ئۇيغۇر تور چىلىقىدىكى يېڭى بۆسۈش!ئەڭ يېڭى خۇشخەۋەر! ئۇنىۋېرساللاشقان ئۇيغۇرچە تور يۈزى فونتىeot
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى توربىكەت قۇرۇلۇپ تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇرچە خەتلەرنى نۇرمال كۆرسىتىش توربىكەت قۇرغۇچىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسلە بولۇپ كەلدى.
توربىكەت قۇرغۇچىلار ئۆزى ياقتۇرغان فونىت (خەت نۇسخىسى) نى تاللاپلا microsoft شىركىتى ئىشلەپ تارقاتقان weftتىن پايدىلىنىپ eot (تور يۈزى خەت نۇسخسى) ئىشلەپ بىكەتتىكى خەتلەرنى نۇرمال كۆرسىتىپ كەلدى(ھەربىر تور ئىسمىغا بىرeot ياساپ )(پەقەت بىر ياكى 2خىللا خەت نۇسخىسى ئىشلىتىپ) . كۈندىن -كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىھتىياج بىلەن ئىنتىرنىت web2.0گە كىردى، بۇنىڭ بىلەن توردا كىنو كۈرۈش ، ناخشا تىڭشاش، ھەتتا شەخسىي بەت ياساش كىشلەرنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى . لىكىن تور بىكەتنىڭ خەت نۇسخىسى توغرىسىدا ئۇيغۇر تورچىلىقى زور توسالغۇغا دۇچ كەلدى .چۈنكى بۇرۇنقى تېخنىكا يەنى weft تا ھەر بىر تور ئادرىسىغا بىر eot (تور يۈزى خەت نۇسخسى)ئىشلەشكە توغرا كىلەتتى . (ياكى بولمىسا ھەربىر كومپىيۇتىرغا خەت نۇسخسى قاچىلاشقا توغرا كىلەتتى) شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى ئۇيغۇر بىلوگلىرى 2-دەرىجىلىك ئىسىم تەمىنلەشنى توختىتىپ id ئارقىلىق شەخسىي بەتنى زىيارەت قىلىدىغان قىلدى ، ئەمما idئىسىمغا قارىغاندا بىرقەدەر تەس ئەستە قالىدىغان بولغاچقا 2-دەرىجىلىك ئىسىم يەنىلا كىشلەر ئۈمىدى بولۇپ كەلدى،بەزى بىكەتلەر ئىسىم ئىشلەتمەي ipئارقىلىق زىيارەت قىلىنىدىغان بولغاچقا ipئالماشسا بىر eot ياساشقا توغرا كەلدى . ھەم شۇنداقلا نۇرغۇن يېڭى تور بىكەت ھەۋەسكارلىرى ياسىغان تور بىكەتتە خەتنى نۇرمال كۆرسىتىشتە قىيلىنىپ قالدى . بىزمۇ تالاي قېتىم مۇشۇ مەسلىگە يولۇقۇپ بىزدە ئۇنىۋېرساللاشقان پەقەت بىرلاeot ( تور يۈزى خەت نۇسخىسى) بىلەن ھەممە توربىكەتنىڭ خېتىنى نۇرمال كۆرسىتىدىغان قىلغىنى بولماسمۇ دىگەن ئوي تۇغۇلدى-دە بۇ توغرىسىدا ئىزدىنىشكەباشلىدۇق نۇرغۇن سىناقلارنى ئېلىپ بېرپ كۆپ قېتىم مەغلۇب بولۇپ ئاخىرى مۆجىزە خاراكتىرلىق بۇ ئونىۋېرساللاشقان eot تور يۈزى خەت نۇسخىسى پۈتۈپ چىقتى .
ئالاھىدىلىكى شۇكى :http://دىن باشلانغان ھەرقانداق تور ئىسىم ،توربىكەت ،ip نىڭ ئۇيغۇرچە قوللىشى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى !!!
