ئېسىل ئالەم بوشلۇقى سۈرەتلىرى1
./read.php?tid-87107-keyword-.htmlسىنا تورى خەۋىرى، ئەنگىلىيە «يېڭى ئالىم» ژورنىلى تور بىكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،2009-يىلىنىڭ خەلقئارا ئاسترونومىيە يىلى ئىكەنلىكىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاسترونوملىرى بۇ يىل 4-ئاينىڭ بېشىدا«ئاسترونومىيە ھەققىدە 100سائەت» دەيدىغان بىر پائالىيەت ئېلىپ بارغان، بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئورۇن بىر يۈرۈش ئېسىل ئاسترونومىيە سۆرەتلىرىنى كۆرگەزمىگە ئېلىپ چىققان.
1. يۇپېتىرنىڭ «ئەرۋاھى»
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ «يۇلتۇز سېستىمىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۈزىتىش ئاپىراتى» سۆرەتكە ئېلىۋالغان “NGC 3242” ناملىق سەييارىسىمان يۇلتۇز تۇمانلىرى ئەتراپىدىكى ئاجايىپ بىر سۈرەت. “NGC 3242” ناملىق سەييارىسىمان يۇلتۇز تۇمانلىرى ئادەتتە «يۇپېتىرنىڭ ئەرۋاھى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ(رەسىمدىكى كۆك ۋە ئاق رەڭلىك رايون). بۇ يىلان يۇلتۇز تۈركىمىگە جايلاشقان «يۇپېتىرنىڭ ئەرۋاھى» يەر شارىدىن 1400 نۇر يىلى يىراقلىقتا. ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان تۇرغۇن يۇلتۇز ئۆزىنىڭ سىرتقى گاز قەۋىتىگە قارىتا رادىئاتسىيە قويۇپ بېرىدۇ.ئەڭ ئاخىرىدا قېلىپ قالىدىغىنى كاربون ۋە ئوكسىگىندىن تۈزۈلگەن باشقىلار ئاق پاكار يۇلتۇز دەپ ئاتايدىغان يوقىرى زىچلىقتىكى ئىچكى يادرو. ئاق پاكار يۇلتۇز چىقارغان ئۇلتىرا بىنەپشەرەڭ نۇر ئەتراپىدىكى گاز جىسىملارنى يورىتىپ، بىنەپشەرەڭلىك ئاجايىپ بىر مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئادەتتە بىر قۇياشقا ئوخشاش تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئىچكى يادرو يىغىلىشىدىن كېيىن شەكىللەندۈرىدىغان قىسقا مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان يۇلتۇز تۇمانلىرى بولسا ئالەمدىكى گۈزەل بىر ئۆزگىرىش. “NGC 3242” مۇ بىر يۇلتۇز تۇمانى بولۇپ، ئۇنىڭ مەركىزىدە تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ قالدۇقى- پاكار يۇلتۇزنى كۆرەلەيمىز. بۇ قارىماققا قۇياش سېستىمىسىدىكى گازسىمان پىلانتلارغا ئوخشاپ كەتكەچكە(يوپىتىر، ساتورىنلارنىڭ سىرتقى يۈز قسىمى قاتتىق ھالەتتە ئەمەس بەلكى گاز ھالەتتىكى ماددىلار بىلەن ئورالغان. -ق) يوپىتىرنىڭ «ئەرۋاھى» دەپ ئاتالغان.
