« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 2244 - كۆرۈرمىنى
باياۋان
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 69469
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1161
شۆھرەت: 1230 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 11550 سوم
تۆھپە: 100 نۇمۇر
ياخشى باھا: 95 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1360(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-04

 ۋاسكىتبول چولپىنى ئادىلجان سۇلايمان


1998 – يىلى ياز ئايلىرى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق كىتاپخانا ئۇيغۇرچە كىتابلارنى توپ تارقىتىش مەركىزى قۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى . مانا شۇ كىتاپ مەركىزى قۇرۇلۇش يىغىنى ئارىلىقىدا شىنجاڭ خەلق ناشرىياتى نەشر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەكبەر ئېلى بىلەن كىتاب ھەققىدە قىزغىن مۇلاھىزە قىلىشتۇق . ئۇ ماڭا: ئادىلجان ھەققىدە بىر كىتاب يېزىشىمنى ھاۋالە قىلىپ شۇنداق دېدى ؛

__ ۋاسكىتبول چولپىنى ئادىلجانغا خەنزۇ خەلقى بەك چوقۇنىدۇ . دۇنيا ۋاسكىتبول ساھەسىدىمۇ ئادىلجاننى ئىككىنچى بوتېر دەپ ھۆرمەت قىلىدۇ . ئادىلجاننى پەقەت بىز ئۇيغۇرلارلا ئاز بىلىمىز، ھەتتا كۆپچىلىكىمىز بىلمەيمىز. شۇڭا ئادىلجاننى ئۇيغۇر خەلقىگە تونۇشتۇرۇش ، ئۇنىڭ جۇڭگودىكى ھۆرمىتى ، دۇنيا ۋاسكىتبول ساھەسىدىكى ئورنىنى بىلدۈرۈش ناھايتى زۆرۈر . خۇددى بىز ئۆزىمىزنى بىلمىگەننىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۆزىمىزدىن يېتىشىپ چىققان دۇنياۋى چولپاننى ، خەلقئارالاشقان شەخسلىرىمىزنى بىلمىسەك بۇ بىز نومۇس قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلار ئىچىدىكى يەنە بىر نومۇسلۇق ئىش بولىدۇ . ئادىلجاننىڭ ئىچكىرى جۇڭگودا شۇنداق ھۆرمىتى چوڭ. يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەمىسى بىلىدۇ . ئۆز يۇرتى ، ئۆز مىللىتى بولغان بىزلەر ئادىلجاننى ئۇنچىلىك بىلمەيمىز. ئادىلجان بېيجىڭ كوچىلىرىدا ماشىنىسىنى ھەيدەپ ماڭسا ، قاتناش ساقچىلىرى ئۇنىڭغا ھۆرمەت سالىمى بېرىدۇ. بىزدە ئۇنداق بولماسلىقى مۈمكىن . چۈنكى بىز ئادىلجاننى ئاز بىلدۇق ياكى بىلمىدۇق. بىزدىن دۇنياۋى چولپان شەخسلەر ئاز چىقتى . چىققانلىرىنى ھۆرمەتلىشىمىز ئاز بولدى . ئادىل ھوشۇر ھەققىدە كىتاب يېزىلدى . ئامما تەنتەربىيە ساھەسىدە دۇنياۋى شەرەپكە ئېرىشكەن خەلقئارالىق چولپانلىرىمىز مالىك ئاكا ، ھاجى پالۋان ، ئادىلجان ، ئابدۈشۈكۈر ، قاسىمجان قاتارلىق بىزدىن چىققان گىگانىتلىرىمىز ھەققىدە كىتاب يېزىلىپ ئۇلار خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇلمىدى . بۇ قەلەمكەشلەرنىڭ، نەشرىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ بۇرچىمىزنى ئادا قىلمىغانلىغى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بىز ئىشنى ئادىلجاندىن باشلىساق قانداق ،_دېدى .
__ ئەلۋەتتە يېزىش كىرەك . بىز بۇرۇنقىلاردىن پەخرلىنىپلا قالماي ، ھازىرقى ھەر ساھە، بولۇپمۇ مىللەتنىڭ روھى، غۇرۇرىنى نامايان قىلىپ تۇرىدىغان ، ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇدلۇق ماركىمىز بولغان تەنتەربىيە ساھەسىدىكى خەلقئارالىق چولپانلىرىمىزنى تونۇشىمىز ،ھۆرمەتلىشىمىز ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنى نۇرلاندۇرۇشىمىز ، ئۆزىمىزنى تونۇشىمىز كىرەك . ۋەتەنگە زور شان – شەرەپ ئېلىپ كەلگەن ئادىلجاندەك گىگانت كىشىلىرىمىزنى ئۆز خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇشتەك شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئەلۋەتتە ئورۇنلايمەن . بولىدۇ ، مەن يازاي ، ئادىلجاندىن باشلاپ ھازىرغىچە يېزىلماي قالغان ئابدۈشۈكۈر، مالىك ئاكا ، قاسىمجان ، ھاجى پالۋان قاتارلىق ھازىرقى زامان دۇنياۋى شەخسلىرىمىزنى ، يەنە كىملەر بار، ئىزدىنىپ يازاي ، _دېدىم مەن .
شۇنداق قىلىپ خەلق نەشرىياتىدىكى ئەكبەر ئېلىنىڭ قىزغىن ھاۋالىسى ، قوللاپ ھەمكارلىشىشى بىلەن مەن دەسلەپكى قەدەمدە ئىشنى ئادىلجاندىن باشلاپ بېيجىڭغا بېرىپ زىيارەت قىلىشنى باشلىدىم . بۇ جەرياندا ئادىلجاننىڭ قېينئاتىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، خەلق قەلبىدە يولۋاس قاتارلىق ئوبرازلاپ بىلەن تونۇلغان داڭلىق كىنو چولپىنىمىز ۋارىس ئىسلام ، خانىمى ھاۋاقىز ھەدە، ئادىلجاننىڭ ئامراق ئايالى دىلنۇر، ئادىلجاننىڭ كونا سەپدىشى ھەم يىقىن دوستى شاۋكەت ، ئادىلجانىڭ ئاپىسى نۇرىمان خانىم، ئادىلجاننىڭ تېرنېرى ، خەلقئارالىق رىپىر سۈيى ئەپەندى ، ئادىلجاننىڭ تېرنېرى ۋاسكىتبول ئۇستازى چيەنلىمىڭ ئەپەندى ، ۋۇچىڭشۈي ئەپەندى قاتارلىقلار قىزغىن ھەمكارلىشىپ ، ئادىلجان ھەققىدە ناھايىتى قىممەتلىك ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلىدى . مەن بۇلارغا ئادىلجان بىلەن ، شۇنداقلا ئادىلجاننى ھۆرمەتلىگۈچى جامائەت قاتارىدا قىزغىن رەھمەت ئېيتىمەن . بېيجىڭدا ئادىلجان ، مالىك ئاكىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئىسمائىل ئەھمەد بۇ ئىشنى بۇ ئىشنى قىزغىن قوللاپ قىممەتلىك پىكىر – تەكلىپلەرنى بەردى . ئادىلجاننىڭ ئەھۋالىنىى ئىگىلەش جەريانىدا بېيجىڭدىن تارتىپ ئادىلجان تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا دىيار خوتەنگىچە بولغان سەپەر جەريانىدا بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىدىكى ساۋۇت سالاھىدىن ، ياقۇپ مۇھەممەرروزى قاتارلىق سەپداشلار ، قەشقەر ئېلېكتىر سىمى زاۋۇتىنىڭ باش دىرېكتورى مۇھەممەت ساۋۇت، يەكەن شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسىدىكى مەمتىمىن غوپۇر ، مەكىت ناھىيىلىك پارتىكوم مۇئاۋىن سېكرىتارى ئەكبەر ھەيدەر ، قەشقەر مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئادىل توران ، يەككە تىجارەتچى ئابدۇخېلىلجان ، مۇھەممەتجان قاتارلىق دوستلارنىڭ ھەمكارلىشىشىغا ، ياردەم بېرىشىگە ئېرىشتىم . مۇشۇ ئەسەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا خالىسانە قىزغىن ھەمكارلىقى ھەم مەدەتلىرىنى ئايىمىغان يۇقۇرىقى دوستلارغا ئەل قاتارى ئېھتىرام بىلدۈرىمەن .
ئادىلجاندىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلاردىن نۇرغۇن ۋاسكىتبول چولپانلىرى چىققان ، ئەمما ئۇلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى، بەك ھالقىيالىسا جۇڭگودا داڭلىق چولپان بولغانىدى . ئەمما ئادىلجان بىراقلا جۇڭگونىڭ دۆلەت سەھنىسىدە پارتلاش خاراكتېرلىك شەخس بولۇپ ، جۇڭگودىن،دۆلەت دەرىجىسىدىن ھالقىغان ، دۇنياغا تونۇلغان ، جۇڭگونىڭ خەلقئارادا ئابرۇيى بار ۋاسكىتبول چولپىنى بولۇپ قالدى .
ئانا تۇغۇت ئالدىدا قانسىراپ كەتتى . دادا بولغۇچىغا ۋالىي ئانا – بالا ئىككىسىنى خۇداغا ھەم خوتەن خەلقىگە تاپشۇرۇپ مۇسابىقىگە ئاتلىنىشقا بۇيرۇدى .
1965- يىل 7 – ئاي ئاخىرلىرى ئىدى . تەكلىماكان دەشتىنىڭ شەرقىي جەنۇب بويلىرىدىكى قارا قۇرۇم باغرىغا جايلاشقان خوتەن شەھىرى دەھشەتلىك تومۇز ئاپتىپىنىڭ دەستىدىن تىخىمۇ قۇرۇپ قاغجىراپ كەتكەنىدى ، يۈرۈڭقاش دەرياسىنىڭ سۈيى شەھەر ئىچىدىكى قاغجىرىغان كوچىلارغا نەملىك بېرىشكە ، شەھەرنىڭ قاش-كۆزىنى نەمدەشكە يېتىشىپ بولالمايتتى . چۈنكى چاك-چاك يېرىلىپ قاغجىراپ كەتكەن ئېكىنزار ، بوستانلىقلار تەشنالىق ئازابىدىن تىخىمۇ قۇرۇپ ، يېلىنجاپ تولغانماقتا ئىدى . يۈرۈڭقاش ،قاراقاش دەريالىرىنىڭ سۈيى قارا قۇرۇم ئانىنىڭ جۇپ ئەمچىكىدىن سىرغىپ چىققان سۈتتەك ئۆز باغرىلىرىنىڭ ئاتەشتەك چاڭقاشلىرىغا ئۈلگۈرۈپ بولالمايلا يىللار ئەسىرلەرگە ئۇلاشماقتا ئىدى .
نۇرىمانخان كۈندىن – كۈنگە چوڭىيىۋاتقان قورسىقىنى تەستە كۆتۈرۈپ ، پۇتلىرىنى قىينىلىپ يۆتكەپ چېلەك كۆتۈرۈپ كۆلگە سۇغا ماڭدى. ئاي – كۈنى يېقىنلاشقانچە تىنىقى يېتىشمەي تومۇز ئىسسىقى ھاۋانى تېخىمۇ قۇرۇتۇپ تىنچىق قىلىۋەتكەنلىكتىن دېمى سىقىلىپ چىرايلىق قارا كۆزلىرى تېخىمۇ چوڭىيىپ ، بۇغداي ئۆڭ مەڭزىدىن چىپىلداپ تەر قۇيۇلۇپ كەتتى . ئىسسىق دەستىدىنمۇ ياكى بەدىنىدىن كۈچ – قۇۋۋىتى تېشىپ تۇرغان شىنجاڭدا داڭقى تارالغان ۋالىبول چولپىنى بولغان سۇلايماننىڭ جانلىق قېنىدىن بولغاچقىمۇ ، قورساقتىكى بوۋاق بارغانچە بەك تېپچەكلەپ زادىلا جىم تۇرمايتتى . بالا ئوغۇلمىدۇ ، قىزمىدۇ ، كۆرگەن چۈشۈمگە قارىغاندا ئوغۇلمىكىن دەيمەن . دادام رەھمەتلىك چۈشۈمدە ماڭا چىرايلىق بىر قىلىچنى بېرىپ : "بالام بۇ قىلىچنى ئۆزۈڭگە ھەمرا قىلىۋال، بىر كىم بوزەك قىلالمايدۇ " دېدى . "دادا،قىز بالىمۇ قىلىچ ئاسامدۇ، مەن يا ئوغۇل بالا بولمىسام " دېسەم ، دادام: " بىز كىچىك چاغلاردا قىزلارمۇ ئەرلەردەك يېنىغا قىلىچ ئاساتتى. قىلىچ ئاسقان قىزلارغا يات ئەرلەر چېقىلالمايتتى . سەن ئانامغا ئوخشايسەن . بەك چىرايلىق قىز بولدۇڭ.سەندىن ئەنسىرەيمەن، بۇ قىلىچنى ئېسىۋالساڭ يامان كۆزدىن ساقلايدۇ " دېدى.  چۈشۈم ، كېيىن سۇلايمانمۇ چۈشۈمدە بىر خەنجەرنى بەردى ، ئوغۇل تۇغىدىغان ئوخشايمەن دېسەم ، يىقىندا ئانام بىرمۇنچە مارجانلارنى بوينۇمغا ئېسىپ قويۇپ چۈش كۆردۈم . شۇنىڭغا قاراپ قىز تۇغىدىغان ئوخشايمەن دەپ قالدىم مارجان دېگەن قىز بالىنىڭ سۆرى، بولدى ، قىز بولامدۇ ، ئوغۇل بولامدۇ ساق – سالامەت تۇغۇۋالساملا خۇدانىڭ بەرگىنى ھېساب، بۇ شەھەردە بولماي ، مەھەللەمدە بولغان بولسام تال باراڭنىڭ سايىسىدا باغدىكى سۇپىدا سالقىندا يېتىپ، ئېرىقتىكى سۈزۈك سۇدىن راھەتلىنىپ ئىچىپ بۇنچىۋالا ئىسسىقنىڭ ئازابىدىن قىينالماستىم . دادام رەھمەتلىك مېنى ئوقۇتمايلا قويغان بولسا ، نەگە قارىسا باغ- بوستانلىق يۇرتۇمدا قالار ئىدىم ، ئوقۇدۇم دەپ مانا شەھەردە مۇئەللىم بولۇپ بۇ يەردە تۇرۇپ قالدىم .
ئۇنىڭ خىيالىغا بىردىن لايىق چىققان ۋاقىتتىكى ئىشلار كېچىپ قالدى، شۇ چاغدا شەھەرگە مېنى ئاكام،يەڭگەم يوقلاپ چىققانىدى ، يەڭگەمنىڭ دېيىشىچە، مېنىڭ تويۇمنى قىلغۇدەك، "مېنى كىمگە ياتلىق قىلىسىلەر " دېسەم ، " شىنجاڭ ئىنىستىتوتىنىڭ تەنتەربىيە كەسپىنى پۈتتۈرۈپ ، شىنجاڭ ھەربىي رايون كوماندىسىدا ۋالىبول ئويناپ پۈتۈن شىنجاڭدا نامى پۇر كەتكەن سۇلايمان تۇردى دېگەن چىرايلىق توپچىغا تېگىسىز ، ئۇ كىشى ۋالىي مامۇت نىيازنىڭ يېقىن ئاغىنىسىكەن ، ۋالىي ئۆزى ئەلچى بولۇپ باردى ، ئاكىڭىز بىلەن بىز ئۆمرىمىزدە ۋالىي كۆرۈپ باقمىغان ، بىزنىڭ سېرغىزغىمۇ ۋالىي بېرىپ باقمىغان ، بىز قورققىنىمىزدىن ھۇشىمىزدىن كەتكىلى تاس قالدۇق ، ۋالىي بىزنىڭ ئۆيدە مېھمان بولىۋىدى ، پۈتۈن يۇرت تەۋرەپ كەتتى ، يۇرت مەھەللىدىكىلەر ، نۇرىمانخاننى ۋالىينىڭ يېقىن ئاغىنىسىگە ئېلىپ بەرمەكچىكەن ، ۋالىي ئۆزى ئەلچى بولۇپ كەپتۇ، دەپ پۇر كەتتى ، يۇرتتا ئىناۋىتىمىز ، يۈز – ئارويىمىز بىراقلا كۆتۈرۈلدى ، ۋالىي بىلەن ئاكىڭىز پۈتۈشتى ، ئىككى كۈن ئىچىدە تويىڭىزنى قىلىمىز " دېدى .
رىسقى غايىپ، نىكاھ غايىب دېگەن شۇدە! دادامنىڭ ئورنىدا مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاكامغا نېمىمۇ دېيەلەيتتىم ، بۇ سۇلايمان دېگەن يامان توپچىكەن ، ئاخىرى مەن بىلەن تويمۇ قىلدى ، مانا ئەمدى قورساقتا بىردەممۇ جىم تۇرمايدىغان توپقا ئوخشاش بالىغا دادا بولۇش ئالدىدا تۇرۇپتۇ ، يا بۇمۇ دادىسىدەك توپچى بولامدىغاندۇ ، يائاللا ، خۇدا ساقلىسۇن . دادىسىدەك توپ دېسە جېنىنى بېرىدىغان ئەخمەق بولۇپ قالمىسۇن . ھەرگىز داداڭدەك توپ قوغلاپ يۈرىدىغان ئەخمەق ئادەم بولماي، پىكاپتا ئولتۇرىدىغان چوڭ سۈپەت ۋالىي بولارسەن ، خۇدايىم .
نۇرىمانخان ئېغىر پۇتلىرىنى تەستە يۆتكەپ ، سىڭىشىپ سۈيى تارتىلىپ كەتكەن كۆل بويىغا كەلدى . سۇ كۆلنىڭ چوڭقۇرىدىكى ئەڭ ئويمان بىر يەرگە يىغىلىپ قالغان بولۇپ، كۆل گەردىشى قۇرۇپ قېلىن ئاق سېغىزلار چاك-چاك يېرىلغانىدى ، گەردىشىدە ئۆسكەن ئوت –چۆپلەر سۇسىزلىقتىن قۇرۇپ يىگىلەپ قالغان ، شۇ ئازغىنە سۇ بويىغا ئۇسساپ تىللىرى چاكىلداپ قالغان ئاق قۇشقاچ،كەپتەر، قارا قۇشقاچلار ئولىشىپ سۇ ئىچىشمەكتە . نۇرىمانخان چېلەكنى ئارغامچىغا باغلاپ سۇغا تاشلىدى ، چېلەك سۇغا تاشلىنىش بىلەن جان-جانىۋارلار قاتتىق ئۈركۈپ كۆلدىن ئۇچۇپ كەتتى. چېلەك سۇغا چۆكتى . "باياتىن بېرى پالاقلاپ توپ ئوينايدۇ ، تاماققا تۇتۇش قىلاي دېگەندە ئەمدى گۆشكە ماڭىدۇ ، ئېغىرلىشىپ كەتكىنىمنى كۆرگەندىكىن سۇنى ئەكىرىپ بەرمىسىمۇ كۆلدىن ئېلىپ بەرسە بولماسمىدى ، ئەر خەق دېگەن ئەجەپ رەھىمسىز، بىغەم بولىدىكەن ".
نۇرىمانخان ئىنجىقلاپ تۇرۇپ ناھايىتى تەسلىكتە چېلەكنى تارتىپ يۇقىرىغا چىقاردى . چېلەكنىڭ بىغى قول يەتكۈدەك يەرگە كەلگەندە ئاستا ئېڭىشىپ قولىنى سوزۇشىغا، ئىچىدە بىرنەرسە ئۈزۈلگەندەك بولۇپ بالا قاتتىق سەكرەپ،تاپىنىدىن بىر ئاغرىق كىرىپ مېڭىشىگە ئۇرۇلدى ، پۇت-قوللىرى بوشاپ چېلەك قولىدىن چىقىپ كۆلگە " پولتۇڭ"ڭىدە چۈشۈپ كەتتى . نۇرىمانخان مادارسىزلىنىپ ئىزىغا ئولتۇرۇپ قالدى ...قوشنىسى گۈلنىيازخان نۇرىمانخاننىڭ يۆلەشتۈرۈپ يۈدۈپ دوختۇرخانىنىڭ جىددىي بۆلۈمىگە ئاپاردى ، دوختۇرلار تەكشۈرۈپ "بالا ھەمرىيى بالىنىڭ بىشىغا كىيىلىپ قاپتۇ ،بالا ساق-سالامەت ، ئەمما ھەركەت قىلسا خەتەرلىك"دەپ ھۆكۈم چىقاردى ، نۇرىمانخان ياتاقتا ياتقان كۈننىڭ ئەتىسى سۈلايمان تۇردى ئاپتونۇم رايون بويىچە ئاقسۇدا ئۆتكۈزىلىدىغان تەنتەربىيە مۇسابىقىسىغا خوتەن تەنتەربىيە ئۆمىكىنى باشلاپ ماڭىدىغان كۈنى ئىدى ، ئەگەر ئۇ بارمىسا كوماندىنىڭ ئۇتۇپ چىقالىشىغا كۆزى يەتمەيتتى ، باراي دېسە ئايالى خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغانىدى ، ئۇ ساق-سالامەت يەڭگىيەلەمدۇ ، يوق ، بالا ساق قالامدۇ ، بۇلارغا بىر نەرسە دىيىش تەس ئىدى . ئۇ ئۆزىگە شۇنداق سوئال قوياتتى : زادى بالا مۇھىممۇ، مۇسابىقە ؟" سۇلايمان ئاخىر ئامراق ئايالى بىلەن بالىسىدىن ئەنسىرەپ رۇخسەت سورىدى . تەنتەربىيە كومېتىتى تەڭقىسلىقتا قېلىپ بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بىرەلمەي ، ئاخىر خوتەن ۋالىيسى سېلىمىخان تالىپقا ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى .
_خوتەننىڭ شان-شەرىپىنى سۇلايمان بولمىسا قانداق ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ . سۇلايمان بار خوتەن ئۇتىدۇ ، سۇلايمان بولمىسا خوتەن تەنتەربىيىدە يوق دېگەن گەپ . سۇلايمان ئايالى بىلەن تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئاۋۋال خۇداغا ، ئاندىن خوتەن خەلقىگە ئامانەت قىلىپ ماڭسۇن ، خوتەنگە تەنتەربىيىدە شان –شەرەپ ئېلىپ كەلگەندە سۇلايمان ئايالى بىلەن ئوغلىنى مۇكاپات سۈپىتىدە ساق-سالامەت تاپشۇرۇۋالىدۇ، ____دەپ كەسكىن بۇيرۇق قىلدى . شۇنداق قىلىپ سۇلايمان نۇرىمانخانغا قان سىلىۋاتقان ئاسما ئوكۇل بوتۇلكىسىغا غەم-ئەندىشە ئىچىدە قاراپ-قاراپ ،بىر كۆزى ئارقىسىدا قالغان ھالدا خوتەن تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنى باشلاپ ئاقسۇدىكى مۇسابىقىگە ماڭدى ، مۇسابىقە ئۈچ ئايغا سوزۇلۇپ كەتتى .
ئون بەش كۈنگىچە نۇرىمانخانغا ئارىلاپ قان سېلىپ تۇردى ،بۇ چارە ئاخىر ئەپلەشمىدى .ئون بەش كۈن بولغاندا قان ئۈلگۈرمەي ، بىر تەرەپتىن سىلىپ تۇرسا ، يەنە بىر تەرەپتىن چىقىپ كېتىپ نۇرىمانخان قانسىراپ ئاجىزلاپ كەتتى . سېلىمىخان تالىپ دوختۇرلارغا قولىنى شىلتىپ دوختۇرخانىنى بېشىغا كىيدى :
___سۇلايماننىڭ خوتۇنىنىمۇ، بالىسىنىمۇ قۇتقۇزمايدىغان بولساڭ سەندەك دوختۇرلارنى خوتەننىڭ دەشتىدە ھاشارغا سىلىپ جىنىڭنى ئالىمەن . ئانىنىمۇ،بالىنىمۇ قولۇمغا ساق-سالامەت تاپشۇرىشىسەن !_دەپ بۇيرۇق قىلدى .
دوختۇرلار ئاخىر ئانىنىڭ قورسىقىنى يېرىپ ھەمرىيىنى بېشىغا كىيىۋىلىپ توختىماي توختىماي تىپچەكلەپ ئانىسىغا ئارام بەرمىگەن ئادىلجاننى ساق-سالامەت يورۇق دۇنياغا چىقاردى . بالا ئالتە يېرىم جىڭ بولۇپ ناھايىتى ناھايىتى تىمەن ،ساغلام كۆرۈنەتتى . ئەمما ئانا بەك ھالىدىن كەتكەنىدى . سېلىمىخان چىرا، كىرىيە تەرەپلەردىن شېكەر ، تۇخۇم ، سۈت كەلتۈرگۈزۈپ ،بارلىق ئاماللار بىلەن ئانىنىمۇ ،بالىنىمۇ تىزلا خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن كۈلۈمسىرىدى . دوختۇرلارنى تەقدىرلەپ ، مىھمان قىلدى . ئامانەتنىڭ خەۋىرىنى ئاقسۇدىكى سۇلايمان تۇردىغا يەتكۈزدى : "ئەگەر خوتەنگە شان – شەرەپ ئېلىپ كەلمەيدىغان بولساڭ ، خوتۇن – بالاڭنى كۆرسەتمەيمەن " دەپ ۋارقىرىدى . سۇلايمان تۇردى خوشاللىقتىن ئۈستىدىن تام ئۆرۈلگەندەك سەكرەپ كەتتى .  

