« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 2272 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «تېرورىست»لار پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

Berdem
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 40720
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 59
شۆھرەت: 60 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 590 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 214(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-30

 نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «تېرورىست»لار


نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «تېرورىست»لار
م.ئازات
 
  خەلقارا «تېرورىست»دەپ ئىلان قىلىنىپ،كېيىن دولەت رەئىسى بولغان،ھەتتا نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى
1. ياسېر ئەرافات
تۇلۇق ئىسمى-مۇھەممەت ئابدۇراخمان ئابدۇرائۇف ئەل قۇدۋا ئەل ھۇسەيىن ئارافات. مۇھەممەت ئابدۇراخمان ئوزىنىڭ،ئابدۇرائۇف دادىسىنىڭ،ئارافات چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمىدۇر. ئارافات 1929-يىلى8-ئاينىڭ 24-كۇنى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھرىدە پەلەستىنلىك بىر كوچمەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى(بەزىلەر ئۇنى قۇددۇستا تۇغۇلدى دەپمۇ يېزىشىدۇ).ئۇنىۋىرسىتىتتا ئوقۇۋاتقان يىللىرىدا(قاھىرە ئۇنىۋىرسىتىتى)1948-يىلى ئەرەپ-ئىسرائىل ئۇرۇشىغا،1949-يىلى گاززە ئۇرۇشىغا قاتناشتى. 1952-1956-يىللىرى ئارسىدا ئۇقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى بولدى.«ياسەر» ئىسمىنى بۇ يىللاردا ئىشلەتتى.ئۇ،پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقاندىن باشلاپ«ئابۇ ئاممار»تەخەللۇسىنى قوللاندى.ياسېر ئارافات 1957-يىلى قۇرۇلۇش ئىنجىرى سۇپىتى بىلەن كۇۋەيىتكە كەلدى.كۇۋەيىتتە 1958-يىلى «ئەل پەتىھ»(پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتى) نى قۇردى.ھىچبىر ئەرەپ دۆلىتىڭ قوللىشىغا ئىرىشەلمىدى. ئارافات، پەلەستىن خەلقىگە دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئۇچۇن قۇراللىق كۇرەش قىلىشقا باشلىدى ۋە 1964-يىلى ئىئوردانىيەگە كوچۇپ كەلدى.

  ئىئوردانىيەدىن ئسرائىلىيەگە قارشى شىددەتلىك قۇراللىق ھۇجۇملارنى قوزغىدى.پەلەستىن ئازاتلىقى ئۇچۇن كۇرەش قىلغۇچى بارلىق پائالىيەتچىلەر ئىئوردانىيەگە سەلدەك ئېقىپ كىلىشكە باشلىدى ئىئوردانىيەنىڭ پادىشاھى ھۇسەيىن دولەت بىخەتەرلىگىنى كوزدە تۇتۇپ 1969-يىلى ئارافاتنى باش مىنىستىرلىققا تەكلىپ قىلدى. ئارافات «مۇستەقىل پەلەستىن» غايىسى ئۇچۇن بۇ تەكلىپنى رەت قىلدى. 
  1970-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۇنى ئارافات دۇنيانىڭ بىر قانچە نوقتىسىدىن ئىئوردانىيەنىڭ پايتەختى ئۇممانغا 50 كىلومىتىر يىقىنلىقتىكى داۋسۇن ئايرىدۇرۇمىدىن 5 ئايرۇپىلاننى بۇلىدى ۋە يولۇچىلارنى چۈشۈرۋىتىپ ئايرۇپىلانلارنىڭ ھەممىسىگە ئوت قۇيىۋەتتى. ياسېر ئارافات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا باشلىق غەرىپ دولەتلىرى تەرىپىدىن «خەلقارالىق تېرورىست»دەپ ئىلان قىلىندى.

