« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 2386 - كۆرۈرمىنى
Uzer
يۈكسەل
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 40822
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 382
شۆھرەت: 427 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4166 سوم
تۆھپە: 36 نۇمۇر
ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1468(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-17

 شەرمەندىگە شەھەر كەڭ

«يېڭى ناۋا» غا قاتنىشىڭ
شەرمەندىگە شەھەر كەڭ


مەنبە: يۈكسەل بلوگى


ئىشخانىغا ئەمدىلا كېلىپ، چاپىنىمنى كېيىم ئاسقۇغا ئىلىپ تۇرۇشىمغا ئىشداشىم گەپ باشلاپ قالدى ( خوتۇن خەقنىڭ قورسقىدا گەپ ياتىدۇ دەمسىز؟! ):
- ۋوي قاراڭ، تۈنۈگۈن كىچىك قىزىمنى سىرتقا ئاچقىپ قايتىپ كېلەردە، خۇدانىڭ يورۇق كۈنىدە ، يولىنىڭ ئوتتۇرىدا شۇنداق بىر ھالەتنى كۆردۈمكى ، يەر يېرىلسا ، يەرگە كىرىپ كەتسەم ...
شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق ئالىي تېببىي ئوقۇللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان مەكتىپىمىزدە مەكتەپ قورۇسىنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان بىرلا چوڭ يول بولۇپ، مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرگەن كىشى مۇشۇ يول ئارقىلىق ئاۋۋال ئوقۇتۇش رايونى ، ئوغۇللار ياتاق بىناسى، قىزلار ياتاق بىناسى ، دوختۇرخانا رايونىدىن ئۆتۈپ ئاندىن ئائىلە ئولتۇراق رايونىغا باراتتى. ئىشداشىم دەل مۇشۇ يولدىكى گەپنى دەۋاتاتتى.
- ھە ، نېمىنى كۆرۈپ قالدىڭىز - دەپ سورىدىممەن، - سۆزىڭىزدىن قارىغاندا تولىمۇ قورقۇنچلىق بىر ھالنى كۆردىڭىزمۇ نېمە ؟
- قورقۇنچلىق بولسا بىر نۆرى . قىزىمنى يىتلەپ ئۆيگە قايتىۋاتقىنىمدا، قىزلار ياتاق بىناسىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە بىر يىگىت بىلەن بىر قىز يولنىڭ ئوتتۇرىدا شۇنداق بىر ھالەتتە بىزاپلىق قىلىشۋېتىپتۇكى ، ئېيىتقىلى تىل بارمايدۇ. ئىككىسى يا ئۆزىنى باسمايدۇ. بۇ ھالغا ئۇدۇل كەلگىنىمدىن قىزمنىڭ ئالدىدا شۇنچىلىك ئۇيالدىمكى ، ئۆزۈمنى قويارغا جاي تاپالماي قالدىم، بىچارە قىزىمنى يۈگرەتكىنىمچە ئۆيگە قايتىپ كەتتىم.
- ئۇيغۇرمىكەن ئۇلار؟
- ھەئە، يىگىت ، قىز ھەر ئىككىلىسى ئۇيغۇر.