__ئۆزلىرى خوتۇن كىشى تۇرۇپ دېگەنلىرىنى قىلدىلا . مەن ئەر كىشى ئەلۋەتتە دېگىنىمنى قىلىمەن . خوتەننىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن جېنىم پىدا.
___سەندەك ئەركەكتىن ئوننى بىر قېتىپ سوقسا ئاندىن سېلىمىخان تالىپ پۈتەمدۇ ، پۈتمەمدۇ ، بىر نېمە دېمەك تەس. ئەمما سەن سۇلايمان مېنىڭ كۆڭلۈمدە سانايدىغان ئەرلەرنىڭ بىرى. ئوغلۇڭنى كۆرسەڭ مەندىن رازى بولىسەن ، سېنىڭ تېرەڭنى كىيىپ چۈشۈپتۇ . ئەگەر ئۇتتۇرۋېتىپ ،ئالدىمغا كېلىدىغان بولساڭ ، سەندەك سۇلايماننى .... چوقۇم ئۇتۇڭلار ، خوتەن خەلقى سىلەرنىڭ غەلبەڭلەردىن خوشاللىق تاپسۇن . بىز سىلەرنىڭ غەلىبە خەۋىرىڭلارغا تەلمۈرىمىز. مېنىڭ سىلەرنى مۇكاپات سەھنىسىدە تۇرغۇزۇپ مۇكاپاتلىغۇم بار .
__خاتىرجەم بولسىلا ۋالىي خانىم . مەن سۇلايمان غەلبە قىلالمىسام خوتەنگە ئالدىمنى قىلمايمەن .
ئۇ ، بالىلار ئۆزلىرى سايلىمىسىمۇ تەبئىي ھالدا ئۇلارغا " باشلىق" بولۇپ قالدى .
ئۇ ياخشى ئوقۇش ۋە چوڭ بولغاندا دادىسىنى ئۇتىۋالغۇدەك توپچى بولۇش ئۈچۈن كۈچىكىنى گۇۋاھ قىلىپ ئاتا – ئانىسى بىلەن ۋەدىلەشتى .
قۇياش نۇرى قىززىتقان يىپەكتەك يۇمشاق توپىدا ئالتە ياشقا كىرگەن بىر شوخ بالا ئۆزىدىن چوڭ ، بويلۇق ، ئۆزى بىلەن تەڭ ياشلىق بەش بالىنى بويسىرى قاتار تۇرغۇزۇپ ئۆزىگە ئەسكەر قىلىپ مەشىققە دەسسەتمەكتە. ئۇ ھەربىي مەشقاۋۇللاردەك قولىنى ھەريان شىلتىپ بالىلارغا قاتتىق ۋارقىراپ كوماندا بەرمەكتە. ئۇقاياققا شىلتىسا شۇياققا ماڭاتتى .تۇردىسە قېتىپ تۇراتتى .پىژ غىرىم ئىسسىقتابۇ ئالتە بالا ئۆزلىرىچە ھەربىي مەشىق ئويۇنى ئويناۋاتاتتى. ۋالىي مەھكىمە قورۇسىدىكى بىر – بىرىگە چاپلاپ سېلىنغان قوشنا ئۆيلەردىكى تەڭ ياشلىق بۇ ئالتە بالا ھەر كۈنى قورۇ ئىچىدىكى كىچىك مەيدان ، تار كوچا، بۇلۇڭلاردا مانا مۇشۇنداق ئۆزلىرى خالىغان ئويۇنلارنى تېپىپ ئوينايتتى . بۇ بالىلارنىڭ تۆتى خەنزۇ، ئىككىسى ئۇيغۇر بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن شوخ ، كەپسىز ، بالىلارغا ئۆزىچە ئويۇن ئۈگىتىپ ، ئويۇنغا باشلاپ ئەگەشتۈرۈپ يۈرىدىغىنى ، ئۆي-ئۆيلەرنىڭ ئىشىكىنى قېقىپ دوستلىرىنى ئويۇنغا چاقىرىدىغىنى ئادىلجان ئىدى . قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە ئۆز ئۆيىگە كىرگەندەك كىرىپ، تارتىنماستىن ئۆزى خالىغان گەپنى قىلىپ، كىرىپ-چىقىپ خەنزۇچە تىلى ئۆز ئانا تىلى بىلەن ئوخشاش –تەڭ يېتىلىپ چىقتى . خەنزۇ قوشنىلارمۇ چوڭ ئادەمنى كىچىكلىتىپ قويغاندەك گەپ قىلىدىغان چېچەن ھەم چىرايلىق بۇ بالىغا ئامراق ئىدى . قايسى ئۆيگە كىرسە شۇ ئۆيدىكى چوڭلار بالىسى بىلەن ئوينىغىلى كىرگەن بۇ بالىنى گەكە سېلىپ ، ئۇنىڭ چېچەن ، چاققان گەپلىرىدىن ئۈچەيلىرى ئۈزۈلگىچە كۈلۈشۈپ كېتەتتى . مەھەللىدىكى ئادىلجاندىن چوڭ بالىلارمۇ ئوينىغانچە ئويۇن ئويناۋىتىپ ئۆزى سەزمەستىن ئادىلجاننىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇناتتى . ئادىلجان ھەر كۈنى بىر يىڭى ئويۇن ئىجاد قىلىپ بالىلارنى شۇ ئويۇننى ئويناشقا تەشكىللەيتتى . بالىلار يېڭى ئويۇنغا قىزىقىپ ، ئادىلجان نېمىگە بۇيرۇسا شۇنى قىلىدىغان ، نەدە تۇر دېسە شۇ يەردە تۇرىدىغان بولاتتى . بىر كۈنى قاتار قىلىپ خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە ئارىلاشتۇرۇپ ۋارقىراپ مارشقا دەسسەتسە، يەنە بىر كۈنى ئالتە بالىنى ئىككىگە بۆلۈپ "ھەھربىي – دۈشمەن " قىلىپ كوچىمۇ كوچا قوغلاشماق قىلىپ چالما سوقۇشىغا سالاتتى . يەنە بىر كۈنى بالىلارنى توپوىغا يۈكۈندۈرۈپ ئولتۇرغۇزۇپ ئۆزى كالتە تامنىڭ تۆپىسىگە چىقىۋىلىپ قولىنى شىلتىپ كىنودا چىققان ھەربىي باشلىقلارنى دوراپ سۆزلەيتتى . بىر دەم ئارتىسنى دوراپ ناخشا ئېيتاتتى . قايسى بالى ئاغزىغا قىرىمىسا ، قالغانلارنى ئۇنى جازالاشقا بۇيرۇيتتى . بالىلار ئۆزى سايلىمىغان بۇ باشلىقىنىڭ بەك ۋارقىرىشى بىلەن بىكار تۇرماي يېڭىدىن كەشىپ قىلىدىغان يېڭى ئويۇننىڭ قىزىقچىلىقىدا ئۇنىڭ قوماندانلىقىغا تەبىئىي بويسۇناتتى . بىر كۈنلىرى بالىلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغاپ گەپ ئۇقىدىغان ئوماق بىر كۈچۈكنى يېتىلەپ چىقىپ بىردەم بالىلارنى قورقۇتۇپ قوغلىغۇزۇپ جېنىنى ئالسا ، بىردەم كۈچۈكنى بالىلارنىڭ قۇچىقىغا سېلىپ بېرىپ يۈز-كۆزلىرىنى يالىتىپ دوسلاشتۇرۇپ ، بالىلارنى كۈلدۈرۈپ كۆڭلىنى ئاچاتتى . گېپىنى ئاڭلىمىغان بالىغا كۈچۈكنى قاۋاتسا ، قورقۇپ كەتكەن بالا ئادىلجانغا يالۋۇرۇپ كېتەتتى ، يەنە بىر كۈنلەردە سۇلايمان تۇردى كىرىيە تەرەپتىن ئادەمنى كۆرسە ئېتىلىپ قوغلايدىغان بىر قىزىل خوراز ئەكېلىپ بەردى . ئۇ ھويلىسىدا كۈچۈك ، خوراز، كەپتەر ، قۇشقاچ دېگەنلەرنى بېقىپ ، دوستلىرى يوق چاغدا كۈچۈك ، خوراز، كەپتەرنى باشقۇرۇپ ، سەن ئاۋۇنى ئەكەل ، سەن ماياققا تۇر دەپ توختىماي گەپ ئۈگىتىپ ئىشقا بۇيرۇيتتى . بىر نەرسىلەرنى يىراققا تاشلاپ كۈچۈكنى ئەكېلىشكە بۇيرۇپ ئۆزى قولىنى كەينىگە تۇتۇپ تۇرۇپ ۋارقىرايتتى . بىر كۈنى سۇلايمان تۇردى ئەتىگەندە ئالدىراپ مېڭىۋىدى ، ئادىلجان ئالدىنى توسۇۋالدى .
___ نەگە بارىسىز ؟
___ مەيدانغا .
___ مەنمۇ سىز بىلەن مەيدانغا بېرىپ توپ ئوينايمەن .
___ سىزنىڭ ئاداشلىرىڭىز بار .
___ ئاداشلىرىپ بىلەن ئويناپ زېرىكتىم .  
___ خوراز ، كەپتەر، قۇشقاچ ، كۈچىكىڭىز بار ، شۇلار بىلەن ئويناڭ . سىز تېخى كىچىك ، چوڭ ئادەملەر بىلەن ئوينىسىڭىز بولمايدۇ .
___ مەن ئەمدى چوڭ بولدۇم . سىز بىلەن توپ ئوينايمەن . سىز دائىم خەق بىلەن ئوينايدىكەنسىز ، مەن بىلەن ئوينىمامسىز؟ مەن سىزنى يېڭىۋېتىمەن . ئۇتۇۋالىمەن . P  
___ سىز تېخى مەندەك چوڭ بولمىدىڭىز ،مەندەك بولغاندا ئاندىن ئىككىمىز بىللە ئوينايلى .
___ ياق . مەن ئەمدى سىز بىلەن ئوينايمەن ، ھەر كۈنى كىچىك بالىلار بىلەن ئوينىغاچقا چوڭ بولالمايۋاتىمەن . سىزدەك چوڭ ئادەملەر بىلەن ئوينسام بۇ چاققا سىزدەك بوپ بولاتتىم . سىز بىلەن ئوينىسام ئاندىن سىزدەك چوڭ بولىمەن .
ئادىلجان شۇ گەپنى قىلىپلا دادىسىغا بىر چاپلاشقانچە ئاجرىغىلى ئۇنىمىدى . يالۋۇرۇپمۇ ، قورقۇتۇپمۇ ، گۆللەپمۇ بالىنى يىيىتىدىن ياندۇرالمىغان سۇلايمان تۇردى ئاخر ئۇنى توپ مەيدانىغا بىرگە ئېلىپ باردى . جىددىي مەشىق بولىۋاتقان ۋاسكىتبول مەيدانىدا ئادىلجان چوڭلار ئارىسىدا ۋاسكىتبول قاياققا ئۇچسا شۇ ياققا يۈگۈرۈپ مەيداننى قالايمىقانلاشتۇرۇپ توپ قوغلاشقا باشلىدى . ئۇنى دادىسىمۇ ، باشقىلارمۇ ئالداپ ئالدىغا بىرمۇنچە توپلارنى دۆۋىلەپ بېرىۋىدى ، ئۇ توپلارنى ئۇيان – بۇيانغا چۆرۈپ تاشلاپ يەنە رەسمىي مەشىق مەيدانىدىكى جىددىي مۇسابىقە ئارىسىغا كىرىۋالدى . ئاخىر بولالماي بىرقانچە كوماندا ئەزالىرى ئادىلجان بىلەن رەسمىي مۇسابىقە شەكلىدە يۈگۈرۈپ ، پاس بېرىشىپ گارغا توپ ئېتىپ ئوينىشىپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى . مانا شۇ كۈندىن باشلاپ ئادىلجان توپ مەيدانىدا دادىسىنىڭ ئارقىسىدىن توپ قوغلاپ يۈرىدىغان بولدى . ئۇنىڭ بالىلار بىلەن ئوينايدىغان ئويۇنى ئازلاپ ، توپ مەيدانىدا چوڭلار ئارىسىدا توپ ئوينايدىغان ۋاقتى ئۇزىراشقا باشلىدى . مەشىق مەيدانىدا ، رەسمى مۇسابىقە مەيدانىدا جىددى توپ ئوينىلىۋاتقاندا ، چوڭلار ئارىسىدا دەسسىلىپ-سوقۇلۇپ كىتىش خەۋپى ئىچىدە ئادىلجان چوڭلارغا ئەگىشىپ قالايمىقان يۈگۈرۈپ يۈرسە مۇسابىقە مەيدانىدىكىلەر ئەمدى بۇرۇنقىدەك ئەنسىر مەيدىغان، جىددىلەشمەيدىغان ، خۇدۇكسىرمەيدىغان بولدى. تەنھەركەتچىلەر كۆنۈپ قالدى.
–مەنمۇ ئاداشلىرىم بىلەن ئوقۇيمەن .
بىركۈنى ئادىلجان كەچتەھەممە ئاداشلىرىنىڭ ئۆيىگەكىرىپ دوسىتلىرنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقىننى كۆرۈپ ئويىگە كىردى .
-بالام، سىز ئەمدى ئالتە ياشقا كىردىڭىز . ئۇيغۇرچىدا تەييارلىق سىنىپ يوق. ئاداشلىرىڭىز خەنزۇچە مەكتەپتە تەييارلىق سىنىپتا ئوقۇيدۇ . سېز كىلەر يىلى خۇدار خالىسا ئۇيغۇرچە مەكتەپنىڭ بىرىنجى يىللىقىدا ئوقۇيسىز .
-ياق، مەن ئاداشلىرىمدىن ئايرىلمايمەن . ئاداشلىرىم قايسى مەكتەپتە ، قايسى سىنىپتا ئوقۇسا مەنمۇ شۇ سىنىپ ، شۇ مەكتەپتە ئوقۇيمەن .
بالىنىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلىدىغان سۇلايمان تۇردى بىلەن نۇرىمانخان خەنزۇ قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئادىلجاننىڭ ئەھۋالىنى دەپ مەسلىھەت سورىدى . قوشنىسى ئۇلارنى خەنزۇچە مەكتەپكە باشلاپ بېرىپ سۆزلىشىپ ئۆزىنىڭ بالىسى ئوقۇشقا كىرگەن تەييارلىق سىنىپقا ئادىلجاننى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى . ئادىلجاننىڭ خەنزۇ تىلىنى خەنزۇ بالىلار بىلەن ئوخشاش سۆزلىيەلەيدىغانلىغىنى كۆرگەن مەكتەپ مۇدىرى بىلەن سىنىپ مۇدىرى ئادىلجاننى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى . ئادىلجان مەھەللىدىكى تۆت دوستى بىلەن بىر سىنىپقا كىرەىنى ئۈچۈن خوشال بولۇپ سەكرەپ كەتتى . دوستلىرىمۇ خوشال بولۇشتى . ئۇلار ھەر ئەتىگىنى بىر- بىرىنى چاقىرىشىپ مەكتەپكە بىللە باراتتى ، بىللە قايتاتتى ، كەچتە يەنە يىغىلىپ بىللە تاپشۇرۇق ئىشلەيتتى ياكى بىللە دەرس تەكرارلايتتى. بىللە ئوينايتتى، ئادىلجان يەنە دوستلىرىنىڭ بىشىنى بىر يەرگە قوشۇپ،ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش ، ئۈگىنىش قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلاتتى. دوستلىرى ئۇنىڭ گىپىنى بەك ئالاتتى . ئارىدىن ھەپتە – ئون كۈن ئۆتتى ، بىر كۈنى ئادىلجان ئەتتىگەندە مەكتەپكە كېتىپ بىر سائەت ئۆتەر – ئۆتمەيلا يىغلاپ قايتىپ كەلدى . نۇرىمانخان قورقۇپ كەتتى.
__ نىمە بولدىڭىز؟...  
__ مانا ماۋۇ قولۇمغا قارىڭە. قولۇمنى قانىتىۋەتتى. ئوقۇمايمەن، مەكتەپكە بارمايمەن .
ئادىلجاننىڭ چىمچىلاق قولىنىڭ ئازراق تېرىسى يىرتىلىپ ئالقانلىرى قانغا بويىلىپ كەتكەنىدى. نۇرىمان خانىم ئادىلجاننىڭ قولىدىكى قانلارنى تازىلاپ تاڭغاچ سورىدى:
__ قولىڭىز قانداق بولۇپ يىرتىلىپ كەتتى؟
__ سىنىپتىكى بالىلار مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمايدىكەن. مەن دېگەندەك ئىش قىلمايدىكەن . دوستلىرىممۇ گېپىمنى ئاڭلىمايدىغان بولۇۋالدى. سىنىپتىكى بىر بالىنى بۇ يەرنى سۈپۈر دىسەم سۈپۈرگىلى ئۇنىمىدى. سۈپۈرگىنى ئېلىپ ئۇنى ئۇرسام قولۇمدىكى سۈپۈرگىنى تارتىۋالىمەن دەپ سۈپۈرگىگە ئېسىلدى . بەرمىسەم قولۇمنى يىرتىۋەتتى . ئالە، مانا دەپ سۈپۈرگە بىلەن ئۇ بالىنى ئۇرۇپ،بۇرنىنى قانىتىۋىتىپ قېچىپ كەلدىم تازا.مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىسا شۇ بالىلار بىلەن ئوقۇيتتۇم . گېپىمگە ماقۇل دېمىگەندىكىن ئۇ بالىلار بىلەن ئاداش بولمايمەن ھەم بىللە ئۇقۇمايمەن.
نۇرئىمانخانمۇ سۇلايمان تۇردىمۇ جىق يالۋۇردى. مۇئەللىممۇ كېلىپ يالۋۇردى. ئادىلجان مەكتەپكە بارغىلى ئۇنىمىدى. مەھەللىدىكى دوستلىرى يالۋۇرسىمۇ بارغىلى ئۇنىمىدى. ئاخىر بولماي نۇرىمان خانىم ئۆزى مۇئەللىملىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە باشلانغۇچ مەكتەپكە ئاپىرىپ ، ئۆزىنىڭ بىرىنچى يىللىق سىنىپىغا ئەكىرىپ ئوقۇتۇشقا مەجبۇر بولدى . ئادىلجان سىنىپقا كىرە-كىرمەيلا ئۆزى تېخى تۈزۈك ھەرپ تونۇمايدىغان تۇرۇپ بالىلارنى باشقۇرغىلى تۇردى. سەن ئاۋۇ ئۇرۇندا ئولتۇر. سەن ماۋۇ بالا بىلەن ئولتۇر. تۈز ئولتۇرۇڭلار...

