« 1 2345» Pages: ( 1/8 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 6178 - كۆرۈرمىنى
رۇمەيسا
تەبەسسۇمنى سېغىندىم
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 38670
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 1879
شۆھرەت: 2102 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2871 سوم
تۆھپە: 337 نۇمۇر
ياخشى باھا: 442 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1949(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

 ئەمدى سىزنى يىغلاتمايمەن (رۇمەيسە)

ئەمدى سىزنى يىغلاتمايمەن




(ئىلاۋە: مەزكۇر ئەسەرنىڭ بېشىنى مەن باشلىدىم، ئاخىرىنى مۇنبەردىكى زۇلقەرجان بىلەن ھەمكارلىشىپ داۋاملاشتۇرۇپ يازماقچى. ئىككىلىمىز ئوقۇغۇچى بولغانلىقىمىز، يەنە كېلىپ بۇ ئەسەر تورغا بىۋاستە يېزىلماقچى بولغانلىقى تۈپەيلى، ئەسەر بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈپ ئېلان قىلىنىدۇ. ئامال بار ئىككىمىزنىڭ بىرى بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ ئەسەرنى تېز داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز. تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىپ، تەكلىپ-پىكىرلەر بىلەن تەمىنلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەسەرنىڭ ئاپتورلۇق ۋە تارقىتىش ھوقوقى پەقەت زۇلقەر ۋە رۇمەيسەگە تەۋە! رۇخسەتسىز ئىشلەتمەڭ.)




ـ ئايقۇت، دىققەت قىلىڭ-ھە، تېيىلىپ كەتمەڭ يەنە.
ـ خاتىرىجەم بولىڭە، مەن كىچىك بالا ئەمەسقۇ ...
ـ شۇنداقتىمۇ دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ، قاراڭە يان تەرىپىڭىزگە، شۇنچە خەتەرلىك تۇرسا. ئەكىلىڭ قولىڭىزنى تۇتىۋالاي.
ـ ماقۇل، ماقۇل، تېزرەك ماڭايلىچۇ بابۇر  ...
ئايقۇت بىلەن بابۇر ئىككىسى جۇڭگودىكى داڭلىق تاغلارنىڭ بىرى بولغان خۇاشەن تېغىغا چىقىپ كېتىۋاتاتتى. شۇنداق، ئۇلار ئىچكىرىدە، يەنى شىئەن شەھرىدە ساياھەتتە ئىدى. خۇاشەن تېغىغا چىقىدىغانلار ئادەتتە كېچىچە تاغقا يامىشىپ ئەتىسى ئەتىگەندە كۈننىڭ چىقىشىنى كۆرۈپ ئاندىن قايتىپ چۈشەتتى. تاغ يولى بەك تىك ھەم بەكلا ئىگىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچىسى يامىشىدىغان بولغاچقا خېلى مەن-مەن دىگەن ئەركەكلەرنىمۇ تەرلىتەتتى. ئۇچىسىغا قارا رەڭلىك تەنھەركەت كىيىمى كىيگەن، قاپقارا چاچلىرىنى بىر بوغۇۋالغان ئۇيغۇر قىزى ئايقۇت، بابۇرنىڭ قولىنى چىڭ تۇتقىنىچە ئۈستىگە قاراپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ ھېچ بىر ھارىدىغاندەك ئەمەس، بابۇر بىلەن تەڭ قەدەم تاشلىغىنىچە تاغنىڭ چوققىسىنى نىشانلاپ توختىماستىن ئىلگىرلەۋاتاتتى. بابۇر بولسا مەكتەپ پۇتبۇل كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىسى، قامەتلىك، بويى ئىگىز، ئۇستىخانلىق كەلگەن ئۇيغۇر يىگىتى. ئۇمۇ ھەربىر قەدىمىدە ئۆزىنىڭ پۇتىنىڭ ياخشى دەسسەلگەن دەسسەلمىگىنى بىلەن كارى بولماي ئايقۇتتىن ئەنسىرگىنىچە ئۇنىڭ قولىنى بارغانسىرى چىڭ سىقاتتى.  ئۇلار شۇ تەرىقىدە بىر كېچە مېڭىپ ئاخىرى تاغ چوققىسىغا چىقتى، تاغ ئۈستى خېلىلا سوغۇق ئىدى. ئىككىلىسى ئالدىن تەييارلىق قىلىپ مامۇق چاپانلارنى ئېلىۋالغان بولسىمۇ، يەنىلا توڭۇپ تىتىرەپ كېتىۋاتاتتى. بابۇر ئايقۇتنىڭ سوغۇقتىن چىرايلىرى ئۆزگىرىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، چاپىنىنى سالدىدە، ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي كىيدۈرۈپ قويدى.
ـ بۇنى كېيىۋېلىڭ، سوغۇق ئۆتۈپ قالىدۇ.
ـ سىزچۇ ؟ ئۇ سوغۇق سىزگە ئۆتمەمدىكەن؟ -ئايقۇت شۇنداق دېگىنىچە چاپاننى سېلىپ ئۇنىڭغا تەڭلىدى ،
ـ مەن دىگەن ئوغۇل بالا تۇرسام، ئۇنىڭ ئۈستىگە  خېلى چېنىقىپ تۇرىمەن، بەدىنىم ياخشى، ئاسان ئاغرىپ قالمايمەن.
ـ سوغۇق دېگەن ما ئوغۇلكەن، ماۋۇ قىزكەن دەپ ئايرىپ ئولتۇرمايدۇ. تولا جاھىللىق قىلماي كېيىڭە.
ـ ياق، مەن كىيمەيمەن،-بابۇر شۇنداق دېگىنىچە چاپاننى زورلاپ ئايقۇتقا ئارتىپ قويدى. ئايقۇتنىڭ بەدىنىگە ئىللىق بىر ئېقىم شۇررىدە قىلىپ تارقىدى. بابۇرنىڭ سوقۇقتىن تىترەپ تۇرسىمۇ، چاپاننىڭ جاھىللىق بىلەن ئۇنىڭغا كەيدۈرۈپ قويۇشى ئۇ ئىلگىرى ئاڭلىغان نۇرغۇن شىرىن-شېكەر گەپلەردىن بەكراق ئۇنىڭغا تەسىر قىلغانىدى.
    ئۇلار سەل بالدۇر چىقان بۇلۇپ، كۈننىڭ چىقىشىغا يەنە بىر ئاز ۋاقىت بار ئىدى. ئىككىسى يانمۇ-يان ئولتۇرۇشقىنىچە، شەرق تەرەپكە قاراپ كۈننىڭ چىقىشىنى ساقلىدى. ئالدى تەرەپ سۇس ئاي نۇرىدا شۇنداق گۈزەل كۆرۈنەتتى، بۇلۇتلارنىڭ ئارىسىنى يېرىپ چىققان بەزى ئىگىز تاغ چوققىلىرى «مانا بىز» دېگەندەك بوينىنى سوزۇپ، قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇراتتى. ئاپپاق بۇلۇتلار ئاينىڭ نۇرىدا شۇنچىلىك گۈزەل كۆرۈنەتتىكى، قارىغان كىشى ئۆزىنى شۇ بۇلۇتلارنىڭ ئارىسىدا ئۈزۈپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى. ھازىر تاغ چوققىسدا كۈننىڭ چىقىشىنى ساقلاۋاتقان ساياھەتچىلەر شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، شۇنداق جىمجىت ئىدى، چۈنكى ھەممەيلەن جىمجىت ھالدا  كۆز ئالدىدىكى بۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتاتتى. ئايقۇت بىلەن بابۇرمۇ پۈتۈن ئۆمرىدىمۇ بىر كۆرۈش تەستە نېسىپ بولىدىغان بۇ كۆرۈنۈشتىن ھەيران بولغىنىچە ئۈنسىز ئولتۇرىۋاتاتتى.