   1970- يىلى يىل ئاخىرىدا ئىئوردانىيە ئارمىيىسى ئارافاتنىڭ 20 مىڭ كىشىلىك ئارمىسىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ قاخشاتقۇچ زەربە بەردى.ئارافاتنىڭ 2 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى ئۆلدى. 5 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى يارىلاندى. ئۇ قالغان ئەسكىرى كۇچلىرىنى ئىلىپ لىۋانغا قىچىپ كەلدى.شۇنداق قىلىپ ھاياتىدىكى ئەڭ زور ئەسكىرى زەربە ئۆز مىللىتى بولغان ئەرەپلەردىن كەلدى.

   1972-يىلى ئاۋىستىرىيەنىڭ ۋىينا شەھرىگە كىتىۋاتقان بىر يولۇچى ئايرۇپىلاننى گۈرۈگە ئىلىپ،ئسرائىلىيىنىڭ لۇد شەھرىگە قوندۇردى.24 نەپەر يولۇچىنى ئۆلتۇردى. بارلىق غەرىپ دۆلەتلىرىدە ئارافاتنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى.

  1972-يىلى 9-ئايدا گىرمانىيەنىڭ مىيونخىن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئولىمپىك يىغىنىدا ئارافاتنىڭ ئادەملىرى 11 نەپەر ئسرائىلىيىلىك تەنھەركەتچىنى ئەسىرگە ئالدى ۋە ھەممىسىنى ئۆلتۇرۇۋەتتى. لىۋان ئسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن ئارافات تۇنىسقا يەرلەشتى.

   1988-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۇنى پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغانلىغىنى جاكالىدى ۋە دولەت رەئىسى بولۇپ سايلاندى. بىرىنجى قىتىملىق قۇلتۇق ئۇرۇشىدا ساددام ھۇسەيىننى قوللىدى.
  1994-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۇنى 27 يىل ئاياق باسالمىغان ئەزىز يۇرتى گاززە گە ئاياق باستى.     1994-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى «نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتى»غا ئىرىشتى.
  2004-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۇنى 75 يىشىدا پارىژ شەھرىنىڭ ئەتىراپىدىكى بىر ھەربى دوختۇرخانىدا ۋاپات بولدى. بىر «خەلقارالىق تېرورىست»دۆلەت باشلىقى بولدى،نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشتى. ياسېر ئارافات،بۇگۇن ئازاتلىق ئۇچۇن كۇرەش قىلىۋاتقان ئەرەپ-مۇسلمان خەلقلىرى ئۇچۇن پارلاق ۋە قاھرىمان ئۈلگە سۇپىتىدە ئىلھام ۋە جاسارەت مەنبەسى بولماقتا.

2. نېلسون ماندېلا
  نېلسون ماندېلا 1918-يىلى تۇغۇلدى. ئۇ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كىيىن فورت ھارې ـ نىۋەرسىتي كوللەگېگە ئوقۇشقا كىردى.بىر قىتىملىق ئۇقۇغۇچىلار ھەركىتىگە يىتەكچىلىك قىلغىنى ئۇچۇن ئۇنىۋىرسىتىتتىن قوغلىنىپ ترانسۋائالغا كەلدى ھەمدە بۇ يەردىكى ئالتۇن كانىدا كان ئىشچىلىرى بىلەن بىللە ئىشلىدى.بۇ جەرياندا يىرىم قالغان ئۇنىۋىرسىتتىنى خەت-مەكتۇپ مائارىپى يولى بىلەن ئۇقۇدى ۋە دىپلومىنى1952- يىلى ئالدى. ۋىتۋاتېرستراند ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ قانۇن پاكۇلتىتىنى پۈتتۇرۇپ ئادۋۇكاتلىق قىلىشقا باشلىدى.شۇنىڭ بىلەن جەنۇبى ئافرىقىنىڭ تۇنجى نېگىر ئادۋۇكاتى بولۇپ قالدى. ئېرىقى كەمسىتىشكە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئافرىقا مىللى قۇرۇلتىيىغا ئەزا بولدى ۋە بۇ قۇرۇلتاينىڭ ياشلار ئىتتىپاقى رەئىسى بولدى.

