سىز بۇ تېمىنىڭ 205 - كۆرۈرمىنى
winas419
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 61922
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 64
شۆھرەت: 65 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 590 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 كەتمەن چاپقان گۇناھمۇ؟؟؟(ھېكايە)

                          كەتمەن چاپقان گۇناھمۇ؟؟؟
                                     (ھېكايە)

   -ما ئۈچىنچى مەھەللىدىكى بارلىق يولداشلار دىققەت!!!بارلىق يولداشلار دىققەت!!!يېزىدىن چۈشكەن يوليۇرۇققا ئاساسەن، بۈگۈن ئۆستەڭ قۇرلىشىغا بارىمىز،شۇڭا ھەر بىر ئۆيلۈك بىر ھارۋىدىن شاخ-شۇمبا تەقلەپ!ئۈچ كۈنگە يەتكۈدەك ئوزۇق ئالىسىلەر!مورىسىدىن تۈتۈن چىققانلا ئۆيدىن بىر دىن  ئادەم ھاشارغا بارىدۇ،بويۇنتاۋلىق قىلىشقا رۇخسەت يوق!!!باھانە-سەۋەب كۆرسىتىپ ھاشارغا بارمىغانلار ھەسسىلەپ پاكەن(جەرىمانە)تۆلەيدۇ!!!بىر ئاش پىشىم ئىچىدە شاخ-شۇمبىنى تەييار قىلىپ تۈگمەن بېشىغا يىغىلىڭلار!!!ھوي!ئوسمان جۇۋاز!!!ئوسمان جۇۋاز!!! دەرھال ماڭا بىر يولۇقۇڭلار!!!...
    تورغاي چۇچۇلىماستا ئەتىرەت باشلىقىنىڭ ئۆيىنىڭ ئۆگىزىسىدىن ئككى غۇلاشچە چىقىپ  تۇرغان ياغاچقا ئورنىتىلغان كانايدىن تارقىلىۋاتقان ئاۋاز ئاققۇچ تۇمان قاپلىغان تېرەكلىك مەھەللە ئاسمىنىنى يېرىپ ئۆتتى.
   _ئەجەپمۇ تويغۇزدى كىشىنى ،ئەجەپمۇ تويغۇزدى!!!ئاق  ئۆستەڭ قۇرلىشىدىن كەلگىلى تېخى ئىككى كۈن بولماپتى..يەنە  ھەيدىگىلى تۇردى  ھابدال...
قولىدىكى بىر قۇچاق قوناق قوناق پاسىرىنى كالىنىڭ ئوقۇرىغا تاشلاۋاتقان ئاسىم ئاكائۇھسىنىپ،دېمىسىمۇ تۈگىمەس ھاشار دېھقانلارنى باش  قاشلىغۇدەك ئارامچىلىققا ئېرىشتۈرمەيۋاتاتتى،ۋەزىپىنىڭ ئېغىرلىقى، شاخ-شۇمبا سېلىقى دېھقانلارنىڭ ھالىنى قويمايتى،چىرايى مىستەك قارايغان بىچارە دېھقانلار ئۆيىدىن  ئېلىۋالغان نانلىرىنى پوتىسىغا تۈگۈپ،ئېشەك ھارۋىسىدا يېرىم كۈنلۈك يولنى بېسىپ،ئاي دالىدا قونۇپ ھاشار چاپاتتى،بۇ ھاشار مەيدانىدا ئەلۋەتتە تۇل ئاياللار،ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان  بوۋايلار،ئەمدى ئوتتۇرا مەكتەپكە قەدەم باسقان بالىلارنىمۇ ئۇچىراتقىلى  بولاتتى،چۈنكى ئاشۇلارنىڭمۇ مورىسىدىنمۇ «تۈتۈن»چىقىدۇ  دە...مۇشۇنداق ئىشلەپ ئاز-  تولا ھاللانسا مەيلىغۇ،  لېكىن...

