سىز بۇ تېمىنىڭ 181 - كۆرۈرمىنى
yipak-yoli
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 7
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 41
شۆھرەت: 43 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 430 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-12-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 « سىياۋۇش ۋلىيۇللا » مازىرى توغرىسىدا

« سىياۋۇش ۋلىيۇللا » مازىرى توغرىسىدا

نىزامىدىن توختى



     خوتەننىڭ لوپ ناھىيە بەشتوغراق يېزىسى تەۋەسىدە « سىياۋۇش ۋليۇللا مازىرى » ناملىق بىر قەبرىگاھ- زاراتگاھلىق بولۇپ، قەدىمكى زامان خوتەن تارىخى ۋەقەلىكلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە، يەرلىك خەلىق تەرەپىدىن تا ھازىرغىچە مۇھاپىزەت قىلىنىپ كەلمەكتە.
     ھازىرقى دەۋرىمىزدىن مىڭ يىللار ئىلگىرى يىزىلىپ زامانىمىزغىچە تولۇقى بىلەن يىتىپ كەلگەن نادىر ئەسەر « شاھنامە »①دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سىياۋۇش- ئەينى چاغدىكى ئىرانىلار شاھىنشاھى كەيكاۋۇسنىڭ شاھزادىسى بولۇپ، « شاھنامە » داستانىدا خىلى كۆپ تىلغا ئېلىنغان قەدىمكى خوتەن ۋەقەلىكلىرىدىكى خوتەنگە پادىشاھ بولغان ئالاھىدە شەخىس. « شاھنامە » ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقات ئىلىپ بارغان تارىخچىلىرىمىز، « شاھنامە » دە خاتىرلەنگەن ئىرانىيلار بىلەن تۇرانىيلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشنىڭ مىلادىيدىن بۇرۇنقى 529-يىللاردىن329-يىللارغا قەدەر داۋاملاشقانلىقىنى دەسلەپلى قەدەمدە ئىسپاتلاپ ئۆتتى②. دېمەك، سىياۋۇشقا ئالاقىدار قەدىمكى خوتەن تارىخىي ۋەقەلىكلىرىمۇ دەل شۇ ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. « شاھنامە » دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا شۇ چاغدىكى ئىران شاھىنشاھى كەيكاۋۇسنىڭ 101 نەپەر كىنىزىكى بولۇپ، شەھۋانىي نەپىس-ئىشرەتكە تولىمۇ ئامراق ئىكەن. چوڭ خانىشى سۇدابە ناھايىتى ھىيلىگەر بولۇپ، ياش ھەم چىرايلىق شاھزادە سىياۋۇشقا كۆزى چۈشكەن، ئۇنىڭ بىلەن مەخپىي ئىشرەتتە بولۇپ شەھۋانىي نەپسىنى قاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، شاھزادە سىياۋۇش ئۆز دادىسىغا سەمىيمى-سادىق بولغاچقا، ئۇنىڭ ( ئۈگەي ئانىسىنىڭ ) تەلىپىنى رەت قىلغان. ئۆز قىلمىشىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرىگەن سۇدابە ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ، گۇۋاھ-ئىسپات ياساپ، شاھزادە سىياۋۇشقا تۆھمەت چاپلاپ قارىلاپ، شاھ قېشىغا كىرگەن. شاھزادە سىياۋۇش ئۆزىنىڭ دادىسىغا سەمىيمى-سادىق ئىكەنلىكىنى، سۇدابە دىگەندەك ناشايان ئىشلارنى ئەسلا قىلمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، شەھۋەتپەرەس كەيكاۋۇس ئىلاجىسىز ئەھۋالدا، شاھزادە سىياۋۇشنى تۇرانىيلارغا قارشى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ (ئاپتۇر بۇ يەردە ھەقىيقەتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغان ئەمىليەتتە تاجاۋۇزچىلار تۇرانىلار ئەجداتلىرىمىز ئۇلارنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇرۇشلارنى قىلىپ ئۆز زىمىنى ۋە خەلقىنى قوغدىغان ) ئالدىنقى سېپىگە لەشكىرىي قۇماندان قىلىپ ئەۋەتكەن.