    1961-يىلى ئافرىقا مىللى قۇرۇلتىيى قۇراللىق قىسىملىرىنىڭ باشلىقى بولدى
  1962-يىلى نېگىرلارىڭ ئازاتلىقى ئۇچۇن قۇراللىق كۇرەشكە ياردەم ئىزدەپ چەتئەل ساياھىتىگە چىقتى. ئەڭگلىيە ۋە بىر قاتار ئافرىقا دۈلەتلىرىنى زىيارەت قىلدى.سوتسىيالىستىك دۆلەتلەردىن قىسمەن قۇرال ياردىمىگە ئىگە بولدى.ۋەتىنىگە قايتىپ كىلىشى بىلەن قولغا ئېلىندى.دۈلەت چىگرىسىدىن رۇخسەتسىز چىقىش، ھاكىمىيەتكە قۇراللىق پاراكەندىچىلىك سېلىش،خەلقنى ھۆكۇمەتكە قارشى قۇتۇرۇتۇش جىنايىتى بىلەن سوتلاندى.  
  نېلسون ماندېلا،خەلقنىڭ ۋەكىللىك ھوقۇقى بولمىغان بىر پارلامىنتى(خەلىق قۇرۇلتىيى)چىقارغان قانۇنلارغا بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى يوقلىغىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدىدى ۋە خەلقنى ھوكۇمەت قانۇنلىرىغا ئىتائەت قىلماسلىققا چاقىردى. ئۇ ئاق تەنلىكلەر ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. نېلسون ماندېلا تۈرمىدىكى يىللىرىدا ئافرىقىدىكى ئازاتلىق ئۇچۇن كۈرەش قىلىۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئورتاق سىموۋىلىغا ئايلاندى.
  نېلسون ماندېلا 1979-يىلى نىھرو مۇكاپاتىغا،1981-يىلى برۇنو كرىسكى ئىنسان ھوقۇقى مۇكاپاتىغا،1983-يىلى UNECO نىڭ سىمون بولىۋار مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.
  1992-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇكاپاتى بولغان ئاتاتۇرك تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشتى. ئەمماماندېلا،«مىللى تەڭسىزلىك داۋام قىلىۋاتقان دۈلەتلەردىن بىرىلگەن مۇكاپاتلارنى ئالمايمەن»دەپ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ نىڭ ئالى مۇكاپاتىنى رەت قىلدى.
  نېلسون ماندېلا 40 يىل ئىچىدە 100 دىن ئارتۇق خەلقئارا مۇكاپاتلارغا ئىرىشتى.
1990-يىلى جەنۇبى ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ف. ۋ. دې كلەرك ئافرىقا مىللى قۇرۇلتىيى 30 يىلدىن بىرى يولغا قويۇپ كەلگەن سىياسىتىنى مەنئى قىلىش قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇردى ۋە ئۇمۇمى كەچۈرۈم ئېلان قىلدى.

