سىز بۇ تېمىنىڭ 412 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئسلامىيەتتىن بۇرۇنقى«ئۇيغۇر»لار ئېتىقاد قىلغان دىنلار ۋە ئادەتلەر! پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

تىلسىمات
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 72812
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 587
شۆھرەت: 592 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5771 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 121(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 ئسلامىيەتتىن بۇرۇنقى«ئۇيغۇر»لار ئېتىقاد قىلغان دىنلار ۋە ئادەتلەر!




ئۇيغۇر خەلقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن
تۇتېم،شامان،زەردۇشىت،مانىي،خىرىستىيان،بۇددا قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن. يۇقىرىقىدەك دىنلارنىڭ بەزى ئادەتلىرى ئسلام ئەقىدىلىرى بىلەن بىرلىشىپ،ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ساقلىنىپ كەلدى.

تۇتېم ئىپتىدائىي دىنىىي ئېتقاد بولۇپ،ئۇنىڭدا مەلۇم بىر ھايۋانغا ياكى ئۆسۈملۈك،دەل-دەرەخلەرگە چوقۇنغان ۋە ئۇنى ئۆز ئەجدادى سۈپىتىدە ئۇلۇغلىغان.
ئەنە شۇ تۇتېم دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ۋە تۈركىي خەلقلەردە ئۆزىنى ئۇلۇغلاش ئادىتى كېلىپ چىققان.شۇڭا ئۇيغۇرلار ھەمراھ بولىدۇ دەپ بۆرە ئوشۇقىنى ئۆز يېنىدا ساقلىشى، يىراق بىر يەرگە سەپەرگە چىققان ئادەم سەپىرىدە ئالدىغا بۆرە ئۇچرىسا«سەپىرىم ئاقيوللۇق بولىدىغان بولدى»دەپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى،ئەگەر تۈلكە ئۇچرىسا«سەپىرىمدە بىرەر كۆڭۈلسىز ئەھۋال يۈز بېرىدىغان بولدى»دەپ،يولىنى داۋاملاشتۇرماي قايتىپ كېلىشى ئەنە شۇ تۇتېم ئەقىدىسىگە كىرىدۇ.ئەگەر بىر ئايالنىڭ كۆزى يورۇغان بولسا،تۇغۇت ئانىسىدىن ئوغۇلمۇ ياكى قىزمۇ دەپ سوراشنىڭ ئورنىغا«بۆرىمۇ ياكى تۈلكىمۇ»دەپ سوراشمۇ تۇتېم ئەقىدىسى جۈملىسىگە كىرىدۇ.بۆرە تۇتېمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئادەتلەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ.

شامان دىنىدا ئازايىم(ئەپسۇن)ئوقۇپ،جىن-ئالۋاستى(يامان روھ)لارنى قوغلايدۇ دەپ قارىلىدۇ.ئۇيغۇر خەلقىدىكى پېرىخۇنلۇق،داخانلىق ئەنە شۇ شامان دىنىنىڭ ئەنئەنىسى،ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغىچە بۆشۈكتىكى بوۋاقلارغا جىن-ئالۋاستىلارنىڭ زىيان يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن،بوۋاقنىڭ بېشىغا پىچاق ياكى تىغ قويۇپ قويىشى،جىن-ئالۋاستىلارنى بۆشۈككە يولاتماسلىق ئۈچۈن بۆشۈككە ئىسرىق سېلىشى قاتارلىق نۇرغۇن ئادەتلەر شامان دىنىنىڭ ئەقىدىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئۇيغۇر خەلقى بۇرۇن زەردۇشىت(ئوتقا چوقۇنۇش)دىنىغا ئېتىقاد قىلغان.بۇ دىندا ئوتتىن مەدەت تىلىنىدۇ.بۇ دىننىڭ بەزى تەسىرلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھېلىمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە. مەسلەن:بىر ئادەم ساقسىز بولۇپ قالسا،كوچا دوقمۇشلىرىدىن ئەخلەت-چاۋار تېرىپ كېلىپ،كېسەل بولغۇچىنىڭ بېشىنى بىر نەرسە بىلەن پۈركەپ قويۇپ،زاۋال ۋاقتىدا ئۇچۇقداش؛يىڭى توي بولغان قىزنى يىگىتنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈپ كەلگەندە قىزنى كۆيۈۋاتقان ئوت دۆۋىسىدىن(ئادەتتە قىزنى گىلەم ئۈستىگە چىقىرىپ ئوت ئۈستىدىن ئايلاندۇرۇدۇ<تىما ئىگىسىدىن>)ئايلاندۇرۇش ئادىتى قاتارلىقلار زەردۇشىت دىنىنىڭ ئەقىدىلىرى بولۇپ،ئوتتىن مەدەت تىلىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى.

