ئاشقازان ئۈچەيدىكى مەسىلە
بىر بوۋاي دوختۇرغا كۆرۈنگىلى بېرىپ، دوختۇرغا ئۆزىنىڭ ئاشقازان ئۈچۈيىدە مەسىلە بارلىغىنى ئېيتىپتۇ.
دوختۇر : چوڭ تەرىتىڭىز راۋانمۇ؟
بوۋاي: راۋان. ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دە دەل ۋاقتىدا كېلىدۇ.
دوختۇر: ئۇنداقتا يەنە قانداق مەسىلە بار؟
بوۋاي:...مەسىلە، مەن ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دا ئاندىن ئۇرنۇمدىن تۇرىمەن.
دوختۇر: ھە؟!
خاتىرسىگە ئاساسەن
ئانا قىزى بىلەن قىزىنىڭ ئوغال دوستىنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىگە بېرىپتۇ، ئانا رەسىملەر ئارىسىدىن قىزىنىڭ
يالىڭاچ سىزىلغان رەسىمىنى كۆرۈپ قېلىپ قىزىدىن، قىزىم سەن ئۇنىڭ سىىزىشى ئۈچۈن يالىڭاچ تۇرۇپ بەرمىگەنسەن.
قىزى: ياق، ئۇ خاتىرسىگە ئاساسەن سىزغان.
نىمىنى چۈشەندۈرۈدۇ
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى چۈشەندۈرمەكچى بولۇپ، تاماكىدىكى نىكوتىننى قۇرۇتقا
ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇپتۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي قۇرۇت ئۆلۈپتۇ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن، بۇ تەجرىبە نىمىنى
چۈشەندۈرۈدۇ؟ دەپ سوراپتۇ.
ئوقۇغۇچىلار بىردەك تاماكا چەككەن ئادەم قۇرۇتلىمايدۇ. دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
مەن: ؛ئۆزەم تەرجىمە قىلغان
[ بۇ يازما karyilpizi777 تەرپىدىن2009-04-29 14:09دە ]