ئەرلەرنىڭ نەزىرىدىكى مۇھەببەت
دەسلەپتە تونۇشقاندا:ئۇ خۇددى بىر پەرىشتە .
مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا: ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى قىز،مەن چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن.
توي قىلىپ بىر يىل بولغاندا : خوتۇنۇم ھەر ھالدا يامان ئەمەس ،قەدىردان رەپىقە بولۇشقا لايىق،پەقەت بىر ئۇششاق ئىللەتلىرى بار، تۇرۇپلا سەپرالىشىپ قالىدۇ .
توي قىلىپ بەش يىل بولغاندا : ئۇ بارغانسېرى تېتىقسىزلىشىشقا باشلىدى ،بارغانسېرى ھازازۇل بولۇپ كېتىۋاتىدۇ .
توي قىلىپ ئون يىل بولغاندا :ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ سەت ،ئەڭ بىشەم ، ئەڭ غەرەز ئۇخمايدىغان خوتۇن. نېمىشقىمۇ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان بولغىيتتىم.
توي قىلىپ 20 يىل بولغاندا :ئۇنىڭ ئاشۇ كەمچىلىكلىرى ،مىجەزىنىڭ ئوساللىقىنى دىمىگەندە ،ئەپلەپ سەپلەپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ .
توي قىلىپ30 يىل بولغاندا :ئۇ ناھايىتى غەرەز ئۇقىدۇ ، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدۇ ،تۇرمۇشتا ناھايىتى ئىدىتلىق.
توي قىلىپ40 يىل بولغاندا :كەمپىرىم ھەقىقەتەن يامان ئەمەس ،ئائىلە باشقۇرۇشتا ھەقىقەتەن ئوبدانلا پەمى بار ،ئۇ دۇنيادىمۇ چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن .
توي قىلىپ 50 يىل بولغاندا : ئېيتقۇسىز ئازاپقا قالدىم ،چۈنكى مەن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئايالدىن ئايرىلىپ قالدىم ،ئۇ ئالەمدىن ئۆتتى .
ئاياللارنىڭ نەزىرىدىكى مۇھەببەت
دەسلەپتە تونۇشقاندا :دۆت ھەم ھاڭۋاقتى .ھەقىقەتەن سېپى ئۆزىدىن ھاماقەت.
مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا :ئۇ بەكلا يۇۋاش،ئەمما بەكلا قۇلىقى يۇمشاق ،ئادەمنىڭ ئىچىنى بەكلا كۆيدۈرىدۇ ، مەن ئۇنىڭغا تېگەرمەنمۇ.
توي قىلىپ بىر يىل بولغاندا : مېنىڭ ئېرىم ھەر ھالدا بولىدۇ ،غەرەز ئۇقىدۇ ،ئادەمگە كۆيىنىشنىمۇ بىلىدۇ ، تېخى ئازىراق سېھرى كۈچىمۇ بار .
توي قىلىپ بەش يىل بولغاندا :ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئادەم ئەمەسلىكىنى ،ئەقىل پاراسەتلىك ،تالانتلىق ،كامالەتكە يەتكەن ئەر ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلدىم .
توي قىلىپ ئون يىل بولغاندا :ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئادەم ،ئۇ بولمىسا قانداق ياشايدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن .
توي قىلىپ 20 يىل بولغاندا : ھەي ،ئۇنىڭ ماختاشقا ئەرزىگۈدەك يەرلىرى بارغانسېرى ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ ،ناھايەت ئۇنىڭ تۇرقىلا بىر ئەر كىشى .
توي قىلىپ 30 يىل بولغاندا :ئۇنىڭ ئىللەتلىرى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ ،ھورۇن ،گالۋاڭ ،جاھىل ،ئىقتىدارسىز.
توي قىلىپ 40 يىل بولغاندا :دۆت ھەم گالۋاڭ ،ئالجىغان قېرى .ئۇ ئالەمدىن ئۆتتى.
توي قىلىپ 50 يىل بولغاندا :ئۇ ئۆلگۈر قېرى مېنى بىر ئۆمۈر داغدا قويدى .مېنى تاشلاپ قويۇپ ئۆزى كېتىپ قالدى.
مەنبە:<< بەخت ئۆز قولىڭىزدا >>