پەقەت بىرلا eot بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق تور بىكىتىنىڭ خەت نۇسخسىسىنى نۇرمال كۆرسىتىش تامامەن ئەمەلگە ئاشتى !!!
ئۇيغۇرلارمۇ ئەمدى كۆپ خىل خەت نۇسخىسىدا بىكەت قۇرالايدۇ !!!
مەيلى سىز ئەمدى قانداق ئىسىمدا قانداق بىكەت قۇرۇڭ ،پەقەت eotنى ئۇلىسىڭىزلا ئۇيغۇرچە كۆسىتىش تولۇق ئەمەلگە ئاشىدۇ!!!
ئىشلىتىش ئۇسۇلى : ئاستىدا تەمىنلەنگە خەت نۇسخىللىرىدىن خالىغاننى چۈشۈرىۋېلىپ توربىكىتىڭىزدىكى cssھۆججىتى ئارقىلىق ئۇلىسىڭىز بولىدۇ .
بىرلا خەت نۇسخىسىنى ئۇلاش ئۇسۇلى :توربىكىتىڭىزدىكى cssھۆججىتى ئىچىگە
@font-face { font-family: بۇ يەرگە خەت نۇسخسىنىڭ ئىسمىنى يازىسىز; src: url(بۇيەرگىمۇ شۇ.eot); }
bahtinureot.css بۇنىڭدىن پايدىلانساڭلارمۇ بولىدۇ . بىلوگچىلار بىۋاستە
http://www.kadirdawut.com/blogbus.css نى
مۇشۇ كود بىلەن بىلوگىڭلارغا قىستۇرساڭلار ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش تولۇق ئەمەلگە ئاشىدۇ!
بىرقانچە خەت نۇسخسىسىنى نۇرمال كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۈسىتىدىكى كودنى تەكرارلاپ خەت نۇسخىسىنىڭ ئىسمىنى ۋە eot ئىسمىنى تولدۇرسىڭىزلار بولىدۇ . بۇرۇنقى ئۇلانغان eot نى يېڭىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ !
يېڭى ئۇنىۋېرساللاشقان تور يۈزى فونىتغا ھەرقانداق قىممەتلىك پىكىر -تەكلىپىڭىز بولسا مەن قوبۇل قلىشقا تەييار ! بۇ eot لار مەڭگۈ ھەقسىز تارقىتىلىدۇ ،بۇ ئارقىلىق ھەرقانداق كىشىنىڭ ئىقتىسادىي نەپكە ئېرىشىشى دۇرۇس ئەمەس !
مەرزكۇر بەتنىڭ ئاستا ئېچىلىدىكى سەۋەب بولسا :تولۇق ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈچۈن 57-دانە eot نىڭ ھەممىسى ئۇلانغان بولغاچقا ھەممىسى تولۇق چۈشۈپ بولغۇچە ئېچىلىشى ئاستىلايدۇ . ئادەتتە بىر بىكەتكە 4خىل خەت نۇسخسى ئىشلىتىشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن ! ئەمدى بىزمۇ پەقەت بىرلا خىل خەت نۇسخىسىدا توربىكەت ياساشقا خاتىمەن بېرەيلى!
مەزكۇر خۇشخەۋەرنى بارلىق ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھەرقايسى توربىكەت باشلىقلىرىنىڭ بىكىتىنىڭ قىممەتلىك ئورۇنلىرىدىن ئازراق بىرىشىنى سەمىمي ئۆتۈنىمىز.
تەپسىلىي ئىشلەش ئۇسۇلىنى دەرسلىك قىلىپ يېقندا يوللايمەن !ئۇيغۇر پىروگراممىرلار كۇلۇبىدىكى مايور ئەپەندىگە ،ئۇستاز مۇنبىرىدىكى سىرلىق نۇر ئەپەندىگە ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىمەن . ھۆرمەت بىلەن : بەختىنۇر قادىر ( خىلى بۇرۇنلا پۈتكەت بولسىمۇ سىناپ مۇكەممەلشتۈرۈپ)2009-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى رەسمىي تارقىتىلدى
http://www.kadirdawut.com/eot