سىز بۇ تېمىنىڭ 583 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: كۆڭۈلدىكىدەك ئەر ـ خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى ئۈچۈن كۆرسەتمە پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

hiyalchan~tilak
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 74439
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 28 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 280 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 113(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-30

 كۆڭۈلدىكىدەك ئەر ـ خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى ئۈچۈن كۆرسەتمە

كۆڭۈلدىكىدەك ئەر ـ خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى ئۈچۈن كۆرسەتمە

ئامېرىكىلىق نىكاھ  ئىشلىرى مۇتەخەسىسى دوكتۇر لاۋرېنىس نىكاھقا مۇناسىۋەتلىك كۆپ كىتاپنى كۆرگەندىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىگە ئاساسەن، قانداق قىلغاندا كۆڭۈلدىكىدەك ئەر ـ خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى توغۇرسىدا 23 تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرغا قويدى.
1. پاراڭلىشىڭ: ھەر كۈنى مەلۇم ۋاقىت چىقىرىپ، خۇشال كەيپىياتتا ھەمراھىڭىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇڭ. بۇ كۆڭۈل بۆلگەنلىك ۋە مۇھەببەتنى ئىپادىلەيدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.
2. بىرلىكتە سەيلە قىلىڭ: كۈندە 30 مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىللە بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش-ئۇقۇشماسلىقنى تۈگۈتۈپ يېڭى نىشان تىكلەشتە ئىنتايىن مۇھىىم.
3. بىرلىكتە بۇرۇن قىلىپ باقمىغان يېڭى ئىشلارنى قىلىڭ: يېڭى ئېچىلغان رېستۇرانغا بېرىپ ئۆزگىچە تائاملاردىن تېتىپ كۆرۈش، مۇزىكا كېچىلىكىگە قاتنىشىش، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۆزگىچە ئۇسۇلدا ئۆتكۈزۈش، ئۇزۇندىن بۇيان ئۈگەنمەكچى بولغان نەرسىلەرنى بىللە ئۈگۈنۈش ــ نىكاھ تۇرمۇشۇڭلارغا تېخىمۇ كۆپ خوشاللىقلارنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ.
4. داۋاملىق سوۋغا تەقدىم قىلىپ تۇرۇڭ: بىرەر ژورنال ياكى بىرەر ئالاھىدە كىتاپ سېتىۋېلىپ تەقدىم قىلىش، ئىسسىق مۇنچىغا چۈشۈش ھەمدە ئۇۋۇلاپ قويۇش، گۈل سوۋغا قىلىش، ياخشى كۆرۈدىغان يىمەكلىكلەرنى بىر بىرىگە بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ھەمراھىڭىزغا كۆپ خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ.
5.ئورۇنسىز كوتۇلدىماڭ، تەنقىدلىمەڭ: ھە دېسىلا قارشى تەرەپتىن قۇسۇر ئىزدەپ يۈرمەي كۆپرەك ماختاپ، ئۇنىڭ سىزگە ئاتا قىلغان مېھىرـ مۇھەببىتىگە رەھمەت ئېتىڭ. قەدىناس ئەرـ خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا پاسسىپ سۆزلەرگە ئەزەلدىن ئورۇن يوق. سىز ياخشى ئۈلگە بولۇپ بەرسىڭىز، يولدىشىڭىزمۇ ئىشلارنى سىزگە ئوخشاش ياخشى قىلالايدۇ.
6.ئوبرازىڭىزنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ قويماڭ: ياخش  ئوبراز ئۆزىڭىزگە ۋە ھەمراھىڭىزغا قىلىنغان ياخشى سوۋغات. ساغلام ۋە جەلىپ قىلارلىق سىرتقى قىياپىتىڭىز، يۇرۇش-تۇرۇشىڭىز ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەيدەكچىلىك رول ئوينايدۇ.
7. ھەمراھىڭىزنىڭ ئۆز تۇرمۇشىغا مەسئۇل بولىشىغا يول قويۇڭ: ئۇ ئۆز تۇرمۇشى ۋە كەلگۈسىنى بەلگۈلەشكە ھوقۇقلۇق. ئۇنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىڭ. ئۆزۈڭلارنىڭ ئوخشاش ياكى ئوخشاش بولمىغان تەرەپلىرىنى ساقلاپ قېلىپ، تۇرمۇشىڭلارنى ئازادە ئۆتكۈزۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھەمراھىڭىزغا تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىقلارنى بېغىشلاڭ.
8. ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىشكە ئەھمىيەت بېرىڭ: سىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىڭلار خۇشال ئەسلىمىلەرنى ئاساس قىلغاندا، مۇناسىۋىتىڭلار تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ.
9. قارشى تەرەپنى ئىگىلىۋېلىش نىيىتىدە بولماڭ: ئىش قىلغان ۋاقىتتا ھەرگىزمۇ ھەمراھىڭىزنى ئىگىلىۋېلىش نىيىتىدە بولماي، ئۇنىڭ ئۆز تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە قىزىقىشى بويىچە ئىش كۆرۈشىگە يول قويۇڭ. قوللاش، رىغبەتلەندۈرۈش، مەدەت ۋە ئىلھام بېرىشنى ئاساس قىلىڭ. قەلبىڭىز مىننەتدارلىق بىلەن تولسۇن، ئىناق ۋە ئىتتىپاق ئۆتۈڭ.
10. بىرگە بولغان ۋاقتىڭىزنى قەدىرلەڭ: شۇنداق قىلالىغاندا بىر- بىرىڭلارغا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كېتىسىلەر، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىككىڭلار ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ.