2.ئۈچ بولۇڭلۇق يۇلتۇز تۈركىمى
بۇ Spitzer ناملىق ئالەم تېلىسكوپىدىن تارتىلغان “M33” ناملىق يۇلتۇز تۇمانلىرىنىڭ سۈرىتى.“M33” يۇلتۇز تۇمانلىرى ئۈچ بۇلۇڭلۇق يۇلتۇز سېستىمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، يەرشارىدىن 2مىليون 290مىڭ نۇريىلى يىراقلىقتا. سۈرەتتە يۇلتۇزتۇمانلىرىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرى بىلەن تۇمانلار بىرلىشىپ سۇس يېشىل رەڭلىك نۇر چىقىرىدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇز شەكىللەنگەن جايلار بولسا قىزغۇچ سېرىق رەڭدە. “M33” بولسا يۇلتۇز سېستىمىسى توپى ئىچىدىكى بىر بۇرمىسىمان يۇلتۇز تۈركىمى بولۇپ، ئۈچ بولۇڭلۇق يۇلتۇز تۈركىمىنىڭ ئىچىدە بولغاچقا ئۈچ بۇلۇڭلۇق يۇلتۇز سېستىمىسى دەپ ئاتالغان. گەرچە “M33”نىڭ رادىئۇسى سامان يولى سېستىمىسى بىلەن ئاندىرومىدا يۇلتۇز سېستىمىسى(M31) نىڭ 3\1 گە توغرا كەلسىمۇ، ئۇنىڭدىكى ئېللىپىسسىمان سېستىمىلار بىز تۇرىۋاتقان سامان يولى سېستىمىسىنىڭكىدىن ئاز ئەمەس. M33 نىڭ M31 بىلەن ئارىلىقى يېقىن بولغاچقا ئۇنى بەزى ئاسترونۇملار M31 نىڭ ھەمرا يۇلتۇز سېستىمىسى دەپمۇ ئاتايدۇ. M33 نىڭ سامان يولى سېستىمىسى بىلەن بولغان ئارىلىقىمۇ يىراق ئەمەس، ئادەتتىكى ياخشىراق تېلىسكوپلاردىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ سۈرەت يۇلتۇز سېستىمىسىدىكى خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ چىقارغان نۇرلىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، قىزىل رەڭلىك كۈچلۈك نۇر ھىدروگىن ئېلىمىنتىدىن چىققان، ئوكسىگىن ئېلىمىنتى چىقارغىنى يېشىل رەڭلىك نۇر. بۇ رەسىم بىزنىڭ يۇلتۇزلارنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىنى چۈشۈنىشىمىزگە ياردىمى بولىدۇ.
3.ئالەمنىڭ قولى
بىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ يوقىرى زىچلىقتىكى پارچىلىرى چىقارغان نۇرلار ئەتراپتىكى گازسىمان جىسىملار ۋە تۇمانلارنى يورىتىپ تۇرغان كۆرۈنۈش. بۇ قارىماققا ئالەمدىكى بىر قولغا ئوخشايدۇ. ئالقان قىسمىنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى كۆك رەڭلىك يورۇق ئىمپۇلىس يۇلتۇز PSR B1509-58 ئىمپۇلىس يۇلتۇزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چاندىرا X نۇرىلىق ئالەم تېلىسكوپىدىن تارتىلغان بۇ سۈرەتتە PSR B1509-58 ئىمپۇلىس يۇلتۇزى ئەتراپتىكى يۇلتۇز تۇمانلىرىغا يوقىرى ئېنىرگىيەلىكX نۇرى قويۇپ بېرىپ، قارىماققا ئالەمدىكى قىزىللىققا قاراپ سوزۇلغان بىر قولنىڭ شەكلىنى شەكىللەندۈرگەن. PSR B1509-58 ئىمپۇلىس يۇلتۇزىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭ شۇنچىۋىلا ئىتتىك بولىشىنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭدا يەرشارى ماگنىت مەيدانىنىڭ 1.5مىليارت ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىغان زىچ توپلانغان ماگنىت مەيدانىنىڭ بولغانلىقىدا بولۇپ، بۇ ئېلكتىرون ۋە ئىئونلاردىن تۈزۈلگەن بوران بۇ ھالاكەتكە يۈزلەنگەن ئىمپۇلىس يۇلتۇزىدىن ئايرىلماقتا. ئېلىتىرونلار ماگىنتلانغان يۇلتۇز تۇمانلىرىدىن ئۆتكەندە، ئېنىرگىيىسىنى X نۇرى شەكىلىدە تارقىتىدۇ.
4. «ئۈچ كىشلىك ناخشا» يۇلتۇزلار سېستىمىسى
سۈرەتتىكىسى Arp 274 ناملىق يۇلتۇزلار سېستىمىسى بولۇپ، ئۇ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۈچ يۇلتۇز سېستىمىسىدىن تۈزۈلگەن. بۇ ئۈچ يۇلتۇز سېستىمىسى قارىماققا ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەمىليەتتە ئوتتۇرىدىكى بىلەن ئوڭ تەرەپتىكى چوڭراق ئىككى يۇلتۇز سېستىمىسى ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىشۋاتقاندەك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ يېقىنلىشىشى قايسى زاماندا بولىدىغان ئىش ئۇنى خۇدا بىلىدۇ.