ـكۈن  چىقتى، بابۇر، قاراڭ، كۈن چىقتى،- ئايقۇت تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ، خۇشاللىقتىن سەكرەپ كەتتى. قىپقىزىل قۇياش بۇلۇتلارنىڭ ئارىسىدىن ھەممە ياقنى قىزىل رەڭگە بويىغىنىچە تارتىنىپ چىقىپ كەلدى. بۇ مەنزىرە ھەقىقەتەنمۇ بەك گۈزەل ئىدى. بايىقى ئاي نۇرىدا سۈزۈك كۆرۈنگەن بۇلۇتلار ئەمدىلىكتە قان ئىچكەندەك، خىجىلچان قىزنىڭ يۈزىدەك قىزارغانىدى.
ـپاھ، نېمىدىگەن گۈزەل! بۇ قېتىم شىئەنگە كېلىپ، بولۇپمۇ بۇ تاغقا چىقىپ توغرا قىلىپتىمەن جۇمۇ. رەھمەت سىزگە بابۇر،- ئايقۇت  توختىماي سۆزلەيتتى.
«نېمىدىگەن تاتلىق ئاۋاز ھە» بابۇر بولسا ئەمدى قۇياشنىڭ مەنزىرىسىدىن بەكرەك ئالدىدىكى بۇ ساھىپجامالغا مەپتۇن بۇلۇپ ، ئۇنىڭغا تىكىلىپ قالغانىدى. ئۇ ئايقۇتنىڭ سوغۇقتىنمۇ ياكى خۇشاللىق، ھاياجاندىنمۇ سۇس قىزارغان مەڭزىگە قاراپ خىيال قۇشلىرى ئۇچۇپ كەتتى. شۇنداق، ئۇ ئايقۇتنىڭ ئاۋازىغا بەكمۇ ئامراق، ئۇنىڭ ئۆزىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ۋاقىتتا ئاۋۋال ئاۋازىنى ئاڭلىغانىدى. شۇ چاغدىمۇ بۇ ئاۋاز شۇنچىلىك يېقىملىق بىلىنگەن  ...