__ ئانا...مۇئەللىم ئانا، بۇ دەرسنى ئۆتۈشىڭىز بولمىدى، دەرسنى مانداق تۇرۇپ ئۆتمەمسىز،-ئادىلجان يۈگۈرۈپ چىقىپ دوسكىدا دەرس ئۆتۈۋۈتقان ئانىسىنىڭ قولىدىكى كىتاپقا ئېسىلدى. بالىلار پاراقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.
__ دوسكىغا يازغان خەتلەرنى كىم ئوقۇيالايدۇ،-بالىلار جىممىدە ئولتۇرۇشتى.  
__ تۈنۈگۈن ئۆتكەن دەرسنى بىر كېچىدە ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ بالىلار يەنە كۆزىنى پاقىرىتىپ جىممىدە ئولتۇرۇشتى .  
__ خانىم ئانا ، مەن ئوقۇپ باقاي.  
__ ئادىلجان سىز بىلمەيسىز ، جىم ئولتۇرۇڭ.
__ سىز بىلگەننى نېمىشقا مەن بىلمەيدىكەنمەن.
__ بۇ دەرسنى ئۆتكەندە سىز يوقتىڭىز. سىز ئاۋۋال ھەرپلەرنى تونۇڭ، بۇ خەتلەرنى ئوقۇشقا تېخى ۋاقتىڭىز بار، جىم ئولتۇرۇڭ ، ئىنتىزامنى بۇزماي. مەن سىزنى شۈك ئولتۇرۇڭ دەۋاتىمەن .
__ ياق، مەن ئوقۇيمەن ، بىلمىسەممۇ ئوقۇيمەن . بالىلار يەنە پاراقلاپ كۈلۈشتى .
__ ھە ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ. ئادىلجان ئورنىدىن تۇرۇپ دوسكىدىكى خەتكە،ئانىسىغا نۆۋەت بىلەن قاراپ:  
__ سىز خانىم بولغاندىكىن بىر ئوقۇپ بىرىسىز، ئاندىن مەن ئوقۇپ بېرىمەن . سىز خانىم تۇرۇپ ئوقۇپ بەرمىسىڭىز مەن قانداق ئوقۇپ بىرىمەن؟ بالىلار پاراقلاپ كۈلۈشۈپ سىنىپ تەرتىۋى قالايمىقانلىشىپ كەتتى، نۇرىمان خانىم غەزەپتىن تىترەپ ئادىلجانغا جان ئاچچىقى بىلەن مىختەك قادالدى .
__ ئوقۇمامسىز ، سىز ئوقۇغاندىن كېيىن مەن ئوقۇيالماي قالسام ئاندىن ئالىيىڭ. ئادىلجان قارا كۆزلىرىنى ھەيرانلىق بىلەن ئانىسىغا تىكىپ تەپ تارتماستىن قاراپ تۇرىۋەردى. ئانا غەزەپتىن ئۆزىنى ئاران بېسىپ ئاۋازى تىترىگەن ھالدا ئاران ئوقۇدى . نۇرىمان خانىم خەتنى ئوقۇپ ئاىغى چۈشمەيلا ئادىلجان ئانىسىنى دوراپ يادقا ئوقۇپلا ئۈلگۈردى .
__ قانداق ، بىلەمدىكەنمەن . خانىم ئۈگەتسە بىردەمدە بىلىۋالىمەن ، مېنى ياخشى دەڭ.
بالىلار يەنە كۈلۈشۈپ كەتتى، نۇرىمان خانىم بالىلارنى دەرس تەييارلاشقا ئۇيۇشتۇرۇپ قويۇپ ، ئادىلجاننى يېتىلەپ يەنە بىر بىرىنچى يىللىقنى ئوقۇتىۋاتقان دوستىنىڭ سىنىپىغا كىردى . دەرس ئۆتۈۋاتقان دوستى ئانا-بالا ئىككەيلەننى كۆرۈپلا كۈلۈپ تاشلىدى. چۈنكى ئادىلجان ھەييارلىق بىلەن كۈلگەن ،نۇرىمان خانىم بولسا كۆزلىرىدە ياش كىرىپ كەلگەنىدى .
__ ئادىلجان سىزنىڭ سىنىپىڭىزدا ئوقۇسۇن، سىزدىن ھېيىقىپ جىم ئولتۇرار .
__ ئانىڭىزنى بوزەك قىلغاندەك قىلالمايسىز، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلايسىز – ھە ئادىلجان . شۇنداققۇ؟ ئاڭلىمىسىڭىز مەن ئانىڭىزدەك ياۋاش ئەمەس.
__ مەن ئانامنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ، ئانام مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىغىلى ئۇنىمىدى.
__ بۇ خانىمىڭىزنى خاپا قىلسىڭىز ماڭا ئوخشاش يۈز – خاتىرە قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. تازا ئەدىپىڭىزنى بېرىدۇ، جىم ئولتۇرۇپ ئوقۇڭ جۇمۇ. مېنى ئۇنداق تويغۇزماڭ.
__ مەن سىزنىمۇ خاپا قىلمىغان ، ئۆزىڭىز خاپا بولدىڭىز،- ئانا كۈلۈپ تاشلىدى . ئادىلجان سىنىپتا قالدى. بىر ھەپتە ناھايىتى چىرايلىق ئۆتتى . ئادىلجان دەرسلەرنى ئوبدانلا ئوقۇپ ، ھەرپلەرنى تونۇپ مۇئەللىمى بىلەنمۇ ، بالىلار بىلەنمۇ چىقىشىپ قالدى، سۇلايمان تۇردى بىلەن نۇرىمان خانىم ئەمدى ئوھ دەپ تۇرۇشىغا ئادىلجان يەنە ئوقۇمايمەن دەپ غەلۋە كۆتۈردى.    
__ مەن خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇيمەن ، ئۇيغۇرچە مەكتەپكە تويدۇم. سۇلايمان تۇردى بىلەن نۇرىمان خانىم خاتىرجەملىك بىلەن ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىنى دەۋېتىپ ھويلىدا كۈچۈك بىلەن توپ قوغلىشىپ ئويناۋاتقان ئادىلجانغا قاراپ بىر دەم تۇرۇپ قالدى ، سۇلايمان تۇردىنىڭ سەپرايى تۇتۇپ :
__ ما بالا ئادەمنى نېمانداق زاڭگىل قىلىپ ئوينايدۇ.
__ يا سىزدىن ، يا مەندىن ،ھىچكىمدىن ھىيىقمىسا ، تەپ تارتىشىنى بىلمىسە ، چوڭ بولسا قانداقراق ئادەم بولار بۇ بالا . چوڭ بولغانچە خۇدايىم كۆڭلىگە ئىنساپ بېرىپ ئەقلىگە كېلەرمۇ يا...
__ ئەمدى ئالتە ياشنىڭ قارىسىنى ئالار-ئالماي غەلۋىسىنى كۆتۈرۈپ بولالمىساق ئەتە – ئۆگۈن قانداق قىلارمىز؟! ئەمدى ئۇنى تىزگىنلىمىسەك بولمىدى. بۇنداق ئەركە كېتىۋەرسە چوڭ بولسا بالا ئەمەس بىشىمىزغا بالا بولىدۇ.
__ ئۆزىڭىز جاھاندا بىرلا بالىمىز دەپ ئەتىۋارلاپ بالىنى مۇشۇنداق كۆندۈرۈپ قويدىڭىز . بولمىسا كىچىكىدىنلا ئوبدان نوختىلاپ چوڭ قىلغان بولساق ، خەقنىڭ بالىلىرىدەك ئاتا-ئانىسى گەپ قىلسا غىڭ قىلمايدىغان ،تۇر دېگەن يەردە تۇرىدىغان ، ماڭ دېگەن يېرىگە ماڭىدىغان ئادەم بولار ئىدى. مانا ئەمدى سىزنىڭمۇ، مېنىڭمۇ گېپىمنى بىر پۇلغا ئالمىسا ، مەكتەپتە مۇئەللىمىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسا ،خىيالىغا نېمە كەلسە شۇنى قىلىمەن دەپ ئۆزى خان، ئۆزى بەگ بولسا، بالامنى باشقۇرۇپ بېرىڭ دەپ كىمنىڭ ئالدىغا بارىمىز؟! –نۇرىمانخان كۆز يېشىنى ئېتىكى بىلەن سۈرتۈپ يىغلىغىلى تۇردى.  
__ دوختۇر سىزنى يەنە تۇغسا بولمايدۇ، خەتەرلىك دېگەن تۇرسا. ئەمدى مۇشۇ بىرلا بالىمىزنى ئەركىن-ئازادە چوڭ بولسۇن دېدۇق. بالىنىڭ مۇشۇنداق ئۆزى خالىغاننى دەپ، خالىغاننى قىلىپ چوڭ بولغىنى ياخشى. بۇنڭدىن كېيىن تۇر دېگەن يەردە ماڭ دېمىگۈچە تۇرىدىغان ، بىر كىم ماڭىدىغان يولىنى كۆرسىتىپ بەرمىسە يولىنى تاپالمايدىغان ، خەقنىڭ ئۆزىنى باشقۇرۇشىنى كۈتۈپ تۇرىدىغان ، كىم كېلىپ مېنى ئىشقا بۇيراركىن ، ماڭا ئىش بىرەركىن دەيدىغان ، بالىلار چوڭ بولسىمۇ مۇستەقىل چىقىش يولى تاپالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈ پ قالىدۇ. مەن ئوغلۇمنى مۇشۇنداق قورقۇمسىز، ئۆزى خالىغاننى قورقماي دەيدىغان ، قىلالايدىغان ، چوڭغا كىچىكلىك قىلمايدىغان ، كىچىككە چوڭلۇق قىلمايدىغان ھەممىگە باراۋەر ، ئۆزى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ گەپ قىلالايدىغان قىلىپ چوڭ قىلىمەن . ئۇنى قورقۇتۇپ ئەمەس ، چرايلىق گەپلەر بىلەن كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باقايلى. چىرايلىق دېسەك ئۇنى كۆندۈرگىلى بولار . سىزمۇ مائارىپچى ، مەنمۇ مائارىپچى ، دۇنيالىقتىكى بىرلا بالىمىزنى ئەلگە يارىغۇدەك ئادەم قىلىپ قاتارغا قوشالمىساق بولماس. !سۇلايمان تۇردى سۆزلىگەنچە ئېچىلىپ بايامقى تەرسالىقى تارقىلىپ كەتتى، نۇرئىمانخانمۇ كۈچۈك بىلەن توپ قوغلىشىپ خاتىرجەم ئويناۋاتقان ئادىلجانغا ئانىلىق مېھرى بىلەن كۈلۈمسىرەپ ئۇلۇغ- كىچىك تىندى .
__ سىز ناھايىتى ئەقىللىق ياخشى بالا . كۈچۈككە ، خورازغا، كەپتەرگە گەپ ئۈگىتىسىز . شۇنداق ئېسىل ناخشا ئېيتالايسىز . مۇشۇنداق ياخشى بالا مەكتەپكە بارمىسا ، ئوقۇمىسا كېيىن كۈچۈككە ، خورازغا ، كەپتەرگە گەپ ئۈگىتەلمەيدىغان ، ناخشىمۇ ئېيتالمايدىغان توپمۇ ئوينىيالمايدىغان بولۇپ قالمامدۇ ؟ سۇلايمان تۇردى ئاستا سۆزلىدى .
__ مەكتەپكە بارمىسام توپمۇ ئوينىيالمايدىغان بوپ قالامدىم ؟
__ ئەلۋەتتە ، توپ ئوينايدىغان بالىلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپتە ئوقۇمىسا ياخشى ئوينىيالمايدۇ . ئادەم كىچىك چېغىدا مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمىسا چوڭ بولغاندا ھېچنېمە قىلالمايدۇ . ھەتتا گەپمۇ قىلالمايدۇ.
__ راستمۇ ئانا ؟
__ راست ، دادىڭىزمۇ مەكتەپتە ئوقۇمىغان بولسا ھەرگىز ھازىرقىدەك توپنى ياخشى ئوينىيالمايتتى .
__ ئەمىسە مەن مەكتەپكە بىرىپ ئوقۇي. بىراق ، ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇمايمەن ، خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇيمەن .
__ ئالدىدا خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇڭ دېسە جېدەل قىلىپ بارغىلى ئۇنىمىدىڭىز ، ئەمدى يەنە شۇ مەكتەپتە ئوقۇيمەن دەيسىز. گېپىڭىزدە تۇرمايدىغان بولسىڭىز ھەرگىز مەندەك توپچى بولالمايسىز ، -دېدى سۇلايمان تۇردى .
__ ئەمىسە مەن گېپىمدە تۇراي ، ئەمدى خەنزۇچە مەكتەپكە بەرسىڭىز ھەرگىز جېدەل قىلمايمەن . بالىلار بىلەن ئۇرۇشمايمەن .
__ ئۇنداق بولسا ۋەدىلىشەيلى !
__ ماقۇل ، ئەكېلىڭا قولىڭىزنى ، ئانا سىزمۇ قولىڭىزنى ئەكېلىڭ ، بىز قول باغلىشايلى . ئەمدى جېدەل قىلمايمەن .    `~ "    
__ ئانىڭىز گۇۋاھچى بولسۇن ، ئىككىمىز قول بېرىشەيلى .
__ ياق ، كۈچۈكۈم گۇۋاھچى بولسۇن . ئاتا-بالا-ئانا ئۆز ئارا قول باغلاشتى . كۈچۈك تىللىرىنى چىقىرىپ ھاسىراپ قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپ قاراپ تۇردى .  
__ بىز سۇلايمان تۇردى بىلەن نۇرئىمانخان سىز ئادىلجاننى خەنزۇچە مەكتەپكە بەرسەك قانداق ئوقۇيسىز؟
__ مەن ھەممە ئويۇنچۇقنى ئويناپ ، خانىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، جېدەل قىلماي ياخشى ئوقۇپ ، چوڭ بولغاندا سۇلايمان دادامدەك بەك توپ ئوينايمەن . توپ ئويناشتا دادامنى ئۇتۇۋالىمەن .  
__ بۇنىڭغا كىم گۇۋاھ؟  
__ مېنىڭ كۈچۈكۈم ، كەپتىرىم ، خورىزىم گۇۋاھ ، چىدىماسلىق قىلمايمەن .
__ خوتەندە بىرنى بىر دەيتمىز . گېپىمىز گەپ ، ۋەدىمىز ۋەدە ، جۇمۇڭ ئەمىسە ، يانماڭ!
__ ۋەدىمىز ۋەدە . سۇلايمان تۇردى بىلەن نۇرىمانخان ۋېي يىڭكى ئىسىملىك چامباشچىلىق تېرنېرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئادىلجاننىڭ ئەھۋالىنى سۆزلىدى . ۋېي يېڭكى ئادىلجانغا بەك ئامراق ئىدى ، ئۇ يەنە خەنزۇچە مەكتەپكە بىرىپ سۆزلىشىپ ، ئادىلجاننى ئىككىنچى قېتىم خەنزۇچە مەكتەپكە قايتا ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى .  
  