   ئەتىگەندە بامداتتىن يېنىپلا قايسى كۈندىكى ھاشاردا ئوقى  سۇنۇپ  كەتكەن ھارۋىسىنى ياساۋاتقان سادىق ئەتىرەت باشلىقىنىڭ چاقىرىقىنى ئاڭلاپ چىرايىغا غەمكىنلىك سايە  تاشلىدى.«يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە  بۇرنى قاناپتۇ»  دېگەندەك،  قايسى  كۈندىكى ھاشاردا  ئۇ ۋەزىپىسىنى بالدۇرراق تۈگىتىپ ،ئۆيدە  ئۆزىنىڭ يولىغا  تەلمۈرۈپ قاراپ  قالغان يېرىم  پالەچ ئانىسىۋە نارىسىدەئىككى ئوغلىنىڭ قېشىغا تېزراق  قايتىش  ئۈچۈن ھارۋىسىغا  تاشنى جىق بېسىۋەتكەن ئىدى،«جاق!!!»قىلغان ئاۋاز بىلەن  تەڭ ھارۋا  ماڭمىدى،ئۇ  ئېڭىشىپ قاراپ  ئوقنىڭ قاق بەلدىن سۇنغانلىقنى بايقىدى،شۇ  كۈنى  سادىق  ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمايلا قالماستىن يەنە ئەتىرەت باشلىقىدىن بىر  مۇنچە تىل ئىشىتتى.ئۇ پەقەت  سۈكۈتلا قىلالىدى،ئاچچىقتىن،دەرمانسىزلىقتىن كۆزلىرىدە غىل-غىل ياش  ئەگىدى.ئاسانمۇ-ھە؟؟؟شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ  ئالدىدا ئەتىرەت  باشلىقى ئۇنىڭغا قولىنى  شىلىتىپ ئەزۋەيلەپ  سۆزلەپ كېتىۋاتاتتى،ئۇ ئاز  كەلگەندەك ماۋۇ  نەس باسقۇر ھارۋا  ...ھەي!!!...
    سادىق يۇۋاش  دېسە مەھەللىدىكى ئۇششاق-  چوڭنى  ھەممىسى بىلىدۇ،بۇ ئۇنىڭ باشقىلار نېمە  دېسە ياق دېمەيدىغان مىجەزىگە قارىتىلغاندى.ئۇ  دادىسىدىن كىچىكلا  يېتىم  قالدى،بىچارە ئانا ئۇنى  بىر  تاللا  بالام دەپ ئارزۇلاپ چوڭ  قىلدى،ئانىسى ئوغلۇمنى ئۆگەينىڭ قولىغا قويمايمەن  دەپ قايتا  ياتلىق بولمىغاندى،نامىرات ئانا  سادىقنى ئاران   باشلانغۇچقىچە  ئوقۇتالىدى،ئۇ  چوڭ بۇلۇپ
30ئوغۇلنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان كۈنلەردە قوشنىلار ئەلچى  بولۇپ  قوشنا  مەھەللىدىكى گۇلئايشەم بىلەن  تويىنى  قىلىپ قويدى،كېيىنكى كۈنلەردە بۇ  نامرات ھويلا ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى سەلىم تۇغۇلۇپ خېلى  ئاۋاتلاشتى،«بالا  كەلسە قوش كەپتۇ»دېگەندەك ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندە گۈلئايشەم ئككىنچى تۇغۇتىدا بۇ  ئالەم  بىلەن خوشلاشتى،لېكىن  ئۇنىڭغا بۇدرۇققىنە ئوغۇلدىن بىرنى  قالدۇرۇپ كەتكەندى،مانا  بۇ  كىچىك ئوغلى سىدىق ئىدى،ئۇزاق ئۆتمەي سادىقنىڭ ئانىسى يىقىلىپ چۈشكەن باھانە بىلەن پالەچ بولۇپ قالغاندى.
ھەي  تەتۈر  پەلەك!!!شۇندىن باشلاپ سادىق  ئۆيدە  ھەم  ئانا  ھەم  دادا بولدى،بىر تەرەپتىن پالەچ ئانىسىنىڭ  ھالىدىن  خەۋەر ئالسا  يەنە  بىر تەرەپتىن ئېتىز-ئېرىق  ئىشلىرى ،  ھاشارغا يۈگىرەيتى،ئىشقىلىپ ئۇنىڭ  جېنى تۆمۈردىن پۈتۈلگەندەكلا ھاردىم-  ئاچتىم دېمەي باش چۆكۈرۈپ ئىشلەيتى،قوشنىلارمۇ ئۇ نىڭغا ياردەم قولىنى سۇناتتى،ئىشقىلىپ ئۇ «ياق»نى  بىلمەيتى.
_سادىق، بۈگۈن زاكو بېقىش  نۆۋىتى  ماڭا كەپتىكەن،بۈگۈن  مەن يار  بېشىدىكى بۇغدايلارنى ئورۇۋالاي دېگەن،  خاپا  بولماي بۈگۈن مېنىڭ  ئورنۇمدا زاكوغا قاراپ  تۇرساڭ ئۇكا...
_مەيلى، قاراپ  تۇراي.
          ...     ...    ...
_سادىق،بۈگۈن  ماۋۇ  پاسىل تامنى قوپۇرۋېتـەي
دېگەن،لاي توشۇيدىغان ئادەم  كەملەپ قالدى،ياردەم  قىلساڭ  ئۇكام...
_ماقۇل،  مەن  ھازىر  چىقاي.
    ئۇ  مانا  مۇشۇنداق ئىدى.گېپىمىزگە  كېلەيلى،سادىق  ھارۋىنىڭ سۇنغان  ئوقىنى تەستىرەك ئوڭشىدى.ئاندىن  قايسى  كۈنى  قوشنىسى زورىخان  ئانا  كېسىپ، قۇرۇتۇپ بەرگەن  چۆپتىن سېلىپ سۇيۇقئاش ئەتتى.ئۇ  قاچىلارغا  تاماق  ئۇسۇپ ئاۋال  ئانىسىنىڭ ئالدىغا  قويدى،ئانىسى  ھەرھالدا بىر  قول ، بىر  پۇتىنى ھەركەتلەندۈرەلەيتى.ئاندىن يەنە  بىر قاچىدىكى تاماقنى ئاستا پۈۋلەپ كىچىك  ئوغلىغا ئىچكۈزۈشكە باشلىدى،چوڭ  ئوغلى سەلىم  سەل  نېرىراقتا ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتاتتى،  شۇ  چاغدا كىچىك ئوغلى ئۇنىڭ  كۆزىگە تەلمۈرۈپ تۇرۇپ سوراپ  قالدى.
_دادا! بۈگۈن يەنە  ھاشايغا بايامسەن؟  بىژگە  قاچان  لەڭمەن سوزۇپ  بېيىسەن؟؟؟...
  سادىقنىڭ قوشۇق  تۇتقان قوللىرى بىلىنەرلىك تىتـرىدى،بۇرنى ئېچىشىپ ،كۆزلىرىگە غىللىدە ياش  كەلدى.