  نېلسون ماندېلا 1990-2-ئاينىڭ11-كۈنى 28 يىللىق تۈرمە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئەركىنلىككە ئېرىشتى. ئۇ ئاق تەنلىكلەر بىلەن ئوخشاش ۋەتەنداشلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن مىليۇنلىغان نېگىر ئاھالىسىنى سەپەۋەرلىككە كەلتۈردى.جەنۇبى ئافرىقىدا ئېرقى كەمسىتىشكە قارشى خەلق كۆرىشى يۇقىرى دولقۇنغا چىقتى.
1992-يىلى نېگىرلارنىڭمۇ سايلاش،سايلىنىش ھۇقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى قانۇن خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە سۇنۇلدى ۋە قۇبۇل قىلىندى. نېلسون ماندېلا 1993-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۇنى «نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتى»غا ئىرىشتى.
1994-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى جەنۇبى ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى نېگىر دۈلەت رەئىسى بولۇپ سايلاندى.
  2008-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرقى بىر ھەپتىسى پۇتۇن ھەپتە بۇيىچە لوندوندىكى ھيدې پاركتا مىللى كەمسىتىلىشكە قارشى كۈرەشنىڭ بايراقدارى نېلسون ماندېلانىڭ 90 ياشقا كىرگەنلىگىنى تەبىرىكلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرىلدى.مۇراسىمغا ئامېرىكىنىڭ بۇرۇنقى پىرىزدىنتى بىل كلىنتون،ئەڭگلىيە باش مىنىستىرى گوردون بروۋن،مەشھۇر كىنو ئەرتىستى ۋىل سمىت ،مەشھۇر مۇزىكانىت ئاننى لېننوخ قاتارلىق يۇزلىگەن داڭلىق شەخىسلەر ۋە يۇزمىڭلىغان ئىشتىراكچىلار قاتناشتى.
2008-يىلى 6- ئاينىڭ 28-كۇنى  ماندېلانىڭ تۇغۇلغان كۇنى، ئامېرىكا ساناتورى جوھن كەررى نېلسون ماندېلانىڭ «تېرورىست»لار تېزىملىگىدىن چىقىرىلغانلىقىنى ئىلان قىلدى.ساناتور Sheldon Whitehouse مۇخبىرلار بىلەن قىلغان سوھبىتىدە «نېلسون ماندېلانىڭ تېرور جىنايەتچىلىرىنى كۈزۇتىش تېزىملىگىدە يېرى بولماسلىغى كىرەك ئىدى. ساناتونىڭ بۈگۇنكى قارارى،جەنۇبى ئافرىقا رەھبىرىگە قىلىنغان ئادالەتسىزلىكنى،ئامېرىكىنى قىيىن ئەھۋالدا قۇيۇۋاتقان مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىزغا پۇرسەت ياراتتى»دىدى.
  رونالد رېگان دەۋرىدىن باشلاپ،بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەركىزى جايلاشقان نىيو -يوركتىن باشقا ئامېرىكىنىڭ ھەرقانداق بىر يىرىگە بېرىش نېلسون ماندېلا ئۈچۈن مەنئى قىلىنغان ئىدى.
تارىختىكى«جىنايەتچى»،«تېرورىست»ماندېلا، بۇگۇن دۇنيادا ئىزىلىۋاتقان،كەمسىتىلىۋاتقان مىللىلەتلەرنىڭ ئازاتلىق كۈرىشىنىڭ ئورتاق بايراقدارى،مەشئىلى سۇپىتىدە دۇنيادا ئەڭ يۇقىرى ھورمەتكە سازاۋەر بولغان نوبىل تىنىچلىق مۇكاپانىڭ ئىگىسى بۇلۇش سۇپىتى بىلەنمۇ ئىنسانىيەتنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلغان بىر گىگانىت شەخىسكە ئايلانماقتا.

  3.ھاشىم تاجى
ھاشىم تاجى  1968-يىلى4-ئاينىڭ24-كۈنى كوسوۋانىڭ دىرانىجا رايونىنىڭ بروجنا ناھىيىسىدە تۇغۇلدى.درانىجا ئالبانلارنىڭ سىرپ ھاكىمىيىتىگە قارشى ئەڭ كۇچلۇك قەلئە ھىساپلىندىغان رايون. ئۇ پىرىشتىنا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تارىخ پاكولتىتىدا ئوقۇۋاتقان 1989-1991 -يىللىرىدا يۇگۇسلاۋىيەدىن كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىغىنى تەلەپ قىلغۇچى ئۇقۇغۇچىلار ھەركىتىدە ئاكتىپ رول ئوينىدى.
ھاشىم تاجى مۇستەقىللىققا ئىرىشىش ئۈچۇن قۇراللىق كۇچ ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىكەنلىگىنى تۇنۇپ يەتتى ۋە مەخپى «كوسوۋا ئازاتلىق ئارمىسى»تەشكىلاتىنى قۇرۇش ئىشىغا كىرىشتى.