ـ ئاداش، ئۇرغۇي ئەمەس ئۇيغۇر دېگىنە مانداق، - پويىزدا ئارقا تەرەپتىكى ئالتە كىشىلىك ئورۇندىن چىققان بۇ ئاۋاز ئەمدى ئۇخلاشقا تەرەددۇت قىلىپ، ئالدىدىكى ئالقانچىلىك كىچىككىنە ئۈستەلنىڭ بۇرجىكىگە بېشىنى قويغان بابۇرنىڭ بېشىنى ئىختىيارسىز كۆتۈرىۋەتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئارقىغا قاراپ بېقىشنى ئويلىدىيۇ، بىراق ئۇنداق قىلسا سەل قاملاشمايدىغىنىنى ھېس قىلىپ، ئورنىدا جىم ئولتۇرغىنىچە بۇ ئاۋازغا داۋاملىق قۇلاق سالدى.
ـ ۋاي –ۋۇي، ئاداش، تولىمۇ دەپ كەتتىڭ مۇشۇنى، چۈشەنسەڭلا ئوخشاش ئەمەسمۇ،- بۇ باشقا ئاۋاز ئىدى.
ـ ياق ھەرگىز ئوخشىمايدۇ، ھەممەيلەن ئۇنداق ئوخشاش دەۋېرىدىغان بولساق ئاخىرى بېرىپ راست «ئۇرغۇي » غا ئايلىنىپ قالىمىزبىز! - بۇ ئاۋاز شۇنداق جانلىق ھەم يېقىملىق ئاڭلىناتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېيىلىۋاتقان ئۇ گەپلەر بابۇرنىڭ كۆڭلىدىكى بىلەن ئوخشاش ئىدى.
ـ ماقۇل، ماقۇل، جېنىم ئادىشىم، مەن ئەمدى ئۇرغۇي دېمەي، بولغاندۇ؟
ـ قىيدىما ئاداش، بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلىمىسەك، باشقىلار كېلىپ بىزنى قەدىرلەپ قويمايدۇ،- ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئۆزىنىڭ گېپىگە چۈشۈپ كەتتى، ئۇلارنىڭ دېيىشىۋاتقىنى بابۇرنىڭ كاللسىغا كىرمىدى، ئۇ پەقەت ئۇ  يېقىملىق ئاۋازنىلا ئاڭلايتتى. ئۇنىڭ بايا دىگەن سۆزلىرى بابۇرغا تەسىر قىلدى، چۈنكى قىزلارنىڭ ئىچىدە بۇنداق دەيدىغان قىزلار ئاز ئۇچرايتتى، يەنە كېلىپ بۇنىڭغا ئوخشاش ئىچىكىرىگە قاراپ كېتىۋاتقان پويىزدا...
تۇيۇقسىز ئارقا تەرەپتىن ئاڭلانغان چىرقىراشقان ئاۋازلار بابۇرنىڭ دىققىتىنى يەنىمۇ بەك تارتتى.
[ بۇ يازما رۇمەيسا تەرپىدىن2009-04-26 23:30دە قايتا ]

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-04-27, 02:48

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+5(سۈزۈك ئاي) بەك ياخشى يې ..
  • ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇيغۇر تىلىمغا چېقىلمىساڭ بولمامدۇ؟!......

    http://tirish.cn/bbs
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-26 22:56 |
    ئىزنا سودا بازىسى
    رۇمەيسا
    تەبەسسۇمنى سېغىندىم
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 38670
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 1879
    شۆھرەت: 2102 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2871 سوم
    تۆھپە: 337 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 442 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1949(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     



