كەتمىدى . بىرەرسى سىزنىڭ سىرىڭىزنى بىلىۋالغانغا سىزگە ھىچ نىمە بولمايدۇ ، ياكى سىزگە ھىچ قاندا تەھدىت ئىلىپ كىلەلمەيدۇ . بىز بىر - بىرىمىزنى تونۇمىغاندىلكىن مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق تونۇشساق بولىۋىرىدۇ . يالغاننى قىتىشنى زۆرۈريىتى يوق .

قانداق قىلغاندا بۇ سەھىپە تىمىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ دىگەندە ، بۇنىڭغا سىزدەك سەبىخەگە ئوخشاش شەبنەمنىڭ مۇخبىرلار گۇرپىسى  باش قاتۇرۇش ، تىز ئىگەللەش ، مۇلاھىزە قىلىش ، تىرىشىش ، . . . قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بۇ سەھىپىنى تىخىمۇ راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ . سىزنىڭ تىخىمۇ تىرىشىشڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن . ئەمگىكىڭىزنىڭ قەدرىنى شەبنەم ئەپەندى بىلمىسە مانا مەن بىلىمەن . كىيىنچە سىزنىڭ ئۆز يىنىمدىن مۇكاپاتلايمەن . چۈنكى مەن شەبنەمگە ئاشىق .   مەن شەبنەمنى سۆيىمەن .




【سەبىخە】 ئاخىرىدا تورداشلارغا ئېيتىدىغان قانداق يۈرەك سۆزلىرىڭىز بار ؟


【بانكىر】 ئاخىرىدا تورداشلارغا ئىيتىدىغان سۆزۇم . بىر - بىرىمىز بىلەن تىللاشمايلى ،   بۇنداق دىيىىشمدە مىنىڭ خىلىلىلا بىلىملىك دوستلىرىم مۇنبەرگە كىرىدۇ . لىكىن خەنزۇچە مۇنبەرگە كىرىدۇ . مەن ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگە كىرىشنى تەۋسىيە قىلسام ، ئۇلار  ئۇيغۇرچە مۇنبەردە كىچىك باللىلار بەك كۆپكەن . بىر - بىرى بىلەن تىللىشىدىغان ئىشلار بەك كۆپكەن . شۇڭا بەك كىرگۈمىز كەلمەس بوپ قالدى دەيدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە   شەبنەم مۇنبىرىنىڭ سابىق ئەزالىرىدىن خىلى كۆپ دوستلار  ھازىر كىرمەس بوپ قالدى . مىنىڭچە بۇنىڭ سەۋەبى يەنىلا جەڭگى جىدەل سەۋەپلىكقۇ دەيمەن .  كاللىمىزدىن ئۆتىگەن ئىش بولسا ئۇنچىۋالا كۈچەپ كەتمەيلى . باشقىلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قاراپ ئۆزىمىزمۇ ئويلىنىپراق گەپ قىلايلى .  قىسقىسى مۇنبەرنى ئاسرايلى . چۈنكى مۇنبەر بىزگە يىڭى - يىڭى خەۋەرلەر بىلەن . ھەر خىل بىلىملەر بىلەن جاھاندا بولىۋاتقان يىڭىلىلار بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتى بەردى .   شەبنەمنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى .


شەبنەم تور رادىئۇسىغا تەۋسىيە قىلىنغان تىما .

ھەر قانداق تورداش ئۆزى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق .

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+10(ئۈمۈد007) نادىر ئەسەر
  • تۆھپە:+15(tughrul) نادىر ئەسەر
  • بىلىم قىمىتىنى بىلىملىك بېلۇر،
    ئەقىلنى قەدىرلەش بىلىمدىن كىلۇر.
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-30 23:21 |
    ئىزنا سودا بازىسى
    tughrul
    تۇغرۇل _ بۈركۈت سەردارى !
    ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 48638
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4236
    شۆھرەت: 4150572 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 738823 سوم
    تۆھپە: 193 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 109 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2313(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    بايرام ھارپىسىدا بانكىر قېرىندىشىم بىلەن تۇنۇشقۇنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن !!!
    بانكىر  سىزگە بەخت ۋە خۇشاللىق يار بولغاي !!!