     ئەينى چاغدىكى تۇرانىيلار شاھى ئەپراسىياپنىڭ ئىرانىيلارغا ئەۋەتكەن نامە-خەت تەكلىپىگە ئاساسەن، ئالدىنقى سەپتە ئىككى تەرەپ سۈلھى تۈزۈپ، ئۇرۇش توختىتىپ، كىلىشىم بويىنچە تىنىچلىق ئورناتقان ئەھۋالدا، ئۇرۇش پەرەس كەيكاۋۇس تىنىچلىق كىلىشىمىنى قەتتىي رەت قىلىپ ( بۇ يەردە ئاپتۇر بەزى مەسىلىلەرنى يۇشۇرغان، بىرىنچى تۇرانىيلار نىمە ئۈچۈن سۈلھى تەلەپ قىلىدۇ، مېنىڭچە ئۇلار ئۇرۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بولۇشى مومكىن، ئىككىنچى خاننىڭ رۇخسىتىسىز ئالدىنقى سەپتە كىم ئۇرۇش توختىتىدۇ، مىنىڭچە سىياۋۇش خاننىڭ رۇخسىتىسىز ئۇرۇش توختاتقان بولىشى مومكىن ) شاھزادە سىياۋۇش باشچىلىقىدىكى ئالدىنقى سەپ سەركەردىلىرىنى پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپلا قالماستىن، بەلكى تۇرانىيلار پايتەختى « كىنىك دەز » نى تېرى-پىرەن قىلىپ، تۇران شاھى ئەپراسىياپنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ كەلمىسەڭ، نەگە بارساڭ بار، مىنىڭ قىشىمغا كەلگۈچى بولما دەپ شاھزادە سىياۋۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. قىيىن ئەھۋالدا قالغان سىياۋۇش ئىلاجىسىز بىر بۆلەك سەركەردىلىرى بىلەن رۇم ( بۈگۈنكى تۈركىيە ئىستانبولغا توغرا كىلىدۇ ) غا كەتمەكچى بولۇپ يولغا چىققان( ئۇ نىمە ئۈچۈن ۋەتەننى تاشلاپ ياقا يۇرۇتلارغا كىتىش يولىنى تاللايدۇ؟ چۈنكى ئۇ دەۋىردە خاننىڭ بۇيرىقىنى ئىجرا قىلماسلىق، خاننىڭ بۇيرۇقىسىز تاجاۋۇزچى دۈشمەن دۆلەت بىلەن ئۆز ئالدىغا سۈلھى تۈزۈش كاللىسى ئېلىنىدىغان گۇناھ، يەنە كىلىپ ئوردىدا ھەر ئاماللارنى قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتقان خانىش سۇدابە بار ). بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان تۇران ئوردا ئەھلى، شاھ ئەپراسىياپنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن، سىياۋۇشنى تۇرانىيلار ئوردىسىغا ئىززەت-ئېكرام بىلەن تەكلىپ قىلىپ كەلتۈرۈپ، ئالاھىدە ئېلتىپاتلار ئەيلەپ، شاھ ئەپراسىياپ ئۆز يىنىدىن ئورۇن بىرىپ ئىشلەتكەن ( تۇرانىلار مەن يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن زىدىيەتلەردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ ئۇنى ئۆز يىنىغا تارتقان )، « سىياۋۇشتىن ھىچ ئەيىپ-نۇقسان تاپماي، ھەممە ئىشنى پىسەندىدە كۆرۈپ، ئۇنى سىنىماق ئۈچۈن پىرانۋيىسە ( تۇران ۋەزىرى ) نىڭ قىزى جىرىبرە بانۇنى 40 توي شاھى مەجلىس شاھىنشاھ قىلىپ، ئەپراسىياپ ئۆزى ئاتا بولۇپ، توي جابدۇق تەييارلاپ، سىياۋۇش پاك تەنىگە، ئول ۋاقىتنىڭ دىنىي، مىللىتى بىرلە نىكاھ ئەيلەپ جىلۋىگەر قىلدىلار. بىر يىلدىن كىيىن ئۆز قىزى پىرنكىش بانۇنى سىياۋۇشقا ئېلىپ بەردى. يەتتىمىڭ سىپاھ جىرارنى خىزمىتىدە قويۇپ، تا بىر يىل ئۈچ ئاي قىشىدا تۇرغۇزۇپ ئاندىن مەملىكەت خوتەنگە پادىشاھ قىلدى. » ( ئەفراسىياپ نىمە ئۈچۈن سىياۋۇشنى ئالدىنقى سەپتىن يىراقراق، ئىرانىيلاردىن يىراقراق زىمىلارغا ئۆۋەتمەي، ئالدىنقى سەپ ۋە ئىرانىيلارغا ناھايىتى يىقىن بولغان خوتەنگە قويۇدۇ، بۇ شۇ چاغدىكى خوتەن خەلقى بىلەن ئىرانىيلار شاھزادىسى بولغان شىياۋۇشنىڭ ئىتنىك تەركىۋى بىلەن ۋە ئۇزۇن تارىختىن بۇيان تاجاۋۇزچىلارنىڭ بويسۇندۇرۇلغان قەۋىمنى ئۆز ئادەملىرى بىلەن باشقۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ناسىۋەتلىكمۇ قانداق ) .