    ـ ئاپا! ۋاي قولۇم!
    ئەمدى بابۇر داۋاملىق ئولتۇرالمىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كەينىدىكى ئورۇنغا قارىۋېدى، دەرۋەقە، ئارقا تەرەپتىكى ئورۇندا ئىككى ئۇيغۇر قىزى ئولتۇرغانىدى. ئۇلارنىڭ ئەنسىز چىرقىراشلىرىغا، جىددىيلەشكەن چىرايىغا، قاپقارا چاچلىرىنى ئاددىيلا قىلىپ ئېگىز تۈگىۋالغان، چىرايلىرى سۈپسۈزۈك، قوشۇمىلىرى بىلىنەر-بىلىنمەس تۈرۈلگەن بىر قىزنىڭ سول قولى بىلەن ئوڭ بېغىشىنىڭ سەل ئۈستىنى تۇتۇپ ئىڭراۋاتقىنىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ بىرەر ياردەمگە مۇھتاج بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن بابۇر دەرھال ئۇلارنىڭ يېنىغا ئۆتتى:
    ـ نېمە ئىش بولدى؟
    ـ ئۇنىڭ قولىغا قايناقسۇ تۆكۈلۈپ كەتتى،- سېمىزراق كەلگەن، سارغۇچ بۈدرە چاچلىرى يەلكىسىگە چۈشۈپ تۇرغان بىر قىز نېمە قىلارىنى بىلەلمەي جىددىيلەشكىنىچە جاۋاپ بەردى.
    ـ مەن كۆرۈپ باقايمۇ؟
    قاپقارا، يۇمىلاق كۆزلىرىدىن ياش يالتىراپ تۇرغان قىز قولىدىن كۆزىنى ئۈزمەي تۇرۇپ، ئاۋايلىغىنىچە قايناقسۇ تۆكۈلگەن يەرنى بابۇرغا كۆرسەتتى. قايناقسۇ بەلكىم يېڭى ئەكىلىنگەن بولسا كېرەك، قىزنىڭ بېغىشىنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىدىكى ئىككى بارماقچىلىك ئورۇن قېپقىزىل قىزىرىپ قالغان ئىدى. بابۇر دەرھال ئورنىغا قايتىپ سومكىسىدىن چىش پاستىسىنى ئېلىپ كېلىپ، ئاۋال قىزنىڭ قولىنىڭ كۆيگەن يېرىنى بىردەم پۈۋلىدى، ئاندىن چىش پاستىسىنى ئاۋايلاپ سۈرۈپ قويدى. شۇ ئەسنادا بىر تامچە ياش بابۇرنىڭ قولىنىڭ دۈمبىسىگە «توككىدە» ئېقىپ چۈشتى.
    ـ باشتا بىر ئاز ئېچىشىدۇ، ئاندىن تېزلا ئاغرىقنى توختىدۇ. بىر ئاز چىداڭ،-دېدى بابۇر قىزنىڭ ئوماق يۈزلىرىگە بىر قاراپ قويۇپ. قىز بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، جاۋاپ بەرمىدى.
    ـ رەھمەت سىزگە، كۆپ رەھمەت،- دوستىنىڭ قولىغا قايناقسۇنى تۆكۈپ قويۇپ جىددىيلىشىپ ئولتۇرالماي قالغان قىز ئەمدى سەل خاتىرجەم بولغاندەك ئىدى.
    ـ ھېچقىسى يوق. ئىككىڭلار يالغۇزمۇ؟
    ـ ھەئە، بىز سەل كېچىكىپ ماڭغان، شۇڭا ئىككىيلەنلا ماڭدۇق. سىزمۇ ...ئوقۇغۇچىمۇ؟
    ـ ھەئە، مەنمۇ ئوقۇغۇچى، مەنمۇ يالغۇز ماڭغان،- دېدى بابۇر. ئۇ پات-پات ئۇ قىزغا قاراپ قاراپ قوياتتى، قىز بولسا كۆيگەن قولىنى پۈۋلىگىنىچە گەپ قىلماي ئولتۇراتتى.
    ـ ئۇ قولىڭىزنى بەك ئويلاپ كەتمەڭ، بولمىسا تېخىمۇ ئاغرىپ كېتىدۇ،-دېدى بابۇر.
    قىز ئەمدى بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدى. ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى ئۇچرىشىپ قالدى. قىزنىڭ كۆزلىرى چىرايلىق ئىدى، بايىقى ياشلار گۈل بەرگىگە قونغان شەبنەمدەك، قىزنىڭ ئۇزۇن كىرپىكلىرىنى سەل نەمدەپ، بۇ كۆزلەرنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىۋەتكەنىدى. بابۇر سېھىرلىنىپ قالغاندەك قاراپلا قالدى، قىزمۇ ئۇنىڭغا قاراپ بىر پەس تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز كۆزلىرىنى ئېپقېچىپ يەنە قولىغا قارىۋالدى. بابۇرمۇ بۇنىڭ بىلەن ئېسىگە كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئاشۇرىۋەتكەنلىكىدىن خىجىل بۇلۇپ قالدى .
    ـ ئاداش، ھېلىمۇ بۇ شۈەيگې (كېلىشكەن يېگىت دېمەكچى) بولۇپ قاپتىكەن، بولمىسا قولۇڭنى قانداق قىلاتتۇ ھە؟- ياندىكى قىزنىڭ بۇ گېپى ئىككىسنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇردى .
    ـ رەھمەت سىزگە.
    بۇ ئاۋاز ئەمدى تېخىمۇ يېقىملىق بىلىنمەكتە.
    ـ ھېچقىسى يوق، ئەرزىمەيدۇ، ھازىرچە مۇشۇنداق تۇرۇپ تۇرسۇن، سەل تۇرۇپ تېڭىپ قويايلى. ئازراق شامالدىمىسا بولمايدۇ،- دېدى بابۇر.