1993-يىلى «كوسوۋا ئازاتلىق ئارمىسى»تەشكىلاتى قۇرۇلدى.
  ھاشىم تاجى ئاشكارا پائالىيەتلەردىن قول ئۇزۇپ،مەخپى پائالىيەتكە ئۆتتى.تەشكىلاتنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن شىۋىتسارىيەگە كۆچۇپ باردى، ئۇ يەردە سىياسى بىلىم بۇيىچە ماگىستىرلىق ئۇقىدى. كوسوۋاغا قايتىپ كىلىپ 1996-1997-يىلىرى سىرىپ يۇقىرى قاتلام كادىرلىرىغا،سىرىبلار ئۈچۈن ئىشلىگەن خائىن ئالبانلارغا قارشى كۆپ قىتىم سۇيقەست ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.سىرىپ ئەسكىرى ۋە ساقچى ئورگانلىرىغا كۆپ قىتىم قۇراللىق ھۇجۇم قوزغىدى.

   يۇگۇسلاۋىيە ھوكۇمىتى ھاشىم تاجىنى خەلقارالىق«تېرورىست» دەپ ئىلان قىلدى ۋە مىلوشوۋىچ ھۈكۇمىتى 1998-يىلى ئالبان ئىسيانچىلىرىغا قارشى كەڭ كۈلەملىك باستۇرۇش ھەركىتىنى باشلىدى.
1998-يىلى كوسوۋا خەلقى زور كۈلەمدە مىللى قىرغىنچىلىقلارغا ئۇچىرىدى.بۇ كۇنلەردە يۇگۇسلاۋىيە ئۈچۇن ئىشلەۋاتقان كوسوۋالىق ئالبانلار ھاشىم تاجىنى مىللەتنى قىرغىن قىلىشقا سەۋەپچى بولغان «خائىن»دەپ ئىلان قىلىپ،ئۇنى كۆرگەن يەردە ئېتىپ ئۆلتۇرۇش بۇيرۇقى چىقاردى.
شىددەتلىك ئىچكى ئۇرۇش كوسوۋانىڭ ھەممە يىرىگە تۇتۇشۇپ كەتتى.بۇ يىللاردا ھاشىم تاجى پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ سىياسى يىتەكچىلىك ۋەزىپىسىگە كوتۇرۇلدى.