- ھېچ بولمىسا قىزنى تارتىپ قويماپسىزدە، سىڭلىم ئۆزىڭىزگە ھاي بېرىڭ، دەپ ( چاقچاق تەرىزدە )
- ۋوي نېمە دەيدىغانسىز، بالىنىڭ ئالىدىدا خىجالەتچىلىكتە ئاران كېلىۋالدىم ئۆيگە
- ئۇنداقتا ھېچكىم ئىندىمەپتۇ - دە ؟
- شۇنى دېمەيسىز، ئالدىمىزدا باشقا ياشقا چوڭ ئەرلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندەك قىلغان، ئۇلارمۇ ھېچ نەرسە كۆرمىگەندەك پەرۋا قىلىشماي ئۆتۈپ كېتىشتىغۇ !...
ئىشداشىمنىڭ سۆزلىرى ھەقىقەت ئىدى. مەكتەپ ئەسلى ئىلىم - مەرىپەت قۇچىدىغان باغچا ئىدى. ھالبۇكى، بىر قسىم ستيۇدېنت ياشلىرىمىز ئىلىم باغچىسىنى ئىشرەت باغچىسى دەپ، خاتا تونۇۋېلىشقان ئىدى. بىر - بىرىنىڭ قولتۇقىغا كىرىۋالسا ، ئەتراپتىكلەرگە ئومۇمەن پىسەنت قىلماي كۆڭۈل خۇشلايدىغان بۇنداق ياشلارنى كۆرگىنڭىزدە، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ ئۆتۈپ كەتمەكتىن باشقا ئىلاج يوق. ھەي ، خۇدادىن ئۇيالمىغان ئىنسان، بەندىدىن خېجىل بولاتتىمۇ؟! بۇنداق ئۇياتسىز ئىشەكلەرنىڭ ھەممىنى يىغىپ بىر جايغا سولاپ قويۇش مۇمكىن بولسا - ھە ! كۈپ كۈندۈزدە تۆت كوچىنىڭ ئوتتۇرىدا بۇنداق ئۇياتسىزلىق قىلىپ يۈرۈشسە، باشقىلار بۇ يولدىن ماڭماسلىقى كېرەكمۇ؟ بۇنداق ئۇياتسىز مەنزىرىلەرگە گۇۋاھ بولغان گۈدەك بالىلار نېمىلەرنى خىيال قىلىشار؟! ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەم ناچار تەسىر كۆرسەتمەسمۇ بۇ ھالەت؟ ...
- ئەشۇ قىز كېيىن تۇرمۇش قۇرماسمۇ؟! - دېدى ئىشداشىم، - كېيىنكى ئۆمۈريولدىشىنىڭ يۈزىگە قانداق قاراركىن؟ ھازىرقى قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرى ئېسىدىن كەچسە ۋىجدانى ئۆرتەنمەسمۇ؟!
- ۋىجدانى بولسا ئىدى ، بۇنداق بىنۇمۇسلۇق قىلىپ يۈرەرمىدى، - دېدىممەن جاۋابەن، - مۇشۇ پېتى يۈرىۋەرسە، ياراتقۇچىنىڭ ئادالىتى ھەق. بىر كۈن كېلىپ ئەشۇ يىگىت ئۆزىگە ئوخشاش بۇزۇق قىزدىن بىرىگە ئۆيلىنىدۇ. ئاۋۇ قىزمۇ بۇزۇقچىلىقتا ئۇچىغا چىققان ئەرگە ئۇچرايدۇ ئاخىر...
يىگىت - قىزلىرىمىزنىڭ تەربىيىگە مۇھتاجلىقى كۈندەك روشەندۇر. ئەڭ ئاۋۋال ئۇلاردا بۇنداق << ئاشكارلىق >> نىڭ پەيدا بولىشىدا بىزنىڭمۇ << ھەسسىمىز >> بارلىقىنى ئۇنۇتمايلى! << مېنىڭ نېمە ئىشىم >> دەپ كۆز يۇمۇم يۈرۈۋەرسەك، بىر كۈن كېلىپ ئۆز پەرزەنتلىرىمىزنى ھەم شۇ ھالدا كۆرۈپ قالمايلى ! ...