    ـ ماقۇل،- خېجىل بولىۋاتامدۇ ياكى ئاغرىقتىنمۇ ئەيتاۋۇر قىزنىڭ بايىقى سۆزمەنلىكىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى.
    ـ تونۇشۇپ قالايلى، بۇ پويىزدا بىز ئۈچلا ئۇيغۇر بار ئوخشايمىز، مېنىڭ ئىسمىم بابۇر، شىئەندە ئوقۇيمەن.
    ـ مېنىڭ ئىسمىم ئايقۇت،- دېدى قولى كۆيگەن قىز بابۇرغا سۇس كۈلۈمسىرەپ.  
    ـ مېنىڭ ئىسسمىم  گۈزەلنۇر. ئۇنداقتا ئەتە چۈشۈپ قالىسىز دەڭە پويىزدىن؟ بىز يەنە خېلى ماڭىمىز تېخى،-دېدى يەنە بىر قىز.
    ـ ئاخىرقى بېكەتتە چۈشەمسىلەر؟- بابۇر ئۇ قىز توغرىسىدا كۆپرەك ئۇچۇر بىلىشكە تىرىشاتتى.  
    ـ ھەئە.
    ـ جاپا تارتىدىغان بولدۇڭلاردە، بولۇپمۇ دوستىڭىز.-  بابۇر يەنىلا قىزنىڭ قولىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ دېدى.
    ـ بولمىسا سىز ماۋۇ يولداشلارنىڭ بىرەرى بىلەن ئالمىشىپ كېلىڭە، بىللە ئولتۇرايلى. ئايقۇتنىڭ قولىنى سىز تېڭىپ قويمىسىڭىز ھېچ ئەپلەشتۈرەلمەيدىغاندەك قىلىمىز قارىسام. خېلى بەك كۆيگەن ئوخشايدۇ جېنىم ئادىشىمنىڭ قولى،- گۈزەلنۇر بەكلا ئوچۇق قىز ئىدى.
    بابۇر ئايقۇتقا لاپپىدە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن «ماقۇل» دەپ يۈك تاقلىرىنى ئەكىلىشكە ماڭدى. ئۇ قىزلارنىڭ ئۇدۇلىدىكى يولوچى بىلەن ئالمىشىپ جايلىشىپ بولغاندىن كىيىن، ئايقۇتتىن سورىدى :
    ـ يەنە ئاغرىۋاتامدۇ؟
    ـ ياق، ئەمدى ئاغرىقى خېلىلا توختاپ قالدى، راستتىنلا رەھمەت جۇمۇ سىزگە.
    ـ بولدى تۈزۈت قىلماڭ، ھەممىمىز «ئۇيغۇر» تۇرساق،- بابۇر قەستەن ئۇيغۇر دىگەن سۆزنى ئۇرغۇلۇق ئېيتتى، قىز ئۇنىڭ ياپما چاقچىقىنى تېزلا چۈشەندى.
    ـ بايا ھەممىنى ئاڭلاپسىز–دە؟- قىزنىڭ ئوماق مەڭزىللىرىگە يەنە قىزىللىق يۈگۈرگەنىدى.
    ـ كەچۈرۈڭ، قەستەن ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىۋالمىدىم، بىراق بايىقى گەپلىرىڭىز بەك توغرا بولدى ...
    شۇنداق قىلىپ ئارىدىكى تەكەللۇپلار بىر ئاز كۆتۈرۈلۈپ، ئىككىسى مۇلاھىزىگە چۈشۈپ كەتتى.
    ـ يا ئاللا، ئايقۇتنىڭ تەربىيلىرىدىن قۇتۇلالمايۋاتسام، سىز قوشۇلدىڭىز ئەمدى ھە؟- گۈزەلنۇر مۇشۇنداق دىگىنىچە دېرىزىگە يۆلىنىپ ئۇيقۇغا  كەتتى.
    ـ سىزمۇ بىر ئاز ئۇخلىۋالامسىز؟ سەل تۇرۇپ پويىزدىن چۈشىسىز، ھېلىمۇ بەك چارچاپ كەتتىڭىز.
    ـ ياقەي، مەن ئۇيقۇنى مەكتەپكە بېرىپ ئۇخلىۋالسام بولىدۇ، سىز ئارام ئېلىۋېلىڭ.
    ـ مېنىڭمۇ پەقەتلا ئۇيقۇم كەلمىدى.
    ـ قولىڭىزنى تېڭىپ قويايمۇ ئەمىسە؟
    ـ سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.
    ـ ياقەي، تۈزۈت قىلماڭ.
    بابۇر ئايقۇتنىڭ قولىنى ئاۋايلاپ تېڭىپ بولغاندىن كىيىن، ئۇلار يەنە پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇلار ئۇيغۇر تارىخىدىن تارتىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغىچە، ھازىرقى زامان ئەسەرلىرىدىن تارتىپ كىلاسسىك ئەسەرلەرگىچە توختىماي سۆزلىشىپ تاڭنى ئاتقۇزدى. ھەر ئىككىسىنىڭ كۆرگەن كىتاپلىرى بەك كۆپ ئىدى، شۇڭا مۇلاھىزىلەردە بىر-بىرىگە گەپ بەرمەي سۆزلىشىپ كېتەتتى. نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئۇلارنىڭ پىكرىنىڭ، كۆز قارىشىنىڭ بىر يەردىن چىقىشى، قىزىقىشلىرىنىڭ ئوخشاپ كېتىشلىرى ئۇلارنىڭ ئارىلىقىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىۋاتقاندەك قىلاتتى.
    گەپ ئارىسىدا بابۇر ئايقۇتنىڭ تېلىفون نۇمۇرلىرىنى خاتىرلىۋالدى :
    ـ ئالاقىلىشىپ تۇرايلى،- دېدى ئۇ- كۆپرەك پىكىرلىشىپ تۇرايلى.
    ـ ئىم، بولىدۇ، ئالاقىلىشىپ تۇرايلى.
    ـ پۇرسەت بولسا شىئەنگە كېلىڭ.
    ـ ماقۇل، مېنىڭمۇ شىئەننى بىر كۆرۈپ باققۇم بار، سىزمۇ پۇرسەت بولسىلا بىزنىڭ ئۇ تەرەپلەرگە بېرىڭ.