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-30 23:25 |
    tograh0997
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 38094
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 7032
    شۆھرەت: 7259 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 0 سوم
    تۆھپە: 117 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 291 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1571(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    سەبىخى ئارقىلىق بانكىر ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكۈنۈمدىن مىنەتتارمەن

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    ./read.php?tid-62328.html
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-30 23:29 |
    ئۇيغۇرئاي
    ۋەتـىنىمنى ســېـغىندىم
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 22655
    نادىر تېما : 10
    يازما سانى : 3121
    شۆھرەت: 3364 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 31550 سوم
    تۆھپە: 784 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 548 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 750(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-06

     

    سىزنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان سىەبىھە ھەدىگە رەھمەت

    سىزنىڭمۇ ئائىلىڭىزگە بەخىت،ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ئاكا

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى


    ھەسرەت چىكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ قاپاق تۈرمەڭ. چۈنكى، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراقلىقىنى بىلمەيسىز
    بەزى ئادەملەر بىر قاپاق سۈينىڭ تۆكۈلگىنىگە زارلانمايدۇ، ئەكسىچە بەزى ئادەملەر بىر تامچە سۈيى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئاھ ئۇرىدۇ

    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-30 23:31 |
    F_117
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 72155
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 416
    شۆھرەت: 486 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3989 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 458(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    بۇ ناھايتى ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ ،بانكىر ئەپەندى بىلەن  توردا تۇنۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بوپتۇق ،ھەممىمىز ئىناق ئۆتۈپ شەبنەم مۇنبىرىنىڭ داۋاملىق گۈللىنىشى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشايلى .
    ئاخىرىدا ، بانكىر ئەپەندىنىڭ خىزمىتىگە ئۇتۇق،تۇرمۇشىغا بەخىت تىلەيمەن .

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-30 23:44 |
    باياۋان
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 69469
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1158
    شۆھرەت: 1227 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 11520 سوم
    تۆھپە: 100 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 95 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1326(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    مۇنبىرىمىزدە خىلمۇخىل ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەننىۋاسى تېپىلىدىكەن ، بۇ بەك ياخشى ئىش ، مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق بانكىر ، ئۇقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچى ، ئىجتىما ئى پەن ، تەبىئى پەن ساھەسىدىكى مۇئەييەن نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن زىيالىيلىرىمىز ، كەسپتە ئۇتۇق قازانغان ئىقتىساد ، ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتە كۆزگە كۈرۈنگەن كىشلىرىمىز ...قاتارلىقلار بىلەنمۇ سۆھبەت ئۇيۇشتۇرساق بۇ جەھەتتە تۇنۇشىمىز ئىلگىرى سۈرىلەتتى .
    بۇ سۆھبەت قاراتمىلىقى بار ، جانلىق سۆھبەت بوپتۇ ، سەبىخە خانىم ۋە تىرىشچان دوستىمىز بانكىرغا كۆپ تەشەككۈر .

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-30 23:54 |
    تىلسىمات
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 72812
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 587
    شۆھرەت: 592 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5771 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 121(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    بانكىر ئەپەندى!سىز قاغىلىق ناھىيسىدىكى قايسى بانكىدا ئىشلەيسىز؟مەركىزى بانكىدىمۇ ياكى باشقا سودا بانكىسىدىمۇ؟
    بۇنى بىلىپ باققۇم بار!
    باشلىقىڭىزغا سىزنىڭ ئىككى ئىغىز ياخىشى گىپىڭىزنى دەپ قوياي دەيمەنغۇ؟ما بالا شەبنەمدىكى ياخشى بالىتى!ياخشى تەربىيلەپ،ياخشى باقسا چوڭ بولىدىغان دەپ ماختاپ قويمامدىم! ئۆسۈپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس........

    بىراق سىزنىڭ قايسى سىستىمىدىكى بانكىدا ئشلەيدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيمەندە.............................

