تارىختىكى ئەڭ ناچار مەشغۇلات سىستىمىلىرى
يىقىندا چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ،« PC World » تور پۇنكىتى ھازىرغىچە ئىلان قىلىنغان مەشغۇلات سىستىمىلىرى ئارىسىدىن ئەڭ ناچار 10 مەشغۇلات سىستىمىسىنى باھالاپ چىققان. بۇنىڭ ئىچىدە مىكروسوفتنىڭ تۆت مەشغۇلات سىستىمىسى بولۇپ بۇلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا Windows 1.0 ، MS-DOS 4.0، Windows Me ۋە Windows Vista قاتارلىقلار بار ئىكەن.
تۆۋەندىكىلەر « PC World » باھالاپ چىققان ئەڭ ناچار 10 مەشغۇلات سىستىمىسى بولۇپ، نەشىر قىلىنغان ۋاقتى بويىچە رەتكە تىزىلدى.
1. OS/360 1964- يىلى
2. ITS . بۇ مەشغۇلات سىستىمىسىنى MIT AI Lab ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەن. 60- يىللارنىڭ ئاخىرى ئىلان قىلىنغان.
3. GNU Hurd . بۇ مەشغۇلات سىستىمىسى GNU Mach ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، كۆزنەكلىك مەشغۇلات سىستىمىلىرى ئۈچۈن ئاساس تىكلەپ بەرگەن.
4. 1985- يىلى ئېلان قىلىنغان Windows 1.01
5. 1988- يېلى ئېلان قىلىنغان MS-DOS 4.0
6. 1989- يېلى ئېلان قىلىنغان SCO Open Desktop
7. 1996- يىلى ئېلان قىلىنغان JavaOS
8. 2000- يېلى ئېلان قىلىنغان Windows Me
9. 2001/2006 يېلىغىچە Lindows/ Linux XP Desktop
10. 2006- يېلى ئېلان قىلىنغان Windows Vista
مەنبە :
ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگى