ناتونۇش دىسەم،
تەقدىر ...
مانا..
ئالەمچە چاقچاق.
بۇ ھەقىقەت،
يېنىمدىلا تۇرۇپتۇ ئۇزاق.
؟؟..!
كۆز دىگەن كامار،
كۆرمەي ئۆزىنى،
گويا تۇيماي ئۇزاپتۇ باھار،
بۇ ھاياتىم نىمىنداق قىرتاق،
تۈتۈتۈپ جاننى،
ئۆچەي دىسەم،
ھەممە سىر....
سىر تۈگۈمەس سىر.
سىر يېشىلمەس سىر.
تار كوچىدا ئۇچرىشىش ھامان،
شۇندىن بېرى ھالىم بەك يامان!
گۈزەل،
بىر ساڭىلا ئايان ئېيىتمىقىم،
قالغانلارغا گۇڭگا شىئېردەك،
قىلمىشىمغا ئالدىم ئۆزۈم ھار،
تەسكىنىم شۇ،
غۇرۇرىڭىز شۇنچىلىك ئامان،
غۇرۇر بىلەن قۇلمۇ بولۇر خان،
غۇرۇرى يوق قۇلدۇر ھەتتا خان،
ئەزىزلىكتىن يىراق ئىكەنمەن،
تىڭشاپ قويۇڭ ۋۇجۇدۇم شۇ خان.
گاھى بى زۆرۈر،
ئېنىققىنا قىلىشماق ئىزھار.
مەن قەيەردە،
سورىدىم سىزدىن،
چۆچۈپ كەتمەڭ كالاڭ ئىزىمدىن،
سورىمايلا يادادۇر ماڭا،
سىز يۈرۈيسىز غۇرۇر كۆكىدە،
تامدى ماڭا شىپا يامغۇرى،
ئېنىقسىزلىق گاھىدا بىر كۈچ،
قارا بولۇر يامغۇر بۇلۇتى،
ئاچچىق چىققۇر ئالدىن شامىلى،
كۆكۈرىدۇ قارا تۇپراقلار،
يۇيۇلىدۇ ئەخلەت بىنالار...
پارلاپ چىقار ئاخىر قۇياشى،
ئاڭلاڭ،
بۇ بىر سەۋدانىڭ،
خىيالى چۈشى.
شۇڭا شۇنچە گىرىمسەن يوللار،
ئەسلى كۆزلەر شۇنداق تورلاشقان،
مەن گويا،
ياق ھازىرىم،
ھاياتىمدىن ئېشىپلا قالغان،
.........
ئەپسۇس كىرىپ كەتسۇن ئۇۋىغا،
چۈشۈنىشىش يامرىسۇن دىلغا،
ئاتاپ يازدىم مەن سىزگە ئەمەس،
مېنى ياندۇرغان ئوتلۇق غۇرۇرغا!
تۈگۈمەس سەۋدا،
ھاردۇرماق يوق قۇۋۋەتتۇر ماڭا،
نىمە چالۋاقاپ يۈردۈم مەن ساڭا،
كۆڭلۈمدە ھازا،
شۇ ئۆتمۈشۈمگە،
توختىمايلا ياش تۆكۈپ تۇرا،
چۈشۈنىكسىز،
دوق قىلىپلا يۈردۈم ئۆزۈمگە،
ئايلانغۇم بار ئۆزۈم چۈشۈمگە،
شۇ تۇرغىنىدا...
كۆرمىسە مېنى،
جىنازىغا تىرىك تۇرۇپلا،
چىققىنىدەك مۇھەممەت ناپىر،
قورقۇتماقچى ئاجىز ئاڭلارنى،
تاققا تۇققا سۆزلىدىم بەلكىم،
تەڭرىتاغنىڭ چوقىلىرىدەك
تەڭ بولغۇم بار دىمەڭلار ياپىر،
روھ بولسىلا يوق ئاشالماس قىر!
ئەركەك ئۈچۈن زۆرۈر تەر ئەجىر،
پىغانىم بار تولغاندىم ئۇزاق،
ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يىگەندەك،
لېكىن،
نىمىلا بولسۇن،
ئۇ قەلبىمدە سۆيۈملۈك ئاخىر،
يازدى خاتىرە،
بۇ قۇرلارغا تۆكۈلسەم ھەر بىر،
گۈل يېپىپلا.......
بوغۇلدى تىلىم،
تىترىدىمۇ بىلمىدىم،
قىلىپ تۇرار يۈرۈگۈم دىر دىر!
كۆتۈرەلمەي خاتالىق ئېغىر،
سەۋدالىقتىن بولغۇم بار شائېر!
مەنبە ئۆزۈم
[ بۇ يازما SIMKALANG تەرپىدىن2009-04-14 17:13دە قايت ]