ئادىلجان جوڭگودىن چىققان ئىككىنچى " بوتېر " دەپ ئاتالدى .  
1982-يىلى 8- ئايدا دەندوڭدا مەملىكەت بويىچە ئۆسمۈرلەر ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئۆسمۈرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى مەملىكەتنىڭ ئالدىنقى ئون كوماندا ئىچىگە كىرىپ 9 – ئورۇنغا چىقتى . بۇ مۇسابىقىدە پۈتكۈل تەنھەركەت ساھەسى ،مۇسابىقىنىڭ بارلىق تاماشابىنلىرى ئادىلجانغا مەپتۇن بولۇپ قالدى . گويا پۈتكۈل مۇسابىقىنى پەقەت ئادىلجان ئوينىغاندەك ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزىدا ئادىلجانلا قالغانىدى. گېزىت ، تېلىۋىزىيە قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىدە ئادىلجان ھەققىدە بەس-بەستە ئېغىز – ئېغىزغا تەگمەي ماختاپ سايرىشىپ كەتتى . "قولىغا توپنى ئالسىلا ئاجرىماس شىلىمدا يەملىۋالغاندەك ماڭىدۇ " ، " ئىزىدىن تۇيۇقسىز قوزغىلىش سۈرئىتى ئاتىيازدىكى قۇيۇندەك تېز" دېگەن جۈملىلەر تاماشىبىنلار ئاغزىدىمۇ ، ئاخبارات ۋاستىلىرىدىمۇ ئۈزۈلمەي تەكرارلاندى. پۈتكۈل مۇسابىقىدە ئادەمنىڭ ئېسىدە قالىدىغان ئادەم ئادىلجان بولۇپ قالدى . ئۇنىڭ ئىزىدىن تۇيۇقسىز تېز قوزغىلىش ماھارىتى دەسلەپكى قەدەمدە پۈتۈن مەملىكەت ۋاسكىتبول ساھەسىنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىدى . «ئاۋغۇسىت» ئارمىيە كوماندىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى: «خوتەن رايونىدىن سىزدەك تالانتلىق ۋاسكىتبول چولپىىنىنىڭ چىقىشى ئادەم ئىشەنگىسىز مۆجىزە »دىدى .

ئادىلجاننىڭ شەخسى تور بېكىتى: http://adijiang.sports.cn I%

مەنبە ؛ئەركەم تورى
[ بۇ يازما باياۋان تەرپىدىن2009-04-29 09:00دە قايتا ]

تېما تەستىقلىغۇچى : ikin
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-04-29, 00:52

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-29 08:43 |
ئىزنا سودا بازىسى
باياۋان
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 69469
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1161
شۆھرەت: 1230 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 11550 سوم
تۆھپە: 100 نۇمۇر
ياخشى باھا: 95 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1360(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-04

 