مەزكۇر يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى: Www.YukselBlog.Cn


يۈكسەل بلوگى    http://www.yukselblog.com/
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-14 19:01 |
ئىزنا سودا بازىسى
ALi-music
ئەلى ئاخنىياز
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 13318
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 447
شۆھرەت: 458 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4470 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 318(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

 

رەخمەت تېمىڭىزغا  ھازىرقى جەمىيەتتىكى ئىشلارغا نىمە دىسە بولىدۇ مەنمۇ بىلمىدىم

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 19:07 |
atom
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 12698
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 451
شۆھرەت: 541 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4412 سوم
تۆھپە: 120 نۇمۇر
ياخشى باھا: 86 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 662(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-17

 

ئىشداشىم؟   ئالىي تېببىي ئوقۇللارنىڭ ؟
خىزمەتدىشىم، مەكتەپ دەپ ئالسىڭىزلا بولمىدىمۇ بۇنچىۋىلا قىينالغىچە!!
تىل بايلىقىمىزنى بەكلا «نامايەن» قىلىۋىتىپسىز

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
تالاشماڭلار خالايىق، قالىدىكەن بۇ دۇنيا!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 19:10 |
Uzer
يۈكسەل
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 40822
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 382
شۆھرەت: 427 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4166 سوم
تۆھپە: 36 نۇمۇر
ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1468(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-17

 

Quote:
بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىatomنىڭ2009-04-14 19:10 دە يوللىغان يازمىسى   :
ئىشداشىم؟   ئالىي تېببىي ئوقۇللارنىڭ ؟
خىزمەتدىشىم، مەكتەپ دەپ ئالسىڭىزلا بولمىدىمۇ بۇنچىۋىلا قىينالغىچە!!
تىل بايلىقىمىزنى بەكلا «نامايەن» قىلىۋىتىپسىز


تىل بايلىقىمىز ھەققىدىكى گەپلەرنى قويۇپ تۇرۇپ، ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسىڭىز يازمىدا تىلغا ئېلىنغان رېئال مەسىلە ھەققىدە مۇڭداشساق دېگەن ئويدىمەن.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى

يۈكسەل بلوگى    http://www.yukselblog.com/
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 19:12 |
dil-rus
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 4211
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 3004
شۆھرەت: 3197 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 22370 سوم
تۆھپە: 140 نۇمۇر
ياخشى باھا: 160 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 3078(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-17

 

جامائەتنىڭ  كۆزى  ھەم  پىكرى ئەڭ  ئۆتكۈر   تېز  تەسىر  قىلاتتى .   شۇنداق  ئۆتكۈر  پىكىرلىكلەر  ، تەنقىتچىلەر  سۈكۈت  بىلەن  مەڭگۈ  ئۆتمەكچىمىدۇ  ؟؟؟؟  تولا  دىيىلىپ  كەتتى تولا  تەنقىدمۇ قىلىنىپ  كەتتى  بىراق  كىم باش  بولۇپ  ئەمەل قىلىپ كەلدى .

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
  ھەقىقەتنى دۇنيادا پەقەت بىرلا ئادەم  سۆزلەيدۇ ،
ئىغۋانى مىڭ ئادەم  !!! 
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 19:22 |
nigara616
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 9683
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1490
شۆھرەت: 1490 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 14737 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1123(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-17

 

ھەي ،،،
بۇنداق ئىشلار راستىنلا مەۋجۇت ،،،نىمە بۇلۇپ كەتتى بۇ ئىشلار ؟       

شىنجاڭ تور مەكتىپى
كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق ، كۈلەي دەپمۇ كۈلەلمەيمەن ،،،،،،،،،
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 19:25 |
wali0998
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 53618
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 144
شۆھرەت: 145 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1440 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 78(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-17

 

ھەي ھازىرقى قىز ئوغۇللاردا شەرمى ھايا قالماپتۇ جاھان ئاخىرى بولامدۇ نىمە؟       

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 19:31 |
WAIWOI
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 78451
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 56
شۆھرەت: 56 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 560 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 149(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-17

 

ئۇلارنىڭ ئاتا -ئانىلىرى، باللىلىرىمىز كەلگۇسىدە بىر تالانتلىك دۇختۇر بۇلىپ چىكىدۇ دەپ، يىمەي -ئىچمەي پۇل ئۇۋەتىپ بىرىۋاتكاندۇ ،دۇختۇر بۇلۇش ئۇچۇن ئالدى بىلەن ئۇزىگە ئىسىل ئەخلاك پەزىلەتنى يىتىلدۇرۇش كىرەك

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 19:45 |
قۇمباغ
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 55168
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4840
شۆھرەت: 1810071 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1670 سوم
تۆھپە: 80 نۇمۇر
ياخشى باھا: 101 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1480(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-17

 

دىمەك مۇشۇنىڭدىن مەكتەپ تەربىيسىنڭمۇ نەقەدەر ناچارلىقنى بىلۋالغىلى بولدۇ؟
[ بۇ يازما قۇمباغ تەرپىدىن2009-04-14 20:00دە قايتا ت ]

ئىنسان بۇدۇنيادا نىمە ئۈچۈن ياشايدىغنىنى بىلشى كېرەك. ياشاش ئۈچۈن يەمدۇ ياكى يىيىش ئۈچۈن ياشامدۇ.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 19:49 |
乃吉米丁
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 72881
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 274
شۆھرەت: 274 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2690 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 167(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-17

 

گەپ تەربىيىدە ئەمەس بەلكى تەربىيىنى ياخشى قۇبۇل قىلىشتا.
          