ئۇيغۇرلار بۇددا دىنى بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مانىي دىنىغىمۇ ئېتىقاد قىلغان.بۇ دىن يورۇقلۇقنى مۇقەددەس بىلەتتى.شۇنىڭ ئۈچۈن كۈن،ئاي قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرى ئۇلۇغلىناتتى،ئۇلاردىن مەدەت تىلىنەتتى.قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ يىڭى چىقىۋاتقان كۈنگە قاراپ تەزىم قىلىشى بۇنىڭ مىسالى. بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈن ياكى ئاي كۆيسە يىغا-زار قىلىشىپ دۇئا-تەكبىر ئۆتكۈزۈش ئادىتى بار ئىدى.بۇنىڭدىن باشقا يەنە كۈنگە قاراپ چوڭ-كىچىك تەرەت قىلماسلىق(ھازىرمۇ ياشانغانلار ئارىسدا ساقلانماقتا)،تەرەتخانىلارنىڭ شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ سېلىنىشى،يۈزىنى يۇماي تۇرۇپ،بولۇپمۇ ناپاك(جۇنۇپ)تۇرۇپ كۈنگە قارىماسلىق_بۇلار ئاسمان جىسىملىرىنى ئۇلۇغلىغانلىقنىڭ ئىپادىلىرى.ئۇيغۇرلارنىڭ«ئاي، يۇلتۇز،چولپان، يەشىن...»دېگەندەك ئاسمان جىسىملىرىنىڭ نامىنى ئۆزلىرىگە ئىسىم قىلىپ قويۇشىمۇ مانىي دىنىنىڭ ئەقىدىسىدۇر.

يۇقىرىقىلار ئېستېتىك مەنە جەھەتتىن گەرچە مۇئەييەن بىر دىنىي ئېتىقادقا باغلانسىمۇ،ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئۇ خەلق ئارىسىدا پەقەت بىر خىل ئادەت شەكلىدىلا مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە.





مەنبە: بۇ مەزمۇن شەبنەم مۇنبىرىدىكى تىلسىمات ئەپەندى تەرىپىدىن«ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى»دىگەن كىتابتىن كۆچۈرۈپ ئىلىندى.ئەگەر باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئىنىق ئەسكەرتىپ باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلارسىز!
[ بۇ يازما تىلسىمات تەرپىدىن2009-04-30 03:07دە قايتا ]

تېما تەستىقلىغۇچى : ئۇيغۇرئاي
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-04-30, 02:24

 

جەننەت ئانىنىڭ ئايىقى ئاستىدا...
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-30 01:33 |
ئىزنا سودا بازىسى
muzappar726427
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 66934
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 36
شۆھرەت: 36 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 310 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 73(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-30

 

ئىسلامدىن باشقا ھەممىسى خۇراپى دىن ھازىرقى 3 چوڭ دىننىڭ پەرقى شۇ يەر دىكى
خىرىستىيان بىلە بۇددا ئىنسانلار تەرپىدىن يارتىلغان  ئەمما ئىسلام ....................

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-30 13:21 |
Hay_Towa
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 83251
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 93
شۆھرەت: 93 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 930 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 34(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

ئىسلام دىنى ئاللا تەرپىدىن بىزگە بېرلگەن كاتتا مۇكاپات، بىزگە بېرىلگەن چوڭ نىغمەت..

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-30 14:51 |
UZMNI
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 54965
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 155
شۆھرەت: 156 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1504 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 122(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

ئىسلام دىنى ئەڭ ئۇلۇغ دىن .................         

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-30 15:07 |
تىلسىمات
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 72812
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 587
شۆھرەت: 592 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5771 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 121(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

Quote:
بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىHay_Towaنىڭ2009-04-30 14:51 دە يوللىغان يازمىسى   :
ئىسلام دىنى ئاللا تەرپىدىن بىزگە بېرلگەن كاتتا مۇكاپات، بىزگە بېرىلگەن چوڭ نىغمەت..

100%توغرا!بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ.............................

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
جەننەت ئانىنىڭ ئايىقى ئاستىدا...
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-30 19:35 |
تىلسىمات
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 72812
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 587
شۆھرەت: 592 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5771 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 121(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

Quote:
بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىmuzappar726427نىڭ2009-04-30 13:21 دە يوللىغان يازمىسى   :
ئىسلامدىن باشقا ھەممىسى خۇراپى دىن ھازىرقى 3 چوڭ دىننىڭ پەرقى شۇ يەر دىكى
خىرىستىيان بىلە بۇددا ئىنسانلار تەرپىدىن يارتىلغان  ئەمما ئىسلام ....................

شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بەزى خۇراپى ئادەتلىرىمىزنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ  بىتئەتلىكتىن يىراق تۇرۇپ دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغدىشىمىز كىرەك.بىزدە ھازىرغىچە بىر قىسم قالدۇق ئادەتلەر ساقلىنىپ كەلمەكتە.................

شىنجاڭ تور مەكتىپى
جەننەت ئانىنىڭ ئايىقى ئاستىدا...
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 18:35 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:05-02 23:08, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