    داۋامى بار.
    [ بۇ يازما رۇمەيسا تەرپىدىن2009-04-27 14:16دە قايتا ]

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇيغۇر تىلىمغا چېقىلمىساڭ بولمامدۇ؟!......

    http://tirish.cn/bbs
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 12:31 |
    walla
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 59988
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 59
    شۆھرەت: 60 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 590 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    شۇنداق ياىشى باشلىنىپتۇ ئاخرىنى كۈتىمەن تىزراق يوللارسىلەر!!!!!!!

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    ۋاقىت ئادەمنىڭ ھاياتىغا باراۋەر!!!!!!!!!
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 12:51 |
    OYQIBOY
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 70456
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 262
    شۆھرەت: 276 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2506 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 143(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-03

     

    ياخشى باشلىنىپتۇ ......
    ئاخىرىنى تېزراق يوللارسىلەر، داۋامىغا تەشنامەن....

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    اللە ئەڭ شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر.
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 13:45 |
    konqikizi
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 63440
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 862
    شۆھرەت: 863 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 8620 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1023(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-03

     

    ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇي.رەھمەت ئەجرىڭلارغا !

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    ئادىمىيلىك يوقالسا دىلدىن،
    ئالىملىقمۇ بولۇر بىر تىيىن.
    ئىككى پۇتلاپ ياشىماق ئاسان،
    ئادەم بولۇپ ياشىماق قىيىن.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 13:53 |
    amina0997
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 69029
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 100
    شۆھرەت: 100 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 950 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 161(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-27

     

    راست ياخشىكەن ئاخىرى تېزراق چىقسىكەن

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 13:53 |
    رۇمەيسا
    تەبەسسۇمنى سېغىندىم
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 38670
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 1879
    شۆھرەت: 2102 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2871 سوم
    تۆھپە: 337 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 442 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1949(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    داۋامىنى زۇلقەر يازماقچىتى، دەرسى باركەنتۇق، چۈشتىن كىيىن يوللاي دەيدۇ.
    ساقلىتىۋەتتۇق، كەچۈرۈڭلار.  

    ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇيغۇر تىلىمغا چېقىلمىساڭ بولمامدۇ؟!......

    http://tirish.cn/bbs
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 13:56 |
    گـۈلۈم
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 28366
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1837
    شۆھرەت: 1843 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 9115 سوم
    تۆھپە: 16 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 601(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    يا ئاللا ، باركەنسىز ھە ئوماق؟

    يوقاپ كېتىپ ئىسىل ئەسەردىن بىرنى ئالغاچ كەلگەن ئوخشايسىز،داۋامىغا تەشنامان.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
      
    مەن ھامان سۈكۈتتە...
    ھايا _قىز بوينىدىكى زۇننار.
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 14:04 |
    uzi
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 63723
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 675
    شۆھرەت: 676 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 525 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 420(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-28

     

    ۋەقەلىك ئىنتايىن ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ ، ئاخىرىغا تەشنامەن !

    دوستلارنىڭ ھەسىتى دۈشمەننىڭ قەستىدىن يامان!
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 14:43 |
    گـۈلۈم
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 28366
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1837
    شۆھرەت: 1843 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 9115 سوم
    تۆھپە: 16 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 601(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    جۈپ بولۇپ ھىكايە يازسىمۇ ياخشى چىقامدۇ نىمە؟

    جۈپتىڭىزگە دەڭە ، ئاخىرىنى تېزراق يوللىسۇن........