شىنجاڭ تور مەكتىپى
天变地变情不变
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 21:52 |
786ab
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 72673
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 107
شۆھرەت: 107 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1070 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 93(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

 


چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-15 00:54 |
Uzer
يۈكسەل
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 40822
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 382
شۆھرەت: 427 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4166 سوم
تۆھپە: 36 نۇمۇر
ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1468(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-17

 

تۆۋەندە يۈكسەل بلوگىدىكى مەزكۇر يازمىغا يوللانغان بىر پارچە ئىنكاس:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم  يۈكسەل ئەپەندى، سىزنىڭ بۇ ماقالىڭىز . راستنى ئېيتقاندا   رەت قىلغۇسىز بىر ئاچچىق ھەقىقەت
مەنمۇ بۇنداق پاراڭلارنى ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى بەكمۇ كۆپ كۈرۈپ كەتتىم
بەزىدە بۇ توغۇرلىۇق قالايمىقان سۆزلەرنى قىلىپ قۇيۇپ ئاغزىمدىن كۇپۇرلۇق ئۈتۈپ كىتىپمۇ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن ھەي بۇ ئىشلارنىڭ بېشى زادى نەدىن باشلانغاندۇ يەنە نەگىچە بارار ھەي اللە ئۆزەڭ ھەممىگە ھامىي بولغايسەن بىز بىر ئاجىز توۋا    تېخى ھازىر . مۇنداقمۇ گەپلەر ئاۋۇپ قاپتۇ  ئالى مەكتەپتە  ئۇقىغان بالىلار ئىشەنچىسىز ئۇلارنىڭ باشقۇرۇغۇچىسى يوق ئۆزى خالىغان يەرگە بارىدۇ خالىغان يەردە تۇرىدۇ دىگەنگە ئوخشاش تەنقىدى پىكىرلەر
ياكى بىرنىڭ نامىدىن مىڭ نىڭ نامى يوق بۇلىۋاتىدۇ ... ھەي توۋا مەنمۇ نىمەلەرنى دەپ كەتتىم خۇددى دۈشمىنىمنىڭ ئەيىبىنى ئاچقاندەك گەپلەرنى قىلىپ كەتتىمغۇ  ئەلبەتتە ئۇلارمىنىڭ ئوبرازىم ئۇلار مىنىڭ ئەتەم ئۇلارمىنىڭ قوللىغۇچىلىرىم ئۇلارمىنىڭ قان قېرىنداشلىرىمغۇ ھەي. . . . . ھازىر بىز ئەركەكلەردە .ئىمان ۋە ئىتقاد .سۇسلاپ كەتتى ياكى يۇقىتىش ئالدىغا كىلىپ قالدۇق قىزلىرىمىز دا بولسا ھايا ئىپپەت نۇمۇس غۇرۇر قالمىغىلى تۇردى ئەلبەتتە گەپ ... ئاتا ئانىمىزدا  يەنى كىچىكلىكتىكى تۇنجى تەربىيەدە
مەن راستنى دىسەم ھازىر بىزنىڭ كەلگۈسىمىز قىزلىرىمىزنىڭ يەنى قىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىرىشىىشى ۋە ھەقنى تېپىپ مېڭىشىدا ئەلبەتتە
بىر مىللەتنىڭ قىزلىرى بولغانسا مىللەتمۇ ھالاك بۇلىدۇ تېخى بۇ ئاددى ئاتالغۇ بىراق بىز ئەركەكلەرمۇ رىياللىقتىكى تاللاشلاردىن خالى ئەمەس بىز ھەممىمىز بىرگەۋدە كەلگۈسىگە ئۇچۇ ق نەزەربىلەن قارىشىمىز كېرەك يەنى قىز ئايال ئاجىزەلىرىمىزگە بىز باش بۇلىشىمىز
ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلىرغا ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھەرقانداق بىر ئىشلارنىڭ باشلامچىسى ،بۇ يەردە ئېيتىلغان سۆز لەرنى
ئىتقاد ۋە تۈز سزىق بۇيىچە چۈشۈنۈڭ
يەنى بۇ توغرىسىدا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
مۇنداق دىگەن .ھەدىس
بىر تۈز سىزىقنى سىزىپ . بۇلۇپ يەنە ئۇ تۈزسىزىقنىڭ ئەتراپىغا بىرمۇنچە ئەگىرسىزىقلارنى سىز غان بۇلارنى سىزىپ بولغاندىن كىيىن
مۇنداق دىگەن بۇ  تۈزسىزىق   اللە   نىڭ يۇلى
يەنى بۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەگىرسزىقلار بولسا شەيتاننىڭ يۇلى
دىگەن شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز بىر توغرا ۋە چىن بولغان ئىتقادغا
چىڭ ئېسىلىشىمىز كېرەك ئەلبەتتە قىلىرىمىز بەك دېققەت  قىلىشى
ئۆزىنى ھەرتەرەپتىن تۇتۋېلىشى ۋە يوللادا بەك ئۆزئۆزىنى دەڭسەپ مېڭىشى  كېرەك ، بىز ئەرلەر.. ۋە ئوغۇل بالىلارمۇ ھىمايىچىلىگىنى ياخشى قىلىشى كېرەك ... بۇ سۆز ھەرگىزمۇ نىكاھسىز تۇرمۇشتىكى ئاتالمىش .< توي قىلىمىز دەپ پۈتۈشتۈق ۋەدىمىز چىڭ دىگەنلەر >
گە مەنسۈپ ئەمەس ئۇنداق تۇرمۇش ھارام بۇيەردە دىيىلگىنى
بولسا قىزنىڭ ئاتىسى ئايالنىڭ ئېرى سىڭىلنىڭ ئاكىسى ياكى نىكاھ چۈشمەيدىغان ئوغۇل قىز  ھمشىرىلەرگە خاس ئىشقىلىپ قىزئاياللانىڭ
تېرىشىشى بولمايدىكەن بىز مىللەتنىڭ ئىشى چاتاق شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز چۇقۇم ئىشنى تۇنجى قەدەمدىن باشلىشىمىز كېرەك  