    « ئالقىسسە، سىياۋۇش، ئەپراسىياپنىڭ پەرمانى بىرلە تامام بارخانە ۋە چادىر مىيانەلىرىنى پىل ۋى ئىستىراسىپ خېچىرلارغا يۈكلەپ، بارچە لەشكەرلەر، چاكارلىرى بىرلە سىۋار بولۇپ، خوتەن سارى راۋان بولدى. مەنزىل-مىراھىل تەي قىلىپ 12 كۈن يول يۈرۈپ خوتەنگە يەتتىلەر. خوتەن ئەھلى، سىياۋۇش كىلەدۇرمىش دەپ بارچە خالايىق ئالدىغا چىقتىلەر. ئەغراز-ئىكراملار بىرلە شەھەرگە كەلتۈرۈپ ئوردىغا چۈشۈردىلەر. » « سىياۋۇش كىلىپ بۇ شەھەر خوتەنىنى ئاۋات ئەتتى. خالايىقنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ دىلدارلىق بىرلە نىۋازىشلار قىلىپ، نەچچە يەردە قەلئە بىنا قىلدى.» « سىياۋۇش، داد-ئادىل ئەدىل قىلىپ خالايىقنىڭ كۆڭلىنى ئىلتىپات-ئىنئام ۋە ئېھسان بىرلە شاد ئەيلەپ، كۆرۈنۈش ئىشىكىنى ئېچىپ ئولتۇرار ئىدىلەر. » قىسقىسى، سىياۋۇش خوتەنگە پادىشاھ بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، ئادىل-ئادالەت خەلىق پەرۋەرلىكى بىلەن خوتەن خەلقىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، خوتەندە ئاۋات مەمۇرچىلىق مەيدانغا كىلىپ، خوتەننىڭ تەرەققىياتى يۈكسەلگەنلىكى مەلۇم. خوتەننىڭ بۇنداق مەمۇر-ئاۋاتلىشىپ بارغانلىقىدىن خەۋەر تىپىپ تۇرغان تۇران ئوردا ئەھلى، شاھ ئەپراسىياپنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن، تۇران سەركەردىلىرىدىن- كىرشىيۇزشۇم، بارمان ھوم، ھامان، ئەندىرىمان، كىرروي زىرە، كىرروي كىرزىم، پەرھاد قاتارلىق يەتتە نەپەر سەركەردە باشچىلىقىدا بىر بۆلۈك تۇران ئوردا ئەھلى خوتەنگە سىياۋۇشنى يوقلاپ كەلگەن. پادىشاھ سىياۋۇش باشچىلىقىدىكى خوتەن ئەمىر-ۋۇزرالىرى ئۇلارنى تولىمۇ ئىززەت-ئىكراملار بىلەن قىزغىن قارشى ئىلىپ ئەتراپلىق كۈتۈۋاغان، ھەتتا، جاي-جايلاردا، تاغ-ئورمانلارغىچە سەيلى-ساياھەت ۋە شىكار قىلدۇرۇپ كۆڭلىنى ئالغان بولسىمۇ، سىياۋۇشنىڭ دانا خەلق پەرۋەر ھاكىمىيەت باشقۇرۇش قابىلىيىتى ھەم خوتەننىڭ شۇنىڭغا يارىشا مەمۇر ئاۋاتلاشقان تەرەققىياتىغان ھەسەت قىلغان كىرىشيۈز قاتارلىقلارنىڭ قەستەن قۇسۇر تىپىپ، ئوردىغا قايتىپ بىرىپ شاھ ئەپراسىياپقا « ....سىياۋۇشنىڭ يامان نىيىتى بار ئىكەن، بىزلەرنى كۆزىگە ئىلمىدى....تۇران ئوردىسىغا بىسىپ كىلىپ چوڭ ھوقوقنى قولغا كىرگۈزۈش قارانىيىتىدە، خوتەندە مۇستەھكەم ئاساس يارىتىپتۇ....بىز ئالدىن قول سالمىساق ئاقىۋىتى خەتەرلىك.......» دىگەندەك سىياۋۇش قارىلانغان ئويدۇرما خاتا مەلۇماتنى يەتكۈزۈپ، نەتىجىدە سىياۋۇش خوتەن تۇپرىقىدا ناھەق قەتلى قىلىنغان.