   1999-يىلى 2 –ئايدا ئايدا فىرانسىيەنىڭ  Rambouillet شەھىرىدە كوسوۋا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇچۇن خەلقارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئىچىلدى. يىغىنغا كوسوۋا ئالبانلىرىغا ۋاكالىتەن كوسوۋا مەسىلىسىنى دىموكىراتىك يول بىلەن  ھەل قىلىش ھەركىتىنىڭ رەھبىرى ئىبراھىم رۇگوۋا قاتناشتى.
  ھاشىم تاجى ۋە«كوسوۋا ئازاتلىق ئارمىسى» «تېرورىست» دەپ ئېلان قىلىنغاچقا دەسلەپتە يىغىنغا قاتنىشىشى رەت قىلىنغان بولسىمۇ،كېيىن ھاشىم تاجىنىڭ فرانسىيەگە كېلىشىغا ۋىزا بىرىلدى .
يىغىن سىربلارنىڭ كېلىشىم ئىمزالاشنى رەت قىلىشى بىلەن 1999-يىلى3-ئاينىڭ 19-كۇنى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى.
5 كۈندىن كېيىن يەنى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ناتو(شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) ھاۋا ئارمىيىسى بىلگىراتنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى. ناتو نىڭ يۇگۇسلاۋىيەگە قويغان «كوسوۋادىن ئەسكىرى ۋە ساقچى قىسىملىرىنى شەرتسىز ئېلىپ چىقىپ كىتىش»تەلىۋىگە 1999-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۇنى يۇگۇسلاۋىيە ھۆكۇمىتى ئىمزا قويدى.
  78 كۈن داۋام قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى ئاخىرلاشتى ئۇرۇش توختىدى.
50 مىڭ ناتو ئەسكىرى كوسوۋاغا يەرلەشتى. ناتو «كوسوۋا ئازاتلىق ئارمىسى»نىڭ دەرھال قۇرال تاپشۇرۇپ تارقىلىپ كىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
ھاشىم تاجى 2000-يىلى « كوسوۋا خەلق دىموكىراتىيىسى پارتىيىسى»نى قۇردى.
2001-يىلىدىكى ئۇمۇمى خەلق سايلىمىدا كوپ سانلىق ئاۋازنى ئىبراھىم رۇگوۋا ئالدى.
  ھاشىم تاجىنىڭ پارتىيىسى 26 ۋەكىل بىلەن پارلامىتتا ئاز سانلىق ئورۇندا قالدى.
  2004-يىلدىكى  سايلامدا 30 ۋەكىل بىلەن قالدى. ھۆكۈمەتتە يەر ئالالمىدى.
  2008-يىللىق ئۇمۇمى سايلامدا ھاشىم تاجى «ئەگەر باش مىنىستىر بولسام كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىغىنى جاكارلايمەن » دەپ خەلىققە ۋەدە بەردى.تاجىنىڭ پارتىيىسى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن غەلبە قازاندى.
   ھاشىم تاجى كوسوۋانىڭ باش مىنىستىرى بولدى ۋە 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىغى ئىلان قىلىندى.
ھاشىم تاجى موستەقىل كوسوۋا دۈلىتىنىڭ باش مىنىستىرلىق تەختىگە ئولتۇرغاندا بولسا ئۇنى «تېرورىست»دەپ ئىلان قىلغان يۇگۇسلاۋىيە دولەت رەئىسى سىلوبودان مىلوشوۋىچ خەلقئارا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى سوتىدا سوتلىنىپ ئۆلۈپ بولغان ئىدى. كوسوۋالىق بۇ «خەلقارالىق تېرورىست»بۈگۈن مۇستەقىل كوسوۋا دولىتىنىڭ باش مىنستىرى بولۇپ ھاكىميەت يۈرگۈزمەكتە.

مەنبە: [url]http://abral.blogbus.com/logs/38309286.html[/url]

تېما تەستىقلىغۇچى : gul-sanam
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-04-29, 09:55

 

بۇ دۇنيا بىرگە بىر چىدىساڭ ياشا !
http://abral.blogbus.com
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-29 17:54 |
ئىزنا سودا بازىسى
AK715
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 30034
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 232
شۆھرەت: 238 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3230 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 661(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-01

 

ھىلىقى تىبەت غوجاممۇ باردەك قىلاتتىيا

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 18:13 |
0903TILSIMAT
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 17398
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 226
شۆھرەت: 227 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2260 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 125(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

چوڭ< ترورچى>  رابىيە قادىرنىمۇ نامزات قىلىپ بېقىپتۇ دەپ ئالىغانتىم بىر چاغلاردا...

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 18:55 |
0903TILSIMAT
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 17398
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 226
شۆھرەت: 227 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2260 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 125(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

<دەپ ئاڭلىغانتىم   >  خاتا بېسىپ قويۇپتىمەن .ئەپۇ قىلارسىلەر ھە

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 18:57 |
UYGHURAAA
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 62532
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1469
شۆھرەت: 1999 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 13744 سوم
تۆھپە: 22 نۇمۇر
ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 672(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

  ياخشى خەۋەرلەر ئىكەن رەھمەت سىزگە.

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 18:57 |
saba109
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 34718
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 883
شۆھرەت: 894 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5367 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1154(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

Quote:
بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىAK715نىڭ2009-04-29 18:13 دە يوللىغان يازمىسى   :
ھىلىقى تىبەت غوجاممۇ باردەك قىلاتتىيا

ئۇ غوجام تىرورىست بولمىسا كېرەك...