خەلق گىزىتى تۇنجى بولۇپ «جۇڭگودىن چىققان ئىككىنچى بوتېر »سەرلەۋھىلىك ماقالە ئىلان قىلىپ ، ئادىلجاننى پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇشتۇردى . 1978-يىلى ئامرىكا ۋاسكىتبول كوماندىسى جۇڭگوغا كىلىپ جۇڭگو كوماندىسى بىلەن ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ئوينىغان. بۇ كوماندىدا مايمۇندەك چاققان ، شامالدەك تىز ،تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان بوتېر ئىسىملىك بىر پاكار ماھىر جوڭگۇلۇق تاماشىبىنلار قەلبىدە ئۇنتۇلماس تەسىرات قالدۇرغانىدى. جوڭگۇنىڭ ۋاسكىتبول مەستانىللىرى بوتېر ئۈچۈن خاتىرلەرنى قالدۇرغانىدى . مۇسابىقە جەريانى، ئارىلىقتىكى مەشىقلەر ، ساياھەت، كوچا ئايلىنىش چوڭ –كىچىك مۇسابىقىلەردە مىڭلاپ تاماشىبىن خوتەندىن چىققان جۇڭگولۇق بوتېرنى كۆرىمىز دەپ ، ئادىلجان قەيەرگە بارسا شۇيەرنى قىستانچىلىق قىلىپ بىرىۋالدى. كىشىلەر خاتىرە ،پارچە قەغەز ، قولىنىڭ ئالقىنى ، ھەتتا ئۈلگىرەلمىگەنلەر چايان ، كوڭلەكلىرنىڭ پەشلىرىگە قەدەر ئادىلجاننىڭ ئىمزاسىنى قويدۇرۋېلىشتى . مانا شۇنۇڭدىن باشلاپ ئادىلجان چولپان بولۇشنىڭ خۇشاللىقىدىن باشقا ، نۇرغۇن جاپا – مۇشەققەتلىك ، ئازاپلىق تەس ئىش ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم چۈشەندى. چولپانلىق ئۇنىڭ بارلىق ئەركىنلىكىنى يەپ كەتتى . ئۇ كوچىلاردا بۇرۇنقىدەك ئەركىن – ئازادە يۈرەلمەيتتى . مىڭلاپ ئادەملەر ئۇنى تونۇيتتى. ئۇ بولسا بىرىنىمۇ تونۇمايتتى. باققال،مۇزلۇق سۇ ساتقۇچى، كوچا ساقچىسى بارغانلا يەردە ئادەملەر ئۇنى ئاۋارە قىلىپ يولىنى توسىۋالاتتى . شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم ۋاسكىتبول مۇتەخەسسىسلىرى ئادىلجان پۇتبولدىن يېڭىلا ۋاسكىتبولغا ئالماشقاندا قايىل بولماي «تېزلىكىگىلا قىزىقىوپ بۇ پاكار بالىنى ۋاسكىتبولغا ئالغان بىلەن ، ھەتتا شىنجاڭ ياشلار ۋاسكىتبول كوماندىسىغىمۇ كىرگۈزگىلى بولمايدۇ » دەپ مۇلاھىزە قىلىشقانىدى . دەندوڭدىن پۈتۈن مەملىكەتكە تارالغان خەۋەر ئۇلار ئۈمىدسىز مۇلاھىزە قىلىشقان ئادىلجاننى پۈتۈن مەملىكەتكە جوڭگۇنىڭ ۋاسكىتبول ساھەسىدە يېڭى بىر چولپاننىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى جاكارلاپ ھەيران قالدۇردى . كەسپىي گېزىتلەر پات- پاتلا ئادىلجاننى ئۇنتۇپ قالماي تونۇشتۇرۇپ ، ھەر خىل تەھلىللەرنى ئېلىپ بېرىشاتتى . 1983 – يىلى 4 – ئايدا ئادىلجان شىنجاڭ ياشلار كوماندىسىغا رەسمىي قوبۇل قىلىندى . شۇ ئايدا مەملىكەتلىك ياشلار ۋاسكىتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شاڭشاڭ شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى. پۈتكۈل تەنھەرىكەت مەيدانىدا ئادىلجان دېگەن سادا خور ئورۇنلىغاندەك كۆتۈرۈلەتتى . بېيجىڭ تەنتەربىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، داڭلىق ، پىشقەدەم ۋاسكىتبول تېرىنېرى يۈگاڭ، ئالىي دەرىجىلىك تېرىنېر ماجىڭخۇڭ ئادىلجانغا چاپلىشىۋالدى. « بىزنىڭ مەكتەپكە كېلىڭ، بىزگە كىرسىڭىز ئالىي مەكتەپكە كىرگەن بولىسىز. ھە دېسىڭىزلا بىز قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ھازىرلا چىقىرىمىز » دەپ ئادىلجاننى ھەر كۈنى تەرەپ _ تەرەپلەرگە مېھمانغا ئاپىرىپ ئوينىتىشقا باشلىدى. يۆگاڭ ماجىڭجۇڭغا « ئاسماندىن چۈشكەندەك پەيدا بولغان قۇملۇقتىن كەلگەن بۇ تالانت تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۋالغىلى بولمايدىغان تەييار تەبىئىي بايلىق . مەيلى نېمە كىتىشىدىن، قانداق بەدەل بېرىشتىن قەتئىينەزەر، بۇ غەنىيمەتنى قولدىن بەرمەيلى» دەپ يوليۇرۇق بەرگەنىدى . سۇلايمان تۇردى بىلەن نۇرئىمانخان ئادىلجان شىنجاڭ تەنتەربىيە مەكتىپىنى پۈتتۈرسە خوتەنگە ئەكېتىپ ، بۇ بىر تال ئوغلىنى قېرىغاندا ھاسا تاياق قىلىپ تايىنىپ ئۆتمەكچى ئىدى . ئۇلار بۇ قارارىنى ئادىلجانغا قايتا-قايتا دېگەنىدى . ئادىلجان شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك بىردىنبىر ئەزاسى. سۇلايمان تۇردى بىلەن نۇرئىمانخاننىڭلا ئەمەس ، ئاللىقاچان شىنجاڭ تايىنىپ ئۆرە بولىدىغان ھاسىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. ئادىلجان بېيجىڭ تەنتەربىيە ئېنىستىتۇتىغا بارىدىغانغا ماقۇل بولدى. ۋاسكىتبولنى كۆتۈرۈپ دۇنيا ۋاسكىتبول سەھنىسىدە ئامېرىكىلىقلار بىلەن يۈزمۇ يۈز تۇرۇپ ئېلىشىدىغان پۇرسەتنىڭ دەرۋازىسىنى ئادىلجان بېيجىڭدىن كۆردى. ماجىڭخوڭ ئادىلجاننىڭ ۋاسكىتبول ئۈچۈن ھەممىدىن كېچىدىغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئادىلجان ئۈچۈن ساماۋى چۆچەكتەك بىلىنىدىغان دۇنيا سەھنىسىدە ۋاسكىتبول ئويناش پۇرسىتىنىڭ بېيجىڭدىن باشلىنىدىغانلىغىنى چۈشەندۈرۈپ ، ئادىلجاننىڭ قەلبىنى ئوۋلاپ ئۈلگۈرگەنىدى . ئادىلجان دۇنيا سەھنىسىگە چىقىپ ۋاسكىتبول ئويناش ئۈچۈن تەكلىپكە ، خوتەنگە، شىنجاڭغا تارتىشقان ئازابلىق ھېسسىياتىنى بېسىپ تۇرۇپ ماقۇللۇق بىلدۈردى. شىنجاڭ ئاچچىق چىچاڭشىپ ئادىلجاننىڭ بېرىشنى كەسكىن رەت قىلدى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قادىر سوپىنىڭ پىكرى كۈتمىگەن يەردىن شىنجاڭ ۋاسكىتبول ساھەسىنىڭ قارشى تەرىپىدىن چىقتى.
__ ئادىلجاننىڭ بېيجىڭ تەنتەربىيە ئىنىستىتوتىغا كىرىشى شىنجاڭنىڭ شان-شەرىپى . ئۇ مەكتەپكە بىزنىڭ دىيارىمىزدىن ئادەم ياراپ باققان ئەمەس. ئۇ يەردە ئالىي تەربىيە ئېلىپ كەلسە بىزگە مىڭلاپ تالانتنى بايقاپ يېتىشتۈرۈپ بېرىدىغان بىر ئالىي مۇتەخەسسىس بولۇپ كېلىدۇ . بولدى بېرەيلى . بىزدىن بىر ئادەم يۇقىرى ئۆرلىسە مىڭ ئادەم ئوشۇقىدىن تارتىدىغان ئىش قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ . مانا مەن تەستىقلىدىم . ھەرقانداق جاۋابكارلىق بولسا ئۈستۈمگە ئالىمەن . دەپ شىرەگە مۇشتلاپ تەستىقلىدى . تازا قايناۋاتقانلار ھاڭۋاققىنىچە بىر-بىرىگە قارىشىپ قالدى . 1983 – يىل 9 – ئايدا يەنى بېيجىڭغا بېرىپ يېرىم يىلدىن كېيىن جىياڭشىنىڭ گەنجۇ دېگەن يېرىدە ، مەملىكەت بويىچە ئون چولپان كوماندىنىڭ تاللانما مۇسابىقىسى بولدى . كۈتمىگەن يەردىن ئادىلجان بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلار ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈلدى . بۇنداق يېڭى چولپانلار تېخى بۇنداق ئالىي دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىگە ئالدىراپ قاتنىشالمايتتى . ئەنئەنىۋى قاراشلاردىن ھالقىغان بۇ ئالاھىدە يېڭى تۇغۇلغان چولپان ئۆزىنىڭ چۈشمەيدىغان بويىدەك ئالاھىدە شەخس بولۇپ ، باشقا چولپانلارغا نېسىپ بولمايدىغان بۇ پۇرسەتكە ئېرىشتى . جۇڭگونىڭ ۋاسكىتبول تارىخىدا مەملىكەتنىڭ ھەرقانداق كوماندىسى «1 – ئاۋغۇست» ئارمىيە كوماندىسىنى يېڭىپ باقمىغانىدى . ئادىلجان قاتناشقان كوماندا «يەڭگىلى بولمايدۇ»غان ، جۇڭگونىڭ 2 – دەرىجىلىك دۆلەت كوزۇرى كوماندىسىنى يېڭىپ بۇ تارىختا يېڭىدىن بىر بەتنى يازدى. ئارمىيە ياشلار ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ نوپۇزلۇق چولپىنى سۈن لىگاڭ غەزەپ ھەم ھەسرەت نادامىتىنى بېسىپ ئادىلجانغا ئۇزاقتىن – ئۇزاق قوشۇمىسىنى تۈرۈپ تىكىلىپ : « مۇشۇ پاكار مايمۇن بولمىغان بولسا ، بىز يېڭىلمەيتتۇق ، ئامما ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغۇسىنى كەلتۈرگىدەك چىرايلىق ئوينايدىكەن ، ئەگەر ئۇ بىزنىڭ بولغان بولسا ...» ئۇنىڭ تۈرۈلۈپ كەتكەن چىرايى ئېچىلىپ ئادىلجانغا يېقىنلىشىپ كەلدى .ئۇ يەنە:
__ مەن ئوتتۇرا ھۇجۇمچى ، مېنىڭ ئارقا تەشكىللىگۈچۈم يوق ، بىز بولۇپمۇ مەن سەندەك پۈتۈن مەيداندا تاكتىكىلىق ھۇجۇم ئۇيۇشتۇرغۇچى ، تالانتلىق تەشكىلاتچىغا مۇھتاج . ئىككىمىز بىللە ئوينىساق تازا ماسلىشاتتۇق . ئەڭ ياخشىسى ھازىر بىزگە كەل ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە كەلسەڭ بىز سېنى تۆت يىل ساقلىيالمايمىز. چوقۇم باشقا ئادەم ئىزدەپ تاپماي بولمايدۇ . ھازىر جۇڭگونىڭ داڭلىق ھۇجۇم تەشكىللىگۈچىسى ماليەنباۋ قېرىپ چېكىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا چوقۇم ماليەنباۋدەك كۈچلۈك ھۇجۇم تەشكۈللۈگۈچى بولمىسا بولمايدۇ . ئۇ ئادەم دەل سەنكەنسەن. سەندىن باشقا ئۇنىڭ ئورنىنى ئالالىغۇدەك ئادەم تاپماق تەس،- دېدى.
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش كېرەكمۇ ؟ ياكى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي كوماندىسىنىڭ بىرى بولغان مەشھۇر « 1 – ئاۋغۇست» ئارمىيە كوماندىسىغا كىرىش كېرەكمۇ؟ ئادىلجان ئۇيان ئويلاپ – بۇيان ئويلاپ ھېچ جاۋاب تاپالماي يىراق خوتەندىكى دادىسى ، ئانىسىغا خەت يازدى. «مېنىڭ ئاخىرقى ئارزۇيۇم دۆلەتنىڭ ئالىي كوماندىسى بولغان « 1 – ئاۋغۇست» ئارمىيە كوماندىسىغا كىرىش ئىدى . مەن شۇڭا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ ئارمىيە كوماندسىغا كىرىشنى قارار قىلدىم . مەكتەپكە ئىستىپا بەردىم » دەپ خېتىنى ئاخىرلاشتۇردى . ئۆيىدىن جاۋاب بولمىدى . مەكتەپ قويۇپ بەرمىدى. مۇدىر بىلەن ئۈچ قېتىم سۆزلىشىۋىدى، ئۈچىلا قېتىم ئاچچىق رەت قىلدى. مۇدىر ئارمىيە كوماندىسىنى « تەييارغا ھەييار نان قېپىلار ، بىز سېنى بايقاپ ئەكەلگەندە ئۇلار نەدە قاپتىكەن» دەپ قاغاپ ، ئادىلجاننى «ۋاپاسىزلىق » قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. ئادىلجان ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپمۇ ئارمىيە كوماندىسىغا كىرگىلى بولمايدىغان ئالتۇن دەرۋازا ئىكەنلىكىنى ، ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ئارزۇسىغا كۈتمىگەندە بالدۇر يېتىشنىڭ پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى قايتا – قايتا چۈشەندۈرسىمۇ مۇدىر « ئارمىيە كوماندىسى لەڭنىڭ نوچىسىنى ، ئادەمنىڭ سەرخىلىنى بۇلاپ – تالاپ ئېلىپلا داڭق چىقارغان . مەن سېنى ھەرگىزمۇ بۇلاتقۇزمايمەن . ئەسلىدە تالانتلىق ئادەملەر ئالىي مەكتەپتە بولۇشى كېرەك » دەپ ئۆز قارىشىدا چىڭ تۇرىۋالدى . ئاخىر ئادىلجاننىڭمۇ جاھىللىقى تۇتۇپ ئىككىسى سوقۇشۇپ قالدى. مەكتەپ مۇدىرى شىنجاڭغا دەرھال خەت يېزىپ « ئارمىيە كوماندىسى ئادىلجاننى قايمۇقتۇرۇپ بۇلاپ كەتمەكچى، ئادىلجانمۇ بىزدىن يۈز ئۆرۈپ ئۇلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى، بىز ئادىلجاننى ئارمىيەگە بۇلاتقۇزماي شىنجاڭغا قايتۇرۇپ بېرىمىز. ئارمىيە كوماندىسىغا ھەرگىز بەرمەيمىز » دەپ ئۇزاقتىن – ئۇزاق دادلىدى. شىنجاڭ دەرھال ئادىلجاندىن رەنجىدى . ئادىلجاننى «بۇلاپ» ئەكەتمەكچى بولغان ئارمىيە كوماندىسىنىڭ ئالىي تېرنېرى ، دۇنياغا مەشھۇر ۋالىبول خانىشى لاڭ پىڭنىڭ قېينئاتىسى بەي لاڭۋۇ ئەپەندى ئادىلجاننى «بۇلاش» ئۈچۈن تولا يول توسۇپ ھالىدىن كەتتى. ئەمما قاماللىغاننى يۇلۇۋالماي قويمايدىغان بۇ قېرى بۈركۈت بېيجىڭ تەنتەربىيە ئىنىستىتوتىنىڭ تىلى بويىچە «بۇ كونا قاقۋاش قاراقچى » بۇنداق ئېسىل ئولجىنى جان چىقسىمۇ بۇلىغىنى بۇلىغانىدى . شۇنچە ئاۋارە بولۇپ ھېرىپ – چارچىغان ، تەھدىتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ ، بۇ بۇلاڭچىلىق نىيىتىدىن يانمىدى . مەكتەپ بۇ قېرى قاراقچىغا تاقابىل تۇرۇپ بولالماي ، ئادىلجاننىڭ بارلىق رەسمىيەت ، ھەتتا بېيجىڭدا ئەڭ تەس بولغان نوپۇس رەسمىيىتىنىمۇ شىنجاڭغا ئەۋەتىۋەتتۇق دەوپ بەرگىلى ئۇنىمىدى. بەي لاڭۋۇ ئادىلجاننى ئېلىپ شىنجاڭغا كېلىپ ھېچيەردىن ئادىلجاننىڭ رەسمىيىتىنى تاپالمىدى. ھېچ ئىلاج قىلالمىغان بەي لاڭۋۇ بىر ھازا بېشىنى تاتىلاپ ئولتۇرۇپ بىر ئەقىل تاپتى . ئۇ ئادىلجاننى ئېلىپ دەرھال خوتەنگە ئۇچتى . خوتەندە ئادىلجاننىڭ بالا چاغدىكى نوپۇسىغا ئاساسەن ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ يوليورۇقى بويىچە خوتەندە يېڭىدىن نوپۇس تىزىملاپ بارلىق رەسمىيەتلىرىنى خوتەندىن يۆتكەپ ، ئۈچ كۈن ئىچىدە ئادىلجاننى بېيجىڭغا ئېلىپ كەتتى . بېيجىڭ تەنتەربىيە ئېنىستىتوتى ، دۆلەت تەنتەربىيە كومىتېتى شىنجاڭ تەنتەربىيە كومىتېتىغا ئادىلجاننىڭ بۇلاپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە قايتا – قايتا ئەرز – شىكايەت قىلىشنى توختاتمىدى . شىنجاڭنى بۇ ئەرزدە ئالدىنقى قاتاردىكى دەۋاگەر بولۇشقا توختىماي ھەيدەكچىلىك قىلدى. شىنجاڭ تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەشھۇر كۈرەش قەھرىمانى ليۇخۇلەننى پارتىيىگە تونۇشتۇرۇپ دۆلەتتە ئالاھىدە نوپۇز ھەم ئىمتىيازغا ئىگە بولغان لۇمىڭ خوتەن تەنتەربىيە كۆمىتېتىغا ئۆز قولى بىلەن غەزەپلىك تېلېگىرامما يوللاپ « ئەگەر خوتەندە كىم ئادىلجانغا رەسمىيەت بىجىرىپ بىرىدىكەن، مەن پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە بولۇش سۈپىتىم بىلەن جازاغا تارتىمەن » دەپ قاتتىق يوليورۇق بەردى ، ئەمما بۇ پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى ليۇخۇلەننىڭ كومپارتىيىگە تونۇشتۇرغۇچىسىلىق ئالىي سالاھىيەتكە ئىگە كىشى بۇيرۇق بەرگەندە ، يەنە بىر پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى ئادىلجاننى ئاللىقاچان بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىپ ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ھەربىي دەپتىرىگە پۈتۈپ ، پولات قورغاندا ئۆزىنىڭ بىر قوللۇق شاگىرتى ، ئادىلجانغا خاس تېرىنېر بولۇپ ئۆزى مەشىققە سېلىۋاتاتى. «ماۋۇ قېرى قاراقچىنىڭ چاققانلىقىنى كۆر. ئادەمنى شۇنداقمۇ بوزەك قىلامدۇ » دەپ تازا چېچاڭشىدى لۇمىڭ. بۇ 1984 – يىلى بولۇپ ، 1985 – يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىنىڭ جىددىي تاييارلىق مەزگىلى ئىدى. ئارىدىكى ئارسال پەيتتە بەي لاڭۋۇ ئەپەندى ئادىلجاننىڭ ئاتا – ئانىسىغا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە ئادىلجانغا ئون كۈنلۈك ئاتا- ئانىسى بىلەن دىدارلىشىپ قېنىۋىلىش پۇرسىتى بەرگەنىدى. شىنجاڭ تەنتەربىيە كومىتېتى ئادىلجان بىلەن دادىسى سۇلايمان تۇردىنى ئۈرۈمچىگە ئاچىقىپ دادا- بالا ئىككىسىگە خىزمەت ئىشلىدى. سۇلايمان تۇردى: «بۇ بالا كىچىكىدىن تارتىپ مېنىڭ دېگىنىمنى ئەمەس، ئۆزىنىڭ دېگىنىنى قىلىپ چوڭ بولغان . مېنىڭ گېپىمگە كىرىدىغان ئىش بولسا ھازىرلا خوتەنگە ئەكەتكۈم بار. گېپىمگە كىرمەيدۇ » دېدى. تەنتەربىيە كومىتېتى ئادىلجان بىلەن تۆت قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
__ سىز شىنجاڭلىق . مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە شىنجاڭ ئۈچۈن ئويناپ شىنجاڭغا شەرەپ كەلتۈرسىڭىز شىنجاڭدىكى ھەرقانداق ئالىي مەكتەپتە ئوقۇسىڭىز ئوقۇتۇپ ، شىنجاڭنىڭ باش تېرىنېرى قىلساق، - دەپ يالۋۇردى.
__ مۇسابىقەدە غەلبە قىلىش يالغۇز بىر ئادەم بىلەن بولمايدۇ. مەيداندا بەش ئادەم بىر – بىرى بىلەن تولۇق ماسلىشىپ ئوينىغاندىلا ئاندىن غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ، ئەمما سىلەر مەن بىلەن ماس ئوينايدىغانلارنى يېتىشتۈرەلمىدىڭلار ، - دەپ ئۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈردى.
مۇشۇنداق چاغدا «شىنجاڭدەك تەرەققىي قىلمىغان ئاز سانلىق مىللەت چېگرا رايونىنىڭ ئاران بىر چولپىنىنى ئارمىيە كوماندىسى بۇلاپ كەتسە ، ئارمىيە بىلەن ئاز سانلىق مىللەت خەلقىنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىدۇ » دېگەن پىكىر چىقتى . مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بۇ پىكىرنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى ھەم ناھايىتى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدى . بۇ ئىشنى مەخسۇس بىر تەرەپ قىلىشقا رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇپ شىنجاڭغا ئەۋەتتى . شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىغا ھەر قايسى جەھەتلەردىن ياردەم بېرىپ ، شىنجاڭ بىلەن تېزلا چۈشىنىش ھاسىل قىلدى .
ئادىلجان شۇنداق قىلىپ تارىختا ئۇيغۇرلار دۆلەت ئارمىيە كوماندىسىغا كىرىپ باقمىغان ، كۆلەت كوماندىسىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئالىي كوماندىغا كىرگەن تۇنجى ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچى بولۇپ قالدى. دۆلەت كوماندىسىنىڭ نەزىرى ئادىلجانغا چۈشتى . ئۇ:ئۆلچەمگە توشمايدىغان مۇشۇ بويۇم بىلەن شىنجاڭدىن دۆلەت كوماندىسىغا لايىق ئادەم چىقمايدۇ ،دېگەن قاراشنى بۇزۇپ تاشلايمەن» دېدى .
ئادىلجان خوتەننىڭ تۈن قاراڭغۇ كېچىلىرىدە يالغۇز ۋاسكىتبول ئويناپ تەرلەپ ، پۇت-قوللىرىنى يوتكىكۈدەك مادارى قالماي ۋاسكىتبولنى قۇچاقلاپ ئىزىغا ئولتۇرۇپ ، جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا قاراپ ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇشۇ ۋاسكىتبولنى قۇچاقلاپ جۇڭگونىڭ ئالىي ۋاسكىتبول سەھنىسىدە جۇڭگونىڭ گېگانىت ئادىمى ، ئىككى مېتىر يىگىرمە سەككىز سانتىمېتىر بويى بار قاپاقتېرەكتەك يوغان مۇتېيجۇ بىلەن ۋاسكىتبول تالىشىپ ئوينىسام ، تۆگىنىڭ ئايغىدىن بۇغۇزنى چىشلەپ قاچقان ئوغلاقتەك ئۇ پالاكەت يوغان چولپان ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ بولغۇچە مەن توپنى ئىلىپ بارىدىغان يەرگە بىرىپ بولسام ، تاماششىبىنلار قانچە كۈلۈشۈپ كىتەر . ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن بىرسەپتە تۇرۇپ ئوينىسام ، ئۇ گارنىڭ يىنىدا تۇرۇپلا بەرسە، مەن مايمۇندەك سەكرەپ يۈرۈپ توپ ئەپقېچىپ ئەكىلىپ بەرسەم ، ھىچكىمنىڭ بويى سەكرەپمۇ يىتەلمەيدىغان گار بىلەن تەڭ بۇ ئادەم توپنى بىشىغا دوپپىسىنى كىيگەن دەكلا سىلىپ قويسا قالتىس نەتىجە ئالىدىكەنمىز. بىزنى ھىچكىم يىڭەلمەيدىكەن دەپ ئاجايىپ خۇشاللىقتا چۆمۈپ، ھارغانلىقىنى ئۇنتۇپ «شۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق مەشىق قىلىش كىرەك » دەپلا سەكرەپ قوپۇپ، تۈن قاراڭغۇسىدا يەنە يالغۇز ۋاسكىتبول قوغلاپ كەتكەنىدى.مانا ئەمدى خۇدا راسىتتىنلا مۇتىيجۇنىڭ ئالدىغا ئەكلىپ يوغان تايغان بىلەن پاپا كۈچۈك سەكرىشىپ ئوينىغاندەك راسىتتىنلا بىر سەپتە تۇرۇپ توپ ئويناشقا باشلىغاندا،بۇرۇنقى خىيالى ئېسىگە كىلىپ ئۆزىچە كۈلۈپ كەتتى.ئۇدۇنياغا داڭلىق گىگانىت ئادەم مۇتىيجۇ بىلەن تۇنجى قىتىم بىر سەپتە مەشىق باشلىغاندا كاللىسىغا چاقماقتەك كەلگەن خىيال «ھازىرقى مىنۇتتىن باشلاپ تېخېمۇ قاتتىق ئويناپ ، دۆلەت كوماندىسىغا كىرىپ ، يىقىن كەلگۈسىدە دۇنيا ۋاسكىتبول سەھنىسىدە خەلقئارا چولپانلار بىلەن ئويناپ ، ئۇلارنى يىڭىپ يەرشارىنىڭ ئۇلۇغ ۋاسكېتبول شاھى مىخايىل جوردان بىلەن ئامرېكا سەھنىسىدە ئىلىشىمەن.بۇمېنىڭ ۋاسكىتبول ھاياتىمدىكى ئەڭ ئالىي غايەم » دەپ ئۆز-ئۆزىگە قارار جاكارلىدى.بۇيەردىكىلەر – نىڭ بىر مۇنچىسى مېنى تەكلېماكاندىن كەلگەن ئۆلچەمسىز پاكار ، قۇملۇق مايمۇنىنىڭ شۇنچىۋالا غوۋغا كۆتۈرۈپ بۇلاپ-تالاپ كەلگۈدەك قانچىلىك تالانىتى بار ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭدەك مائارىپى ، مەدىنىيتى تەرەققى قىلمىغان يەردىن تەربىيە كۆرمىگەن ياۋايى ، ساپاسى تۆۋەن بىر تەبئىي ماتېرېيالنى دۆلەت ھەربىي كوماندىسىغا ئەكىرىشنىڭ ئۆزى-ئۆزىنى چۈشىرۋىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ، دىيشىۋاتىدۇ. ئۇلار بىر ھەسسە مەشىق قىلسا مەن ئۇلاردىن بەش ھەسسە ئاشۇرۇپ مەشىق قىلىشىم،ئۇلار بىر ئوينىسا مەن ئون ئوينىشىم كىرەك ، ھەربىر قەدەم ، ھەر بىر تىنىقتا مەن ئۇلاردىن ئشىپ ئالدىغا ئۆتۈپ تۇرمىسام،ئۇلار ماڭا قايىل بولمايدۇ . مىنى قىتىغا ئالمايدۇ . دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ ئۆزۈمنىڭ ساپاسىز ، تەربىيىسىز ، ياۋايى تالانت ئەمەسلىكىمنى ئىسپاتلاپ ، پاكار ئادەم ۋاسكىتبولغا يارىمايدۇ. دۆلەت ئۈچۈن توپ ئوينىيالمايدۇ ، خەلقئارا سەھنىلەرگە ئاچىققىلى بولمايدۇ، شىنجاڭدىن دۆلەت كوماندىسىغا لايىق ئادەم چىقمايدۇ دېگەن بارلىق سەپسەتە، قانۇنلارنى ئۆلچەمگە توشمايدىغان مۇشۇ بويۇم بىلەن بۇزۇپ تاشلايمەن ، ئادىلجان خوتەندىن باشلىنىپ ئۈرۈمچىدە ئەۋجىگە چىققان ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيددىغان كېچە كۈندۈزلۈك جان –پىدالىق مەشىقىنى يەنىمۇ قاتتىق باشلىدى ، بۇ دۇنيا ئادىلجان ئۈچۈن ۋاسكىتبولغا ئوخشايدۇ ، دۇنيادا ۋاسكىتبولدىن باشقا نەرسە يوق . ئادىلجان ، ۋاسكىتبول، تاماق . ئادىلجان قورساق ئاچقاندا چىدىيالماي ۋاسكىتبولدىن ئۆزىگە قايتتى . ئاندىن ئۆزىنىڭ نەدە نېمە قىلىۋاتقىنىنى كۆردى . بىر قېتىم ھەتتا قولىدىكى مومىنى ۋاسكىتبول دەپ يادىدا يوق پىقىرىتىپ ئېتىپ يەنە تۇتۇۋېلىپ ئاندىن يەنە قايتا ئېسىگە كەلدى . ئەتراپىدىكىلەر پاراقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى. ئادىلجان قولىدىكى ۋاسكىتبولدەك كۆرۈنگەن مومىنى كاللىسىنى بىر سىلكىپ تازا سىنچىلاپ قاراپ ئاندىن ئاغزىغا سالدى.
1985 – يىلى جىڭجۇدا مەملىكەتلىك ياشلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىدە ئادىلجان پۈتۈن مەملىكەتكە تېخىمۇ پۇر كەتتى. مەملىكەت بويىچە بارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى «ئادىلجان » دېگەن ئىسىمنى توختىماي تەكرارلاپ ، ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى . «خەلق گېزىتى» بىرىنچى بەتكە « ۋاسكىتبول مەيدانىدىكى شىنجاڭلىق سېھرىگەر» دەوپ ئادىلجاننى تېخىمۇ تەپسىلىي تونۇشتۇردى. مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىدىن خەتلەر ، تەبرىك، ئاتكىرىتكا قاردەك يېغىشقا باشلىدى . مىڭلاپ قىزلارنىڭ ياخشى كۆرۈپ قېلىش ئىزھارى ، ھەر خىل پاسۇندىكى قىزلارنىڭ سرىتىدىكى سەبىي كۆزلەر ئادىلجانغا تىكىلىپ تەبەسسۇم قىلىپ تۇراتتى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ، تەسىرى بىر قەدەر زور مۇسابىقە بولۇپ ، مەملىكەت دائىرىسىدىلا ئەمەس ، خەلقئارادىمۇ خېلى زور تەسىر قوزغىدى. بۇ مۇسابىقە مەملىكەت بويىچە ئەڭ مەشھۇر بەش نەپەر تەنھەركەت چولپىنىنى باھالاپ تاللىدى. ئادىلجان بۇ مەشھۇر بەش نەپەر چولپاننىڭ باش تەشكىلاتچى چولپىنى بولۇپ باھالاندى. مۇسابىقىدىن كېيىنلا ئادىلجاننى جىددى مۇزاكىرە قىلىپ «ئارمىيە » ياشلار كوماندىسىدىن «ئارمىيە » نىڭ خەلقئارا ئۆلچەملىك رەسمىي كوماندىسىغا يۆتكىدى. ئاخبارات ساھەسى، ھەر خىل ئاخبارات ۋاستىلىرى ، ئوقۇغۇچىلار ، توپ مەستانىللىرى ھەر ساھەدىكى كىشىلەر ، ئادىلجاننى زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىشكە باشلىدى. ئەمدى ئادىلجاننىڭ بىر مۇنچە مەشىق ۋاقتى ، دەم ئېلىش ۋاقتى مېھمان قوبۇل قىلىشقا ئاجرىتىلدىغان بولدى. 1986 – يىلى 4 – ئايدا « ئاۋغۇست » ئارمىيە ئالىي كوماندىسىنىڭ ئازاسى بولۇپ ، مەملىكەت بويىچە ئالىي دەرىجىلىكلەر لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، توپ مەيدانىدىكى پەۋقۇلئاددە تەشكىللەش ماھارىتىنى نامايان قىلىپ ، مەيداندىكى سەپداشلىرىنى ئىستراتېگىيىلىك ماسلاشتۇرۇپ رەھبەرلىك قىلغىنى ئۈچۈن ناھايىتى زور مۇۋەپپىقىيەت قولغا كەلدى. دۆلەت ياشلار كوماندىسى ئۈن-تۈنسىزلا كېلىپ ئادىلجانى دۆلەتلىك ياشلار كوماندىسىغا تاللاپ ئېلىپ كەتتى . فىلىپپىندا ئاسىيا ياشلار ۋاسكىتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابقىسىدا ئادىلجاننىڭ ئاچىماق ئىشتان كىيگەن بالا چاغلىرىدا خوتەن كوچىلىرىدا ئۆزىدىن چوڭ بالىلارنى ئويۇنغا تەشكىللەيدىغان تۇغما سەركەردىلىك خاراكتىرى ئاجايىپ ياخشى جارىي قىلدۇرۇلدى. ئۇ مەيداندىكى بەش ئادەمگە ناھايىتى ئۈنۈملۈك رەھبەرلىك قىلىپ ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىنى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن جۇڭگونىڭ قولىغا ئالدى. ئاسىيا ياشلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى سەھنىسىدە جۇڭگو چىمپىيۇنلۇق تاجىنى كىيىپ ، دۆلەت بايرىقى ھەممىدىن ئېگىز ئېسىلىپ ، دۆلەت گېمىنى ھۆرمەت ، شان – شەرەپ ئىچىدە ئورۇندالدى . جۇڭگونىڭ ھەممىدىن پاكار سەركەردىسى ھەممىدىن ئېگىز مۇنبەردە سەبىيلەرچە كۈلۈمسىرەپ تۇردى .