     سىياۋۇشنىڭ نىكاھىدا بولغان پىرنكىش بانۇدىن تۇغۇلغان بالا-خىسروي، ئىرانىيلار تەرىپىدىن بىر ئاماللار بىلەن ئىرانغا ئانا-بالا ئېلىپ كىتىلىپ كىيىنكى چاغدا، ئىران شاھزادىسى بولۇپ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغان. بۇ چاغدا، تۇرانىيلارنىڭ خىلى كۆپ زىمىنى، ھەتتا ئوردا-پايتەخىت « كىنىك دەز » نىمۇ ئىرانىيلار بىسىۋالغان بولۇپ، خوتەنمۇ ئىرانىيلار قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن ( ئەگەردە ئاپتۇر ئىيتقاندەك كىنىك دەز راستىنلا ھازىرقى تەشقورغاندىكى تاش قەلئە بولسا بۇ زىمىننى ئىرانىيلار بىسىۋالغان ئەمەس بەلكى تۇرانىيلار بىسىۋالغان زىمىنىنى قايتۇرۋالغان بولىدۇ، خوتەننىڭ ئەسلى ئاھالىسى ئىران تىللىق قەۋىملەر يەنى ئىرانىيلار بولۇپ ئىرانىيلارنىڭ بۇ زىمىنلارنى ئىگەنلىشى ھەرگىزمۇ بىسىۋىلىش ئەمەس بەلكى ئۆز قىرىنداشلىرىنى يات قەۋىمنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتقۇزۇش بولىدۇ دەپ قارايمان )،شاھزادە خىسروي خوتەن زىمىنىگە كىلىپ دادىسى سىياۋۇش قەتلى قىلىنغان يەرنى سۈرۈشتۈرگەن « پادىشاھ خىسروي مەنزىل قەتئى قىلىپ خوتەن دىيارىغا كەلدىلەر، ماچىن خەلقى خەۋەر تىپىپ شاھ ئىستىقبالىغا كېلىپ، زىمىن ئىبادەت ئەيلەپ ( يەرگە باش قويۇپ )، شەھەرگە نىزۇل كىرگۈزۈپ يىغىلىشىپ تۇردىلەر، شاھ ھەم كىريەلەر ئەيلەپ سۆز ئەغاز ئەيتتى؛ ئەي خالايىقلار، ئاتامنى شاھادەتكە يەتكۈزگەن يەرنى كۆرسىتىڭلار، تاكى زىيارەت قىلغايمەن. بۇ مەردەملەر، كىر يەلەر بىلەن شاھنى خوتەننىڭ { شارىستان } دىگەن جايىغا باشلاپ كەلدىلەر. زىراكى، سىياۋۇش ۋىلىنى ئول يەردە شىھىد قىلىپ ئىدى. شاھ بۇ مۇقامغا كېلىپ كۆردىكىم، بۇ يەر كۆزىگە غىرىق خۇن كۆرۈنگەندەك مەلۇم بولدىشاھ بۇ مۇقامغا كېلىپ كۆردىكىم، بۇ يەر كۆزىگە غىرىق خۇن كۆرۈنگەندەك مەلۇم بولدى. ئاھ-ۋاھ بىرلە ئۆزىنى ئاتتىن تاشلاپ سەبمىلدەك يۇمالىنىپ يىغلاپ كەتتى.» « ....ئاتالارىنىڭ مۇبارەك باشلىرىنى ساندۇق ئىچىگە سېلىپ، ئىككى ھەپتىدىن كىيىن { تۇران دىيارى ئوردا شەھەر كىنىك دەزغا راۋان بولدىلەر.»