شىنجاڭ تور مەكتىپى
يوقىلىدۇبەلكى تىچ ئوكيان،
يوقالمايدۇئۇيغۇرنىڭ نەسلى.
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 19:10 |
-ALAMAT-
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 11840
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 23 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 220 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 32(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-01

 

ياخشى تىما  يوللاپسز،تىرورلۇق ئەمىليەتتە بىرخىل سىياسى ئىپادىلەش ۋاستىسى ،ئەركىن ئاۋازغا يول يوق دۆلەت ۋە رايۇنلادا خەلقارا جەمىيەت بۇنداق ئىشنى تېخىمۇ توغرا چۈشىنىدۇ . ئاتالمىش ئچكى ئشنى خەلقارا لاشتۇرۇشقا يول ئاچىدۇ .

http://alshan.cn/bbs
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 20:48 |
AcEs_7
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 73805
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 117
شۆھرەت: 117 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1095 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 92(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-01

 

Quote:
بۇ مەزمون6قەۋەتتىكى-ALAMAT-نىڭ2009-04-29 20:48 دە يوللىغان يازمىسى   :
ياخشى تىما  يوللاپسز،تىرورلۇق ئەمىليەتتە بىرخىل سىياسى ئىپادىلەش ۋاستىسى ،ئەركىن ئاۋازغا يول يوق دۆلەت ۋە رايۇنلادا خەلقارا جەمىيەت بۇنداق ئىشنى تېخىمۇ توغرا چۈشىنىدۇ . ئاتالمىش ئچكى ئشنى خەلقارا لاشتۇرۇشقا يول ئاچىدۇ .


قوللايمەن!!!!!!!!!!!!

شىنجاڭ تور مەكتىپى
ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 22:04 |
omak~jenim
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 84816
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-30

 

چوڭ< ترورچى>  رابىيە قادىرنىمۇ نامزات قىلىپ بېقىپتۇ دەپ ئالىغانتىم بىر چاغلاردا.......بۇ نىمە دىگنىڭىز ئۇ دىگەن بىز ئۇيغۇرلانىڭ پەخىرلىك ئانىسى بىلسىڭىز بۇنداق قاملاشمىغان گەپنى قىلماڭ.

چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 22:22 |
wakit1234
دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


UID نۇمۇرى : 84631
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 102
شۆھرەت: 102 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1020 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-30

 

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-30 01:31 |
naprat731
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 28641
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 268
شۆھرەت: 274 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2640 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 574(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

ھاشىماخۇن قاچان نوبىل مۇكاپات ئاپتۇ؟

چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-30 02:12 |
diki-dikkang
يازما يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 6596
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1578
شۆھرەت: 1717 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 15627 سوم
تۆھپە: 167 نۇمۇر
ياخشى باھا: 97 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 349(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-07-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-01

 

ھاشىم تاجى دىگەن كىشى نوبېل مۇكاتاپاتىغا ئېرىشكىنى يوققۇ دەيمەن.
ئاتالمىش « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ  كاتتىۋېشى رابىيە قادىر ئۇدا 4 يىل نوبېل مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىۋاتىدۇ .

چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-30 09:43 |
ATILLA08
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 84232
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 80 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-30

 

ما ھاشىماخۇننىڭ يامانلىغىنى كۈرۈڭ

مىللەت ئۇرۇشتا ئۆلمەيدۇ، سۈكۈتتە ئۆلىدۇ.
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-30 10:59 |
-ALAMAT-
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 11840
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 23 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 220 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 32(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-01

 

رابىيە خانىمنى بەزىلە مۇنداق تەرىپلەيدىكە : قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن مۇۋاپىقىيەت قازانغان كارخانىچى ،«ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ روھى ئانىسى»،«ئۇيغۇر مىللى ئازاتلىق ھەركىتىنىڭ داھىسى» ،كۇچلۈك بېغىشلاش روھىغا ئىگە ،قەيسەر ،پىداكار ،ئۇلۇغ روھ ئىگىسى .

http://alshan.cn/bbs
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 11:38 |
maktap11
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 57079
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 238
شۆھرەت: 239 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 370 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 135(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-01

 

ياخشى خەۋەرلەر ئىكەن رەھمەت سىزگە.

چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-01 17:24 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
XabnamBBS » كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:05-02 23:08, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