سىز بۇ تېمىنىڭ 189 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئىسسىقلىق ھەمراھىنىڭ زىيانلىق تەرىپى بارمۇ؟ پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

zamzam0997
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 76120
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 65
شۆھرەت: 65 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3710 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 149(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 ئىسسىقلىق ھەمراھىنىڭ زىيانلىق تەرىپى بارمۇ؟

      ئىسسىقلىق ھەمراھىنىڭ زىيانلىق تەرىپى بارمۇ؟

ھۆرمەتلىك تورداشلار ياخشىمۇسىزلەر!
ھازىر جەمىيەتتە <<ئىسسىقلىق ھەمراھى >> دىگەن نامدىكى ساغلاملىق مەھسۇلاتى بازارغا سېلىنىپ ،خېرىدارلارنىڭ ناھايىتى ياقتۇرىشىغا مۇيەسسەر بولىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ پايدىلىق تەرپى بىلەن زىيانلىق تەرىپىگە قارىتا تېخى مۇكەممەل كۆز قاراشلار تورداشلىرىمىزدا يوق بۇلىشى مۇقەرەر. شۇڭا مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۆۆەندە مەن بۇ ھەقتە بىر تىما يېزىشنى لايىق تاپتىم .
ئۇنداقتا گەپنى ئاشۇ «ئىسسسىقلىق ھەمراھى»نىڭ ئاساسلىق تەركىبىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسى تەركىبى قىسقا دولقۇنلۇق ئىنفىرا قىزىل نۇر دىن ئىبارەت بۇلۇپ ،ھاۋا بىلەن ئۇچىراشقاندا ئىسسىقلىق تارقىتىش رولىغا ئىگە . مانا شۇ ئىسسىقلىق ئارقىلىق كېسەك داۋالاش ئۈنىمىگە يەتكىلى بۇلىدۇ.
ئەمدى  ئىنفىرا قىزىل نۇر نىڭ ئالاھىدىكىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۈتەي.
ئىنفىرا قىزىل نۇر قۇياش نۇرى تەركىبىدىكى ئاددى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بىر خىلى بۇلۇپ ،1800-يىلى ئەنگىلىيە ئالىمى 霍胥尔 بايقىغان. ئىنفىرا قىزىل نۇرى ئادەتتە ئۈچ تۈرگە بۈلىندۇ. 1.قىسقا دولقۇنلۇق ئىنفىرا قىزىل نۇر ، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 0.75-1.50μm ئارلىقدا .2.ئوتتۇرا دولقۇنلۇق ئىنفىرا قىزىل نۇر. دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 1.50-6.0μm بۇلىدۇ. 3.يىراق دولقۇنلۇق ئىنفىرا قىزىل نۇر .دولقۇن ئۇزۇنلۇق 6.0-l000μm غىچە بۇلىدۇ.
  ئىنفىرا قىزىل نۇرنىڭ داۋالىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرى:
ماس كىلىش ئوبىيكتى :  رىماتىزم ،بۇغۇم ياللۇغى ،كاناي ياللۇغى ،كۆكرەك پەردە ياللۇغى ،سۇزۇلما خاراكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغى ،،سۇزۇلما خاراكتىرلىك  ئۈچەي ياللۇغى ،نېرىپ يىلتىزى ياللۇغى ، نېرىپ ياللۇغى ،كۆپ ئۇرۇندا پەيدا بۇلۇش خاراكتىرلىق ئۇچسىز نېرىپ ياللۇغى ،سىپازمىلىق پالەچ ،بوشاشقان پالەچ، ئەتىراپ نېرۋا سىرتىقى زەخمىسى ،يۇمشاق تۇقۇلمىلار سىرتقى زەخمىسى، سۇزۇلما خاراكتىرلىك جاراھەت، ئۈششۈك ،سىرتقى تېرە كۈيۈش، ياتاق يارىسى ،سۇزۇلما خاراكتىرلىك لىمفا تۈگۈنى ياللۇغى ، ،سۇزۇلما خاراكتىرلىك  ۋىنا ياللۇغى ،ئۇكۇل سالغاندىن كىيىنكى قاتتىق تۈگۈن ، ئوپىراتىسيەدىن كىيىنكى تۇتۇش ،تاتۇقلارنىڭ يېغىلىۋېلىشى ، تۇغۇتتىن كىيىن سۈت كەملىك ،ئەمچەك توپچىسى يېرىلىش ،سىرتقى جىنسى يول ياللۇغى ، ،سۇزۇلما خاراكتىرلىك  داس بوشلۇقى ياللۇغى ،ھۆل تەمىرەتكە،نېرۋا خاراكتىرلىك تېرە ياللۇغى ، تېرە يارا بۇلۇش قاتارلىقلارغا شىپاھ بۇلىدۇ .
----
چەكلىنىشى : قاناش خاھىشى بار بولسا ،يۇقىرى قىزىتما ، ھەركەتچان ئۆپكە تىبىركۇليۇز ،ئېغىر دەرىجىدىكى ئارتىريە قېتىش ،تۇسۇلۇش خاراكتىرلىك قان تۇمۇر ياللۇغى قاتارلىقلار .
---
دىمەك يۇقىردا ئىنفىرا قىزىل نۇرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە ئۇنىڭ چەكلىندىغان ئىشلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقتۇق ، بىز يۇقىردا تىلغا ئالغان «ئىسسىقلىق ھەمراھى »ئادەتتە بالىياتقۇ ئۇدۇلىغا يەنى سىرىت تەرەپتىن ئىشلىتىلدۇ . بۇنىڭ ئاساسى تەسىرلىرى ،ئۆزدىكى ئىسسىقلىق تارقىتىش خۇسۇسىيىتى بىلەن قان تۇمۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇپ ،خانىم قىزلارنىڭ ھەيىز مەزگىلدىكى ئاغرىتىپ ھەيىز كىلىش ئالامەتلىرىگە ئۈنۈملۈك شىپاھ بۇلۇپ كىلۋاتىدۇ ، ئۇنىڭدىن سىرىت يەنە ھەر تۈرلۈك سۇزۇلما خاراكتىرلىك ئاياللار كېسەللىكىگە ئىشلىتىشكىمۇ بۇلىدۇ . شۇنڭىدەڭ بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ خانىم قىزلارغا ھىچقانداق ئەكىس تەسىرى بولمايدۇ . خاتىرجەم ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ . ئەمما ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا ئىنفىرا قىزىل نۇرنىڭ ئادەم كۆزى بىلەن بىۋاستە ئۇچىرشىش سەۋەبىدىن كۆزگە ئاق چۈشۈشكە ئوخشاش تەسىرنىڭمۇ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك . شۇڭا ئەمەلىيى تۇرمۇشتا كۆزنىڭ ئىنفىرا قىزل نۇر بىلەن ئۇچىرشىشىنىڭ ۋاقتىنى ئامال بار كونتىرۇل قىلىشمىز كېرەك .
يۇقارقىلار بىرەر«ئىسسىقلىق ھەمراھى»ياسايدىغان شىركەتلەرنىڭ ئېلانى ئەمەس ، پەقەت قايسى كۈنى بىر توردىزىمىز مۇشۇ ھەقتە سۇئال يېزىپتىكەن ، شۇڭا جەمىئىيەتتىكى كەڭ خانىم قىزلارغا پايدىسى بۇلار دىگەن ئۈمىدتتە بۇ ماقالىنى تەييارلىدىم ،.كەڭ تورداشلارنىڭ سەمىمى پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى قۇبۇل قىلىمەن .

ھۆرمەت بىلەن زەمزەم تىبابەت تور بېكىتىدىن زەمزەم ئەپەندى
ماقالە مەنبەسى : ئۈزۈمنىڭ بىلىمى خالاس.
www.xjzamzam.com

تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-04-27, 15:27

 

http://www.xjzamzam.com
زەمزەم تىبابەت تورى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-27 19:47 |
ئىزنا سودا بازىسى
tograh0997
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 38094
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7032
شۆھرەت: 7259 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 0 سوم
تۆھپە: 117 نۇمۇر
ياخشى باھا: 291 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1571(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

مەن بۇنى تازا بىلمەيدىكەنمەن

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
./read.php?tid-62328.html
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 23:29 |
0991sumruh
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 27435
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2235
شۆھرەت: 2237 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 424092 سوم
تۆھپە: 75 نۇمۇر
ياخشى باھا: 80 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 2004(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 

ئەسكەرتىپ قويمىغان بولسىڭىز ئېلانمىكىن دەپ قالاتتىمكەن ئېلاندىن زېرىكىپ شۇ تېلىۋېزوردىن ۋاز كېچىپ تورغا ئىلىشىپ قالغان دەڭە   

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
./?u=27435
قايغۇرماڭ!باتۇرلارچە ياشاڭ!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-28 00:27 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك تەتقىقاتى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:05-02 23:06, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