     تۇران خەلقىنىڭ يولباشچىسى شاھ ئەپراسىياپنىڭ ئۆز خەلقىنى تىنىچ-ئامان ئاسايىشلىققا ئىگە قىلىش، تۇرانىيلار تۇپرىقىنى تاجاۋۇزچىلارنىڭ بىسىۋىلىشىدىن ساقلاپ قېلىش يۈزىسىدىن قوللامغان يىراقنى كۆرەر دانا تەدبىرى بولغان تىنىچلىق كىلىشىمى ھەم ئىرانىيلار شاھزادىسى سىياۋۇشنى ئۆزىگە كۈيئوغول قىلىپ خوتەنگە پادىشاھ قىلىشى، شۇ چاغدىكى ۋەزىيەتتە، تۇرانىيلارنىڭ تىنىچلىق ئۈمۈد ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ ( ئاپتۇر بۇ جايدا ھەقىيقەتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن، ئەمىليەتتە ئەڭ چوڭ تاجاۋۇزچى ئەفراسىياپ ئۆزى، بۇنىڭغا ئەجداتلىرىمىز قالدۇرغان شاھنامىگە ئوخشاش تارىخىي ئەسەرلەر گۇۋاھ، جەڭدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا، كۈچ سىلىشتۇرمىسىدا ئۆزگۈرۈش بولغاندا ھىيلە مىكىر ئىشلىتىپ قارشى تەرەپنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلگۈنچىلىك پەيدا قلىشقا ئۇرۇنۇش، ئامالسىز قالغاندا سۈلھى، تىنىچلىق تەلەپ قىلىش ھەرگىزمۇ تىنىچلىق پەرۋەرلىكنىڭ ئىپادىسى ئەمەس ).
     سىياۋۇش ھاكىمىيەت تۇتۇشتىكى ئادىل، خەلىق پەرۋەرلىكى بىلەن خەلىققە ئاسايىشلىق بىرىپ خوتەننى مەمۇر-ئاۋات قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، ھەسەتخورلارنىڭ تۆھمىتى سەۋەبلىك ناھەق قەتلى قىلىنغان ( مىنىڭچە ئەفراسىياپ تەك دانا ھۆكۈمراننىڭ بىرنەچچە ھەسەت خورنىڭ سۆزى بىلەن سىياۋۇشنى قەتلە قىلىشى ناتايىن، بۇنىڭدا باشقا مەسىلەن ئۇ راسلا خوتەندىكى ئىرانىيلارنى باشلاپ ئۆز ۋەتىنىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتماقچى بولغان بولۇشى مومكىن، يۇقۇرىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر تەتقىققىپ بىقىشقا ئەرزىيدۇ ) ئېچىنىشلىق بۇ تارىخىي ۋەقە، خەلق قەلبىگە قاباھەتلىك چۈشتەك قاتتىق تەسىر قىلغان ھالەتتە، خەلق پەرۋەرلىكنىڭ تەڭداشسىز كۈچ-قۇدرىتى تۈرۈتكىسىدە ( قانداش، قىرىنداشلىقنىڭ تۈرۈتكىسىمۇ بولۇشى مومكىن )، خوتەن خەلقى قەدىمدىن تا ھازىرغىچە، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد سىياۋۇشنىڭ قەبرىگاھىنى ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قەدىرلەپ، مۇھاپىزەت قىلىپ، زامانىمىزغىچە يەتكۈزگەندەك قىلىدۇ. سىياۋۇشنىڭ خوتەن تۇپرىقىدا ناھەق ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ تارىخى ۋەقەنى ئەجداتلىرىمىز كىيىنكى ئەۋلاتلارغا ئۈزۈلدۈرمەي يەتكۈزۈپ كەلگەن، يەرلىك خەلىق ھېلىھەم بۇ ۋەقەنى راۋان سۆزلەيدۇ.
     ئەينى چاغدىكى، تۇرانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ باش شاھ ئوردا شەھرى « كىنىك دەز» نىڭ بۈگۈنكى ئورنى، شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتۇنۇم ناھىيىسىدىكى قەدىمكى تاش شەھەر ئىكەنلىكى دەسلەپكى قەدەمدە مۇئەييەنلەشكەن ئىدى③. « شاھنامە »دىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا، قەدىمكى خوتەن تۇرانىيلار پادىشاھلىقىغا قاراشلىق بىر پادىشاھلىق بولۇپ، سىياۋۇش ، ئەنە شۇ چاغلاردا تۇران شاھلىقى تەرىپىدىن خوتەنگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلەنگەنلەرنىڭ بىرسى. سىياۋۇش قەتل قىلىنغاندىن كىيىن، تۇران شاھى ئەفراسىياپ ئۆز ئوغۇللىرىدىن بىرىنى خوتەنگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىگەن.