كەچۈرۈڭ  yuksel ئەپەندى تولا سۆزلەپ قويدۇم .


يۈكسەل بلوگى    http://www.yukselblog.com/
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-15 01:44 |
xahrizathan
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 83368
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

رەخمەت ياخشى يېزىپسىز .قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن .....

چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-15 13:30 |
Nazuk-qiman
دېرىزە ئالدىدىكى قىز!
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 11391
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1575
شۆھرەت: 1628 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 15770 سوم
تۆھپە: 90 نۇمۇر
ياخشى باھا: 37 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1762(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-17

 

شەرمەندىگە شەھەر كەڭ دەپ بارغانسىرى جىقىيىپ كىتىپ بارمامدۇ بۇنداق ئىشلار ، ئەسلى ھەممە قارش تۇرۇپ ئۇر ئۇرغا قالغان بولسا بۇنداق قىلمىشلار  ئاستا  ئاستا يوقار بولغىيتى!! ئوقوغۇچى تۇرۇپ قىلىپ يۇرگەن ئىشىنى نۇمۇسسىزلارنىڭ !!  


دۇنيا مېھىر - مۇھاببەت بىلەن گۈزەلدۇر!
  
  
  
  
.
  نازۇك شەخسى بىئولوگى 
http://blog.retim.cn/261010  
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-15 15:49 |
zarrauqkuni
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 23425
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 283
شۆھرەت: 344 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1780 سوم
تۆھپە: 21 نۇمۇر
ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 221(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-17

 

قاراپ تۇرۇڭلا يەنە ئىككى يىلدىن كىيىن مەكتەپتە توي قىلىش مۇدا بۇلىدۇ!زىياللىرىمىز خەلىق دىمەي تۇرپ دادا بولىدۇ.

قۇل ياكى ھۆرلىكىنى بىللەلىگەن ئادەملەر  چۇقۇم ھۆر،
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-15 16:06 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
XabnamBBS » نەسىر-ئوبزورلار
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:04-18 07:25, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