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
      
    مەن ھامان سۈكۈتتە...
    ھايا _قىز بوينىدىكى زۇننار.
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 14:44 |
    رۇمەيسا
    تەبەسسۇمنى سېغىندىم
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 38670
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 1879
    شۆھرەت: 2102 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2871 سوم
    تۆھپە: 337 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 442 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1949(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    Quote:
    بۇ مەزمون10قەۋەتتىكىگـۈلۈمنىڭ2009-04-27 14:44 دە يوللىغان يازمىسى   :
    جۈپ بولۇپ ھىكايە يازسىمۇ ياخشى چىقامدۇ نىمە؟

    جۈپتىڭىزگە دەڭە ، ئاخىرىنى تېزراق يوللىسۇن........



    خاتا چۈشەنمەڭلارچۇ~~ ئىككىمىزنىڭ كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمىز، يېزىش ئۇسلۇبىمىز ئوخشاپ قالىدۇ، شۇڭا ھەمكارلىشىپ باقماقچى بولدۇق~~

    ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇيغۇر تىلىمغا چېقىلمىساڭ بولمامدۇ؟!......

    http://tirish.cn/bbs
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 14:56 |
    گـۈلۈم
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 28366
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1837
    شۆھرەت: 1843 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 9115 سوم
    تۆھپە: 16 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 601(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    چاخچاق قىپ قويدۇم  تاتلىق قىز...

      
    مەن ھامان سۈكۈتتە...
    ھايا _قىز بوينىدىكى زۇننار.
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 15:02 |
    رۇمەيسا
    تەبەسسۇمنى سېغىندىم
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 38670
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 1879
    شۆھرەت: 2102 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2871 سوم
    تۆھپە: 337 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 442 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1949(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    زۇلقەر، ئاخىرىنى سىزنى يازىدۇ دەپ ئولتۇرىۋاتىمەن. يوقاپ كەتتىڭىزغۇ؟  

    ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇيغۇر تىلىمغا چېقىلمىساڭ بولمامدۇ؟!......

    http://tirish.cn/bbs
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 15:21 |
    تىلسىمات
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 72812
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 595
    شۆھرەت: 600 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5851 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 122(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-03

     

    يائاللا!شەبنەمدىكى باللا ھازىر قوش ئوينايدىغان بولاپ كەتتى دەڭلا!خۇددى قوش كىشىلىك ناخشا،قوش كىشىلىك ئۇسۇل دىگەندەك............................................................

    ياخشى باشلىنىش!مۇنبەردە مۇشۇ ئىككىڭلاردەك ھەمكەرلىشالايدىغان دول بىلەن بودىلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ،بىراق كاۋلىلارنىڭ ئارلىشىپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز!تىخىمۇ تىرىشڭلار!

    ئوغاۋالووووووووووو!ما رۇمەيسە قىزنى شۇنداقلا تورداشلارنى ساقلىتىۋەرمەي تىزرەك يوللىمامسىلەر دەيمەن.....................
    تورخانىغا بارغىچە قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بەرمىگەندۇ؟
    [ بۇ يازما تىلسىمات تەرپىدىن2009-04-27 15:53دە قايتا ]

    جەننەت ئانىنىڭ ئايىقى ئاستىدا...
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 15:42 |
    zulkarjan
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 9410
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 292
    شۆھرەت: 2011 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1160 سوم
    تۆھپە: 83 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 684(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-02

     

    داۋامى:

    بۇ ئارىدا گۈزەلنۇر ئويغىنىپ قالدى، ئۇ كۆزلىرىنى ئۇۋىلىۋېتىپ ئىككىسىگە بەك قارىۋەتكەندىن كېيىن :
    ـ ياۋ پانا، ئىككىڭلارغا قولۇمنى ئەمەس پۇتۇمنىمۇ قويىۋەتتىم جۇمۇ! نېمە تۈگىمەيدىغان گەپ ئۇ، تازا تېپىشقان بىر جۈپلەركەنسىلەر،- گۈزەلنۇرنىڭ ئويلاشمايلا چاقچاق تەرىقىسىدە دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆزى ئىككىسنى توك تەپكەندەك قىلىپ قويدى، ئىككىسى بىر-بىرىگە بىر قارىشىۋەتكەندىن كېيىن نېمشىقىدۇ قىزىرىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن  ناشتا قىلىپ، بابۇر يۈك-تاقلىرىنى يىغىشتۇرغۇچىمۇ ئىككىسنى كەيپىياتىدىكى بۇ ئۆزگىرىش يوقىمىدى، يا ئاچچىقلىنىشقا، يا خۇشال بولۇشقا ئوخشىمايدىغان بۇ خىل كەيپىيات ھەر ئىككىسنى بۇرۇقتۇرۇم قىلاتتى.
    « پويىز شىئەن ۋوگزالىغا كەلدى، چۈشىدىغان يولۇچىلار يۈك -تاقىڭلارنى ئېلىپ چۈشۈشكە تەييار بولۇڭلار! »
    ئىككى قىزمۇ بابۇرنى ئۇزۇتۇپ پويىزدىن بىللە چۈشتى. ھاۋا نەمخۇش بولۇپ، يامغۇرنىڭ ئاخىرقى تامچىلىرى زىمىنغا تۆكۈلىۋاتقان بولسا كىرەك، ئۇششاق يامغۇر تامچىلىرى ئۇلارنىڭ ئۈستى-باشلىرىغا يۇمشاققىنە ئۇرۇلىۋاتاتتى.
    ـ ماقۇل ئەمىسە، خۇداغا ئامانەت، يولدا كۆپرەك دىققەت قىلارسىلەر.
    ـ بولىدۇ، سىزمۇ شۇ، ئۆزىڭىنى ئاسراڭ، - ئايقۇتنىڭ كۆڭلى نېمىشقىدۇ يېرىم بولىۋاتاتتى. «توۋا ،نېمانداق قىلىمەن ، تۈنۈگۈن تونۇشتۇمغۇ بۇ بالا بىلەن تېخى» دەپ ئويلايتتى ئىچىدە. بۇخىل كەيپىيات بابۇردىمۇ ھۆكۈم سۈرىۋاتاتتى. ئىككىسى يەنە بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرۇپ قالدى. سەزگۈر گۈزەلنۇر ئىككىيلەننىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ قالدى.
    ـ مەن بەك توڭلاپ كەتتىم، مەن چىققاچ تۇراي، خوش ئەمىسە بابۇر،- ئۇ شۇنداق دەپلا ئايقۇتنىڭ چاقىرىشىغىمۇ قارىماي پويىزغا چىقىپ كەتتى.
    ـ بولدى، سىزمۇ توڭلاپ قالماڭ، سىزمۇ پويىزغا چىقىپ كېتىڭ ئەمىسە. قولىڭىزغا دىققەت قىلىڭ، تېڭىق ئەتىگىچە تۇرسا بولىدۇ، بارغاندىن كېيىن دوختۇرغا كۆرسۈتۈپ تېڭىقنى ئالماشتۇرۇڭ،- ئۇ كۆڭلىدە خاتىرجەم بولالمايۋاتاتتى .
    ـ ماقۇل، ئەنسىرىمەڭ ، سىزمۇ ئۆزىڭىنى كۆپرەك ئاسراڭ ،مەنمۇ چىقىپ كېتەي ئەمىسە .
    ـ ماقۇل، خۇداغا ئامانەت .
    ـ خۇداغا ئامانەت.
    ـ يەنە كۆرۈشكىلى نىسىپ قىلسۇن خۇدايىم،- بابۇر بۇ سۆزلەرنىڭ ئاغزىدىن قانداق چىقىپ كەتكىنىنى تۇيماي قالدى . ئايقۇت ئۇنىڭغا يەنە بىر قارىۋېتىپ پويىز تەرەپكە ماڭدى. ھەر ئىككىسىنىڭ قەلبىدە دەھشەتلىك ھېسيات توقۇنۇشلىرى بولىۋاتاتتى. ئايقۇت پويىزغا چىقىپ بولۇپ، ئەينەكتىن قاراپ، بابۇرغا قولىنى پۇلاڭلاتتى. پويىز كەتتى، ئايقۇتمۇ كەتتى، بابۇر شۇ چاغدىلا ۋوگزالدىن چىقىپ، ماشىنىغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە قايتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىسنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلمىدى، مەيلى تېلىفوندا ياكى توردا يەنە تېخى قىسقا ئۇچۇردىمۇ ئالاقىلىشپ تۇردى. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ تەرەققىي قىلىپ ...

    ***************

    ـ بابۇر،ـ ئايقۇتنىڭ يېقىملىق چاقىرىشى ئۇنىڭ خىيالىنى ئۈزۈپ قويدى.
    ـ ھە ؟
    ـ ئەتتىگەندە نېمە خىيال سىزگە، ئالدىڭىزدا شۇنداق چىرايلىق مەنزىرىلەر تۇرسا، نېمىلەرنى خىيال قىلىدىغانسىز؟
    ـ «كۆيۈك ۋەقەسى » نى ئويلاۋاتىمەن، ھى ھى ھى  ...
    ـ قاراڭ قۇياش نېمىدىگەن گۈزەل،- ئايقۇت سەبىي كۈلگىنىچە قۇياشنى كۆرسەتتى.
    ـ سىز ئۇنىڭدىنمۇ گۈزەل،-دېدى بابۇر ئايقۇتقا قاراپ تۇرۇپ ، ئايقۇت ۋىللىدە قىزاردىدە باشقا ياققا قارىۋالدى.
    [ بۇ يازما zulkarjan تەرپىدىن2009-04-27 16:13دە قايت ]

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 15:55 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/8 total )
    XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:05-03 07:25, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