بۇندىن سەل ئىلگىرى ، يەنى 1986 – يىلى 10 – ئايدا چاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مەمىكەتلىك ياشلار ۋاسكىتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئەمەلىيەتتە فىلىپپىندىكى ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە دۆلەت ئۈچۈن نامزات تاللاش مۇسابىقىسى بولۇپ ، ئەمەلىيەتتە شۇ مۇسابىقىدىلا دۆلەت ياشلار كوماندىسى ئادىلجاننى مەخپىي ھالدا نامزات قىلىپ تاللاپ بېكىتىپ بولغانىدى . مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئادىلجان « 1 – ئاۋغۇست » ئارمىيە كوماندىسىغا قايتىپ كەلدى . 1987 – يىلى دۆلەت ياشلار كوماندىسى ئادىلجاننى يەنە ئېلىپ كەتتى . بۇ قېتىم دۇنيا ياشلار ۋاسكىتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاسىيا گۇرۇپپىسى تاللاش مۇسابىقىسى مالايسىيادا بولدى . 1987 – يىلى 7 – ئايدىكى بۇ مۇسابىقىدە ئادىلجانىڭ پەۋقۇلئاددە تەشكىللەش ئىقتىدارى ، ھۇجۇم ئۇيۇشتۇرۇش سەنئىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆچلۈك دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىدى.
جۇڭگو بۇ مۇسابىقەدە ئىككىنچى نۇمۇرلۇق چىمپىيۇن دۆلەت بولۇپ ، ئىتالىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا ياشلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاسىيا تەرەپ ۋەكىلى بولۇپ ، دۇنيا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتەك جۇڭگوغا ھازىرغىچە كەمدىن – كەم نېسىپ بولۇپ كىلىۋاتقان ئالىي ھەم شەرەپلىك سالاھىيەتكە ئېرىشتى . دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىغا جۇڭگونىڭ ئۇيغۇر پاكار ماھىرى ئادىلجاننىڭ نامى تارالدى . خەلقئارالىق مۇخبىرلار ئادىلجاننى ئۈزۈلدۈرمەي زىيارەت قىلىپ خەۋەر قىلدى . چەت ئەللىك ئۇيغۇر يازغۇچى يۇلتۇز ئابدۇللا ئادىلجاننى جۇڭگودىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەرەپلىك ۋەكىلى دەپ تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە تەكرار تونۇشتۇردى . نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى كىشىلەر ئادىلجاننىڭ نامى بىلەن ئۇلۇشۇپ كەلگەن ئۇيغۇر دېگەن بىر مىللەتنىڭ بارلىغىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى. دۆلەت ياشلار كوماندىسى ئادىلجاننى مەركەز قىلغان ماس قەدەملىك ، ئۆملۈك روھىغا باي مەشىقنى باشلىۋەتتى. سائەتلەپ ، كۈنلەپ ساناپ مۇسابىقە ۋاقتى ئاز قالغانچە مەشىقنى شۇنچە كۈچەيتتى. كۈنلەر سانىلىپ جىددىي تەييارلىقلار ئەۋجىگە چىقىپ يولغا چىقىشقا ئىككى ھەپتە قالغاندا تازا تەرلەپ – پىشىپ توپ ئويناۋاتقان مەيدانغا « 1 – ئاۋغۇست » ئارمىيە كوماندىسىنىڭ رەھبەرلىرى كېلىپ ئادىلجاننىڭ ئىشارەت قىلدى. ئادىلجان ھەيران بولۇپ ئويناۋاتقان سەپداشلىرىغا بىر قۇر قاراپ قويۇپ توپنى تاشلاپ كەلدى . باشلىق جىددىي ھەربىي كوماندا بەردى . ئادىلجان ھەربىيلەرگە خاس تىك تۇردى . « يۇقۇرىنىڭ جىددىي ھەربىي بۇيرۇقى ، ئادىلجان دەرھال ئارمىيە كوماندىسىغا قايتىپ يېڭى بۇيرۇق كۈتسۇن» ئادىلجان تېخىمۇ ھەيران قالدى . مەيداندىكى ھەممەيلەن ھەيران قالدى . نېمە دېگەنبىلەن ھەربىي بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماسلىق مۈمكىن ئەمەستە! ئادىلجان قايتتى. مەيداندىكى سەپداشلىرىلا ئەمەس ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان پۈتۈن مەملىكەت خەلقى قاتتىق ھەيران قالدى . كوچىدا ھەر خىل مۇلاھىزىلەر تارقالدى . گېزىتلەر ئادىلجاننىڭ ئىتالىيىدىكى دۇنيا ياشلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىدىن نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز قالدۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى ھەر خىل مۇلاھىزە ماقالىلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلان قىلدى . كىشىلەر ھەرخىل تەھلىل قىلىشتى . مۇخبىرلار مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ، مۇتەخەسسىسلەرنى ئادىلجاننى زىيارەت قىلىپ ، نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدىغانلىقىنى سورىدى . دەسلەپ جاۋاب مۈجىمەل بولۇپ ياخشى ، قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بولمىدى . ھەتتا ئادىلجان ئۆزىمۇ نېمە ئۈچۈن ئەتىسى يولغا چىقىش ئالدىدا قالدۇرۇلغانلىقىنى چۈشىنەلمەي ، غەزەپتىن تامغا مۇشتلاپ كەتتى . مۇخبىرلار كېچە – كۈندۈز باشلىقنىڭمۇ ، ئادىلجاننىڭمۇ ئارقىسىغا كىرىۋىلىپ چۈشەنچە بېرىشنى قاتتىق تەلەپ قىلدى . گېزىتلەردە كىشىلەرنىڭ ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ نارازىلىق تۈسىنى ئالغان ماقالىلىرى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلان قىلىندى . ئەسلىدە ئادىلجاننىڭ تۇيۇقسىز مۇسابىقىدىن قالدۇرۇلۇشىنى جۇڭگونىڭ مەشھۇر سۇ ئۈزۈش چولپىنى مۇرات مالىكنىڭچەتئەلگە چىقىپ كېتىپ قايتىپ كەلمىگەنلىكىگە باغلاپ ئادىلجاننىمۇ ئەنسىرەپ قالدۇرۇۋىتىپتۇ دېگەن گەپلەر تارقالغانىدى. مۇرات ھەقىقەتەنمۇ جۇڭگونىڭ داڭلىق سۇ ئۈزۈش چولپىنى بولۇپ ، ئاسىيا ياشلار سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە مەملىكىتىمىزگە چىمپىيۇنلۇق شەرىپى كەلتۈرگەن تالانت ئىگىسى ئىدى. ئۇ تۇققان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەگە چىقىپ كېتىپ قايتىپ كەلمىدى . ئۇنىڭ بۇ ئىشى ئۇنى تەربىيەلەپ يىتىشتۈرگەن مەملىكىتىمىز ئۈچۈن قاتتىق ھار كەلگەنىدى . مۇرات ئارمىيە سۇ ئۈزۈش كوماندىسىدا ، ئادىلجان ۋاسكىتبول كوماندىسىدا بولۇپ ، بۇ ئىككىسى يېقىن دوستلاردىن ئىدى. ئۇلار دائىم قويۇق بېرىش – كېلىش قىلاتتى . مۇرات چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ خېلى بىر چاغلارغىچە خەت – ئالاقە قىلىشقانىدى . مانا ئەمدى بۇ دوستلۇق ئادىلجانغا يۈك بولغاندەك تۇيۇلدى . ئادىلجان باشلىقىنىڭ شىرەسىگە مۇشتلاپ ، كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلغان ھالدا ۋارقىرىدى: .
__ كوچىدا سۈز – چۆچەك بولۇۋاتقان گەپلەر راستمۇ ؟ ماڭا چۈشەنچە بېرىڭ ، مەن زادى بىلىپ قالاي.  
__ سىلەر زادى مۇرات بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە، ، ئاۋۋال مۇشۇنىڭغا جاۋاب بېرىڭ ؟ - دېدى باشلىق ئادىلجانغا مۇلايىملىق بىلەن.
__ بىز ئادەتتە ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى بورمال مۇناسىۋەتتە . دادىسى مالىك ئاكا بىلەن دادام شىنجاڭنىڭ كونا ۋالىبول چولپانلىرى ، ئۇلار يېقىن دوست. مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ئائىلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي دوستلىقى بويىچە مالىك ئاكام دائىم مېنى ئۆيىگە ئۇيغۇرچە تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلىپ ئاتىدارچىلىق قىلدى . مۇراتمۇ ، مەنمۇ بىر ئىدارىدا بولغاندىكىن دەم ئېلىش چاغلىرىمىزدا بىللە ئىدۇق . ئۇ ماڭا ھەمە گەپلىرىنى دېگەن ، ئەمما چەتئەلگە چىقىپ قايتىپ كەلمەيدىغانلىغىنى دېمىگەن . ئۇنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەنلىكىنى مەن بىلمەيمەن . ھەتتا ئۇ چىقىپ كەتكەندە مەن بېيجىڭدا يوق ئىدىم ، - دەپ قايناپ سۆزلەپلا كەتتى ئادىلجان .
__ راستنى ئېيتقاندا تەشكىل سىزنىڭمۇ ئىككىنچى مۇرات بولۇپ قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ ، بۇ سىز ئۈچۈن بىر سىناق ، سىز بۇ سىناقتىن چوقۇم ئۆتەلەيسىز . بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆزىڭىزنى ئىسپاتلىسىڭىز ، تەشكىلنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرسىڭىز ، تەشكىل سىزگە بۇنداق پۇرسەتلەرنى كۆپ يارىتىپ بېرىدۇ. سىزنى مۇشۇنچىلىك پۇرسەتكە ئېرىشتۈرگەن ، چولپانغا ئايلاندۇرۇپ چوڭ ھۆرمەتكە ، نوپۇزغا ئىگە قىلغان تەشكىل سىزگە بۇندىن كېيىنمۇ بۇنداق دۇنياۋى مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ ، - دېدى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ.
__ بىراق سىزمۇ ، تەشكىلمۇ شۇنى ئويلىمىدىڭلاركى ، ئادەمگە ياشلىق پەقەت بىرلا نۆۋەت كېلىدۇ. يەنە بىر قېتىملىق دۇنيا ياشلار ۋاسكىتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بولغاندا مەن ئاللىقاچان ياشلىقىمدىن ئايرىلغان بولىمەن، شۇنداق قىلىپ مەن ھاياتىمدا پەقەت دۇنيا ياشلار مۇسابىقىسىگە قاتنىشالماي بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدىغان بولدۇم. مەن دۆلەتنىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن جېنىمنى تىكىشكە تەييار بولۇپ ئويناشقا تەييارلانغانىدىم . ئالتۇندەك پۇرسەتتىن ئۇۋال قىلىپ ئايرىۋەتتىڭلار..._ئادىلجان گېپىنىڭ ئاخىرىنى دېگۈدەك مادارى قالماي دەلدۈگىنىپ قايتىپ چىقتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن توختىماي قۇيۇلىۋاتقان ياش بۈگۈن ئالمىغان ساقاللىرىنى يۇياتتى . مىڭلاپ گۈلدەستىلەر ، ئاتكىرىتكا خەتلەر ، يامغۇردەك پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر يەر-ھەر يەرلىرىدىن ياغما بولۇپ كېلىشكە باشلىدى . خەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئادىلجانغا تەسەللى بېرىلگەن ، ھېسداشلىق قىلىنغان ، تېخىمۇ قەيسەر بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن بولۇپ ، ئادىلجان ئۈچۈن قايغۇرۇلغان ، ئادىلجاننى مېھمانغا ، زىيارەتكە ، ساياھەتكە تەكلىپ قىلىپ ، جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغانىدى . ئادىلجان بۇ خەتلەرنىڭ ھېچقايسىسىغا جاۋاب بەرمىدى. ئۇنىڭ ھېچ ئىش قىلىشقا رايى بارمايتتى .
كۈچلۈك مۇھەببەت ئۇنى چۈشكۈنلۈك پاتقىقىدىن ئاخىر تارتىپ چىقاردى.دېگىنى قىلىپلا چوڭ بولغان ، ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچراپ باقمىغان ئادىلجان ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئېغىر زەربىنى كۆتۈرەلمىدى . ئۇيان ئويلىسىمۇ ، بۇيان ئويلىسىمۇ بۇ ئىش ئۇنىڭ كاللىسىغا كىرىۋېلىپ زادىلا ئارام تاپالمىدى. ئاتا – ئانىسىنى، دوستلىرىنى ، خوتەننى قاتتىق سىغىندى. مەشىقنى تاشلىدى . مەشق توختىغاندىن كېيىن ئالاھىدە مەشىق تامىقى قالدۇرۇلدى . ئالىي دەرىجىلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش توختىتىلدى. ئۇ كۈن بويى لاغايلاپ يۈرىدىغان بولدى . ساقاللىرىنى ئالماي پېنسىيىگە چېققان قېرىلار بىلەن ماجاڭ ئويناشنى ئۈگەندى . قەلبى خوتەن نەدىسەن دەپ ھازىرلا ئۇچۇپ بارغۇدەك بولسىمۇ ، بۇنداق مەغلۇبىيەت بىلەن سالپىيىپ بېرىشقا غۇرۇرى يول قويمىدى . «بۇ ھالدا يۇرتقا ھەرگىز ئالدىمنى قىلمايمەن ».
__ ئادىلجان مەشىقنى ئەسلىگە كەلتۈرەمسىز؟ - دېدى ئادىلجانغا قاراپ ئىچى سىيرىلغان جۇ چىنلىڭ تېرىنېر ھەسرەت بىلەن:
__ ياق ... ئوينىمايمەن ، خوتەنگە كېتىمەن . يېڭىدىن كەلگەن تېرىنېر بىر كۈنى ئادىلجاننىڭ ئالدىنى توسىدى .
__ مەن سىزنىڭ گۇاڭجۇدىكى مەملىكەتلىك ياشلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىڭىزنى قارار قىلدىم ، سىز چوقۇم قاتنىشىڭ ، -دېدى .
__ مەن سىزگە شۇنى دەپ قوياي ، مېنى خەلقئارا مۇسابىقىگە قاتناشتۇرمىساڭلار ، مەن ھەرگىز توپ ئوينىمايمەن . ھېچقانداق مۇسابىقىگە قاتناشمايمەن.
ئادىلجان تاماكا چەكمەيتتى . تاماكا چېكىشنى ، چەككەندىمۇ كۈنىگە ئىككى قاپ چېكىشنى ئۈگەندى . گېزىتتە ئادىلجاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە پات-پات خەۋەرلەر ئېلان قىلىنىپ تۇردى . ھاراق ئىچىشنى ئۈگەندى . تېزلا تازا يېتىلگەن ھاراقكەشكە ئايلاندى. ئۇ مەست بولۇپ «پاھ، قالتىس راھەتلىك ھۈنەرنى ئەجەمۇ بالدۇر ئۈگەنمەپتىكەنمەن ، بالدۇرراق ھاراق ئىچكەن بولسام ھەرقانداق كۈلپەت كەلسىمۇ خاتىرجەم ياشايدىغان ئادەملەردەك مەنمۇ خاتىرجەم ياشايدىكەنمەن ، ئىسىت ، ئاچچىق نەرسىنى نېمىشقا خەق قوغلىشىپ ئىچىدىغاندۇ دەپتىمەن ئەمەسمۇ » . خۇڭگو كوماندىسى ئىتالىيىدىن نەتىجىسىز قايتتى. ئادىلجان ھەسرەت بىلەن:«مەن بارغان بولسام ھەرگىز ئۇنداق بولمايتتى . مەن چوقۇم شان – شەرەپ ئېلىپ كېلەتتىم » دەپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى . گېزىتلەرمۇ ئادىلجان بارغان بولسا جۇڭگو بۇنداق نەتىجىسىز قايتمايتتى . ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىستراتېگىيىلىك ھۇجۇم تەشكىللىگۈچى سەكەردىسىنى تاشلاپ ، شان – شەرەپ پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولدى دەپ ھەسرەتلىك مۇلاھىزە قىلىشتى .  
نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتكە ئوچۇق بايانات ئېلان قىلىپ ، ئادىلجاننى ئۆزلىرىگە كەلسە قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . ئادىلجان قىساس ئېلىش ئىستىكى بىلەن ئۆزىنىڭ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . « ئاۋغۇست» ئارمىيە كوماندىسى ئۆزىنىڭ ھاكىممۇتلەق ھوقۇقلۇق ئورنى بىلەن بىر ھۆركىرەپلا بۇ گەپنى بېسىقتۇردى . ئادىلجان يېرىم بوتۇلكا ھاراقنى تېرىنېرغا تەڭلەپ دېۋەيلەپ كەلدى :
__يا بېرىشكە چىدىمايسەن ، يا ئۆزۈڭ ئىشلەتمەيسەن ، مېنى مۇشۇنداق قىيناپ مۇشۇ قورۇيۇڭدا سېسىتىپ تۈگەتمەكچىمۇ سەن ؟ - دېدى .
__ ئاڭلاپ قوي بالا . مەن بىر كۈن ھايات بولسام بىر كۈن سېنى قولدىن چىقارمايمەن . سەن ھازىر غەزەپ ئاچچىقىڭدا توپنى تاشلىغان بىلەن ، يەنە قەيەردە بولساڭ توپنى قولۇڭغا ئالىسەن – دە يەنە بىزنى ھەسرەتتە قويىسەن . سەن ھامان بىر كۈنى ئاچچىقىڭ يانغىچە بىز سېنى سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتىمىز . سېنىڭ قايتىپ كېلىشىڭنى كۈتىمىز .
ئۇ خوتەنگە بېرىپ ئاتا- ئانىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ بالىلىق بۇرچىنى ئورۇنلاشنىمۇ ئويلىدى . ئۇنىڭ شۇنچە ھەسرەتلىك ئارزۇسىنى غۇرۇرى توسۇپ زادىلا يولغا چىققىلى قويمدى . «ياق...ياق، چىدايمەن . ئاتا- ئانامنىڭ ئالدىغا بۇنداق سالپىيىپ بارغىچە ئۆلگىنىپ ياخشى ! » ئادىلجان كۈن بويى لاغايلاپ ھاراق ئىچىپ مەستچىلىكتە كوچىلاردا يۈردى . ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ تۈگىمەس ئۈلپەتچىلىك ، ئولتۇرۇشلارغا قاتنىشىپ خۇدىنى يوقىتىپ ئىچىدىغان بولدى. بۇنداق ئولتۇرۇش – قوپۇش ئۇيغۇرلاردا ئاللىقاچان قانۇنلۇق ئېقىمغا ئايلانغان بولۇپ ، دەريادەك ئۈزۈلمەس ئېقىن ئىدى. ئادىلجان بۇ ئېقىننىڭ دائىملىق بىر تارماق ئېقىنى سۈپىتىدە ھاراق دەرياسىدا بىر يىل ئاقتى . « ئاۋغۇست » ئارمىيە كوماندىسى ئۇنى ئاشۇ بىر يىل سەۋرچانلىق بىلەن كۈتتى . بىر كۈنى بىر ھاراق سورۇنىدا بىرى بوتۇلكىنى يەنە بىرىگە ئاتتى. «جاراڭ – جۇرۇڭ » ئاۋاز بىلەن ئادىلجان چۆچۈپ قارىدى . سورۇندا ئۇچقان بوتۇلكا ، تەخسە ، رۇمكىلار ئۇنىڭ كۆزىگە توپ ئۇچۇۋاتقاندەك كۆرۈندى . ئىچ – ئىچىدىن قايناپ چىققان بىر ئوت ئۇنىڭ باغرىنى كئۆرتەپ مەستلىكتىن خۇمارلىشىپ كەتكەن كۆزلىرىدە ۋالىلداپ چاقنىدى . ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ سورۇندىن ئېتىلىپ چىقتى . تاكسىغا ئولتۇرۇپ يىراق سورۇندىن ئۆز قورۇسىغا كەلدى . ئۇدۇل مەيدانغا كىرىپ بىر بۇلۇڭدىن توپنى تېپىپ ئوينىدى . ئوينىغانچە ئىچ-ئىچىدىن بىر خوشاللىق روھ كۆتۈرۈلۈپ يەڭگىللەپ ، ئىچىنى چىڭ سىقىپ تۇرغان بىر تۆمۈر قول ئاجراپ ، ئۆزىنى كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلدى . ئۇ توپنى چىڭ قۇچاقلىغانچە باغرىغا ئۇزاقتىن ئۇزاق باستى . توپ ئۇنى بارغانچە سۈزۈك ئاسمانغا كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقىپ ، بۇلۇتلار ئۆستىدە ئويناتتى . يۇلتۇزلارغا بىشى تاقاشقۇدەك بىر كەڭ بۇلۇت ئۈستىدە ئۇ بىر مۇنچە ناتونۇش ئادەملەر بىلەن كەسكىن ئېلىشىپ ئويناپ كەتتى . توپ ئۇنىڭ بېشىدا ئۇزاقتىن – ئۇزاق پىرقىرىدى . « چاڭ – چاڭ » ئاۋازدىن ئادىلجان چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . ئۇ مەيداندىلا توپنى قۇچاقلاپ ئۇخلاپ قالغان بولۇپ ، ئاللىقاچان تاڭ ئاتقانىدى . ئۇنىڭ بىشىدا تېرىنېر كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇرۇپ چاۋاك چالغانىدى .  
__ بىلەتتىم ئەزىمەت ، ئاخىر قايتىپ كېلەتتىڭ . مۇھەببەت سېنى ھامان بۇ يەرگە ئەكېلەتتى . بىز سېنى ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە قىزغىن قارشى ئالىمىز ، - دەپ كېلىپ ئادىلجاننى قۇچاقلىدى . 1987 – يىلى 11 – ئاي ۋە 1988 – يىل 6 - ئايدا ئىككى قېتىم سىنگاپور ، سۈرىيىگە بارىدىغان مۇسابىقىدىن ئادىلجان قالدۇرۇلدى . ئەمدى ئادىلجان بۇرۇنقىدەك قىلمىدى . ھەر نۆۋەت شۇنداق زەربە يېگەندە تېخىمۇ قاتتىق مەشىق قىلىپ ، تېخىمۇ ماھارەتلىك ئوينايدىغان بولدى . ئەمدى ئۇ كۈلۈپلا قويدى .  
1988 – يىلى تايلاندقا بارىدىغان چاغدا تېرىنېر ماليەنباۋ چىدىماي ۋارقىراپ كەتتى .
__ ئەگەر يەنە بۇ قىتىم ئادىلجان بارمايدىغان بولسا بۇ مۇسابىقىگە مەن بارمايمەن ، ئستېپا بېرىمەن ، دۇنيادىكى ھەممە ئىشنى سىلەر بىلەمسىلەر ، ئۆزۈڭلار شۇنچە ئەخمەق ، دۆت تۇرۇپ ئەجەپمۇ ئۆزۈڭلارنى ئەقىللىق چاغلايسىلەر. كۆڭلى – كۆكسۈڭلارنى كەڭرەك تۇتساڭلار جاھان تەتۈر ئايلىنىپ كېتەرما؟
__ ئەگەر ئادىلجان دوستىدەك قىلسا قانداق قىلىسىز؟!  
__ ئادىلجان ھەرگىز ئۇنداق بالا ئەمەس. ئۇ ئۇنداق قىلمايدۇ . كەڭ قورساق ، ئاق كۆڭۈل ، مەرد، ئېغىر – بېسىق ، ئۇنىڭدا ياتلاش ھېسسىياتى يوق . كۆيۈمچان ، ھېچقايسىڭلار ئادىلجاننى مەندەك كۈزەتمىدىڭلار، ئەگەر ئۇ دوستىدەك قىلىدىغان بولسا مەن ماليەنباۋ كاللامنى دو تىكتىم . ئاتامسىلەر ، چاپامسىلەر رازى بولىمەن ...  ~  
كرىزس تۇمانلىرى مانا شۇنداق ماليەنباۋنىڭ ھۆركىرەپ تۇرۇپ مەيدە قېقىپ چىقىشى بىلەن تارقاپ ، ئادىلجان تايلاندتىكى تەكلىپ مۇسابىقىگە باردى . جۇڭگو كوماندىسى چىمپىيون بولدى . ئادىلجان ئېغىر –بېسىق تەبەسسۈم بىلەن شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندە ، كىشىلەر نەزىرىدىكى مۇز داۋاندىن ئۆتۈپ كۆڭلى تېخىمۇ ئېچىلىپ يورۇپ كەتتى . دۆلەت كوماندىسى ئەمدى قايتا ئادىلجانغا ئىشەنچ بىلەن كۆز تىكتى . دۆلەت كوماندىسىنىڭ ھاجىتى ئادىلجانغا رەسمىي قىستاپ چۈشكەن ، جۇڭگودا ئادىلجاندىن ئارتۇق ياكى ئۇنىڭغا تەڭلەشكۈدەك ھۇجۇم تەشكىلاتچىسى يوق ئىدى . ئىخىر 1989 – يىلى 4 – ئايدا دۆلەت كوماندىسىنىڭ شۇ چاغدىكى باش تېرىنېرى سۇن باڭ شىئەندىكى چولپان كوماندىلار تەكلىپ مۇسابىقىسىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب ېرىش يىغىنىدا سۆزلىدى . بىر مۇخببىر :  
__ دۆلەت كوماندىسىدا ئادىلجانغا تەڭ كەلگۈدەك ھۇجۇم تەشكىلاتچىسى يوق . مۇشۇنداق ىر تالانتلىق مۇنەۋۋەر چولپاننى نېمە ئۈچۈن دۆلەت كوماندىسى ئۆز قوينىغا ئالمايدۇ ؟ - دەپ سورىدى . سۈن باڭ:
__ ئادىلجاننىڭ دۆلەت كوماندىسىغا رەسمىي قوبۇل قىلىدىغان ۋاقىت بولدى . بۇنى بىز ئويلىشىمىز.  
مۇخبىر : __ ئادىلجاننىڭ بوي ئېگىزلىكى ئۆلچىمى دۆلەت كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنىشقا توسالغۇ بولامدۇ . يوق ؟ سۈن باڭ :
__ ۋاسكىتبول ئېگىزلەرنىڭ ئشى دەيدىغان ئىنئەنىۋى قاراشنى ئامېركىلىق بوتېر بىلەن بىزنىڭ ئادىلجان بۇزۇپ تاشلىدى . ئەمدى بۇ كۆز قاراش لىڭشىپ قالدى . مېنڭچە ، ئادىلجاننىڭ بويى دۆلەت كوماندىسىغا رەسمىي قوبۇل قىلىنىشقا پۇتلاشمايدۇ. ئادىلجان يەنە دۆلەت كوماندىسىغا رەسمىي ئەزا بولۇپ قايتا كىردى .
1989 – يىل 8 – ئايدا يەنى ئادىلجان دۆلەت كوماندىسىغا كىرىپ ئىككى ئايدىن كېيىن ، گېرمانىيىدە دۇنيا ئالىي مەكتەپلەر ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى بولدى . گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى « جۇڭگونىڭ ھەقىقىي ۋاسكىتبول ئەزىمىتى ئادىلجان» دەپ ئوبزور ئېلان قىلدى. سۈن باڭ ئادىلجاننى مەھكەم قۇچاقلاپ خوشاللىق ياشلىرىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ :
__ ھەي ئادىلجان ، ھەي ئادىلجان ، سېنى خەقلەر گەپ ئاڭلىمايدۇ، باشقۇرغىلى بولمايدۇ ، قېچىپ كېتىدۇ . جۇڭگوغا كۆيۈنمەيدۇ ، توپنى پارتىزاندەك ئوينايدۇ ، سىستېمىلىق ، قانۇنىيەت بويىچە ئوينىمايدۇ دېسە ، ئۇزاققىچە سېنى كۈزىتىش بىلەن ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋېتىپتىمەن . مانا بۈگۈن كۆردۈم . سەن ھېچ يەرگە كەتمىدىڭ . تەرتىپلىك ، مۇلايىم ، ياۋاشكەنسەن ، جۇڭگونىڭ شان – شەرىپى ئۈچۈن شىردەك ئېلىشتىڭ . سەن بىزنىڭ ئەڭ قەيسەر جەڭچىمىز . 1985 – يىلى باشلانغان گېزىتلەردىكى بەس – مۇنازىرىنىڭ بىرىدە « خوتەندەك بىر بۇلۇڭدىن ، قۇملۇقتا ئۆزى خالىغانچە توپ ئويناپ چىققان تەربىيىسىز بالا ، پارتىزان توپچىنى دۆلەتنىڭ ئارمىيە كوماندىسىغا قوبۇل قىلىش ئالجىغانلىق » دەپ ھەسەتنامە ئېلان قىلغانىدى . ھەر قېتىم مۇسابىقە بولغاندا ، پۈتكۈل جۇڭگو خەلقى ئادىلجانغا تەنتەنە قىلىپ شۇنداق سۆز – چۆچەكلەرنى بىتچىت قىلىۋەتتى . مۇخبىرلار ئادىلجاندىن سورىدى :  
__ كىشىلەر سىزنى پارتىزان دەيدىكەن ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز ؟
ئادىلجان كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
__ مېنىڭچە توپنى قارشى تەرەپكە تارتقۇزۇپ قويماي ، قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئە سېپىنى بۆسۈپ ، ئۆز سەپداشلىرىغا توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشنىڭ ئۆزى ھەرقانداق سەپسەتە ، نەزەرىيىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان پاكىت . ۋاسكىتبول ساھەسدىكى قۇرۇق سەپسەتىچىلەردىن كۆرە ، مەيداندىكى ئەمەلىي نەتىجە بىلەن تاماشىبىنلار ئەڭ غەرەزسىز ، خالىس باھالىغۇچىلاردۇر. رسمىي ئۆلچەيدىغان تارازا مەيداندىكى خەلقنىڭ ئالقىش ساداسى ، تەنتەنىسى . تەنھەركەتچىنىڭ قىممىتى قۇرۇق نەزەرىيىچىلەرنىڭ ئاغزى ئەمەس ، مەيداندىكى ئەمەلىي ماھارەت . توپ مەيدانىدىكى ئادەملەر ھەقىقىي باھالىغۇچلۇق سالاھىيەتكە ئىگە . قۇرۇق سەپسەتىچىلەر بولسا كۆڭلىگە غەرەز يوشۇرۇنغان ئالدامچىلار ، -دەپ جاۋاب بەردى .
1988 – يىلى رەسمىي مەشىق باشلىمىغان چاغلاردا ، ماليەنباۋ ئادىلجاننى ئۆزى بىلەن سىچۈەننىڭ چوڭچىڭ شەھرىدىكى مۇسابىقىنى كۆرۈپ كېلىشكە زورلاپ ئېلىپ ارغان . مۇسابىقىنى كۆرسە توپتىن قايتقان رايى مۇھەببەتكە ئايلىنار ، ئازار يېگەن كۆڭلى ئېچىلىپ قالار دەپ ئېلىپ بارغانىدى. كۆتمىگەن يەردىن دېڭىزدەك تەۋرەپ تۇرغان تاماشىبىنلار چۇقان كۆتۈرۈپ :«ئادىلجان چۈشسۇن، ئادىلجان چۈشمىسە مۇسابىقىنى كۆرمەيمىز » دەپ قىقاس- چۇقان كۆتۈرگىلى تۇردى .
__ كۆردۈڭمۇ ئادىلجان ، خەلق قەلبىدىكى ئورنۇڭ ھەرقانداق خەلقئارا مۇسابىقىدىنمۇ يۇقىرى تۇرىدۇ . سەن روھىڭنى كۆتۈر ، - دېگەنىدى ماليەنباۋ . ئادىلجاننىڭ كۆزىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلدى .

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 08:58 |
باياۋان
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 69469
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1161
شۆھرەت: 1230 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 11550 سوم
تۆھپە: 100 نۇمۇر
ياخشى باھا: 95 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1360(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-04

 

خاتىمە: 1997 – يىلى 9 – ئايدا دۆلەت كوماندىسىغا يەنە تەكلىپ قىلىنغان ئادىلجان سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدا دۆلەتنىڭ شان - شەرىپى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ تۆھپە قوشتى. 1994 – يىلىغىچە جۇڭگو تارىختا خەلقئارا ۋاسكىتبول سەھنىسىدە ئالدىنقى مەشھۇر ئون كوماندىنىڭ ئىچىگە كېرەلمىگەنىدى.ئادىلجان جۇڭگونىڭ ئاشۇ مەشھۇر ئون كوماندىنىڭ ئىچىدىكى كۈچلۈك 8 – ئورۇنغا ئۆتۈشتە تارىخىي ئەھمىيەتلىك ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى . 1994 – يىلىدىكى كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ۋاسكىتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ جەڭلىرىدە برازىلىيە، ئىسپانىيەدەك يېڭىلمەس كۈچلۈك كوماندىلار جۇڭگوغا ئاشۇ 8 – ئورۇننى تارتقۇزۇپ قويدى . « ھەممىسى ئاشۇ پاكار سېھرىگەرنىڭ كارامىتىدىن بولدى » دېيىشتى غەزەپلەنگەن ئىسپانىيىلىكلەر. ئاشۇ پۈتكۈل مۇسابىقىلاردا جۇڭگونىڭ كۈچلۈك ئارقا سەپ تاكتىكىلىق ھۇجۇم تەشكىللىگۈچىسى ئادىلجاننىڭ ئارقا سەپتىن ئۇرۇلغان قاتتىق ھۇجۇمى نۇرغۇن داڭلىق كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ چولپان كوماندىىرىنىڭ مۇداپىئە سەپلىرىنى بۆسۈپ تاشلىغانىدى. 1993 – يىلى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئالىي مەكتەلەر ۋاسكىتبول لەۋھە تالىشىشى مۇسابىقىسىدا ، جۇڭگو تارىختا دۇنيا ۋاسكىتبول مۇكاپات سەھنىسىگە چىقىپ باقماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىپ ، كۈچلۈك ئىتالىيە كوماندىسىنى يېڭىپ 3 – لىككە ئېرىشىپ ، ئامېرىكا سەھنسىدە مۇكاپاتلىنىپ پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. كانادالىق ۋاسكىتبول مەستانىسى 11 ياشلىق ھاررى « جۇڭگولۇق پاكار يىلپىز ئادىلجان ۋاسكىتبول ئوينىمىسا مەن ۋاسكىتبول كۆرۈشتىن ۋاز كېچىمەن » دېدى . ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرى « جۇڭگو ۋاسكىتبول سەھنىسىدە پاكار ماھىر ئادىلجان پەيدا بولغاندىن باشلاپ ، ۋاسكىتبول سەھنىسىدە ئامەت جۇڭگوغا يۈزلەنگەندەك قىلىدۇ ،چۈنكى جۇڭگو مىڭلىغان يېڭىلگۈچى دۆلەتلەر ئارىسىدىن بىر سەكرەپلا يەڭگۈچى دۆلەت سالاھىيىتىگە ئىگە دۆلەتلەر قاتارىغا ئۆتۈۋالدى. بۇ سالاھىيەتنىڭ ئارقا سەپ ئىستىراتېگىيىلىك تاكتىكا ھۇجۇم لايىھىلىگۈچىسى ، رېژىسسورى ئادىلجان ئىسىمىك پاكار ماھىر ئىكەن . ئۇ توپ مەيدانىدا كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغان سەنئەتكارغا ئوخشاش چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرىدۇ »دەپ تەرىپلەشتى. ئادىلجان مەملىكەت بويىچە تۆت قېتىم مۇنەۋۋەر تەشكىللىگۈچى ، 1994 – يىلىدىكى ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا ەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا ئاسىيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر تەشكىلاتچى بولۇپ دۆلەتكە شان – شەرەپ كەلتۈردى . 1996 – يىلى پۈتۈن ئارمىيە بويىچە مەشھۇر ئون تەنھەرىكەتچىنىڭ بىرى بولۇپ سايلاندى. دۇنيا تەنتەربىيىسىگە تۆھپە قوشقان مەشھۇر كىشىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ يەر شارى تەنتەربىيىسىنىڭ نوبىل مۇكاپات فوندىغا ئوخشاش نوپۇزغا ئىگە ئامېرىكا KEN تەنتەربىيە ماگىناتى ئادىلجاننى ئىككى يىل مەخپىي تەكشۈرۈش ، كۈزىتىش ئارقىلىق ، ئادىلجاننى جۇڭگودىن چىققان يەر شارى ئىنسانلار تەنتەربىيىسىگە قوشقان تۆھپىسىگە ئاساسەن KEN ماگىناتىنىڭ ئىككى يىلغىچە ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولغۇچىلىق سالاھىيەتنى تەقدىم قىلدى. بۇنداق كاتتا ئىمتىيازغا ھازىرغىچە جۇڭگودىن ئۈچ كىشى ئېرىشتى . بۇنىڭ بىرى ئادىلجان بولدى. جاھان تەنتەربىيە مۇنبىرىدە بۇنداق كاتتا شان – شەرەپ يەر شارىدىكى ناھايىتى ئاز تەلەيلىك تەنھەركەتچىلەرگە ناېسىپ بولىدىغان كاتتا شان – شەرەپ بولۇپ بۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ شەرتلىرى ناھايىتى قاتتىق ئىدى . تەنھەركەتچىنىڭ مەيداندىكى روھى ، ئەخلاقى، سەمىمىيىتى، تاماشابىنلاردا قالدۇرغان گۈزەل ئوبرازى كەسىپتىكى ساپاسى، دوستلىرىغا ، رىقابەتچىلىرىگە بولغان ئىنسانىي كۆيۈمچانلىغى ، كەڭ قورساق ، مەردانىلىقى ، پاكىزلىقى ، ئەدەپ – ئەخلاق، مۇھەببەت – نەپرىتى، قۇربان بېرىش روھى ھەتتا ئىر – خوتۇنچىلىقى ، تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئۇششاق تۈرلەرگىچە قەتئىي مەخپىي تەكشۇرۇپ نومۇر قويۇپ ئۆلچەمگە توشقان لاياقەتلىكلەرگە بېرىلەتتى.
1994 – يىلىدىكى ياپونىيە خىروسىما ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىدا ئۈچ چوڭ تۈر بويىچە چىمپىيۇن، 1991 – يىلىدىكى ياپونىيە شىڭخۇدىكى ئاسىيا بويىچە ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى تالىشىشتا چىمپىيۇن بولۇپ ، ئولېمپىكقا قاتنىشىدىغان بىرىنچى دەرىجىلىك سالاھىيەتكە ئېرىشتى . 1993 – يىلى ھىندونېزىيە، 1995 – يىلى كورىيىدىكى ئىككى قېتىملىق ئاسىيا لەۋھە تالىشىشى مۇسابىقىسىدا چىمپىيۇنلۇق تاجىنى جۇڭگو داۋاملىق كىيدى. بۇ مۇسابىقىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارقا سەپ ھۇجۇم تەشكىلاتچىسى ئادىلجان بولدى . ئادىلجاننى جۇڭگو ئۆستۈردى. ئادىلجان جۇڭگوغا شەرەپ كەلتۈردى . ئادىلجاننىڭ پېشقەدەم ئۇستازى، خەلقئارالىق رىپىر سۈي يى ئەپەندى مۇنداق دېدى .
_ ئادىلجان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ۋەكىلى. مەنمۇ شىنجاڭدا ئۇزاق تۇرغان . شىنجاڭ تەنتەربىيە ساھەسىدىكى پېشقەدەملەر مېنى تونۇيدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن بۇنداق ئېسىل ۋاسكىتبولچىنىڭ چىقىشى ، كۆلەت ئالىي كوماندىسىدا دۇنياۋى شان – شەرەپ قازىنىشى شىنجاڭ خەلقىنىڭ پەخرى. ۋاسكىتبول يەر شارى خاراكتېرلىق ئېسىل سەنئەت. ئادىلجان شىنجاڭنىڭلا ئەمەس، دۆلەتنىڭ پەخرى. ئادىلجان مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا :
__ مەن توپنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇپ ئوينايمەن، ھەربىر قەدەم، ھەربىر ھەرىكەت، ھەتتا بەر تىنىقتىمۇ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن، قانۇنىيەتلىك ھالدا تاماشىبىنلارنى ئويلاپ ئوينايمەن. تاماشىبىنلار يىراق – يىراقلاردىن ئايروپىلان ، پويىزلاردا كېلىپ مەن ئوينىغان توپنى كۆرۈپ گۈزەللىك ، خۇشاللىق ھېس قىلسۇن ، كەلگىنىگە رازى بولسۇن دەپ ئوينايمەن، - دېدى .
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەنتەربىيە دىكتورى ليۇ يىدوڭ تېلېۋىزىيەدە ئادىلجان ئۈستىدە گەپ قىلغاندا : _  
__ ئادىلجاندەك چىرايلىق ماسلاشتۇرغۇچى ئىچى-سىرتىدىن تەڭ قەدەملىك ھەركەتلەندۈرگۈچى ۋاسكىتبول ساھەسىدە كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان ھادىسە. ئادىلجان مەشھۇر ياش چولپان ۋاڭ جىجى بىلەن ناھايىتى چاققان ماسلىشىدۇ. « 1 – ئاۋغۇست» ئارمىيە كوماندىسىنىڭ دائىم غەلبە قىلىشى1- ماس قەدەم، 2 – تېزلىك 3 – ئارقىدا قالسىمۇ روھىنى چۈشۈرمەي تىرىشىش. مانا بۇ ئارمىيە روھى ئادىلجاندا تەڭ يېتىلگەن . سۈي يى ئەپەندى قاتتىق مەشىق ئۈستىدە كېتىۋاتقان ئادىلجانغا قاراپ:
  
