ھايات ھەققىدە ياشلارغا بېرىلىدىغان تەكلىپلەر
2009– يىل4– ئاينىڭ30– كۈنى 12:16 تەڭرىتاغ تورى
1 . باشقىلارنىڭ ئۈمىدىنى يېنىكلىك بىلەن يوققا چىقارماڭ ، بەلكىم ئۇ قارشى تەرەپنىڭ بىردىن – بىر ئۈمىدى بولۇشى مۇمكىن .
2 . ئاچچىقلانغاندا ھەرقانداق قارارنى چىقارماڭ .
3 . ياللىغان ئىشچىلىرىڭىزغا ئىشنى تۈگەتمەي تۇرۇپ ھەرگىز ئىش ھەققى بەرمەڭ .
4 . ھېچنېمىسى يوق كىشىلەردىن ئېھتىيات قىلىڭ .
5 . ئەدەپلىك ۋە ئەپچىللىك بىلەن ‹‹ ياق ›› دېيىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ .
6 . تۇرمۇشنىڭ ئادىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلماڭ .
7 . ئەگەر بىر قېتىملىق جەڭنىڭ مەغلۇبىيىتى پۈتكۈل ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىنى ئېلىپ كەلسە ئىككىلەنمەستىن كەسكىنلىك بىلەن ۋاز كېچىڭ .
8 . ‹‹بىلمەيمەن››دېيىشتىن قورقماڭ .
9 . كۈندە ئۈچ كىشىنى ماختاڭ .
10 . ھېچبولمىغاندا يىلدا بىر قېتىم تاڭنىڭ سۈزۈلۈشىدىن ھۇزۇرلىنىڭ .
11 . ھەمىشە ‹‹رەھمەت ›› دېيىشنى ئۇنتۇماڭ .
12 . باشقىلارنىڭ ئۆزىڭىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىڭىز ، باشقىلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭ .
13 . يېڭى دوست تۇتۇڭ ، كونا دوستلۇقنى چىڭىتىڭ .
14 . مەخپىيەتلىكنى ساقلاڭ .
15 . خاتالىقىڭىزنى ۋاقتىدا ئېتراپ قىلىڭ .
16 . كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشنى ئۆگىنىڭ ، بەزى ۋاقىتتا پۇرسەت سىز كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاۋاتقاندا ئىشىكىڭىزنى يېنىك چېكىشى مۇمكىن .
17 . يامان گەپلەرگە قۇلاق سالماڭ .
18 . دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدىغان قالتىس چارە ھەمىشە مۇستەقىل ئىشلىگۈچىلەردىن كېلىدۇ .
19. ئەگەر سىز قايسى تەرەپتە تۇرۇشنى قارار قىلسىڭىز ، ئۇنداقتا ئىرادە ۋە ئىشەنچىڭىز بولۇشى كېرەك .
20 . ئەگەر سىزدە بىردانە ئانار بولسا ئامال قىلىپ ئۇنىڭدىن شىرنە چىقىرىڭ .
21 . يۇيۇنغاندا ناخشا ئېيتىڭ .
22 . كىشىلەرگە مەس ھالىتىڭىزنى كۆرسەتمەڭ .
23 . قايتۇرسىمۇ ، قايتۇرمىسىمۇ بولىدىغان كىتابلارنى ئارىيەتكە بېرىڭ .
24 . جۆرە تاللىغاندا ئېھتىياتچان بولۇڭ ، ئۇ سىزنىڭ %90 لىك بەختىڭىزنى بەلگىلەيدۇ . جىگەرنى ئاسراشنىڭ ياخشى ئۇسۇللىرى
2009– يىل4– ئاينىڭ30– كۈنى 12:58 تەڭرىتاغ تورى
يېمەك – ئىچمەك ئارقىلىق جىگەرنى ئاسراش : جىگەر ئاقسىل ، كاربون – سۇ بىرىكمىسى ۋە ۋىتامىنغا كۆپرەك ئېھتىياجلىق ، لېكىن تەندە ياغ كۆپىيىپ كەتسە ، جىگەرنى ياغ قاپلاپ كېتىدۇ ، شۇڭا تەندىكى ياغنى كونترول قىلىش كېرەك . مۇتەخەسسىسلەر كۈندىلىك تاماقتا سۈت ، تۇخۇم ، بېلىق ، ئورۇق گۆش ، پۇرچاقتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى ئالماشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ ، جىگەرگە تولۇق ، ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل تەمىنلەپ تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ .
ئۇخلاش ئارقىلىق جىگەرنى ئاسراش : جىگەردە قان كۆپ ئالمىشىپ تۇرىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئۇخلىغاندا تەن ئارام ھاالىتىدە تۇرغاچقا ، جىگەرنىڭ يۈكى بەك يېنىك بولىدۇ . شۇڭا ياخشى ئۇخلىغاندا ، جىگەرنى ئاسراش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ . جۇڭگو تېبابىتىدە بىر كۈندىكى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دىن چۈشتىن كېيىن 1 گىچە ۋە كەچ سائەت 11 دىن ئەتىگەن سائەت 1 گىچە بولغان ۋاقىت ئۇخلايدىغان ئەڭ مۇھىم ۋاقىت . دەپ قارىلىدۇ . چۈنكى بۇ بىر نەچچە سائەت يىلىك قان ئىشلەيدىغان ۋاقىت بولغاچقا ، بۇ چاغدا جىگەردىن ئۆتىدىغان قان ئەڭ كۆپ بولىدۇ . بۇ ، جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشگە پايدىلىق .
ھەرىكەت ئارقىلىق جىگەرنى ئاسراش : ھەرىكەت قىلىپ تۇرغاندا ، سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، تەندىكى زىيادە ياغنىڭ جىگەرگە بولغان زىيىنىنى تۈگەتكىلى بولۇپلا قالماستىن يەنە نەپەس ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ ، جىگەرگە تېخىمۇ كۆپ ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تەمىنلەپ بەرگىلى بولىدۇ .
كەيپياتنى ياخشىلاش ئارقىلىق جىگەرنى ئاسراش : كەيپىياتنى باشتىن ئاخىر ياخشى تۇتۇش جىگەرنى ئاسراشقا پايدىلىق . جۇڭگو تېبابىتىدە ئاچچىقلىنىش جىگەرگە پايدىسىز ، ئاچچىقلانغاندا ، جىگەرنىڭ نورمال رولى تەسىرگە ئۇچرايدۇ ، ئۇزاققىچە ئاچچىقلانسا ، جىگەر كېسىلى پەيدا بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ . كەيپىيات ئارقىلىق جىگەرنى ئاسراشتا مۇھىمى ئاچچىقنى بېسىۋېلىشنى ئۆگىنىۋېلىش ، ئۈچ مىنۇتتىن ئۇزاق ئاچچىقلانماسلىق كېرەك .
تەشەببۇسكارلىق بىلەن دەم ئېلىش : ھارغىنلىق ھېس قىلىشتىن ئىلگىرى دەم ئالغاندا ، تەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى تولۇق چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ ، شۇڭا ئۆزلۈكىدىن دەم ئېلىش جىگەرنى ئاسراش جەھەتتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدۇر .
‹‹كۈشەندە››دىن ساقلىنىش : ھازىرغىچە ئالىملار A,B,C,D,E,F قاتارلىق ئالتە خىل جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى بايقىدى ، بۇ ۋىرۇسلاردىن B،D،F تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئەڭ خەتەرلىك . ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى – ۋاكسىنا ئەملەش .
دورىدىن ساقلىنىش : ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە ، دورىنىڭ جىگەرگە بولغان زىيىنى تەخمىنەن %10 ئىكەن . 50 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئۆتكۈر جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ %43 ى دورا ئىچكەنلىكتىن ئۆتكۈر جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئىكەن . شۇڭا دورىنى ئۆز مەيلىچە ئىچمەسلىك كېرەك . چۈنكى دورا ئاساسەن جىگەر ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
ئىسپىرتتىن ساقلىنىش : ئىسپىرت زەھەرلىك بولغاچقا ، ئۇ جىگەرگە زىيان يەكۈزىدۇ . ئىسپىرت ئىستېمال قىلغانلاردا ئاۋۋال جىگەرنى ياش قاپلاش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ ، ئاندىن تالالىشىش پەيدا بولۇپ ، ئىسپىرتتىن جىگەر قېتىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ . ئۈجمە يوپۇرمىقى — دىئابىت كېسىلىنىڭ نىجاتچىسى
2009– يىل4– ئاينىڭ30– كۈنى 18:29 تەڭرىتاغ تورى
تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە ، ئۈجمە يوپۇرمىقى ئېسىل ئوزۇقلۇق ماتېرىيالى بولۇپ ، ئۇ خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ ، قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى تورمۇزلايدىكەن . ئۈچەيدىكى زىيانلىق مىكروبلارنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەپ ، بەدەنگە زىيانلىق پروكسىدلارنىڭ شەكىللىنىشىنى توسۇپ ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ، دىئابىت كېسىلى ، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن .
تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ، ئۈجمە يوپۇرمىقى ياكى سۈيى بولسۇن قان قەنتىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى تورمۇزلايدىكەن . ئۈجمە يوپۇرمىقىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىق تەركىبى ئۆسۈملۈك ئىشقارى بولۇپ ، بۇ تەركىب باشقا ھايۋانات ، ئۆسۈملۈكلەردە يوق ئىكەن . زۇكامنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار
2009– يىل4– ئاينىڭ30– كۈنى 18:32 تەڭرىتاغ تورى
ئادەتتە زۇكامنىڭ پەيدا بولۇشى ھاۋارايى تۇراقسىز بولۇش ، زىيادە چارچاش ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېتلىق كۈچى ئاجىز بولۇش قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك . لېكىن تۆۋەندىكى ئامىللارمۇ زۇكامنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ :
1 . يېمەك – ئىچمەك : ياغلىق يېمەكلىكنى كۆپ ئىستېمال قىلىش . مەسىلەن ، گۆش تۈرىدىكىلەر ئورگانىزمنىڭ ۋىرۇسقا قارشى ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ زۇكامنى پەيدا قىلىدۇ ؛ ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى سۇلۇق ئىششىقى ۋە قان تولۇشتىن ۋىرۇس كۆپىيىپ ، يۇقىرى نەپەس يوللىرىدا ياللۇغ پەيدا بولىدۇ ؛ يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا ، بەدەندىكى سۇ تەركىبى ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار خوراپ ، ئېغىز قۇرۇش بىلەن ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ زۇكامنى پەيدا قىلىدۇ .
2 . بۇرۇن ۋە كۆزنى كۆپ تۇتۇش : زۇكام ۋىرۇسى كۆپىنچە زۇكامدىغۇچىنىڭ بۇرۇن ۋە بۇرۇن سۇيۇقلۇقىدا بولىدۇ ، بۇرۇن بوشلۇقى تېمپېراتۇرىسى ۋە نەملىك دەرىجىسى مۇۋاپىقلاشقاندا زۇكام ۋىرۇسى كۆپىيىدۇ ھەم ۋىرۇس بۇ جايدىن بەدەنگە كىرىدۇ . شۇڭا زۇكامدىن ساقلىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى قولنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىپ ، بۇرۇن ۋە كۆزنى تۇتۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش .
3 . كەيپىيات : دائىم غەمكىن يۈرۈيدىغانلارنىڭ ئورگانىزمىنىڭ كېسەللىك مىكروبلىرىنى يوقىتىش ، ھۈجەيرىلەرنى كېسەللەندۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىز بولىدۇ . بۇ خىل ئەھۋال نەپەس يولىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى بىردىنلا چېكىندۈرۈۋېتىدۇ . كۆڭلى – كۆكسىنى كەڭ ، كەيپىياتىنى خۇشال تۇتقاندا ، زۇكامنىڭ پەيدا بولۇشىنى چەكلىگىلى بولىدۇ . مېڭە توسۇلۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇللىرى
2009– يىل4– ئاينىڭ30– كۈنى 18:47 تەڭرىتاغ تورى
مېڭىش : كۈندە ئەتىگەندە ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا يېقىن ئەتراپتىكى باغچىلاردا بەدەن چېنىقتۇرۇش ، پىيادە ئايلىنىش ، شېغىل ياتقۇزۇلغان يوللاردا 2000 قەدەم مېڭىش ، بىنا پەلەمپەيلىرىدىن 100 قېتىم چىقىپ – چۈشۈش .
سۆزلەش: مېڭە تىقىلمىسى تىل ئىقتىدارىنى زەخىملەندۈرىدۇ . شۇڭا دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ، سۆزلەشنى مەشىق قىلىپ بېرىش ، كۈندە قىيىن سۆزلەرنى پىششىق ئوقۇپ ، تىلنى مەشىق قىلدۇرۇش .
يېزىش : كۈندە تاياق بىلەن يەرگە خەت يېزىشنى مەشىق قىلىش ، ھەر قېتىمدا 100 سۆز يېزىش .
ھېسابلاش : دائىم مارجان ساناش ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش .
تاراش : ئەتىگەن ۋە كەچتە قول بارماقلىرى بىلەن باشنى تاراشنى 100 قېتىم داۋاملاشتۇرۇپ ، باش قىسمىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى ياخشىلاش .
تاماق يېيىش : يېمەك – ئىچمەك تۇزسىز بولۇشنى ئاساس قىلىش ، دائىم كاۋا ، سەۋزە ئىستېمال قىلىپ ، قان تومۇرلارنى يۇمشىتىشقا ياردەم بېرىپ ، قەۋزىيەت بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .