-ئابلىكىم غۇپۇر 1
يىللار ماڭا قىلىدۇ خىتاب،
غاپىللىقتا قالما مۈگدەرەپ!
مەنمۇ شۇئان بېرىمەن جاۋاب،
قەلبىم ئويغاق ئالدىراشمەن دەپ.
تاڭلار سورار ئەسلى زاتىمنى،
ئىسمىڭ نىمە،يۇرتۇڭ قەيەر دەپ.
دەيمەن ئاڭا قۇياش ئوغلىمەن،
يۇرتۇم شىنجاڭ ئۇيغۇر زاتى دەپ.
2
بەزدۈرسەڭمۇ يولۇمدىن شەيتان،
تايماس پۇتۇم تەۋپىق يولىدىن.
قايتۇرالماس رەزگى چاڭ-تۇزان،
پاك ئەقىدە ،ئېتقاد يولىدىن.
ئالدىرايمەن ھايات قوينىدا،
ئارمانلارنى سۈزۈپ چىقىشقا.
ئانا تىلغا باغلاپ ئىشتىياق،
قارا تۈنگە چىراغ يېقىشقا.
3
جانلىنىمەن ئانىجان ۋەتەن،
ماڭا بەرگەن نۇردەك سۈتۈڭدىن.
ساڭا دىلدىن ئەقىدە باغلاپ،
ۋاز كېچىمەن ئىسسىق جېنىمدىن.
ياۋ ئالدىدا تۇرمايمەن قاراپ،
سۈيقەسىتلەرگە ياسايمەن قورغان.
شۇم نىيەتلىك سۇخەنچىلەرگە،
تىغ ئۇرىمەن كۆتۈرۈپ غەليان.
4
ياشلىق دېگەن ئوتلۇق بىر سادا،
جار سالىدۇ كۆتۈرۈپ چوقان.
ياشلىق گۇيا بىر ئەزىم دەريا،
دولقۇن ياساپ ئۆركەشلەپ تۇرغان.
ھەسەت قىلىپ قارىما پەلەك،
ئازغۇنلۇققا مېنى باشلىما.
ساقال- بۇرۇت بەرسەڭمۇ مەيلى،
ۋىجدانىمدىن ھەرگىز ئايرىما.
5
پاك مۇھەببەت ئاشناسىمەن،
كەل نىگارىم كۆزى خۇمار.
چىن ئەقىدە تىل تۇمارىم،
ئېسىۋالغىن بۇيۇڭغا يار.
2009-يىل 4-ئاي 13-كۈن ئۈرۈمچى.
مەنبە: قەلەم.