11. پەقەت ئىككىڭلار خۇشال بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىڭ: شەخسىي تۇرمۇشتا سىز ھەم ھەمراھىڭىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ، پەقەت ئىككىڭلارغا پايدىلىق ئىش بولسىلا قىلىۋېرىڭ، باشقىلارنىڭ قانداق ئويلىشى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، ھەرقانداق توسالغۇ بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككىڭلار قانائەتلەنسەڭلارلا بولدى.
12. دادىل بولۇڭ: يېڭى ئۇقۇم، يېڭى كەچۈرمىش، يېڭى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە نىسبەتەن دادىلراق بولۇڭ. بۇنداق قىلىش سىزنىڭ تۇرمۇشتىن خۇشالىق ئىزدىشىڭىزگە، يېتىلىشىڭىزگە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت دائىرىڭىزنىڭ كېڭىيىشىگە ياردەم بېرىدۇ. سىلەرنىڭ بىرلىكتە ئۈگەنگەن نەرساڭلار قانچە كۆپ بولسا شۇنچە خۇشاللىنىسىلەر.
13. ئەپۇ قىلىش ۋە مۇھەببەت قويۇشنى ئۈگۈنىۋېلىڭ: ئۆتكەن ئىشلارغا سالاۋات قىلىپ، بۈگۈننى چىڭ تۇتۇڭ. ھەمراھىڭىز بىلەن بىرلىكتە خشال خۇراملىق بىلەن كەلگۈسى پىلاننى تۈزۈڭ.
14. نەپرەتلەنمەڭ، ئاچچىقلانماڭ، گۇمانخورلۇق قىلماڭ: ھەسەتخورلۇق قىلماڭ. شۇنداق قىلالىسىڭىز بىر- بىرىڭلارنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەپ، ھەر ئىككىڭلاردا تۇرمۇشقا نىسبەتەن تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق پەيدا بولىدۇ.
15.مەنىسىز ئۇرۇش- تالاش قىلماڭ: مەيلى قەيەر، قايسى ۋاقت بولمىسۇن ئۇرۇشماسلىق لازىم. بولۇپمۇ تاماق يەيدىغان، ئۇخلايدىغان چاغدا ھەرگىز ئۇرۇشماڭ. ھەر بىر كىشى ئۆز پىكرىدە تۇرۇشقا ھوقۇقلۇق، قارشى تەرەپنىڭ كۆز قارىشىغا، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىغا ھۆرمەت قىلىپ ياخشى بىر تىڭشىغۇچى بولۇڭ.
16. كۈلۈمسىرەش ۋە كۈلكە سىزگە دائىملىق ھەمرا بولسۇن: بۇ ساغلاملىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ رېتسىپى. سىز ئۆزىڭىزگە ۋە ھەمراھىڭىزغا نىسبەتەن بەك تەلەپچان بوپ كەتمەڭ، كۆپرەك كۈلۈمسىرەش ۋە كۈلۈش بىر- بىرىڭلارغا بېرىدىغان ھەقىقىي سوۋغات.
17. تىكىلىپ قاراشنى ئۈگۈنىۋېلىڭ: چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن بىر- بىرىڭلارغا قانچە كۆپ قاراشساڭلار، مۇھەببىتىڭلار شۇنچە كۈچىيىدۇ. سىز قارشى تەرەپنىڭ كۆزىدىن مۇھەببەت، ساداقەت ۋە گۈزەللىكنى كۆرەلەيسىز.
18. كۆڭۈل بۆلگەنلىكنى ئىپادىلەڭ: قۇچاقلاش، سۆيۈش، سىيلاش بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھەببەتنى ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكنى ئىپادىلەيدىغان ناھايىتى ياخشى ئۇسۇل.
19. ساغلام بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ: ياخشى يىمەكلىكلەر ياخشى روھىي ھالەتنى يېتىلدىرىدۇ. تۇرمۇشنى رەتلىك ئۆتكۈزۈڭ. مېۋە- چېۋە، يېڭى كۆكتات، دانلىق، ۋېتامىنلىق، ماي تەركىبى ۋە ئىسسىقلىق كالورىيىسى تۆۋەن يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىڭ. يىمەكلىكلەر پاكىز، ئوزۇقلۇق تەركىبى يۇقۇرى بولسۇن. قايناقسۇنى كۆپرەڭ ئىچىڭ، كۆپرەك دەم ئېلىڭ.
20. ئۆيىڭىز پاكىز، رەتلىك بولسۇن: بۇنىڭ تىنچ مۇھىتنى يارىتىشتا، ئائىلىڭىزنىڭ تېخىمۇ بەختلىك ۋە ئىناق بولىشىغا ياردىمى بولىدۇ. بۇ راستىنلا ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.
21. يارىشىملىق كىيىنىپ يۈرۈڭ: رەتلىك، پاكىز، يارىشىملىق كىيىنىپ چىرايلىق ياسىنىپ يۈرسىڭىز، ئۆزىڭىزمۇ بىر خىل ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ھېس قىلىسىز. سىزنىڭ تاشقى قىياپىتىڭىز، بولۇپمۇ ئاممىۋى سورۇنلاردىكى قىياپىتىڭىز قارشى تەرەپنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن تارتىلىش ۋە باشقىلارنى تاللاش پۇرسىتىنىڭ ئورنىنى تولدۇرالايدۇ.
22. ئىقتىسادتا ئوچۇق ئاشكارا بولۇڭ: ئۆيىڭىزنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىسىنى قارشى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ھەل قىلىڭ. ئەگەر سودا بىلەن شۇغۇللانسىڭىز، قارشى تەرەپنى پايدا ـ زىيان، كىرىم ـ چىقىم قاتارلىقلاردىن تولۇق خەۋەرلەندۈرۈڭ. ئىقتىسادتا بىرلىككە كېلىپ، بىرـ بىرىگە ئىشىنىپ، جاپا مۇشەققەت، ھوزۇر ھالاۋەتنى تەڭ كۆرگەندە ئەر ـ خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.
23. قارشى تەرەپنىڭ مىجەزىنى پۈتۈلەي قوبۇل قىلىڭ: قارشى تەرەپنىڭ خارەكتېرى، ئادىتى، مىجەزى قاتارلىق ئالاھىدە تەرەپلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماي، ئەڭ ياخشىسى ئۇنى قوبۇل قىلىڭ. بۇ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