    مەن سىزنىڭ مۇنبەرگە پۇل-مۇئامىلە ياكى ئىقتىساتنىڭ باشقا تۈرىگە  ئائىت تىمىلارنى يوللاپ  تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.....
    [ بۇ يازما تىلسىمات تەرپىدىن2009-05-01 00:07دە قايتا ]

    جەننەت ئانىنىڭ ئايىقى ئاستىدا...
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-30 23:55 |
    deeplove
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 83593
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 219
    شۆھرەت: 219 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2179 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 167(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    ۋاھ.. ھەجەپمۇ ياخشى سۆھبەتكىنا؟ بۇ ئۇرۇندا قانداق ئادەملەر زىيارەت قىلنىدىغاندۇ؟  

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 00:05 |
    تىلسىمات
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 72812
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 587
    شۆھرەت: 592 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5771 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 121(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    Quote:
    بۇ مەزمون7قەۋەتتىكىdeeploveنىڭ2009-05-01 00:05 دە يوللىغان يازمىسى   :
    ۋاھ.. ھەجەپمۇ ياخشى سۆھبەتكىنا؟ بۇ ئۇرۇندا قانداق ئادەملەر زىيارەت قىلنىدىغاندۇ؟  

    ھەر قانداق تورداش ئۆزى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق .

    جەننەت ئانىنىڭ ئايىقى ئاستىدا...
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 00:09 |
    DEWRAN
    دەۋران دەردلىرى داۋاسىزدۇر.
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 55117
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1191
    شۆھرەت: 71664 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 868067 سوم
    تۆھپە: 239 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 204 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3030(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

      ئۆز ئارا چۈشىنىشىش-ئىش-پائالىيەتلىرىمىزدە ئۇتۇق-نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىمىزنىڭ ئالدىنقى كاپالەتلىرىدىن بىرى.مۇشۇنداق سۆھبەتلەر ئارقىلىق پىكىرداشلار قەلب رىشتىلىرىنى تۇتاشتۇرۇش خېلىلا خاسىيەتلىك ئەمگەك ھېسابلىنىدۇ! شۇڭا مۇشۇ يولدا ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان سەبىخەگە رەخمەت! قېرىندىشىمىز بانكىرنىڭ مىليونېر بولۇپ كېتىشىگە تىلەكداشمەن!

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    بۇرۇتۇڭ خەت تارتمىغۇچە، يۈرىكىڭ دەرد تارتماس.

                      ***      ***       ***
                      
    مەيلى دەۋران باقمىسا باقالمايمەن دەۋرانغا،
    ياشالمايمەن تىزلىنىپ رامكىلانغان پەرمانغا.
    چىن غۇرۇرۇم باشلىغان يولدا ماڭسام تەۋرەنمەي،  
    بېقىنمايمۇ دەۋرانغا يېتەلەيمەن ئارمانغا!
    - ياسىنجان ئوسمان دەۋران
    ./read.php?tid-89120.html
    ./?u=55117
     دەۋران ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلار يۇقىرىقى تېمىلاردا بار. خالىسىڭىز مەرھەمەت قىلىڭ!
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 00:38 |
    xahnurr
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 81201
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 118
    شۆھرەت: 118 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1180 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 264(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    كۆپ جاپا  تارتىپسىز  .  ياخشى  پىكىر  بۇلۇپتۇ  .

    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 10:08 |
    YURGUM
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 67862
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 95
    شۆھرەت: 95 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 950 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 247(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-01

     

    بانكىر ئەپەندىم بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 11:09 |
    Sahra-ogli
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 40138
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 741
    شۆھرەت: 742 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 80 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1111(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    خوشنىكەنمەن دە بۇ قىرىندىشىم بىلەن ،،،،

    http://p8.images22.51img1.com/6000/sahraogli123/8d43609d0279e4c2bf20de2a79dffa88.jpg
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 11:58 |
    ئۈمۈد007
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20241
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1556
    شۆھرەت: 1569 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 100005190 سوم
    تۆھپە: 116 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 57 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 497(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    بو تولىمۇ ياخشى ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ سەبىھە ھەدىمىزگە كۆپ رەھمەت

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 13:18 |
    ikiram
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 55609
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 79
    شۆھرەت: 80 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 379 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 249(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    تەرجىمالىڭنى تولۇقلاپ قويسام،،،قانداق دەيسەن؟

    ۋاقىت...ئۇ ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ...
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 21:14 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    XabnamBBS » ئەزالار زىيارىتى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:05-02 23:09, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