5.NGC 3582 يۇلتۇز تۇمانلىرى
يۇلتۇزلارنىڭ شەكىللىنىشى ھەرگىزمۇ بىر خىل قېلىپتا بولىۋەرمەيدۇ، سۈرەتتىكى NGC 3582 يۇلتۇز تۇمانلىرى بۇنى ئىسپاتلاپ بەردى.NGC 3582 يەرشارىدىن 10مىڭ نۇر يىلى يىراقلىقتا. سۈرەتتىكىسى ياش تۇرغۇن يۇلتۇزلار چىقارغان ئۇلتىرا بىنەپشەرەڭ نۇرنىڭ قاراڭغۇ تۇمانلاردىكى گازسىمان ماددىلارنى بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىن تارتىپ يورۇتقان كۆرىنىشى.
6. NGC 3359 يۇلتۇز تۇمانلىرى
سۈرەتتىكىسى NGC 3359 ناملىق يۇلتۇز تۇمانىنىڭ مەركىزىدىكى ئۇزۇن لېنتىسىمان سىزىقلار. NGC 3359 يۇلتۇز تۇمانلىرى چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركىمىدىكى بۇرمىسىمان يۇلتۇز تۇمانى بولۇپ، يەرشارىدىن 49 مىليون نۇر يىلى يىراقلىقتا. تۇرغۇن يۇلتۇز، گازسىمان ماددىلار ياكى تۇمانلار قوشۇلۇپ، يورۇق ئۇزۇن لېنتىسىمان سىزىقلارنى شەكىللەندۇرگەن.
7. NGC 7793 يۇلتۇز تۇمانلىرى
سۈرەتتىكىسى NGC 7793 بۇرمىسىمان يۇلتۇز تۇمانلىرىنىڭ قالايمىقانراق قۇرۇلمىسى. سۈرەتتىن گەرچە قاينام شەكىلىنى ئىلغا قىلغىلى بولسىمۇ، ئايرىم بىر بۇرمىسىمان ھالەتنى پەرق ئەتمەك تەس. NGC 7793 يۇلتۇز تۇمانلىرى يەر شارىدىن 12.5 مىليون نۇر يىلى يىراقلىقتا، ھەيكەلتاراش يۇلتۇز تۈركىمىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يورۇق ئەزا.
8. سىگارت شەكىللىك يۇلتۇز سېستىمىسى
M82 يۇلتۇز سېستىمىسى سىگارت يۇلتۇز سېستىمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئالىملار ئۇلتىرا قىزىل نۇر تېخنىكىسىدىن پايدىنلىپ كۈرەتكەندە، M82 سىگارت شەكلىگە ئوخشاپ قالىدۇ(سول تەرەپ رەسىم)، بۇ نام شۇنىڭدىن كەلگەن. X نۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ تەكشۈرگەندە يەنە بىر خىل شەكىلدە( ئوڭ تەرەپتىكى رەسىم). M82 يۇلتۇز سېستىمىسى يەر شارىدىن 12 مىليون نۇر يىلى يىراقلىقتا. M82 ھازىر ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە بولۇپ، ئۇنىڭ مەركىزى قىسمىدا جىددى پارتىلاش ھالىتىدە تۇرغۇن يۇلتۇزلار شەكىللەنمەكتە. M82 بىلەن ئۇنىڭغا يېقىنراق M81 ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىپ، ئىچىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ «قالايمىقانچىلىق»ىنى شەكىللەندۈرگەن. سامان يولى سېستىمىسى بىر قەدەر تېنچراق جاي، تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ھالاك بولىشى بىر قەدەر مۇقىمراق بولىدۇ، يۇلتۇز تۇمانلىرى بولسا ئاساسەن سامان يولىنىڭ يۇز قىسمى ئەتراپىدا .
قوشۇق تەرجىمىسى
كېلىش مەنبەسى:
http://tech.sina.com.cn/d/2009-04-14/08422999751.shtmlقوشۇقنىڭ بىلوگى[ بۇ يازما koxuk تەرپىدىن2009-04-14 17:04دە قايتا تە ]