          مەنبە: ھاياتلىق ژورنىلى

تېما تەستىقلىغۇچى : DEWRAN
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-04-28, 15:24

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-28 22:40 |
ئىزنا سودا بازىسى
dilgiya0993
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 82218
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 106
شۆھرەت: 126 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1040 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 204(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-03

 

بولىدىغان   گەپلەركەن  ،بوپمۇ  بىز نىڭ يولداشلىرىمىزغا  ئوقۇپ  بەرسەك  بولغۇدەك.......

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 00:01 |
SALMAK
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 34457
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 820
شۆھرەت: 841 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 9295 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1112(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-03

 

كۆپۆنچىسى ئاياللارغا دىيىگەندەك قىلىدو؟

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 01:22 |
xohlakizil
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 75621
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 116
شۆھرەت: 116 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1110 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 113(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-03

 

نەگە قارىسا شۇ <ئادەمنى قايىل قىلارلىق تىمىىكەن> ،،،،،،،،،،،،،، ئى ئىنكاس يازغىمىز كەلمىسە يازمايلا قويىلى،

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 08:47 |
YURGUM
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 67862
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 95
شۆھرەت: 95 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 950 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 268(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-03

 

بېلۋېلىشقا تېگىشلىك ياخشى تىما يوللاپسېز!

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-29 11:20 |
boran701
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 69531
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-03

 

ياخشى تىمىكەن رەھمەت سىزگە

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-02 23:56 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » نىكاھ-ئائىلە
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:05-04 09:07, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