......................(داۋامى بار)

  مەنبە:ئۆز  قەلىمىم.

تېما تەستىقلىغۇچى : matimatika
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-04-14, 09:20

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-14 17:13 |
شەبنەم تور رادىئوسى
tilak98
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 8023
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 102
شۆھرەت: 102 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 955 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 423(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-16

 

ھەي بۇرادەر قاچان چىقىرىسىز ئاخىرىنى،ئادەمنى تەقەززار قىلماي تىزراق بولۇڭە،...

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 17:39 |
ALi-music
ئەلى ئاخنىياز
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 13318
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 410
شۆھرەت: 421 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 290(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

رەخمەت بەك ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن  داۋامىنى كۈتىمىز

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 17:39 |
jurat2002
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 37663
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 183
شۆھرەت: 184 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 671(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

......................(داۋامى بار)
داۋامى قاچان؟

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 17:47 |
abral1
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 77558
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 132
شۆھرەت: 132 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 471(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

  مۇشۇ  ھاشا دىگەن تىخىچە  باكەندە جەنۇپتا .

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 17:49 |
xahnurr
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 81201
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 56
شۆھرەت: 56 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 560 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 99(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

ياخشى ئەسەركەن . ۋاختىڭىز  يار بەرسە داۋامىنى ئاز - ئازدىن  يوللاپ  تۇرارسىز  .

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 17:51 |
بأره
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 63757
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1361
شۆھرەت: 10380 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4582 سوم
تۆھپە: 6 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 833(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

Quote:
بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىabral1نىڭ2009-04-14 17:49 دە يوللىغان يازمىسى   :
  مۇشۇ  ھاشا دىگەن تىخىچە  باكەندە جەنۇپتا .

بەش ۋاق تاماقتەكلا دەڭا!

ئۆتمۈشىنى بلمىگەن مىللەت كەلگۈسىگمۇ ئىگە بۇلالمايدۇ!
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 18:18 |
Nazuk-qiman
دېرىزە ئالدىدىكى قىز!
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 11391
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1557
شۆھرەت: 1610 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 15590 سوم
تۆھپە: 90 نۇمۇر
ياخشى باھا: 37 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1757(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

Quote:
بۇ مەزمون6قەۋەتتىكىبأرهنىڭ2009-04-14 18:18 دە يوللىغان يازمىسى   :

بەش ۋاق تاماقتەكلا دەڭا!

نىمە دەيدىغانسىلەر ، ئۇنداق ئەمەستۇ ، مەن ھاشا دىگەن نەرسىنى ئارىمىزدىن يوقاپ كەتتىمىكى دەپتىمە!!

شىنجاڭ تور مەكتىپى

دۇنيا مېھىر - مۇھاببەت بىلەن گۈزەلدۇر!
  
  
  
  
.
  نازۇك شەخسى بىئولوگى 
http://blog.retim.cn/261010  
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 18:21 |
tim0998
گۈزەللىك ئىزدىمە،ئۇ سەندە.
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 61829
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1209
شۆھرەت: 1345 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 330 سوم
تۆھپە: 150 نۇمۇر
ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 510(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

ئەسرىڭىزنىڭ داۋامىنى كۈتىمەن .

تۈنۈگۈننى ئۇنۇتما!بۈگۈننى چىڭ تۇت!ئەتىنى ئويلا!
تۈنۈگۈندىن جەۋھەرلەر توپلىشىڭ مومكىن؛
بۈگۈننى چىڭ تۇتساڭ،كېيىن پۇشايمان قىلمايسەن؛
ئەتىكى توغرا نىشاننى كۆزلەپ ماڭساڭ،تاپتىن چىقىپ كەتمەيسەن!

./?u=61829
./?a=tim0998
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 22:30 |
xukur0996
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 71323
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 124
شۆھرەت: 124 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1240 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

سىز بۈگۈن كەچتە ئاخىرىنى يازىمەن دىگەن ئىدىڭىزغۇ ؟ قېنى سىز ؟

شىنجاڭ تور مەكتىپى
گەپ دىگەننى قىلسىلا بولىدۇ ھە ؟...............
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 22:58 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » نەسىر-ئوبزورلار
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:04-16 00:46, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