__ ئادىلجان ئارمىيە كوماندىسىغا كەلگەندە ئىچكى كۈچى كۈچلۈك ، ئەمما ياخشى ئوينىيالمايدۇ دەپ كىشىلەر ئىشەنمىگەن . ئادىلجان قان- تەر بەدىلىگە بۇ پىكىرلەرنى ، قاراشلارنى يەڭدى. مۇرەككەپ ئەگرى – توقاي يوللارنى بېسىپ بۈگۈنگە ئېرىشتى. بۇگۈنگە ئېرىشىش ئاسان ئەمەس. كىشىلەر ھازىرمۇ شىنجاڭلىقلار قالاق دېگەن مۇتەئەسسىپ قاراشتىن ھالقىغىنى يوق. شىنجاڭلىقلار مېھماندوستلۇق بىلەن ئۇسسۇل ئويناشتىن باشقىغا كېرەككە كەلمەيدۇ، توپ ئويناشقا، رىقابەتكە يارىمايدۇ دېگەن خۇراپىي قاراشقا ئادىلجان ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئەڭ ياخشى جاۋاب بەردى. ئادىلجاننىڭ چوقۇنغۇچىلىرى« كىشىلەرگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۆزىنى كىشىلەردىن ئۈستۈن تۇتمايدۇ، باراۋەرلىكنى ياخشى كۆرىدۇ» دەيدۇ. مەن بۇ پىكىرلەرگە قوشۇلىمەن . چەتئەللىكلەر ئادىلجاننى بەك ياخشى كۆرىدۇ. « مەيداندا رەقىبىنىمۇ قايىل قىلىپ، يىقىلسىمۇ ، سوقۇلسىمۇ ، قاتتىق زەربىگە ئۇچرىسىمۇ يەنىلا قىزغىن ، مۇلايىم ، كىچىك پېئىل، كۈلۈمسىرەپ تۇرىدۇ. جۇڭگودا بۇنداقلار كەم ئۇچرايدۇ» دېيىشىدىكەن. بۇمۇ ئادىلجاننىڭ كىشىلەردە قالدۇرغان گۈزەل تەسىراتى، ئادىلجان جۇڭگونىڭ ۋاسكىتبول تەرەققىياتىدىكى ئۇنتۇلماس پەخرى. ئادىلجاندا دۇنيادىكى باشقا چولپانلاردەك غەيرى مىجەز يوق . ئۇنىڭ ياخشى مىجەزى شىنجاڭلىقلارنىڭ كەڭ قورساق خاراكتېرىنىڭ سىماسى. دۇنيا ۋاسكىتبول ساھەسى ئادىلجاندىن پەخىرلىنىدۇ. سىلەر كىتاب چىقارساڭلار ئەڭ ياخشىسى خەنزۇچە چىقىرىڭلار ، شىنجاڭلىقلار ئادىلجاننى ئانچە بىلمەيدۇ، ئادىلجاننىڭ كىتابى ئىچكى ئۆلكىلەردە ئەڭ بازارلىق ، تالىشىپ ئالىدىغان كىتاب بولىدۇ. ئادىلجاننىڭ «1 ئاۋغۇست» ئارمىيە كوماندىسىدىكى باشلىقى چەن لىمىڭ ئاپەندى مۇنداق دەيدۇ:
__ ئادىلجان جۇڭگو تارىخىدا دۆلەت كوماندىسىغا ئەڭ كۆپ قېتىم ھەم ئۇزاق تەكلىپ قىلىنغان بىردىنبىر تەنھەركەتچى. باشقىلار تېزلا «قېرى» غا ئايلىنىپ شاللىنىپ كېتىدۇ. ئەمما ئادىلجان ھەرقانداق ياشلار ىلەن ئالدىغا ئېشىپ تۇرۇپ ئوينايدۇ. جەمىيەتتە كىشىلەر : ئادىلجانغا ئەمدى قېرىلىق يەتتى ، دۆلەت كوماندىسىدىن يەنە «ئارمىيە » كوماندىسىغا كەلدى، روھى چۈشۈپ چىكىنىدۇ، دېيىشكەنىدى. ئادىلجان بۇنداق ئىشلارغا پىشقان تەنھەركەتچى بولغاچقا ، ئۆزى ھەم تېرىنېر ، ھەم تەنھەركەتچى بولۇپ ياشلار بىلەن ئوخشاش ئويناۋاتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەت ،ئادىلجان بىزنىڭ داڭلىق ياش چولپىنىمىز ۋاڭ لىجىنىڭ داڭلىق چولپىنىمىز بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەڭ كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى. مەن قايىل بولىدىغان ئەڭ سۆيۈملۈك ئالاھىدىلىكى، تېز قوزغىلىش. مەيلى ھازىر ، مەيلى بۇرۇن ، جۇڭگودىمۇ ، خەلىق ئارادىمۇ بۇنداق تەنھەركەتچى كەم كۆرۈلگەن ، ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيتىنىڭ يەنە بىر ھەل قىلغۇچ يېرى ۋاسكىتبولغا بولغان مۇھەببەت . مۇشۇ مۇھەببەت ئۇنى كامالەتكە يەتكۈزدى .ئادىلجاننڭ مۇۋەپپىقىيىتىنىڭ يېرىمى ئايالى دىلنۇرغا مەنسۇپ . بىزنىڭ نۇرغۇن تالانتلىق تەنھەرىكەتچىلىرىمىزنى ئايالى قوللىمىغانلىقتىن چولپان بولالماي مەغلۇب بولدى . چۈنكى تەنھەرىكەتچىلىرىمىزنىڭ ئائىلىدە بولىدىغان ۋاقتى يوق دېيەرلىك . بۇنىڭغا چىدايدىغان دىلنۇردەك پەزىلەتلىك ئاياللار كەم تېپىلىدۇ. ئادىلجان دوستلۇققا يارايدۇ . ئادىلجاننىڭ ئەمەلىي تېرىنېر ئۇستازى ۋۇ چىڭشۈي ئەپەندى مۇنداق دېدى:
__ ئادىلجان توپ ئوينىغاندا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدۇ . ئۇنىڭ ئەڭ ئۇلۇغلاشقا تېگىشلىك ئالاھىدىلىكى ، توپقا بولغان مۇھەببىتى ، توپنى باشقۇرۇشى بەك كۈچلۈك ، بەدەن شارائىتى ، بەدەن ساپاسى توپنڭ تېزلىكى بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن . ئۇنىڭ بېلى ھەممىدىن كۈچلۈك ، بەدەن بىلەن توپنىڭ ئېلاستىكىلىقى ياخشى ماسلاشقان . ئۇزاققا بەرداشلىق بېرىش، توپ ئېلىپ مېڭىش ، پاس چىقىرىشتىكى ئېلاستىكىلىق كۈچى ، ماھارىتى كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ . كۆزى ئىتتىك ، ھەرقانداق مۇرەككەپ شارائىتتا تېزلا تاكتىكىلىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ. ئىستىراتېگىيە بەلگىلەيدۇ .... ئۇنى تاماشىبىنلارنىڭ ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرۈپ قېلىشى توپنى ئۇدۇل ئاپىرىپلا كامارغا سولاپ نومۇر ئېلىش بولۇپ قالماستىن ، مەيداندا ئېلاستىكىلىق سەنئەتكە باي بولغان ماھارەت بىلەن قويۇق يۇمۇرستىك توپ ئوينىغانلىقىدا . مەن ئادىلجاندەك تەنھەرىكەتچىمىز ولغانلىقىدىن بارلىق جۇڭگو خەلقى بىلەن بىرلىكتە دۇنيا جامائىتى ئالدىدا پەخىرلىنىمەن . ئۇنىڭ ئەگرى – توقاي ، مۇرەككەپ يوللارنى ، قاتمۇ قات توسالغۇلارنى بۆسۈپ چىقىش روھى ھەم تارىخى ھەممىزنىڭ ئۈگىنىشىگە ئەرزىيدۇ . ئادىلجاننىڭ ئايالى دىلنۇر مۇنداق دېدى :
__ ئادىلجان مەرد، كەسپكە سادىق ، ئاق كۆڭۈل، كۆڭلى – كۆكسى كەڭ ، تىرىشچان ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ . مەن ئۇنى داڭلىق چولپان بولىدۇ دەپ ئەمەس ، ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان مەندە قالدۇرغان ئادەملىك خاراكتېرى ، ئېسىل پەزىلىتىگە قايىل بولۇپ ھۆرمەت قىلغانلىقىمدىن ياخشى كۆرۈپ توي قىلغان . ۋۇچىڭشۈي ئەپەندى دەيدۇ: .  
__ مەن ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن، ئادىلجان مەيداندا توپنى يۇمۇرستىك سەنئەتلىك ئېلىپ ماڭسا ، مەيدان سىتتىدىكى تاماشىبىنلار خوشاللىقتىن چۇرقۇرىشىدۇ . مەيدان سىرتىدىكى تېرىنېرلار ئەنسىرەپ ، تېرىكىپ ئادىلجاندىن خاپا بولىدۇ. ئۇلار ئۇدۇل ئاپىرىپ تېزرەك نومۇر ئېلىشنى نەتىجە دەپ قارايدۇ . ئەمما مەن تاماشىبىنلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئادىلجاننى قوللايمەن . تاخشى كۆرۈپ چاۋاك چالىمەن. چۈنكى ۋاسكىتبولمۇ ئاجايىپ يېقىملىق بىر سەنئەت. ئۇدۇللا ئاپىرىپ كامارغا تىققاننىڭ نومۇر ئېلىشتىن باشقا ھېچبىر لەززەتى يوق. ئادىلجانىڭ سەنئەتكە باي ماھارىتىنى ھېچكىم ئۇنتالمايدۇ.
بىز قىزغىن سۆھبەتلىشىۋاتقاندا ، ئادىلجاننىڭ ئىككى ياشلىق ئوغلى جىددى مەشىق بولۇۋاتقان مەيدانغا يۈگۈرۈپ كىرىپ توپ قوغلاپ كەتتى . جىددىي مەشىق قىلىۋاتقانالر توپنى تاشلاپ ئۆزلىرى ئامراق ئوماق ئارسلاننى بىر – بىرىگە تاشلاپ ، سۆيۈپ ، قىچىقلاپ كۆلكە قىلىپ ئوينىدى . ئارسلان بولسا چىقىراپ توختىماي ئاغزىنى ،يۈزىنى سۈرتۈپ توپقا ئىنتىلدى. قويۇۋاەتكەندىن كېيىن تەنھەركەتچىلەرنى ئۆزى بىلەن توپ ئويناشقا دەۋەت قىلىپ ۋارقىرىدى.  
__ سىزمۇ دادىڭىزنىڭ توپ مەيدانىنى قالايمىقان قىلىپ چولپان بولغان ، ئەمدى ئوغلىڭىزمۇ سىزنى دوراۋاتامدۇ نېمە؟! – دېدىم مەن توپ ئوينىغىنىدىن خوشال بولۇپ قاقاقلاپ كۈلۈۋاتقان ئوماق ئارسلانغا قاراپ . ھەممەيلەن بالىنىڭ قىلىقلىرىغا زوقلىنىپ قارىدۇق. بالا خوشالىقىدىن توپ بىلەن تەڭ يۇمۇلاپ ئويناپ كەتتى .
__ ئۇيقۇدىن تۇرسىلا «دادا ،ئاپا، توپ ئوينايمەن » دەپ غەلۋە قىلىدۇ دېدى دىلنۇر.
__ دادام ۋالىبولچى ،مەن ۋاسكىتبولچى ، ئوغلۇم پۇتبولچى بولىدىغان ئوخشايدۇ. تېلېۋىزوردا پۇتبولنى كۆرۈپ قالسا باشقىغا يۆتكىگىلى قويمايدۇ ، - دېدى ئادىلجان .
مەن ئەمدى يەنە ئارسلانغا قايتا قارىدىم. ئۇ ئۆزىگە باشقىلار قولىدا بەرگەن ۋاسكىتبولنى پۇتىدا تېپىپ پاس بېرىۋاتقانىكەن.
  
ئادىلجاننىڭ شەخسى تور بېكىتى: http://adijiang.sports.cn I%

مەنبە ؛ئەركەم تورى

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 08:58 |
zeewaa
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 59118
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1085
شۆھرەت: 1086 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10839 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 343(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-03

 

مەن بۇ ئاداشقا  چوڭ چوڭ    ئۇتۇقلارنى     تىلەيمەن      

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    كومپىيۇتېردا كەم بولغىنى --تەپەككۇر
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 09:01 |
padixa51
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 54566
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 459
شۆھرەت: 470 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4518 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 406(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-03

 

كۈمۈلۈپ قالغان ئالتۇنكەندە بۇ  تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇق نەتىجىلەرگە ئىرىشكەي ئامىن !

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
پادىشاھ بلوگى http://padixa.blogbus.com/
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 09:02 |
parlak61
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 14807
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 510
شۆھرەت: 523 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5096 سوم
تۆھپە: 31 نۇمۇر
ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 980(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-03

 

ئادىلجاننىڭ داڭقىنى بەكلا ئاڭلىدىم ، ھەم قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە قايىل بولدۇم  ،  ئادىلجاننىڭ  بىرەر  مەيدان توپ ئوينىغان تىلۋىزىيە  سۈرەتلىك كۈرۈنىشى بارمۇ ؟ بولسا كۈرۈپ باققان بولساق  ، يوللاپ قويغان بولسىڭىز  ،  رەھمەت سىزگە  

شىنجاڭ تور مەكتىپى
http://i4.tagstat.com/image02/e/c842/0027051TIx2.jpg
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 09:46 |
halpambag
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 59370
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 766
شۆھرەت: 767 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7630 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 367(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

ھەممىمىز ئادىلجاننىڭ تېخىمۇ زور ئۇتۇققا ئىرىشىنى تىلەيلى !!!     

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 10:00 |
ALi-music
ئەلى ئاخنىياز
ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 13318
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 692
شۆھرەت: 703 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6920 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 505(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-04

 

مەن بۇ ئاداشقا  چوڭ چوڭ    ئۇتۇقلارنى     تىلەيمەن

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 10:01 |
towa518
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 60170
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 390
شۆھرەت: 391 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3820 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 205(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-04

 

مەن بۇ ئاداش نى ھەجەپ ئاڭلىماپتكەنمەن ،،

ئۈستىدىكى دوستىمىز دىگەندەك ، بىرەر مەيدان مۇسابىقىسىنى بۇ يەرگە چىقىرىپ قۇيساڭلار قانداق،، رەھمەت،

چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 10:13 |
BAOAN
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 56380
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1231
شۆھرەت: 1232 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 12310 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 483(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-03

 

بۇ  بىزنىڭ  ئۇيغۇر  ۋاسكىتىبول  چولپىنىمىز  ئادىلجان  ئەپەندىم  بۇلۇدىكىندە
بۇنىڭ  روھىدىن  كەلگۇسى  ئەۋلاتلار  ئوگۇنۇشىمىز  كېرەك         

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 10:16 |
igambadi
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 24943
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
شۆھرەت: 14 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-30

 

شەبنەم تورى  سەنئەتچىلەرنى  زىيارەت قىلىۋەرگىچە ئادىلجاننىمۇ  زىيارەت قىلغان بولسا ئەلۋەتتە .  

چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 10:49 |
firkat
ئابدۇسالام راخمان
ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 7400
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1844
شۆھرەت: 2109 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 642 سوم
تۆھپە: 243 نۇمۇر
ياخشى باھا: 170 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 2243(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-14

 

ئۇنىڭ ۋاسكېتبول ساھەسىدە ھەقىقەتەن تاللانتى بار. تەشكىللەش ۋە تەربىيلەش ئىقتىدارى ئالاھىدە. ئۆزىمۇ ئەينى چاغدا جۇڭگو ۋاسكىتبول ساھەسىدىكى داڭلىق چولپانىدى. ئەمما ئۇنىڭ ياندۇرقى يىلى شىنجاڭغا  كەلگەندە مويسىپىتلار ئۆيىگە پەتىلەپ كىرىپ دۇئا قىلسا قولىنىمۇ كۆتۈرمەي قولىنى كىندىكىدىن تۆۋەن تۇتۇپ بولمىغۇر قىلىق چىقارغانلىقى غەزىپىمنى قوزغىغانىدى. ئىشقىلىپ راستىمنى دىسەم ئۇ توپچى. ئەمما.....



تىنىمسىز ئىشلەش سەنئەتنىڭ مەھسۇلى، شۇنداقلا تۇرمۇشنىڭ مەھسۇلى
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 10:55 |
bingbong
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 67369
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 70 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 252(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-03

 

پو دىگەننى  شۇنداقمۇ ئاتقان بارمۇ~~.باشقىلاغا باھا بەرگەندە  ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلايلى.دۇنياۋى  چولپان دىگەن باھانى  خالىغانچە دەۋىرىدىغان گەپ ئەمەس ئۇ.

چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 12:12 |
PARMAN0908
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 82708
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 180
شۆھرەت: 180 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1795 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 56(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

مەن بۇ ئاداشقا   ئۇتۇقلارنى     تىلەيمەن

چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 13:54 |
ALMALIG
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 38511
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 67
شۆھرەت: 68 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 670 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 359(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-29

 

پو دىگەننى  شۇنداقمۇ ئاتقان بارمۇ~~.باشقىلاغا باھا بەرگەندە  ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلايلى.دۇنياۋى  چولپان دىگەن باھانى  خالىغانچە دەۋىرىدىغان گەپ ئەمەس ئۇ.
ئادىلجاننىڭ شۇنچىلىك ئەمەلى ئىقدىدارى بولمىسا <1-ئاۋغۇسىت> كۇماندىسىدەك ئارمىيە كۇماندىدا شۇنچە يىل تىرنىر بولالامدۇ؟ چەتئەللىك تەنھەركەتچى بولمايدىغان كۇماندىنى نەچچە يىل چىمپىيۇنلوققا ئىرىش تۇرەلەمدۇ.ئۇنىڭ ئۇستگە ئەختەم ئۆمەر ئاكىمىز يوقنى بار قىلىپ يىزىپ يۇرمەيدىغان ئىمانى ئەركەك قەلەمكەشلىرىمىزدىن بىرى.

ئالمالىغ
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 14:00 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
XabnamBBS » تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:05-04 09:07, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