     ئالاھىيدە ئەھمىيەت بىرىشكە تېگىشلىكى شۇكى، « شاھنامە » دىن باشقا، دۆلىتىمىزدىكى بىر قاتار خەنزۇچە تارىخىي ماتىرياللارغا④ ئاساسلانغاندىمۇ، شەھەر خەلىچە⑤(قەدىمكى خوتەن شەھرى) كىشىلىرى بىلەن تۇرانىيلار ئوردىسى « كىنىك دەز » دىكى كىشىلەرنىڭ بىر قەۋىم، بىر ئېرىقتىكى كىشىلەر ئىكەنلىكى ناھايىتى رۇشەن ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ( بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋىتىپ تۇرانلارنىڭ راسلا تۈرۈكلەرنىڭ ئەجدادى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ قالدىم، دوسلا مۇلاھىيزە قىپ بىقىڭلار).
     قەدىمكى خوتەن بىلەن تۇران باش ئوردا شەھرى « كىنىك دەز » نىڭ ئارلىقى، ئەينى چاغدا 12 كۈنلۈك يول بولۇپ، بىرىش كېلىش قويۇق، خوشاللىق ھەم غەم قايغۇدا تەقتىرداش ئىكەن. بۇ ھەقتە « شاھنامە » دە بىر قاتار مەلۇماتلار ئىچىدىن تۆۋەندىكىلەرنى قىستۇرساق كۇپايە:
     «كى، ئول كىنىك دەزدۇر بىجاي بىھىشىت،
      گۈلى ھۇشكى ئۇ ئەنبەر سەرشىت.
     سىپىللەر بەلەند ۋە قۇبۇغلار تۆمۈر،
     ئىچىدە بۇلاقلار ئوتۇن تاش كۆمۈر.
     قېپىل بولسا يۈز يىل يوق ھاجەت ئاڭا،
     ئاتار نىپىز قارۇرەئادەت ئاڭا.»
     (386-بەت)
    « خەلىچ كە قىچىپ كەلدى ئەفراسىياپ،
     كۆزى ياش غەمدىن دىلى پەرىشان.
     بولۇپ كام قەسرىدە ئارامجوي،
     شىكەست پەي بۇ جەڭدە تۆكۈپ ئابروي،
     خەلىچ ئەھلىگە رازىن ئەيتىشى كىشاد،
     زۇلۇم ئەيلىمەك خىسروي كەپقۇباد.
     باشىمغا قويۇپ تاج زىرىن كۇلاھ،
     شىكەست بولمىغاندۇر بۇ يەڭلىغ سىپاھ.
     چۇ، بۇ ۋاقىتقا تەگىرۇ غالىب ئىدىم،
    ئۇلارنىڭ شىكەستىگە تالىپ ئىدىم.
     ئاققۇزۇپ جىركىم قانىن جوبى-جوب،
     بۇ دەم تاپتى ئىران شاھى ئابروي.
    دەپ زار-زار يىغلاپ تۇران ئەھلى بىرلە مىشورىت قىلۇر ئىدىلار.»

        ئىزاھاتلار :
     ①خوتەن ۋىلايەتلىك مەدىنيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورۇنىدا ساقلىنىۋاتقان چاغاتاي يىزىقىدىكى نەسىرىي باسما نۇسخا « شاھنامە تۈركى » كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
    ②قەشقەر پىداگوكىكا ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژورنىلى 1995-يىلى2-سان، 71 بەت.
    ③يۇقارقى ژورنال 70-بەت.
    ④يۇقارقى ژورنال 71-72 بەتلەر.

مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژورنىلى 1993-يىل 3-سان

تېما تەستىقلىغۇچى : matimatika
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-04-14, 09:14

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-14 16:53 |
شەبنەم تور رادىئوسى
torlirim.com
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 81537
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 112
شۆھرەت: 112 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1070 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 122(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

تارىخ دىگەن مۇرەككەپ، مەخمۇت قەشقەرىمۇ دىۋان لۇغەتىت تۈرك دىگەن ئەسىرىدە خوتەنلىكلەر ئۆز تىلىدا سۆزلەيدۇ، تۈرك تىلىنى بىلمەيدۇ دەپتىكەن، ئاتۇشلۇقلارنى ئۆز تىلىدا سۆزلىشىدۇ، تۈركچىمۇ سۆزلىيەلەيدۇ دەپتىكەن. ئۇ نىمىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنداق يازدىكىن تاڭ...

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 17:58 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » تارىخ بەتلىرى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:04-16 00:46, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